بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۈسۈفىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-2-25 19:30
نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پۇتبولچىلار
يۈسۈپجان ئابدۇشۈكۈر
نوبېل مۇكاپاتى ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ھەر يىلى بىر قېتىم شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى مەسئۇللىقىدا باھالىنىدىغان ۋە بېرىلىدىغان ئەڭ كاتتا مۇكاپاتتۇر. بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلىگەن ھەر قانداق بىر كىشى شەخسەن ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ۋەتىنىگە، مىللىتىگە زور شەرەپلەرنى ئېلىپ كېلەلىگەن ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ نوقتا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىك بىلەنلا ئۆلچىنىپ كەتمىسىمۇ، بىراق بۇ مۇكاپاتنىڭ سالمىقى ئالدىدا باشقا مۇكاپاتلار سەل كىچىك كېلىپ قالسا كېرەك...
نوبېل مۇكاپاتى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى، نوبېل تىببىي پەن مۇكاپاتى، نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى، نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى، نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتى ۋە نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى قاتارلىق ئالتە تۈر بويىچە تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى ئاشۇ ساھەلەردە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان شەخس ياكى ئورگانلارغا بېرىلىدۇ. گەرچە تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىسىمۇ، لېكىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر (جۈملىدىن پۇتبولچىلار) مۇ بار بولغان. ئۇلار بولسا فرانسىيىلىك مەشھۇر مودرىنىزم يازغۇچىسى، دراماتورگ ۋە سىياسىي نەزىرىيىچى ئالبېرت كامۇس بىلەن دانىيىلىك مەشھۇر فىزىكا ئالىمى نېلىس بور. بۇ ئىككىيلەنگەن گەرچە پۇتبول تارىخىدا ئانچە نامدار بولمىسىمۇ، بىراق بىرى ئەدەبىيات ساھەسىدە، يەنە بىرى تەبىئىي پەن ساھەسىدە پىشۋا دەرىجىسىدىكى نامدارلاردۇر. قىزىق يېرى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەيداندىكى ئورنى ۋاراتار بولۇپ، ئۇلار ئەينى چاغدا ئۆز كوماندىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان يۇقىرى سەۋىيىدىكى كوزۇر توپچىلىرى ئىدى...
<<پۇتبول سارىڭى>> - ئالبېرت كامۇس
ئەدەبىيات بىلەن سىياسىينىڭ، دىننىڭ، پەلسەپىنىڭ، تارىخنىڭ، ئېتىكىنىڭ، ئىستېتىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىشىشى ئارقىسىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئۇچراتساقمۇ، بىراق تەنتەربىيە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ ياكى يوق دېسىمۇ بولىدۇ. بىراق تەنتەربىيە ساھەسى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسى ئەزەلدىن پۈتۈنلەي ئايرىم ئىككى ئارال مۇناسىۋىتىدىمۇ ئەمەس. بۇلار ئارىسىدا (يەنى قەلەمكەشلەر بىلەن پۇتبولچىلار ئارىسىدا) مۇئەييەن تەرزدە ئۆتۈشۈش مۇناسىۋىتى مەۋجۇد. 2012-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دۆلتىمىزنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى مويەن ئەپەندىنىڭ پۇتبولغا ئالاھىدە ئىشتىياقى بارلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇرۇن لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقاندا ۋاراتار ئىكەنلىكى كۆپىنچە كىشىلەرگە سىر بولسا كېرەك.
سىمۋولىزىم ئېقىمىنى ئۆزىگە باشلىنىش نوقتىسى قىلغان مودېرنىزم ئەدەبىياتى 19-ئەسىردە رومانتىزم ۋە رېئالىزملىق ئەدەبىياتلىرىغا قارشى تىغ كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، 20-ئەسىر فرانسىيە ئەدەبىياتىدا مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمى ئۇنىڭ تارمىقى ھېسابىدا مەيدانغا كەلدى. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى بولسا ئىلگىرى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى رەت قىلغان فرانسىيە پەيلاسوپى ۋە يازغۇچىسى ژان-پائۇل سارترې بولۇپ، مەۋجۇدىيەتچى ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاساسلىق ئەكس ئەتكىنى بولسا ئىنساننىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئورنى مەسلىسى ئىدى.
ئالبېرت كامۇس خۇددى رېئال مادىرد كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرى زېنىدىن زىدانىغا ئوخشاشلا فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى ئالجىرىيىلىك ئىدى. ئۇ 1913-يىلى ئالجىرىيىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە ناھايىتى نامراتچىلىقتا چوڭ بولغان. ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىللىرىگە توغرا كېلىپ قالغان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى كامۇسنىڭ دۇنيا قارشىىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىر مەۋجۇدىيەتچى يازغۇچى بولۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئارزۇسى بىر پۇتبولچى بولۇش بولۇپ، ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئالجىرىيە ماھارەت ئۇنىۋېرسىتىتى كوماندىسنىڭ ۋاراتارى ئىدى. بۇ كوماندا 1930-يىللاردا ئىككى قېتىم شىمالىي ئافرىقا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ۋە شىمالىي ئافرىقا لوڭقىسىغا ئېرىشكەنىدى. كامۇس دەل مۇشۇ كوماندىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ، ئېيتىلىشىچە ئۇ بىكار ۋاقىت تاپسىلا يېشىل مەيداندا دوستلىرى بىلەن يۈگۈرۈپ يۈرىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭغا <<پۇتبول سارىڭى>> دېگەن لەقەم سىڭىپ قالغان ئىكەن. بىراق 17ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى (سىل) بولۇپ قالغانلىقى، ئەگەر ئۇ پۇتبولدىن ئايرىلمىسا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 1930-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندە ئۇنىڭ پۇتبول ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى!
<<تەڭرى سىز ئۈچۈن بىر ئىشىكنى ياپسا، يەنە بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويىدۇ>> دېگەندەك، ئۇ گەرچە پۇتبولچى بولۇش ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدە نامى مەشھۇر بىر يازغۇچىغا ئايلاندى، پۇتبول بولسا ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسى بولدى. كېيىن بىر دوستى ئۇنىڭدىن <<پۇتبولنى بەكرەك ياخشى كۆرەمسەن ياكى يېزىقچىلىقنىمۇ؟>> دەپ سورىغاندا، ئۇ ئوچۇق قىلىپ <<پۇتبولنى>> دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئۇنىڭ <<پۇتبول بىزگە ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆگىتىدۇ>> دېگەن بىر مەشھۇر سۆزى بولغان.
ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى بولسا 1942-يىلى يېزىپ چىققان <<يىگانە ئادەم>> ناملىق پوۋېستى بولۇپ، بۇ ئەسەر دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئۈلگىلىك نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىندۇ. ئۇ مۇشۇ ئەسىرى بىلەن مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. مەشھۇر مودېرنىزم يازغۇچىسى ئالبېرت كامۇس گەرچە كېيىن سارترې بىلەن ئاشكارا ھالدا زىددىيەتلىشىپ، مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمىنىڭ زاۋال تېپىشىنى تېزلىتىۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى سانىلىدۇ.
ئۇنىڭ باشقا ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن يەنە <<چۇما>>(بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى پات ئارىدا نەشردىن چىقىدۇ)، <<ئوڭ ۋە تەتۈر>>، <<توي>>، <<ئىسيانكار ئادەم>>، <<چۈشكۈنلۈك>>، <<سۈرگۈن ۋە پادىشاھلىق>> قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئەسەرلىرىدە <<ئۇرۇشتىن كېيىنكى زىيالىيلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى گاڭگىرىشىنى ۋە خام خىياللىرىنىڭ بەرباد بولۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن>>. 1957-يىلى ئالبېرت كامۇس <<يىگانە ئادەم>> ۋە <<چۇما>> قاتارلىق ئەسەرلىرىگە ئاساسەن شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن <<ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئېنىق ۋە ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ ئاڭ مەسىلىسىنى شەرھلىگەن>> دەپ قارىلىپ، شۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشىكەن.
كامۇس 1960-يىلى 47 يېشىدا قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان. زىدانىدىن بۇرۇن كامۇس <<ئالجىرىيىدىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبولچى>> دېگەن كاتتا شەرەپكە ئېرىشكەن.
ۋاراتار تۈۋرۈكىگە فورمىلا يېزىش - نېلىس بور
نېلىس ھىنرىك داۋىد بور 1885-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان دانىيىلىك فىزىك، كوپىنھاگىن ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى، 1922-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. ئۇ كىچىكىدە فىزىكا، ماتېماتىكا ۋە ئەدەبىياتنى ياخشى ئۆگەنگەن، ئائىلىسىدە ئۆزى قول سېلىپ ئائىلە جابدۇقلىرىنى رېمىنۇت قىلغان ۋە رېمىنۇتچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر بولۇپ يېتىشىپ چىققان. بور كوپىنھاگىن ئۇنىۋېرسىتىتىغا كىرگەندىن كېيىن، مەكتەپ پۇتبول كوماندىسنىڭ چولپان ۋاراتارىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ۋاراتاردا تۇرغاندىكى ئادىتى تولىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، ئۇ بىر ياندىن ۋاراتاردا تۇرغاچ، يەنە بىر ياندىن ۋاراتارنىڭ تۈۋرۈكىگە فورمىلالارنى يېزىپ ئۇنى تەتقىق قىلاتتى. شۇ جەرياندا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىش يۈز بەرگەن: ئۇ توپ تەپكەن دانىيە ABكوماندىسى تارىخىدا خاتىرلىنىشىچە، ABكوماندىسى بىلەن گېرمانىيە تېۋىدا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ ۋاراتارغا قارىتىپ يىراقتىن توپ تەپكەن، بىراق بۇ ۋاقىتتا ۋاراتاردا تۇرغان بور ۋاراتار تۈۋرۈكى يېنىدا تۇرۇپ بىر ماتېماتىكىلىق قىيىن مەسلىنى تەھلىل قىلىۋاتقانىكەن.
بورنىڭ كەسپىي پۇتبۇل كوماندىسى بولغان دانىيە ABكوماندىسىدا ئاساسلىق ۋاراتار بولۇشى سەۋەبلىك بەزى قاراشلاردا ئۇنى <<دانىيە دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان>> دەپ قارىلىدۇ. لېكىن تەپسىلىي ئىزدەنگەندە، دانىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغىنى ئۇ بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئىنىسى خاناد بور ئىدى. ئۇ (يەنى ئىنىسى) قاتناشقان دانىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 1908-يىللىق يازلىق ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەنىدى. تولىمۇ توغرا كېلىپ قالغىنى، خاناد بور ئاكىسى نېلىس بورغا ئوخشاشلا پۇتبول بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى ئىدى، ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتىكى تالانتى ئاكىسىنى بېسىپ چۈشىدىكەن.
نېلىس بورنىڭ كېيىنچە نېمىشقا پۇتبولنى قوشۇمچە قىزىقىش ئورنىغا قويۇپ، پۈتۈن زېھنىنى ئىلىم-پەنگە ئاتىۋەتكەنلىكى توغرىسىدا ماتېرىياللار كەمچىل. بىراق ئۇنىڭ مەيلى مەكتەپ كوماندىسىدا بولسۇن، ياكى دانىيە ABكوماندىسىدىكى چېغىدا بولسۇن، مۇسابىقە جەريانىدا بىر تەرەپتىن ۋاراتاردا تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىدىن ئۇنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ توسۇۋالغۇسىز دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئېھتىمال مۇشۇ كۈچلۈك تەتقىقات روھى ئۇنىڭ كېيىنكى تاللىشىدا پۇتبولنى ئىككىنجى ئورۇنغا قويۇشىغا سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. ناۋادا ئۇنداق بولمىسا ئىدى، بىز بەلكىم ئاللىبۇرۇن دانىيىدىن يېتىشىپ چىققان رىۋايەتلىك داڭدار ۋاراتار نېلىس بورنى كۆرگەن بولاتتۇق، ھازىرقى رىۋايەتلىك ۋاراتار شۇمچېر ئەلۋەتتە ئۇنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان بولاتتى. راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا 1922-يىلىدىكى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ئىگىسىمۇ باشقا بىرى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
نېلىس بور ياش ۋاقتىدا پۇتبول ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ، خېلى داڭدار ۋاراتارلاردىن بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنچە ئىلمىي تەتقىقات يولىغا قاراپ ماڭدى ۋە بۇ ساھەدىمۇ كۆزنى چاقناتقۇدەك مول-ھوسۇللارنى قولغا كەلتۈردى. 1920-يىلى نىسپىيلىك نەزىرىيىسىنىڭ ئىجادچىسى، يەھۇدى ئالىم ئېينىشتىيىن بىلەن تونۇشۇپ دوست بولدى. شۈبھىسىزكى، نېلس بورنىڭ ئانىسىمۇ يەھۇدىي ئىدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيىدىغىنى، بور بىلەن ئېينىشتىيىن ئىلىم ساھەسىدە ئىككى قىرغاققا تەۋە ئىدى، ئىلىم سورۇنلىرىدا ئۇچراشقاندا توختىماي مۇنازىرىگە چۈشۈپ بىر-بىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئىنكار قىلىشاتتى. ئېينىشتىيىن 70 ياشقا كىرگەندە بور ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىدىغان بىر كىتابنى نەشر قىلدۇرغان، ئېينىشتىيىن <<جاۋابنامە>> دېگەن ماۋزۇدا مەخسۇس ئۇزۇن بىر رەددىيە ماقالىسى يازغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق تالاش-تارتىشلىرى تاكى ئېينىشتىيىن ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر داۋاملاشتى. بىراق ئىلىم ساھەسىدىكى بۇ خىل بىردەكسىزلىك ئۇ ئىككىسىنىڭ 35 يىل داۋام قىلغان دوستلۇقىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ئىدى. بور بىلەن ئېينىشتىيىننىڭ دوستلۇقى شۇ قەدەر ساپ ۋە چوڭقۇر بولدى، بور ئېينىشتىيىننى بەكلا چوڭ بىلەتتى. ئۆزىنىڭ تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئېينىشتىيىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالاتتى.
1922-يىلى ئۇ ئاتومنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئۇتۇقلىرى بىلەن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئېينىشتىيىنغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقۇسى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا ئۆزىدىن بۇرۇن شۇ سەھنىگە چىقىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، ئېينىشتىيىننىڭ نەزىرىيىلىرى بولمىغان بولسا ئۆزىنىڭ بۇ ئۇتۇقلارنى قازىنالمايدىغانلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن ئىپادىلىگەن. ئېينىشيىتىن بولسا <<بۇ خېتىڭىزنىڭ ئۆزى ماڭا نىسبەتەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئوخشاش. سىزنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى مەندىن بۇرۇن ئېلىشنى خالىمىغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى سىزنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىڭىزدىكى سۆيۈملۈك تەرىپىڭىزنى ئىپادىلىدى>> دەپ رەھمەت بىلدۈرگەن. (ئەسلىدە ئېينىشتىيىن 1921-يىلىدىكى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بىراق ئۇنىڭ نىسپىيلىك نەزىرىيىسى ئۇ چاغدا تولۇق ئېتىراپقا ئېرىشمىگەچكە، بۇ مۇكاپات 1922-يىلى ئۇنىڭغا تولۇقلاپ تارقىتىپ بېرىلگەن، بور شۇڭا رەسمىي مۇراسىمىغا ئۇنىڭدىن بۇرۇن قاتنىشىنى خالاپ كەتمىگەن). بور نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە پۈتكۈل دانىيە بايرام شادلىقىغا چۆمگەن، بىراق بور ئادالەت ۋە تىنچلىقنى قوللاش يۈزىسىدىن مۇكاپات پۇلىنى فىنلاندىيە ئۇرۇشىغا ئىئانە قىلىۋەتكەن.
ئۇ 1962-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 77 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى، دانىيە ئۇنى خاتىرلەپ تۇرۇش ئۈچۈن پۇل ئۈستىگە ئۇنىڭ سۈرىتىنى باستى، كوپىنھاگىن ئۇنىۋېرسىتىتى فىزىكا تەتقىقات ئورنى ئۇنىڭ نامىدا ئاتالدى، خىمىيە ئېلىمىنىت جەدىۋىلىدىكى 107-نومۇرلۇق ئېلىمىنىتقا ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلدى، كېيىنكىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مېدال سوقتۇرۇپ، ئۇنى دانىيە دۆلەتلىك مۇزىيىغا مەڭگۈلۈك قويۇپ قويدى.
قىزىقارلىق بولغىنى، مەيلى مويەن، مەيلى ئالبېرت كامۇس ياكى نېلىس بور بولسۇن، ھەممىسىلا پۇتبول بىلەن شۇغۇللانغاندا ۋاراتاردا تۇراتتى. ئەجىبا ۋاراتاردا تۇرۇش بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنىڭ بىرەر باغلىنىشى بارمىدۇ؟ مەيلى قانداقلا جاۋابقا ئېرىشەيلى، ئۇلار پۇتبول ساھەسىدە ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ قەدەم ئىزىنى قالدۇرالىدى.
2017-يىل 24-ففېۋرال پەيزاۋاتتا يېزىلدى |