|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-12-25 22:10
12-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇاڭشىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 16 ياشلىقلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى 2-1 نەتىجىدە خېڭدا پۇتبول مەكتىپى A كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. جياڭسۇ سۇنىڭ ئۈچىنچىلىككە، شاڭخەي شاڭگاڭ تۆتىنچىلىككە ئېرىشتى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە 40 كوماندا قاتناشقان، بۇ 40 كوماندا 8 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەربىر گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىققان كوماندا شاللاش باسقۇچىغا كىرگەن. خېڭدا پۇتبول مەكتىپى A كوماندىسى گۇرۇپپىدا كۈچلۈك رەقىبى لۇنىڭ بىرىنچى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن چىققان، شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى بولسا گورۇپپىدا 18 توپ ئۇرۇپ، ئاران 3 توپ كەتكۈزۈپ گۇرۇپپىدىن چىققان. شاللاش مۇسابىقىسىدە، خېڭدا پۇتبول مەكتىپى A كوماندىسى 3-2 نەتىجىدە شېنخۇا كوماندىسىنى، 2-1 نەتىجىدە شاڭگاڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ مەكتىپى 2-1 نەتىجىدە دوڭگۇەن كوماندىسىنى، 4-2 نەتىجىدە جياڭسۇ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى ئالدىنقى يېرىم مەيداندا بىر توپ كىرگۈزگەن، كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىشىغا خېڭدا پۇتبول مەكتىپى A كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزگەن، بىراق مۇسابىقە ئاخىرلىشىقا ئاز قالغاندا شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.
مەنبە: نۇر تورى |
|