|
بارسېلونا كوماندىسى بىلەن ۋالىنسىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى مۇسابىقە ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن بىر نوقتا توپ كىرگۈزۈپ بوغۇزلاپ تاشلىغان بولۇپ، بارسېلونا كوماندىسنىڭ ماھىرلىرى توپ كىرگۈزۈپ تەبرىكلەۋاتقاندا، ۋالىنسىيە كوماندىسنىڭ بەزى پۇتبول مەستانىلىرى بارسېلونا كوماندىسنىڭ توپچىللىرىغا قارىتىپ ئىچىملىك بوتۇلكىسى ئاتقان، بوتۇلكا نېيمارنىڭ بىشىغا تەگكەن.
كىيىن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسى ۋالىنسىيە كوماندىسغا جەرىمانە قويغان، يەنە بارسېلونا كوماندىسنىڭ ماھىرلارنىڭ توپ كىرگۈزگەندىكى ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىنى ئەيىپلىگەن.
ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تېباس مۇنداق دېگەن ۋالىنسىيە كوماندىسنىڭ مەستانىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن ھەمدە بارسېلونا كوماندىسنىڭ بەزى ماھىرلارنىڭ بەزى قىلمىشلىرىنى ياقتۇرمايدىغانلىكىنى دىگەن.
بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇنىڭغا قارىتا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ماھىرلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشى يوق، تېباسنىڭ سۆزىنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق دىگەن، كەينىدىنلا بارسېلونا كۇلۇبى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇشۇ ئىش توغرىسىدا تېباسنى ۋە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسى كومىتېتىنى ئىسپانىيە تەنتەربىيە كېسىم سوتىغا ئەرىز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.........
|
|