كۆرۈش: 1687|ئىنكاس: 22

مەخمۇتجان ئاساسلىق ئورۇنغا ئېرىشەلەمدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12603
تېما سانى : 584
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 5914 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4033 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-4-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاتلىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-3-16 21:11  




191b00029eae181b921c.jpg

    2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى كوماندىلار U23 ياشلىق توپچىنى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىرىشتەك تۈزۈمنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇنلىغان ياش توپچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ U23 ياشلىق 2 نەپەر توپچىسى ئابدۇلئەزىز بىلەن نەن شىياۋخېڭنىڭ ئالدىنقى پەسلدىكى ئىپادىسى قالتىس بولغان ئىدى، بىراق ئابدۇلئەزىزنىڭ تىزىملىتىش ئىشى سەۋەبلىك مۇسابىقىلەردىن توختىتىلىپ قويۇلدى، نەن شىياۋخېڭ بولسا بىرلەشمە باشلىنىشتىن بۇرۇنلا جىياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كەتتى. گەرچە كوماندا 5 نەپەر U20 ياشلىق توپچىنى بىرىنچى سەپ كوماندىغا ئېلىپ چىققان بولسىمۇ بىراق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بۇ توپچىلار تېخى كوماندا بىلەن سىڭىشىپ بولالمىدى. شۇ سەۋەبلىك 1994-يىلى تۇغۇلغان مەخمۇتجان كوماندا باش مەشقاۋۇلى لىجۈننىڭ بىرىنچى تاللىشىغا ئايلاندى.


19160002a85e591c9a59.jpg

    مەخمۇتجان 2013-يىلى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۆزىنى ئىسپاتلىغان ئاساسلىق توپچىنىڭ بىرى، 2013-يىللىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئاياقلاشقاندىن كېيىن كۆپ قىسىم سەپداشلىرىغا ئوخشاشلا مەخمۇتجانمۇ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىغا قۇشۇلدى. مەخمۇتجان گەرچە تەييارلىق كوماندىدا مەشىق قىلىپ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىۋاتقان بولسىمۇ بىراق كەسپىي توپچىغا ئايلىنىپ بولالمىدى. 2015-يىلى 8-ئايدا مەخمۇتجان پورتۇگالىيەدە مەشىقلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەم پورتۇگالىيە مافرا كوماندىسى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك توختام ئىمزالىدى، 2016-يىلى مەخمۇتجان ۋەتەنگە قايتىپ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ تىزىملىككە كىردى. 2016-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كولۇبى پىشقەدەم توپچىسى ۋاڭ ۋېنخۇانىڭ پۇتبولچىقتىن چېكىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى، مۇراسىمىدا ۋاڭ ۋېنخۇا ئۆز قولى بىلەن ئۆزىنىڭ 7-نومۇرلۇق كىيىمىنى مەخمۇتجانغا تاپشۇرغان. بىراق 2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مەخمۇتجاننىڭ مەيدانغا چىقىش ۋاقتى ئانچە كۆپ بولمىدى.


3.jpg

    بۇ پەسىللىك ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە 3-ئاينىڭ 11-كۈنى  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە مېھمان بولۇپ، جېجياڭ يىتىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، نەتىجىدە 1 توپ پەرق بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەخمۇتجان ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. يان مۇداپىئە ئورنىدىن يان ھۇجۇم ئورنىغا ئۆزگەرتكەن مەخمۇتجان باش مەشقاۋۇل لىجۈننىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملىدى، گەرچە ھۇجۇم تەجرىبىسى كەمچىل بولسىمۇ مەخمۇتجان يەنىلا ئۆزىگە ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتى. بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا يەكمۇ يەك كەلگەن بىر توپى قاپقىغا كىرىشكە ئازلا قالغان ئىدى. مۇسابىقە كۆرگەن تاماشىبىنلارمۇ دىققەت قىلغان بولىشى مۇمكىن، مۇداپىئەدىن يۇلقىنىپ پاس بىرىش مەخمۇتجانغا ئەڭ ياخشى تاللاش ئىدى، مۇسابىقىدىن كېيىن مەخمۇتجاننىڭ ئۆزىمۇ بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ، شۇ ۋاقىتتا توپنى ئۆزى ئۇرماي پاس بەرگەن بولسا نومۇر ئېلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولاتتى دېگەن. مەخمۇتجاننىڭ ئىپادىسىغا نىسبەتەن لىجۈن پۈتۈن مەيدان يامان ئەمەس بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    كىشىلەرنىڭ قارىشىچە مەخمۇتجاننىڭ ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقالىشى پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ U23 ياشلىق يېڭى توپچى تۈزۈمىدىن بولغان، مەخمۇتجاننىڭ ئۆزىمۇ بۇنى ئىنكار قىلمايدۇ، بىراق ئۇ ئۆزىگە بىرىلگەن بۇ پۇرسەتنى ىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ مەشىق قىلىپ، مەيدانغا كۆپرەك چىقىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

10 مىڭ چاقىرىملىق كۆز يېشى؛     

    3-ئاينىڭ 16-كۈنى كوماندىدىن ئايرىلغىلى 48 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا مەخمۇتجان يەنە كوماندىغا قايتىپ سەپداشلىرى بىلەن جەم بولدى. 40 نەچچە سائەتلىك ۋاقىتتا مەخمۇتجان كۆپ قىسىم ۋاقتىنى يول ئۈستىدە سەپەردە ئۆتكۈزدى. بۇ 40 نەچچە سائەتلىك جەرياندا مەخمۇتجاننىڭ كۆز يېشى ئىزچىل قۇرۇپ باقمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ سۈيۈملۈك ئانىسى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى.

timg.gif

    ۋاقىتنى 40 نەچچە سائەت ئارقا قايتۇرساق، 3-ئاينىڭ 14-كۈنى تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ۋۇخەندە مەشىق بازىرىدا مەشىق قىلۋاتقان بولۇپ، مەخمۇتجانمۇ كوماندىدىكىلەر بىلەن ئەستايىدىل مەشىق قىلۋاتاتتى. مەشىقتىن كېيىن مەخمۇتجان ياتىقىغا قايتىپ بىر قۇر كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، بىر گۇرۇپپا پەسىللىك تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرۈنۈشكە ئېلىش تەييارلىقى قىلۋاتقاندا مەخمۇتجاننىڭ تېلېفونى سايرىدى، تېلېفوندىن كەلگەن شۇم خەۋەر بولۇپ، ئانىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

     ئانىسىنى بىر كۆرىۋېلىش ئۈچۈن مەخمۇتجان يۇرتىغا قايتىش قارارىنى چىقاردى، كوماندىمۇ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى. مەخمۇتجان ۋۇخەندىن ئۈرۈمچىگە ئايرۇپىلاندا كېلىپ، ئۈرۈمچىدىن يەنە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ غۇلجىغا قايتىش كېرەك ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ۋۇخەندىن ئۈرۈمچىگە نۆۋەتچى ئايروپىلان قالمىغانلىقتىن ئامالسىز چىڭدۇغا بېرىپ، چىڭدۇدا بىر كېچە ئەتىراپىدا تۇرۇپ قالدى، ئۈرۈمچىگە چۈشكەندىن كېيىن غۇلجىغا قاراپ يولغا چىققان، غۇلجىغا بارغان ۋاقتى 15-چىسلا چۈشتىن كېيىن 2 لەر بولۇپ، بۇ يول ئۈستىدە مەخمۇتجاننىڭ كۆز يېشى ئۈنسىز ئېقىپ، تاكى ھويلىسىغا كىرگۈچە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەن.

     مەخمۇتجاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان. 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى مۇسابىقىنى ئائىلىسىدىكىلەر تېلېۋىزور ئارقىلىق مەخمۇتجاننىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەن، ئوغلىنىڭ ئىپادىسىنى كۆرگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال بولۇشقان ھەم كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى ساھىبخان مەيداندا قايتىپ كەلگەندە ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئوغلىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرمەكچى بولغان.

    ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدىسى بويىچە ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتسە ئائىلىسىدىكىلەر بىر ھەپتە قارلىق تۇتىشى كېرەك. بىراق ئائىلىسىدىكىلەر ھەپتىنىڭ 6-كۈنى مېھمان مەيداندا خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى بىلەن بولىدىغان مۇسابىقىسىنى بىلەتتى، مەخمۇتجان كوماندىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن مۇددەت بۇرۇن كوماندىغا قايتىپ مەشىقنى باشلىغان. چۈنكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمۈدى ئۇنىڭ مەيداندا يۈگۈرۈشلىرىنى كۆرۈش ئىدى. كوماندىنىڭ تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئۇنىڭغا مۇھتاج بولىشى مۇمكىن، كوماندا سىزگە مۇھتاج ۋاقىتتا سىز چۇقۇم مەيدانغا قايتىشىڭىز كېرەك، بۇ بىر كەسپى توپچىنىڭ مەسئولىيىتى.

    مەخمۇتجان ئانىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشىلىرىنى بىر قۇر تۈگىتىپ ئائىلىسىدىن ئايرىلدى، ئۇ ئائىلىسدە پەقەتلا 10 نەچچە سائەت تۇرالىغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى يەنى بۈگۈن چۈشتە كوماندىغا دوكلات قىلغان، كوماندىسىدىكى سەپداشلىرى ئۇنىڭغا تەسەللىي ئېيقان. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى مەخمۇتجان كوماندىدىكىلەر بىلەن خاڭجۇغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. مەخمۇتجان ئۆز ئانىسىنىڭ جەننەتتە تۇرۇپ، ئۇنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

   ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:35 تە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى مېھمان مەيداندا خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى بىلەن 2-ئايلانما مۇسابىقىدە تۇتۇشىدۇ.

   مەخمۇتجاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە تىرىشىپ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشنى شۇنداقلا  كەسپىي ھاياتىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
مەرھۇمنىڭ ياتقىن يېرىنى جەننەت قىلسۇن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 8924
تېما سانى : 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4806 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 686 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-4-19
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-3-25
ۋاقتى: 2017-3-16 21:06:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخمۇتجان قايسى ئورۇننى ئوينايدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپە

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9109
تېما سانى : 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93626 ياۋرۇ
تىللاسى : 85 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2622 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-5-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2017-3-16 21:12:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ozugh يوللىغان ۋاقتى  2017-3-16 21:06
مەخمۇتجان قايسى ئورۇننى ئوينايدۇ؟

يان مۇداپىيەدىن يان ھوجۇمغا ئۈزگەرگەن دەپتىغۇ ،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

ئۆمۈرلۈك شەرەپ

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 378
تېما سانى : 169
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 37451 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 5348 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-7-7
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2017-3-16 21:16:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
........................... تىرىشقىن پەخىرلىك توپچىمىز مەخمۇتجان ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپە

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9109
تېما سانى : 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93626 ياۋرۇ
تىللاسى : 85 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2622 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-5-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2017-3-16 21:17:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مۇنچە ئىنكاس يىزۋەتسەم مەزمۇنى ساغلام ئەمەس دەيدا ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15587
تېما سانى : 66
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 316609 ياۋرۇ
تىللاسى : 6 سەر
توردىكى ۋاقتى : 953 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-4-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2017-3-16 21:18:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇتجان ،غەيرەت  قىل ،سىنىڭ ئۆز كەسپىڭدە  مۇۋاپىقىيەت  قازنىشىڭغا  ئىشىنىمىز،تۇنجى مەيداندىكى ئىپادەڭ  ياخشى  بولدى .
21-ئەسىردىكى يېڭى پوتپۇل پادىشاھى-كىرىستىيانو.رونالدۇ
تالاش- تارتىش يوق مەڭگۈلۈك زەردار - رىيال مادرىد
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 11989
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2046 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-5-4
ۋاقتى: 2017-3-16 21:19:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرشىپ ئويناپ تىرنىرغا يارغۇدەك مۇسابىقە ئويناپ بەرسە ئاساسلىق ئورۇنغا چىقار، بولمىسا تەس جىمۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16296
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11452 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2076 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-11-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2017-3-16 21:26:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىياسەتمۇ   پايدا   قىلدى     ھەم  لىجۇنمۇ   بۇنىڭغا   پۇرسەتنى   بىرىپ    تۇردى    چۇنكى  مەخمۇتمۇ   ئۆزىنى   شۇنچىلىك   تۇتىۋىلىپ    چىداپ   تۇرۇپ   تىرىشتى      دەسلەپكى   ئايلانمىدا   ياخشى  ئىپادىسىنى   چىقاردى    يەنە  داۋاملىق   مۇشۇنداق   تىرىشسا   بەلكىم    ئجرىگە   چۇشلۇق  مىۋىسىنى   كۆرۇپ   قالا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14769
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18379 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1214 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-9-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2017-3-16 21:32:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن …مەخمۇتجان تېخىمۇ تىرشقىن تىرشساڭلا ئاساسلىق ئورۇن ئۆزى كېلىدۇ ،خاڭجۇ يېشىل شەھەر بوش  كوماندا ئەمەس شىنجاڭ كوماندىسغا ئامەت تىلەيمەن …
ئايفوندا يېزىلغانئايفوندا يېزىلغان
ھەر كىم ئۆز تەقدىرنىڭ تۆمۈرچىسى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىمىلان لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15029
تېما سانى : 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81900 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2920 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-11-19
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2017-3-16 21:35:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ، مەخمۇتجان ئىشلرىڭغا  ئۇتۇق تىلەيمىز ، غەيرەت قىلىغىن يىگىت  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17421
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4890 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1003 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-14
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2017-3-16 21:37:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشقىن  يىگىت  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئۆمۈرلۈك شەرەپدەلىللەنگەن ئەزا

ئارسىنال

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13200
تېما سانى : 166
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1356 ياۋرۇ
تىللاسى : 9 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3868 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-10-2
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2017-3-16 22:15:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما ، نادىر تىما . تاتلىقجان بىلەن زىرەكجاننىڭ تىمىسىنى قايتا ،قايتا ئوقۇپ چىقىمەن. نادىر تىما دەپ مانا مۇشۇنى دەيمىز. ئىختىيارسىز مەخمۇتجاننىڭ ئانىسىنى ئويلاپ كۆزۈمگە ياش كەلدى. غەيرەت قىلىڭ مەخمۇتجان بىز سىز بىلەن بىللە بولالمىساقمۇ،ھەرۋاقىت سىزگە ھۇررا توۋلايمىز . غەيرەتلىك سەبىرلىك بولۇڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-6-30 20:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش