كۆرۈش: 1576|ئىنكاس: 28

زاۋۋاللىققا يۈزلەنگەن ئىتالىيە بىرلەشمىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئۆمۈرلۈك شەرەپئالاھىدە تۆھپەبارسىلونا لۈكچىكى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17405
تېما سانى : 291
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 2139 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 944 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-8
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-15


                                                                  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


پۇتبولنى دەسلەپ كۆرگەن چاغلىرىمدا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن باشلىغان،ئۇ چاغلاردا تىلىۋىزوردىن باشقا مۇسابىقە كۆرۈش شارائىتى يوق ئىدى. تېلىۋىزوردا ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىلا قوياتتى .شۇنىڭ بىلەن شەك-شۈبىھسىز ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەستانىسى بولۇپ قالغانمەن،گېرمانىيە پۇتبولچىلىرىنىڭ قەيسەر ئىرادىسىگە قايىل بولغانمەن. شۇنداق قىلىپ پۇتبول تۇرمۇشىمغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن يەكشەنبە كەچ C5 قىلا قاراپ ئولتۇراتتىم، ئۇ چاغلاردا مىلان بىلەن يۇۋىنتۇسنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى غوجىدارلىق ۋاقىتلىرى، پارما،لازىئو قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ ئارغىماقتەك شاش ۋاقىتلىرى، چولپانلار بىلەن توشقان ئېنتىر ،بادىستۇتا،روي كوستا ۋە تولدو قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالىرى بىلەن ئىتالىيىنى تىترەتكۈدەك سەپ شەكلىدىكى بىنەپشە رەڭلىك قوشۇن، ئاجىز كۇلۇپ ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بىرلەشمە..... قاتارلىقلار مېنىڭ كۆپ خىل تاللىشىم ئىدى. قانداقكىن شۇ چاغدىن باشلاپ ئىتالىيە ئېنتىر كوماندىسىغا قىزىقىپ قالغانتىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ كوماندا بىلەن ئۇچرىشىۋاتقىلى مانا 11 يىل بولۇپتۇ .
     98/99 - مۇسابىقە پەسلىدە ياۋرۇپادا يەنە «چىمپىيونلۇق لوڭقىسى» دەيدىغان مۇسابىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم. بايرىن مىيۇنخىن بۇ مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىىگە كىرگەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمدا گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ياۋرۇپا سەھنىسىدىكى ئورنىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.بىرلەشمىدە دورتىمونىدلا بايرىن بىلەن تىركىشەلەيدىغان كوماندا دەپ ئويلاپ ئۇلارنىڭ بۇ ھەل قىلغۇچقا كىرگىنى چىمپىيون بولغىنى ئىكەن، چۈنكى ئىتالىيە كۇلۇبلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالماپتۇ، دەپ گۆدەكلەرچە ھۆكۈم قىلغان ئىدىم .شۇنىڭ بىلەن بايرىننىڭ رەقىبى قۇلاققا يىقىشلىق،ئەمما بەك تونۇش بولمىغان قىزىل ئالۋاستى - مانچىستىر ! ئاشۇ يىلى مانچىستىر ئاخىرقى ئىككى مىنوتتا مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرغان قىسقا فىلىمى يەنە شۇ تېلىۋىزوردىكى خەۋەردىن كۆردۇم. مانا بۇ مەن تۇنجى قېتىم ئىنگىلاند كۇلۇبلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىم.
     تېمىنىڭ ئەسلى مەزمۇنىغا قايىتساق پۇتۇن دۇنيادا دەۋر سۈرگەن ئىتالىيە بىرلەشمىسى ھەتتا «كىچىك دۇنيا لوڭقىسى» دەپ نام ئالغان بۇ بىرلەشمە تۈز سىزىق بويىچە ئارقىغا چېكىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب زادى قانداق ؟! بۇ مېنىڭ يىقىندىن بۇيان ئويلاپ قالغان مەسىلەم بولۇپ قالدى، شۇنداق قىلىپ توردىن ئازدۇر كۆپتۇ ماتىرىيال توپلاپ ھەمدە ئۆز كۆز-قارىشىمنى قېتىپ مۇنداق بىر يەكۈن چىقارماقچى بولۇپ قالدىم.

  ئىسپانىيە كوماندىلىرىنىڭ ياۋرۇپا سەھنىسىدىكى ئورنى «شاھ» لىق ئورنىغا ئۆتتى،نەچچە يىلدىن بېرى چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدا  بارسېلونا خانلىق مادرىد ئاتلېتكا مادرىد يېرىم ھەل قىلغۇچتا پەيدا بولدى. 2015يىلى يۇۋىنتۇس كۈچلۈك رەقىبلىرىنى مەغلۇب قىلىپ ھەل قىلغۇچتا بارسېلوناغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ،ئەگەر مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشسا 90-يىللاردىكى رېئاللىق  قايتا ئورۇندىلىپ قېلىشى مۇمكىن ،ئىتالىيە كوماندىلىرى 10 يىل ئىچىدە 9 قېتىم چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقا، 11 يىل ئىچىدە 10 قېتىم ئىتتىپاقلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن. مانا مۇشۇنداق شان-شۆھرەتنى قازانغان «ئاپېننىن يېرىم ئارىلى» غا ھازىر نىمە بولدى ؟

  پۇل مەسىلىسى
                                                 bfeea25e81e356473797d07bf48eb09f_c-waghewg (167).jpg
بۇ ھەممەيلەنگە ئايان، بۇ بىر ھەقىقەت .ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئىقتىساد جەھەتتە ھەرگىزمۇ ئىسپانىيە ۋە ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ رەقىبى بولالمايدۇ. ئىنگىلاند قوش ھەقلىق تۈزۈمى يولغا قويغاندىن بۇيان چولپانلارنىڭ ھەممىسى ئىتالىيىدىن ئىنگىلاندقا بارىدىغان بولدى. ئىتالىيە كوماندىلىرى بايلارنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج، ئۇلارمۇ ئىنگىلاندتەك قوش ھەق بېرىشكە ئىنتىزار. رىمغا ئوخشاش كوماندىلار ئۇتۇق قازىناي دىسە بۇ چارىنى ئىشلەتمەي بولمايدۇ
تىلفۇن ۋەقەسى
                               9c1a58758e0563c777b91b7ec52c2f91_Redocn_2010050315520992.jpg
تىلىغون ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنى كېمىدە 10 يىل ئارقىغا چىكىندۇرىۋەتتى. ئىتالىيە بىرلەشمىسنىڭ ئوبرازىغا قاتتىق تەسىر يەتكۈزدى، شۇنداقلا مالىيە ئىشلىرىغا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئەڭ ئېغىر بولغىنى چولپانلار بۇ بىرلەشمىدە يەنە توپ ئويناشقا ئىككىلىنىدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا يولنى تاللاشقا بىرلەشمە سەۋەبچى بولدى. قايتىدىن ئىشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، رىپىرلاغا بولغان كۆڭۈل ئاغرىقلار تىلىغون ۋەقەسى بىلەن ئاخىرلاشمىدى. ھەممىدىن ئىتالىيىدە ئەڭ چوڭ ئۇتۇق قازانغان يۇۋىنتۇس «يېزىغا چۈشۈپ كەتتى».
بېرلۇسكۇنى
               
مىلان ئىتالىيىنىڭ ياۋرۇپادا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كوماندىسى، 7 قېتىم ياۋرۇپا چىمپىيونى بولغان. ئەگەر ئىتالىيىدە بىردىنبىر ئارقا تېرىكى كۈچلۈك ۋە مۇقىم مال-مۈلۈككە ئىگە كولۇپ قايسى دىيىلسە، چوقۇم مىلان. بىلرۇسكىنى 86-يىلى مىلاننى ئالغاندىن كېيىن مىلان ئۈچۈن كۆپ پۇل خەجلەپ بۇ كوماندىنىڭ شانلىق تارىخ يارىتىشىغا تۈرتكە بولغان. 08-يىلى بىلرۇسكىنىڭ مال-مۈلكى 9 مىليارد 400 مىڭ بولغان، دەپ ئىقتىسادشۇناشلار تەرىپىدىن يەكۈنلەنگەن. بۇ 72 ياشلىق قېرى ھازىرغا كەلگەندە مىلان ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ زۇڭلىلىق ئورنىدا ئولتۇرۇشىدىنمۇ ياكى دۆلەتنىڭ قانداقتۇر سىياسىتى بارمۇ ؟! ئەگەر ئۇ يەنە مىلان ئۈچۈن پۇل چىقارمىسا مىلان ھەرگىزمۇ يوغان قۇلاققا يىقىن كىلەلمەيدۇ.
مۇداپىئە
                   7f540eb87fba850f40278a17392f9e5c_2014051415461952c79.jpg
مۇداپىئىسى بىلەن نام قازانغان ئىتالىيە پۇتبولچىلىقى ھازىر نىمە بولدى ؟! يۇۋىنتۇستا تۇرام بىلەن كاناۋارو،مىلاندىكى بارىس،مالدىنى ۋە سىتام،ئېنتىردىكى بېرگىمىن ۋە كىردوبا قاتارلىقلار دەۋرىدىكى مۇداپىئە ھازىر ئۇنداق جاسارىتىنى يوقاتتى. يەنە تېخى ئالتۇن يان بېكلەر كافۇ،بۇرىمو، زامبىروتالار كەلمەسكە كەتتى. ھازى،يۇۋىنتۇسنىڭ ئوتتۇرا بېكلىرى ئىزچىل بىرلەشمىدىكى كوماندىلارنىڭ  باش ئاغرىقى بولۇپ كەلمەكتە بونۇچچى بارزالى ۋە جىيېلىنىدىن باشقا  تۈزۈكرەك مۇداپىئەچىسى قالمىدى . ئىتالىيە پۇتبولى مۇداپىئىسى بىلەن دۇنياغا داڭلىق ئەگەر دۇنيا دەرىجىلىك بېكلەردىن ئىمپورت قىلمىسا ياۋرۇپادىكى پۇتى يەنە مۇقىم بولمايدۇ.
ئىقتىدارلىق ، كۆپ قىرلىق چولپانلار كەم
                      c2695df38a726ff3243dd169f3353e7d_1_1280x800.jpg
قاراپ باقايلى، بارسېلونا بەيرىن مادرىدتىكى  ئىقتىدارلىق توپچىلار قانداق ؟ ئىتالىيىدىكى توپچىلارچۇ ؟ئىسپانىيە ۋە  ئىنگىلاندتىن  باشقا 16 كۈچلۈك كوماندىدىكى توپچىلاردىن بارماق بىلەن ساناپ باقايلى، قانچىسى بۇ تۆت كۈچلۈك كوماندىدا پۇت تىرەپ ئاساسلىق ئەزا بولالايدۇ ؟ ئىتالىيىدىچۇ ؟ 4 كۈچلۈكتىن باشقا ئىتالىيە كوماندىلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەزالار ئاز ئەمەس،ئۇلارنىڭ شۇنداق سەۋىيىسى باركىن ئېنتىر،مىلان ۋە يۇۋىنتۇسلاردا ئاساسلىق ئەزا بولالايدۇ. لېكىن  باشقا بىرلەشمىدە  مۇنەۋۋەرلەر ئاساس جەھەتتىن 4 كۈچلۈكلەر ئارىسىدىلا مەۋجۇت.
پۇتبول مەيدانى
                            e87f1d3767165e347dea5390072d09a4_7529333ch9d7ab850fbb5&690.jpg
ئىتالىيىدە دۇنياغا داڭلىق مەيدانلار بار، مەسىلەن مىئاززا، رىم ئولمپىك مەيدانى،تۇرىن ئولىمپىك مەيدانى قاتارلىقلار. لېكىن ئىتالىيىدىكى بىرقىسىم مەيدانلارنى ياۋرۇپا باشقا تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىلىرىدىمۇ ئۇچرىتىش تەس. مەسىلەن سىيىنا كوماندىسىنىڭ مەيدانى رۇمنىيە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەيدان شەرتىگىمۇ توشمايدىكەن. ئىتالىيىدىكى مەيدانلار كۆپىنچىسى 90-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ۋاقتىدا رەتكە سېلىنغان، ئىنگىلاند ئاللىقاچان مەيداندىكى سىم توساقنى ئېلىۋىتىپ مەستانىلەرنىڭ كوماندىغا يىقىن ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرۈشى شۇنداقلا كوماندىنىڭ 12-ئادىمى بولۇش شەرتىنى ھازىرلاپ بەردى. قارا جەمىئەتكە تولغان ئىتالىيە تېخىچە بۇنداق قىلمىدى. مۇسابىقىدە مەيدانلار بوش تۇرىدۇ،ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغانلار يىڭنىنىڭ يەرگە چۈشكىنىنى ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە جىمجىت. ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆيدىكى كىرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلىۋىزوردىن كۆرگەن ئەۋزەل دەپ ئويلايدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى،ئىنگىلاندتا مەيداندا كۆرمىگەن مۇسابىقىنى تىلىۋىزوردىن كۆرمەيدىكەن.
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تەسىرى

                              
سىز قانچىلىك دەرىجىدە ئىتالىيە كوماندىسىنى ياقتۇرىسىز ؟ رىپىرلامۇ بۇنداق قىلغىلى تۇرسا ئىتالىيە كوماندىلىرى ياۋرۇپا سەھنىسىدە توپ ئوينامدۇ ياكى ؟ 2007.2008مۇسابىقە پەسىلدە رىپىرنىڭ ماتىرازىغا بەرگەن قىزىل كارتىسى ئېنتىرنىڭ شاللىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى.ئەگەر رىم ئولىمپىك مەيدانىدا رىپىر تەڭلىك ئۈستىدە تۇرغان بولسا رىممۇ تۆت كۈچلۈككە كىرىپ كېتەتتى. ئۇدىنىسنىڭ مۇسابىقىسىدە بېرمىن ئالغان نۇقتا توپ چېلىنمىسىمۇ بولىدىغان توپ ئىدى. بۇلار ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدە ئىتالىيە كوماندىلىرىغا بولغان بىر خىل يامان كۆز قاراشنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلدى،

ئىستىراتىگىيەدە مەغلۇب بولۇش
                         284-1512231FUR44[1].jpg
ئىسپانىيە ۋە ئىنگىلاند بىرلەشمىسى دۇنيا سەھنىسىگە چىقىشى ئۇلارنىڭ سودا ۋە ئىقتىساد ئىچىشىنىڭ ئىلغارلىقىدىن بولغان. ئۇلار پۇتۇن دۇنيادا «ئىنگىلاند بىرلەشمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل بىرلەشمە» دىگەن لوزىنكىسىنى كۆتۈرۈپ ھەممە يەرگە چاپلاپ قويدى ۋە شۇ قاتاردا ئاسيا ۋە ئافرىقا بازىرىنى ئېچىشتا ئاكتىپلىق ئورنىدا تۇردى. شۇنىڭ بىلەن پۇتۈن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە «بۇ بىرلەشمە راستىنلا دۇنيادىكى بىرىنچى بىرلەشمىكەن.» دىگەن ئاڭ نۇقۇل سىڭىپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ توپچىلارمۇ ئىنگىلاندقا قاراپ قاچتى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئىستىراتىگىيىسىنىڭ ئىلغارلىقى ئالدىن كۆرەرلىكى بولۇپ قالدى.

005741v9plqqpyh2449p7z[1].jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +10150 يىغىش سەۋەبى
پۇتبول + 10000 نادىر تېما مۇكاپاتى
SCR7 + 50 قوللاش!
ئۇچتىكىن + 50 قالتىس!
intezar11 + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

The world's most hanging players Messi and Ronaldinho and Zlatan Ib

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپە

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 10433
تېما سانى : 567
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 1003396 ياۋرۇ
تىللاسى : 64 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4955 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-1-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-16
ۋاقتى: 2016-9-10 14:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇ ئىتالىيە كوماندىلىرى ئىچىدە يوۋۇنتۇس تىلفۇن ۋەقەسىگە ئوچۇرغان بىلەن يەنىلا موقۇم كىتىپ باردۇ  ئونىڭدىن قالسا نابىلىس بىلەن رىم كۇماندىسى، ما قوشماق مىلانلار كىرزىسكە بەك ئوچۇرايدىكەن ھىلىمۇ لوڭقىنى جىق كۆتۈرگىنى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15325
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 561 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1847 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-2-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-2-26
ۋاقتى: 2016-9-10 14:05:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى  چۇشۇنىشلىك  ياخشى  تىما  بوپتۇ  تىما  ئىگىسىگە  كۆپ  رەھمەت      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13348
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3891 ياۋرۇ
تىللاسى : 6 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2446 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-11-10
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-16
ۋاقتى: 2016-9-10 14:14:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيە بىرلەشمىسى   ئ‍ەمدى   ئ‍ۇ كۈنلىرىنى   كۈرەلمەيدىغان چىراي
ئايفوندا يېزىلغانئايفوندا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16725
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1253 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 251 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-3-25
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-16
ۋاقتى: 2016-9-10 14:28:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى تىماڭلىغا مارەك بولسۇن، نادىر بولۇشقا توشاپ قالغاندەك جۇما....
3.ئەۋلاد پوتپۇل شاھى كىرىستيانو رونالدو
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئۆمۈرلۈك شەرەپئالاھىدە تۆھپەبارسىلونا لۈكچىكى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17405
تېما سانى : 291
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 2139 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 944 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-8
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-15
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-9-10 14:42:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورخۇمار يوللىغان ۋاقتى  2016-9-10 14:28
تۇنجى تىماڭلىغا مارەك بولسۇن، نادىر بولۇشقا توشاپ قال ...

رەھمەت بۇرادەر  مەن  ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن كىرگەن  ئۆزەممۇ بىر پۇتبول مەستانىسى    
The world's most hanging players Messi and Ronaldinho and Zlatan Ib
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئالاھىدە تۆھپە

AC مىلان

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 7065
تېما سانى : 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13208 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2725 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-11-28
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-1-23
ۋاقتى: 2016-9-10 15:48:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل ئاشرۇۋىتىلگەن  مەزمۇنلار بار ئىكەن ،ھەم  ئاساسەن  2005 يىللارنىڭ  ئالدى كەينىدىكى  مەزمۇنلار ئىكەن .
ئۇنىڭدىن  كېيىن  ئىتالىيە  نىمىش  قىلدى ،قانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلدى ،يەنە  قانداق  قىلىش كېرەك ،قايسى  يېڭىلىقلادا  مەغلۇپ بولدى  ،دىگەن  تىمىدا توختالسىڭىز ،ئىزدەنسىڭىز  بولاتتى ،ماۋۇ  مۇنبەر  يېڭى قۇرۇلغان  ۋاقىتلاردا  ئايدا بىر يېزىلىپ تۇردىغان  مەزمۇنلار  ئىكەن .
مەيدان شارائىتىنىڭ  ياخشى  ئەمەسلىكى  راس  ،بىر قىسىم  كۇلۇپلار  مەيداننى  ئوڭشاۋاتدۇ .ۋە ئوڭشاپ بولدى .ئۇدىنىس ،يۇۋۇنتۇسنىڭ  يېڭى  مەيدانى ھازىر  ئىشلىتىشكە   كىرىشىپ بولغىنىمۇ  ئىككى  پەسىلدىن ئاشتى .يەنە  بىر قانچە يىلدا  يېڭى مەيدانلار ۋۇجۇتقا چىقىدۇ .
مەيدانغا تاماششىبىنلارنىڭ  گىرمانىيەنىڭكىدەك  كىرمەيدىغانلىقى  راس ،لېكىن  ئۇ دەرىجىدە ئاز  ئەمەس .بۇرۇن  سېلىغان  مەيدانلار  بولغاچ  ،مەيدان چوڭ ،ئادەملەر شالاڭ  ئولتۇرىدۇ ،تورىن ،ناپولى ،ئېنتىر ،مىلان ،رىم  كوماندىللىرىنىڭ  مەيدىنىغا  كىرگەن  ئادەملەر  ،ئېنگىلانتىكى  كۆپىنچى  مەيدانلارغا  بارسا لىق تولغاندەك كۆرىنىدۇ ،سىز  دىگەندەك يىڭنىنىڭ  ئاۋازى  ئاڭلانغۇدەك ئولتۇرغاننى سىزدىن  ئاڭلىشىم  ،ئېنگىلانىد  ،ئىتالىيەدە ئەزەلدىن  لۈكچەك  مەستانىلەر  كۆپ ،ئوت  قويۇپ  ،قالايمىقان  ۋاقىراپ ،مەيدان  قىزغىنلىقىنى يۇقرى كۆترىدۇ ،سىز  يىراققا  كەتمەي ئىۋۇ  ئاتلانتانىڭ  مۇسابىقىسىنى  ئىككى مەيدان كۆرۈپ قويۇڭ .
مۇداپىيەچىلەر  قالمىدى  دەپسىز ،ھازىر  ئەڭ ئىشەنچىلىك مۇداپىيە نەچچە  يىللاردىن  بېرى  يەنىلا  ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن چىقۋاتدۇ  ،بۇ  پەسىلمۇ  چېلسى  ئىتالىيەدىن  مۇداپىيەچى  قېتۋالالماي ،2  ئاي ساقلاپ   لويىسنى  ئېلىپ كەلدى .
رىمدىكى مانولاس ،ناپولىدىكى كۇلى بالى  ،مىلاندىكى  رومانىئولى ،يۇۋۇنتۇستىكى  روجانى  قاتارلىقلار  يۆتكىلىش  بازىرىدىكى  ئەڭ ئىشەنچىلىك  مۇداپىيەچىلەر
بۇنىڭدىن  بۇرۇن  ئىتالىيە بىرلەشمىسى  سىىرىتنىڭ  مەبلىخىنى  قۇبۇل  قىلمىغان ،مانا  ئىككى  ئۈچ پەسىل بولدى ،رىم  ئامرېكىلىقنىڭ  قولىغا . بۇ  پەسىىل قوشماق  مىلانلار دۆلىتىمىز بايلىرىنىڭ  قولىغا ئۆتتى ،بۇ  پەسىل  ئىتالىيە بىرلەشمىسىمۇ  يۆتكىلىش  بازىرىغا  غايەت زور  مەبلەخ  سالدى ،ئىسپانىيە  بىلەن گىرمانىيەنى  بىر قاتلىۋەتتى ،كىلەر  پەسىل  قوشماق مىلانلار  ئېنىق  مەبلەخنى  كۈچەيتىدۇ .ئالدىرمىساق  ئىتالىيە  بىرلەشمىسىمۇ  ئاستا -ئاستا   ئەسلىگە  قايتىدۇ ،سىز  دىگەندەك زاۋانلىققا  يۈزلەنگىنى  يوق

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
ئەلقۇت + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 8143
تېما سانى : 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6802 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 949 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2010-9-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-16
ۋاقتى: 2016-9-10 16:01:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزچىلار يوللىغان ۋاقتى  2016-9-10 15:48
سەل ئاشرۇۋىتىلگەن  مەزمۇنلار بار ئىكەن ،ھەم  ئاساسەن  20 ...

مەن  تىما ئىگىسىنى  ئابلەتجان مىلان   شۇمىكى   دەپ   پەرەز  قىلدىمغۇ؟؟
كەپتەرنىڭ يامىنى  شىنگىر،
تىرنىڭ  يامىنى  شۇ  ۋىنگىر.
قىززىقىشىم: 1-پۇتبول، 2-كەپتەر، 3-تارىخى كىنو (3پادىشاھ تىپ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئۆمۈرلۈك شەرەپئالاھىدە تۆھپەبارسىلونا لۈكچىكى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17405
تېما سانى : 291
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 2139 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 944 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-8
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-15
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-9-10 16:27:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزچىلار يوللىغان ۋاقتى  2016-9-10 15:48
سەل ئاشرۇۋىتىلگەن  مەزمۇنلار بار ئىكەن ،ھەم  ئاساسەن  20 ...

ماقۇل مەن ئىزدىنىپ باقاي  
The world's most hanging players Messi and Ronaldinho and Zlatan Ib
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئىنتېر مىلان

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 8094
تېما سانى : 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13663 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2344 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2010-9-4
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-15
ۋاقتى: 2016-9-10 17:12:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەشى تەھلىللەر يۈزەكى بوپ قالغاندەك ، تېلفۇن ۋەقەسىنىڭ كۆلەڭگۈلىرى يوقاپ قالدى بىرەر قۇر ، گەپ ئىقتىسادتا ، بۇ يىل بىزنىڭ ئىنتېرمۇ 100مىليوندىن چوڭ سودا قىلدى ، قىشلىق بازاردا ياكى يازدا مىلانمۇ چوڭ سودىلارنى قىلىشى مۇمكىن ، مۇنەۋەر تېرىنىرلارنى ئەكىلىشتە قالدى ھازىر ئىش .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەئالاھىدە ئىلگىرلەش

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15899
تېما سانى : 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 233393 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1673 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-6-26
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-15
ۋاقتى: 2016-9-10 17:19:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ . ئ‍ەمما مۇشۇ تېلېفون ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى پەقەت ئ‍ۇقالماي كەتتىم.
يېڭى ئ‍ەزاغا يېڭى ئ‍ۇتۇقلارنى تىلەيمەن…
ئۆتمە نامەرىد كۆۋرۈكىدىن سۇ سېنى چۆكتۈرسىمۇ،
يېمە نامەرىد ئاشىنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرسىمۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15029
تېما سانى : 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 241 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2684 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-11-19
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-15
ۋاقتى: 2016-9-10 17:59:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
miradil يوللىغان ۋاقتى  2016-9-10 16:01
مەن  تىما ئىگىسىنى  ئابلەتجان مىلان   شۇمىكى   دەپ   پەر ...

سىللە  كىم بولسا  ئابلەتجان  دەيدىغان بوپ قالمىغانسىلە مۇرئادىلجان  ھى ھى  ئاسماندىكى كەپتەرگە قاراۋىرىپ ئاخىرىنى دىمەي   ھى ھى ھىھ ڭھ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-4-16 02:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش