| 
 | 
	
 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-3-16 13:25   
 
 
 
    15-مارت 2017-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى U20 ياشلىقلار مۇسابىقىسىگە چەك تارتىلدى. 21-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى U20 ياشلىقلار مۇسابىقىسى 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە  كورىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.  
     ساھىبخان كورىيە كوماندىسى ئارگېنتىنا، ئىنگىلاند كوماندىلىرى  بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. 2015-يىلىدىكى چىمپىئون سېربىيە بىلەن ئىككىنچى بولغان بىرازىلىيە ۋە ئۈچىنچى بولغان مالى  كوماندىلىرى تاللاش مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتكەن. 
 
       A گۇرۇپ    كورىيە        گىۋىنىيە            ئارگېنتىنا           ئىنگىلاند  
 
        B گۇرۇپ   ۋېنېسۇئېلا      گېرمانىيە       ۋانۇئاتۇ          مېكسىكا  
 
       C گۇرۇپ    زامبىيە          پورتىگالىيە      ئىران               كوستارىكا  
 
       Dگۇرۇپ   جەنۇبىي ئافرىقا     ياپونىيە      ئىتالىيە          ئۇرۇگۋاي  
 
       Eگۇرۇپ    فىرانسىيە          ھوندىراس    ۋېيتنام       يېڭى زىللاندىيە  
 
        Fگۇرۇپ    ئېكۋادور          ئامېرىكا         سەئۇدى ئەرەبىستان        سېنگال     
 
         دۇنيا لوڭقىسى U20 ياشلىقلار مۇسابىقىسى 1977-يىلىدىن باشلاپ  ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ئارگېنتىنا كوماندىسى جەمئىي 6 قېتىم چىمپىئون بولغان. بىرازىلىيە كوماندىسى 5 قېتىم چىمپىئون بولغان. پورتىگالىيە كوماندىسى 2 قېتىم بولغان. گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، گانا، سېربىيە، سابىق يۈگۈسلاۋىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىلىرى 1 قېتىمدىن چىمپىئون بولغان.   |   
 
  
 
 |