|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋە يۇۋىنتۇس كوماندىسىنىڭ داڭلىق قاپقىچىسى بۇففون مىلەن تەنتەربىيە گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى دىدى:
بىز توپ تىپىۋاتقان كۇلۇب ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۈچلۈك كۇلۇب،مەن بۇ كۇلۇبتا توپ تەپكىنىمدىن پەخىرلىنىمەن،يۇۋىنتۇستا تىخىمۇ زور ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.
ھىگۇايىن ھەققىدە:
ھىگۇايىن يۇۋىنتۇسقا قوشۇلغاندىن كىيىن بىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىمىز تىخىمۇ زورايدى،بىز نەچچە قىتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى لوڭقىسنى قولغا كەلتۈردۇق،ئەمدىكى نىشانىمىز ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش،بۇنداق قىلىش ناھايتى مۈشكۈل ھەم شەرەپلىك بىر ئىش،بىز غەلبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز
ئالېگىرى ھەققىدە:
ئالېگىرى ناھايتى ئىقتىدارلىق قابىل تېرىنىر،يىقىندىن بۇيان كوماندىمىزدا يارىلانغانلار كۆپىيىپ قالدى،بىز مەغلۇب بولغان مۇسابىقىلەردە ئۇ ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنى تۈزۈپ چىقىپ،غەلبە قىلىشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدەندى،مەن ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىمەن
پىيانىچ ھەققىدە:
ئۇ مۇنەۋۋەر بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى،ئۇ كوماندىمىزغا قوشۇلغاندىن بۇيان كوماندا ئەزالىرى بىلەن ناھايتى تېزلا ئۇيۇشۇپ كەتتى،ئۇ ھۇجۇم تەشكىللەشكە ماھىر،ئۇنىڭ كوماندىمىز بىلەن بىرلىكتە شان شەرەپلەرگە ئورتاق جۆر بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن،
|
|