كۆرۈش: 4835|ئىنكاس: 37

توپچىلارنىڭ بىركۈنى قانداق ئۆتىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالىي ئەزا

ئۆمۈرلۈك شەرەپئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 320
تېما سانى : 96
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى : 53382 ياۋرۇ
تىللاسى : 91 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1276 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-6-19
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-8-4 12:14  

توپچىلارنىڭ بىركۈنى قانداق ئۆتىدۇ؟



خىزمەت  بولغانكەن  ئەتىگەندە  يوقلىمىغا  ئۆتۈپ  ئىشقا  چىقىشقا  توغرا  كېلىدۇ ،بىر  توپچىغا  نىسبەتەن ئۇنىڭ  ئاساسلىق  خىزمىتى مۇسابىقىگە  قاتنىشىشلا  ئەمەس ، ئۇنىڭ ئاساسلىق  كۈندىلىك  قىلدىغان  ئىشى مەشىق  دەرىسىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت  ،  تىرنىرلار  گورۇپپىسى ھەر  قىتىملىق مەشىقتىن  بۇرۇن يىغىلىپ   شۇ  قىتىملىق مەشىق پىلانىنى  كونكىرىت  تۈزۈپ  چىقىدۇ ، يىغىنغا  داۋالاش  گورۇپپىسىدىكى  خادىملارمۇ  قاتنىشىپ  توپچىلارنىڭ  سالامەتلىك  ئەھۋالى ، يارلىنىش  ئەھۋالىغا  مۇناسىۋەتلىك  ماتىرياللارنى  ئىلىپ  كىلىدۇ ، توپچىلار  بولسا  ئەتىگەندە  9:30دا، چۈشتىن  كىيىن  بولسا  3:30 مەشىق بازىسىغا  يېتىپ  كىېىدۇ ، ئەمما  ۋاقىتقا  مۇناسىپ  چەك  قويۇلغان  بولۇپ ،  كىچىكىپ  كىلىش ، بالدۇر  قايتىش  ئىشلىرىغا  مۇناسىپ  چارە  كۆرۈلىدۇ . مورىنھۇ  چېلسىدىكى چاغدا خازارىد  مەشىققە  كىچىكىپ  كەلگەنلىك سەۋەبىدىن پارىژ  بىلەن  بولغان  جەڭدە  چوڭ  تىزىملىككىمۇ  كىرگۈزۈلمىگەن .

ئەزالار يىغىلىپ  يىرىم  سائەتتىن  كىيىن  رەسمى  مەشىق  باشلىنىدىغان بولۇپ ،مەشىق  ئادەتتە  تۇۋەندىكى تۈرلەرنى  ئۆز  ئىچىگە  ئالىدۇ .

1-بەدەن  قىزىتىش : ئاستا  يۈگۈرۈش  ۋە پەي  سوزۇش  ھەركىتىدىن  باشقا ، كۆپۈنچە  كوماندىلار چەمبىرەك شەكلىدە تۇرۇپ« توپ تالىشىش »  ئويۇنى  ئويناشنى  ياخشى  كۆرىدۇ ،بىرىنچى  سەپ  كوماندىسى  ئىككى  گۇرۇپپىغا  بۆلىنىدۇ ، يەنە  ئاساسى  ئەزالار گورۇپپىسى ۋە  زاپاس  ئەزالار  گورۇپپىسى ياكى  ياشلار  گورۇپپىسى  ۋە چوڭلار  گورۇپپىسى بولۇپ  ئىككى  چەمبىرەك  بولۇپ ئوتتۇردا  ئىككى  ئەزا بولىدۇ ، ئاساسلىق  ئويۇن  شەكلى  ئوتتۇردىكى  ئەزا توپ  تارتىۋىلىشقا  ئورۇنىدۇ  قالغانلار ئۆز-ئارا پاسلىشىپ ئوتتۇردىكى  ئەزانىڭ  توپنى  تارتىۋىلىشىغا  يول  قويمايدۇ ، ئىيتىشلارغا  قارغاندا  مانچىستىر بىرلەشمىسىدىكى  بىر  ئەزا موشۇ ئويۇن  ئارقىلىق توپ يەتكۇزۇش  ئىقتىدارىنى  ئۆستۇرگەن ، ئۇ  بولسىمۇ  سىكولىس ، بۇ  ئۇيۇندا  ئەزالارنىڭ  توپ  كونتىرول  قىلىش ۋە  توپ  ئۇزىۋىلىش ئىقتىدارى ئۆستۇرلىدۇ .




2-ئىختىيارى  مەشىق : بۇ  خىل  مەشىقتە توپچى  ئۆزىنىڭ  ئىختىيارى  بويچە ھەر خىل  مەشىقلەرنى  ئىلىپ باردۇ ، مەسلەن :  توپ  توختىتىش ،توپ  ئوينىتىش ،توپ  كونتىرول  قىلىش ، توپ  يەتكۇزۇش  قاتارلىق  ئويۇن  تىپىدىكى  مەشىقلەرنى  قىلىدۇ ، بۇنىڭدا  بەلگۇلەپ بىرىلگەن مۇقىم ھەركەت  بولمايدۇ پەقەت  توپچى  ئۆزىنىڭ  ئىقتىدارىنى  ئۆستۇرۇپ ، ئالاھىدىلىكىنى نامايەن  قىلىش مەخسەت  قىلىنىدۇ .
3-قاراتمىلىق  مەشىق : بۇ  ھەر  كۇنلىك  مەشىق  پىلانىدىكى  ئاچقۇچلىق تۇر  بولۇپ ،مەزمۇنى  ياكى  جىسمانى  كۈچ ، تاكتىكا ، ئىقىتىدار ۋە ياكى يەككە  تىخنىكا  تەرەپلەردىن  بولىدۇ ،بۇ  مەشىققە ياردەمچى  تىرنىر ، بىرىنچى  سەپ  تىرنىرى ، ۋارتار  تىرنىرى ، بەدەن  ئىقتىدار  تىرنىرى ، تىخنىكا  تىرنىرى  قاتارلىقلار  ئوخشىمىغان دەرىسلىك تۇرلىرى  بويچە  ئەزالارنى  مەشىقلەندۇردۇ ، باش  تىرنىر  بولسا مەشىق  جەريانىنى كۆزتۇپ يىتەكچىلىك  قىلىدۇ ، يەنى  ئەزالارنىڭ پۇت  ئارلىقى ، ئىغىرلىق  مەركىزى ،ھەركەت  ئىقىتىدارى ، پۇرسەت يارتىش ئىقىتىدارى ، ئالدىن  ھۆكۇم  قىلىش  ئىقىتىدارى ، سۇرئەتنى تىزلىتىش قاتارلىقلار  تەرەپلىرىگە  تەكلىپ  بىرىدۇ .





4-تەقلىدى  جەڭ : مەشىقىنىڭ  ئاخىردا گورۇپپىلارغا  بۆلىنىپ يەتتە  كىشلىك ياكى 11كىشىلىك مۇسابىقە  ئىلىپ  بىرىلىدۇ ، بىراق  قىرى  سىر ئادەتتە بەشكە  قارشى  بەش  كىشىلىك  مۇسابىقە  ئورۇنلاشتۇرۇشقا  ئامراق  بولۇپ ،دائىم  توپچىلارنىڭ  ئورنىنى  ئالماشتۇرۇپ  تۇرغان ،  يەنى  بىكنى  ھوجۇمغا ، ھوجۇمچىنى بىكقا دىگەندەك .
فىلىرچى  ئەسلەپ  مۇنداق  دەيدۇ : فىرناندۇ ئادەتتە  ھوجۇم  ئورنىنى ئىنتايىن  ياخشى  كۆرەتتى ، ۋارتار  خىئاتۇن بىر  قىتىم  ھوجۇم  ئويناپ  ھەممىزنى  ھەيران  قالدۇرغان ، چۇنكى  ئۇ شۇ  قىتىملىق  مۇسابىقىدە  قالپاق  ئۇيۇنى ئوينىغان .
مەشىق  ئاياغلاشقاندىن  كىيىن ، كۆپۇنچە  قۇشۇپ مەشىق  ئىلىپ  باردىغانلار  قىلىپ  قالىدۇ ، ئىپادىسى  ياخشى  بولمىغانلارغا  قارتا ئايرىم  سۆھبەت  ئىلىپ  باردۇ ، ئەلۋەتتە  بەسلىشىش  روھى ئەۋىج ئالسا  كوماندا  سەۋىيەسى  ياخشىلىنىشقا  قاراپ  ماڭىدۇ ، بەزىدە  ئىپادىسى ياخشى  بولمىغانلارغا  قارتا ، ئۆزىنى ئۆزى  جازالاش قارارى  چىقىرلىدۇ .



پارتىك  كوماندىسىدا مەشىق  ئىپادىسى ياخشى  بولمىغانلارغا تۇتاش ھال  رەڭلىك  كىيىم  كەيدۇرلىدۇ
پورتىسمۇت ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى  چاغدا ئۇلار ئىشلەتكىنىگە 20يىلدىن  ئاشقان  بىر  ئىككىنچى  قول  كىچىك  ماشىنا  سىتىۋالغان  بولۇپ ، ئۇ بىر  ئۈچ  چاقىلىق  ماشىنا  ئىدى ، مەشىقتە  ئىپادىسى  ناچار  بولغان  توپچى كەچتە  ئۆيىگە  ئاشۇ  ماشىنا  بىلەن  قايىتقان ، ئەتىسى  باشقا  سەپداشلىرى  ھەشەمەتلىك  ئاپتۇمبىلدا مەشىق  مەيدانىغا  كەلسە  نەس باسقان  توپچى  تاشپاقا  شەكىللىك ماشىنىدا  كەلگەن .
كىيىن  جازا  تىخىمۇ  ئىغىرلىتىلىپ ماشىنىغا  بىر  يۇقىرى  ئاۋازلىق ياڭراتقۇ  سەپلەنگەن  بولۇپ ،چارۋىچىلىق  فىرمىسىدىكى ئاۋازلار ئاڭلىتىلغان ، بىرنچى  قىتىم  بۇ  جازاغا ئۇچرىغۇچى  ئىنگىلاد دۆلەت كۇماندىسىنىڭ  ۋارتارى  داۋىد جامىس  بولۇپ ، ئۇ  مەشىقتىن ، قوي ، كالا ، چوشقىلارنىڭ ئاۋازلىرى  ياڭراپ تورغان  ئۈچ  چاقىلىق ماشىنىدا  ئۆيىگە  قايىتقان .



بىراق  جامىستىن  باشقىلا  يىنىك  نەپەس  ئىلىپ ، خوشال  ئۆيلىرىگە  قايتىشقان .
ئۇنىڭدىن باشقا ۋانجال يىرىم  كىچىدە  تولۇقلىما  مەشىق  ئورۇنلاشتۇرۇشقا  ئامراق  بولۇپ ،ئۇنىڭ  ئۇستىگە  تۇيۇقسىز  توپ  ئۇچۇر  تارقىتىپ ئوختۇرۇش  قىلىدۇ  بۇنىڭغا توپچىلار ۋە  خانىملارنىڭ  پىكىرى  چىققان .
بىراق ،بۇنىڭمۇ  مەلۇم  قىممىتى  بار،بىرىنچىدىن  توپچىلار  كۆپرەك  مەشىق  قىلىپ  ئىقىتىدارىنى يىتلدۇردۇ، نەتىجىدە  ھەر  بىر  مۇسابىقىدە  يىڭىچە سەپ شەكلى  بىلەن مەيدانغا  چىقىپ ھەممە  ئەزانى  تەڭ  مەشىقلەندۇرگىلى  بولىدۇ ،ئىككىنچىدىن  توپچىلار  كەچلىرى زادى  نەدە  ئۆيدىمۇ  ياكى  بەزمىخانىدىمۇ  بىلگىلى  بولىدۇ ، كۆپۇنچە  تىرنىرلار  توپچىلارنىڭ  ھاراق ئىچىشى ، تاماكا چىكىشىنى ياختۇرمايدۇ ، نەتىجىدە  بۇنداق  قىلىش ئارقىلىق  بىر  تۇركۇم ، ئىچمەيدىغان ، چەكمەيدىغان ، ئوينىمايدىغان ئەخلاقلىق  ياشلارنى  بارلىققا  كەلتۇرگىلى  بولىدۇ .
تۇۋەندە  بىز توپچىلارنىڭ قانداق  خىزمەت  قىلىپ، ئاندىن  بىر  مۇنچە ھەپتىلىك مائاش  ئالىدىغانلىقىنى كۆرۇپ باقايلى !



مەشىق ، مۇسابىقە  تەييارلىقى ، مۇسابىقە ،  مەشىق ، ئاساسەن  مۇشۇ  دائىردە
ئەگەر  ھەپتىدە  بىر  مەيدان  مۇسابىقە بار  دىسەك ، ئۇنداقتا ھەر  بىر ئىنگىلاد كۇلۇپ  كوماندىللىرى  مۇشۇ  بىر  قىتىملىق مۇسابىقە  ئۇچۇن  ئون  قىتىمدەك مەشىق دەرسى  ئورۇنلاشتۇردۇ ،  بۇ مەشىق  دەرىسلەر  ئۈچ  بۆلەككە  بۆلىنىدۇ ،  ئەگەر  شەنبە  كۇنىدە  مۇسابىقە  بار  دەپ  تۇرۇپ  بىر  مىسال ئىلىپ  باقايلى :
بىرىنچى  باسقۇچ :مۇسابىقىدىن  كىيىنكى  خۇلاسسە ۋە  بەدەن ئىقتىدارىنى  ئەسلىگە  كەلتۇرۇش ( يەكشەنبە ) ئادەتتىكى  ئەھۋالدا مۇسابىقىنىڭ  ئىككىنچى  كۇنى  توپچىلار  بىلەن  پىكىر  ئالماشتۇرلىدۇ ، تىرنىرلار گورۇپپىسى  ۋە  مۇسابىقە  ئانالىزچىللىرى ئۇخشىمىغان  نوختىدىن  تەھلىل ئىلىپ  بىرىپ ، توپچىلارنىڭ  يىتەرسىزلىگى ۋە  توپچىلار  بىلەن  كىيىنكى  ھەپتە   مەشىقتە  نوختىلىق  ھەل  قىلىدىغان مەسىلىلەر  ئۇستىدە  ئورتاقلىشىدۇ ،ھەمدە   شۇ جايدىلا  ئائىلىسىگە قايتىشقا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ ، شۇنداق  مۇسابىقىدىن  كىيىنكى  بىرىنچى  كۇنى ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ  پۇتۇن  مۇسابىقىنى  كۆرگەن  ماھىرلار  كۈچەيىتمە مەشىققە  ئورۇنلاشتۇرلىدۇ ، قالغانلار  دەم  ئىلىشقا  قويۇپ  بىرلىدۇ ،ياكى  ئازراق  ئەسلىگە  كەلتۇرۇش مەشىقى قىلىدۇ ،ئاندىن  ھەممىسى  مەشىق  بازىسىغا  يىغىلىدۇ ، ئاساسلىق  مەخسەت  توپچىلارنىڭ  ئۆتۇپ  كەتكەن  مۇسابىقىدە قانداق  ياخشى  ئىشلارنى  قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ  قالماسلىقى ئۇچۇندۇر .



ئىككىنچى  باسقۇچ  :  بەدەن  ئىقتىدارى  ۋە تاكتىكا مەشىقى ( دۇشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە )

ئەگەر  شەنبە  كۇنى  مۇسابىقە  ئۆتكۇزۇلگەن  بولسا  توپچىلار  دۇشەنبە  چۇشتىن  بۇرۇن  يىغىلىپ  ئۈچ -تۆت  كۇنلىك  يۇقىرى  سىجىللىقتىكى  مەشىق  ئىلىپ  باردۇ ، ئەگەر  شەنبە  قۇندىكى  مۇسابىقىدە  كۈچ  بەكرەك  خوراپ  قەتكەن  بولسا  يىغىلىش  يىرىم  كۇن  كىچىكتۇرلىدۇ ،  بۇ  باسقۇچتىكى مەشىق كوماندىنىڭ  ھالىقىلىق  مەشىقى  بولۇپ،ئادەتتە  تۇۋەندىكى  مەزمۇنلارنى  ئۆز  ئىچىگە  ئالىدۇ .
ئا :  بەدەن  سۆپەت مەشىقى : بۇ ئاساسەن كۈچ  قۇۋۋەت  مەشىقى ،  سۇرئەت  مەشىقى ، چىدامچانلىق  مەشىقى جانلىقلىق  مەشىقى قاتارلىق  مەشىقلەرنى ئۆز  ئىچىگە  ئالىدۇ ، توپچىلار  بەزىدە  مۇسكۇل  كۆپەيتىشى  بەزىدە  ئىغىرلىق  چۇشۇرىشى  مومكىن .



ب: ئاساسى  ماھارەت  مەشىقى : بۇ  ئاساسەن ،شەخسى  تىخنىكا ، كىچىك  گورۇپپا تىخنىكىسى ، كۇماندا  تىخنىكىسى  قاتارلىقلارنى  ئۆز  ئىچىگە  ئالىدۇ ،1V1、2v2、5v5، كۆپ  ئاز بىلەن ، ئاز كۆپ بىلەن  قارشىلىش ، رايۇن  خاراكتىرلىك مۇداپىيە ، قايتارما ھوجۇم  قاتارلىقلار  ئايرىم  گورۇپپىلارغا  بۆلىنىپ مەشىقلەندۇرۇلمەستىن  توختىماستىن  پۇتۇن مەيدان  ئىچىدە  ئىلىپ  بىرلىدۇ ، مەخسەت  توپچىلارنىڭ  ياخشى  بولغان  بەدەن  ھالىتى ۋە  قۇۋۋىتىنى  ساقلاپ  قىلىش  ۋە  كۇچەيتىش ، بۇنىڭدا توپچىلارنىڭ  تارقاق  ھالەتتە  ماسلىشىش ئىقتىدارى ، ئالدىن  ھۆكۇم  قىلىش  ئىقتىدارى ،توپچىلار  ئارسىدىكى  يۇشۇرۇن  كىلىشىم  ئىقىتىدارى  قاتارلىقلارنى  يىتىلدۇرۇپ ، مۇسابىقىدە  كۆزنى  يۇمۇپ  ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا  توغرا  قارار چىقىرىش  ئىقتىدارىنى  ئۆستۇرگىلى  بولىدۇ .



س: جەڭ  پىلانى  تۇزۇپ  چىقىش : ئانالىزچى موتەخەسىسلەر  رەقىبىنىڭ موھىم  بولغان  ھالقىلىق  سان  سىفىرلىرىنى تىرنىر  ۋە توپچىلارغا تەمىنلەيدۇ ،يەنى  توپ  تارتىۋىلىش  ۋە  توسۇش ئونۇمى ، سۇرئەت  ئالاھىدىلىگى ، بىسىپ  كىرىش  يۇنىلىشى ، ئادەتلەنگەن  ھوجۇم  يونىلىشى قاتارىقلار ،تىرنىر ئۆزىنىڭ  موددىئاسى ۋە  يەتمەكچى بولغان  نىشاننى توپچىلارغا  يەتكۇزۇپ  مۇداپىيە ۋە  ھوجۇمدا  قانداق تاقابىل  تۇرۇش ، قارشى  تەرەپ  قايتۇرما  ھوجۇم  قىلغاندا قانداق  ئورۇن  تولۇقلاش ، ھەر  بىر  ھوجۇمچى قانداق رول ئۆتەش ، ئوتتۇرا  مەيدانچى  قانداق  ماسلىشىش قاتارلىقلار ، قىسىقىسى  نىشان  بىرلا ئۇ  بولسىمۇ  ھەممە  ئادەم  سەگەك  تەپەككۇرى  بىلەن  مۇسابىقە  ھالىتىگە  كىرىش .
د :  ئورنى  بەلگۇلەنگەن  توپ :  كۆپلىگەن  كوماندىلار يىرىم كۇن  ۋاقىت  چىقىرىپ بۇ  خىل  مەشىق ئىلىپ  باردۇ ، كۆپۇنچە  ئىككى  تەرەپتىن  ئىلىپ  بىرلىدۇ ، بىرىنچى ؛  ئورنى  بەلگىلەنگەن  توپ  تىخنىكىسى .



ئىككىنچى ؛سىن  ئارقىلىق  تەتقىق  قىلىپ  رەقىبىنىڭ  يۇگۇرۇش ھوجۇم  قىلىش نوختىسى ، ئاجىزلىق نوختىسى،  مۇداپىيە  قاتارلىقلارنى  تەقلىت  قىلىدۇ .



ئۇچۇنچى  باسقۇچ : ھالەت  تەڭشەش  ۋە مۇسابىقىدىن  بۇرۇنقى  تەييارلىق
مۇسابىقە  باشلىنىشتىن  بىر  ياكى  ئىككى  كۇن بۇرۇن  مەشىقنىڭ دەرىجىسى  ئەمىلى مۇسابىقىدىن %20تۇۋەنلىتىلىدۇ ، كۆپۇنچە  كوماندىلار جۇمە  چۇشتىن  بۇرۇن   دەم  ئىلىشقا  قويۇپ  بىرلىدۇ ،چۇشتىن  كىيىن يىغىلىپ بىرلەشمە  مەشىق  ئىلىپ  باردۇ ،مەشىق  مەخسىدى  بىر  ھەپتىن  بۇيان  ئىلىپ  بارغان  مەشىق  نەتىجىسىنى  مۇستەھكەملەش ، ئۇنىڭدىن  باشقا  باش  تىرنىر مۇسابىقىدىن  بۇرۇن  بەزى  قاراتمىلىققا  ئىگە  ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى   ئىلىپ  باردۇ .
بىرىنچى؛ بۇرۇن  ئۇگەنگەن  بىلىملەرنى  مۇستەھكەملەش ،تىرنىرلار  گۇرۇپپىسى توپچىلارنى  يىتەكلەپ  ئۆزىنىڭ  ئويناش  ئۇسۇلى ۋە رەقىبىنىڭ  ئۇرۇش  قىلىش يۇنىلىشىنى كۆرسىتىپ  بىردۇ ،بىر  قىسىم  كوماندىلار  مەخپى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى  ئىلىپ  باردۇ يەنى  ب  پىلان ،  س پىلان قاتارلىقلارنى  تۇزۇپ  قۇيىدۇ ، مۇسابىقە  باشلىنىپ 15مىنۇتلاردىن  كىيىن ئەسلىدىكى  پىلان  ماس  كەلمىسە  ئۆزلىگىدىن باشقا  پىلان  بۇيچە  ئىش  كۆرىلىدۇ ، بۇ خىل  ئۆزگەرتىش  بۇيرىقى ھەر  خىل  ۋاقىراش ۋە  بەدىن  تىلى  ئارقىلىق  يەتكۇزلىدۇ .



ئىككىنچى ؛  ئۆز  روھى  ھالىتى ۋە  كەيپىياتىنى  تەڭشەش : شەنبە  چۇشتىن  بۇرۇن ئادەتتە  تاكتىكا مەشىقى  قىلىنمايدۇ ، توپچىلارنى  سەپەرۋەر  قىلىش  ۋە  رىغبەتلەندۇرۇش ئىلىپ  بىرلىدۇ.  توپچىلار  كىيىم  ئالماشتۇرۇش  ئۆيىگە  كىرگەندە يەنە  بىر  قىتىم  مۇسابىقىدىكى  مۇھىم  نوختىلارنى  ئەسكەرتىدۇ ،  مۇسابىقىدىن  بۇرۇنقى جەڭ تاكتىكىسى  تەكىتلىنىدۇ ، ۋاقىت  توشقاندا  مەيدانغا  كىرىدۇ .



شۇنداق  قىلىپ  رىپىرنىڭ  ئۈچ  قىتىملىق  پۇشتىكى  بىكەن  مۇسابىقە  ئاخىرلىشىدۇ ، مۇسابىقە  توپچىلارغا  خوشاللىق ، ئازاپ ، پۇشايمان  ئىلىپ  كىلىشى  مومكىن ،مۇسابىقە  ئاياغلاشقاندىن  كىيىن  يۇز  كۆزنى  يۇيۇپ ئۆيگە  قايتامدۇ ؟  ئىنگىلاد  كۇلۇپلىرى  كۆپۇنچە  يىغىلىپ بەدەن ئەسلىگە  كەلتۇرۇش  ئىلىپ  باردۇ ، بۇ مەشىق بولماستىن  بەلكى  يىيىش  ئىچىش  پائالىيىتى .
ئالدى  بىلەن ئوزۇقشۇناسلار ھەر  خىل  يىمەكلىك  ۋە  ئىچىملىكلەرنى  تەييارلاپ ،  كىيىم  ئالماشتۇرۇش ئۇيىدە تەييار  قىلىدۇ ، ئاساسلىقى مۇسابىقە  جەرياندا  خوراپ  كەتكەن كاربۇن  سۇ  بىرىكمىللىرى  ،  ئاقسىل  قاتارلىقلارنى  تولۇقلاشقا  پايدىلىق بولغان  ئىچىملىك ،  مىۋە  شەربىتى  قاتارلىقلارنى  تەييارلايدۇ .
ئارقىدىن  ئاشپەزلەر  كۆڭۇل  قۇيۇپ  تەييارلىغان  تاماقلاردىن ئازراقتىن  كەلتۇرلىدۇ ، تاماقلار  توپچىلارنىڭ ئىنرگىيەسىنى  تولۇقلاش  ۋە توپچىلار  ياختۇرغان  دائىردە  بولىدۇ ، دۇنيانىڭ  ھەر  قايسى جايلىرىدىن  كەلگەن  توپچىلارنىڭ  ئۇرىپ ئادىتىگە  ھۆرمەت  قىلىنىدۇ .



يەپ  ئىچىش  ئاخىرلاشقاندىن  كىيىن  ئۆيىگە  قايتىپ  ئارام  ئالىدۇ ھەمدە  ئەتىسى مەشىق  مەيدانىغا  قايتىدۇ ، ئىنگىلاد  بىرلەشمىسىدە بۇ ئاسەسەن  ئۆزگەرمەيدۇ ، ئەگەر  بىر ھەپتىدە  ئىكقى  قىتىم  مۇسابىقە  بولۇپ  قالسا ئورۇنلاشتۇرۇش  باشقىچە  بولىدۇ ، تۇۋەندە  بىز بىر  قانچە  خىل ئەندىزىنى كۆرۇپ باقايلى !

ھەپتىدە  قوش  مۇسابىقە  ئادەم  ئۆلتۇرەر
بىر  ھەپتىدە  قوش  مۇسابىقە  بولۇپ  قالسا  مەشىق  دەرسى 5قىتىمغا  چۇشىدۇ ، مەشىق  سىجىللىقىمۇ ئىشىپ  كىتىدۇ ،مەشىق  بەك  قاتتىق  بولۇپ  كەتسە توپچىلارنىڭ  بەدەن  ئىقىتىدارىنىڭ ئەسلىگە  كىلىشى تەسىرگە  ئۇچرايدۇ ،شۇڭا  موۋاپىق ئورۇنلىشىشى  كىرەك ، ئادەتتە  مەشىق  ۋاختى  مۇنداق  بولىدۇ :
  يەكشەنبە  بىر  كۇن  ئەسلىگە  كىلىش مەشىقى  ئىلىپ  باردۇ ،دۇشەنبە ئادەتتىكى شەخسى  تاكتىكا  مەشىقى  ئىلىپ  باردۇ ،سەيشەنبە  چۇشتىن  بۇرۇن  مۇسابىقە  سىن  فىلىمى  قاتارلىقلار  بىلەن مۇسابىقىنى  خۇلاسىلاش ، كۆرۇلگەن  مەسىلەرنى تۇزتۇش ۋە كىيىنكى  پىلان ھەققىدە ئانالىز ئىلىپ  بىرلىدۇ ، سەيشەنبە چۇشتىن  كىيىن تاكتىكا  بۇيچە  پۇتۇن  كوماندا  مەشىقى  ئىلىپ  باردۇ ، چارشەنبە  چۇشتىن  كىىىن توپچىلار  مۇسابىقە  جەريانى  بىلەن  تونۇشۇپ تاكتىكا  مەشىقى  ئىلىپ  باردۇ ، چۇشتىن  كىيىن  مۇسابىقە  ئىلىپ  بىرلىدۇ .



سىلەر  بىلدىڭلار ،  بىرھەپتىدە  قوش  مۇسابىقە  بولسا  توپچىلارنىڭ  چارچىشى  ئىغىر  بولىدۇ ،ئەگەر  نۇرمال  ئەھۋال  بولسا  توپچىلارنىڭ  مەشىق ۋە  دەم  ئىلىشى  كاپالەتكە  ئىگە  بولىدۇ ، قوش مۇسابىقە  بولسا ئومۇمى  مەشىق ، توپچىلارنىڭ  ئۆزىنىڭ  سەۋىيەسىنى  ئۆستۇرۇش ،كۈچلۇك  تاكتىكا ،قارشى  تەرەپنى  چۇشۇنىش يەنە  ئون  نەچچە  سائەت ئايروپىلاندا  ئولتۇرۇش  قاتارلىقلار  توپچىلارنى  ئىغىر  چارچىتىدۇ .



چۇنكى  مەشىق  شۇنچە  كۆپ ، كۆپۇنچە  كوماندىلار  ئۆزىنىڭ  مەشىق ئەھۋالىنى  سىرىتقا  ئاشكارلاشنى  خالىمايدۇ ، رەقىبلىرىنىڭ بىلىۋىلىشىدىن  ساقلىنىش  ئۇچۇن ،  سىم  تور ، ئورمان  بەلبىغى ، توسۇق  تاملار  بىكەن  يۇشۇرىنىدۇ ، شۇنداقتىمۇ  ئىنساپسىزلار ئوغۇرلىقچە  سۇرەتكە  تارتىدۇ .



ئامال  يوق ،  كۇلۇپ مەشىق دەرىسلىگىنىڭ ئاشكارلىنىپ  كىتىشىنى  خالىمايدۇ ،بىراق دۇنيا  بۇيچە  ئەڭ پايلاقچى ئاخبارات  ۋاستىللىرى  ئىنگىلادتا ، بىز  سۆزلەۋاتقان   مەزمۇنلارمۇ  ئۇلار  ئارقىلىق  ئىرىشكەن  مەزمۇنلاردۇر .

ھەر  قايسى  تەرەپلەرنىڭ مەشىق  قوللانىمىسى
گەرچە  مەشىق  مەزمۇنى  چوڭ  جەھەتىن  ئوخشاش  بولسىمۇ  ئەمما ھەر  قايسىسىنىڭ  ئۆزەگىچە  ئالاھىدىلىگى  بار ، ئۇلەردا  ئازراقمۇ  ھىيلە  نەيرەڭ  ۋە  ئۇسلۇپ  بولمىسا  قانداقمۇ  يۇقىرى  دەرجىلىك سەر  خىل  تىرنىرلاردىن  بولالىسۇن ، مەسلەن مورىنھۇ  چېلسىدىكى  چاغدا  كۆپۇنچە ماھىرلارنىڭ  ھەممە  نوختىلارنى  تەڭ ئسىدە  تۇتالماسلىقىدىن  ئەنسىرەيتى ، ئۇ  مەشىق ۋاقتىدا  ھەممىنى   ئۇجۇر -بۇجۇرىگىچە  تەڭ  سۇزلەپ باشقىلارنى  زىرىكتۇرۋەتمەيدۇ ، ئۇنداق  قىلغاندا توپچىلارنىڭ پۇتۇن  دىققىتىنى  يىغىپ  ئاڭلىشىغا توغرا  كىلىدۇ ، شۇڭا  ئۇ بەزى  سىن  فىلىملىرىنى  تەييارلاپ ، تاماقخانا ، كىيىم  ئالماشتۇرۇش  ئۆيى ،  چىنىقىش  ئۆيى ، داۋالاش  ئۆيىدە  تەكرار  قۇيۇپ  بىرىدۇ ،  بۇنىڭ  توپچىلارغا  قانداق  ئۇنۇم  بىردىغانلىقى  ئىنىق  ئەمەس ،  ئەمما  دائىم  كۆرۇپ  ئاڭلاپ  بەرسە  ئەلۋەتتە  تەسىر  قىلماي  قالمايدۇ .



بىر  توپچى  مەشىق  ۋاقتىدا  ھىرىپ  كەتسە قانداق  قىلىش  كىرەك ؟  ئەلۋەتتە يىتىپ  ئارام  ئىلىشى ، ئۆيىگە  قايتىپ  ئارام  ئىلىشى  لازىم ، سىۋانىس  كۇلۇبى مەشىق  
مەيدانىغا  بىر  قارسا  ھاجەتخانىغا بىر  قارسا  ئالەم  كىمىسىنىڭ  ئوخلاش  بولۇمچىسىگە  ئوخشاپ  كىتىدىغان  ئۇخلاش قىپى  لاھىيەلەپ  چىققان بولۇپ ،توپچىلار  زىيادە  چارچاپ كەتكەندە  ئۇنىڭ  ئىچىدە  ئارام  ئالغان ، ئۇنىڭ  ئىچىدە  قۇش  كىشلىك  كارۋات  قويۇلغان  بولۇپ ،ئارام  ئىلىش  ناھايىتىمۇ  قولايلىق ،  توپچىلار  بۇنى ئىشلەتكەندىن كىيىن  ئۇلارنىڭ  مەشىقىدە  كەم  بولسا  بولمايدىغان  ئۇسكۇنىگە  ئايلانغان .



تىرنىر  كىلۇپ  دورىتمونىتتىكى  چاغدا  تىكتاكتۇپچىلارنىڭ توپ  تاشلاش ماشىنىسىغا  ئوخشاپ  كىتىدىغان  ئۇسكىنىنى قۇراشتۇرغۇزغان  بولۇپ ،توپچىلارنى  بۇنى  تۆمۇر  قەپەس  پۇتبولى  دەپ  ئاتاشقان ،  ھەر  قايسى  بۆلىگىدە 64  كاتەكچە  بولۇپ ، توپ  ھەر  قايسى  نوختىلاردىن ھەر  خىل  يونۇلىشتە تاشلاپ  بىرلىدىغان  بولۇپ ،توپنى ئالدىدىكى ئۇچۇق  كاتەكچىگە  تىپىپ  كىرگۇزۇش  تەلەپ  قىلىنغان ، بۇنىڭدا  توپچىلارنىڭ  ئىنكاسى  ۋە  توپ  يۇنۇلىشىنى  بەلگۇلەش ئىقتىدارى  زور  دەرىجىدە  ئۆستۇرۇلگەن ، توپنىڭ  سۇرئىتىمۇ  ھەر  خىل  بولۇپ ، بەزىدە  سائەتلىك  سۇرئىتى 120كىلومىتىرغا  يەتكەن .

قۇشۇپ  مەشىق  قىلغان  كۇنلەر

توپچىلار  يازلىق  دەم  ئىلىشتىن  باشقا  يەنە مۇسابىقە  مەشىقتىن  باشقا  تۇۋەندىكىدەك  ئىشلارنى  قىلىدۇ.
بىرىنچى  ؛قوشۇپ  مەشىق قىلىش :  بۇ  توپچىلارنىڭ  ئىختىيارىدا  بولىدۇ ، مۇسابىقىدە ئىپادىسى  ياخشى  بولمىغانلار ،  ئۇزۇندىن  بىرى  توپ  كىرگۇزەلمىگەنلەر ، ئۆزىنىڭ  سەۋىيەسىنى  ئۆستۇرۇشنى  مەخسەت  قىلغانلار ئارام  ئىلىش  كۇنلىرىدە  مەشىق  مەيدانى  ۋە چىنىقىش ئۆيلىرىدە  ئىقتىدارىنى  ئۆستۇرۇش  ئۇچۇن  تەر  ئاققۇزىدۇ .



ئىككىنچى : قىسقا  مۇددەتلىك  دەم  ئىلىشتىن بەھرىمان  بولۇش : ئۇزاق  مەزگىللىك  دەم  ئىلىشتىن  باشقا  قىسقا  موددەتلىك  دەم  ئىلىشمۇ  توپچىلارنىڭ  روھىنى  ئۇرغۇتۇپ ، بەدەن  ئىقتىدارىنى  ئەسلىگە  كەلتۇرۇشكە پايدىسى  بار ،بولتۇر 12.ئايدا  ياۋروپا  مۇسابىقىللىرىدىن  مۇستەسنا  رانىرى  لىچىستىر  توپچىللىرىنى باللار كارتۇن  كەنتىگە  ئىلىپ  بىرىپ  ئۇيۇنغا  تەشكىللىگەن ، ۋاردى بولسا دىنازاۋۇر ئەتىرىتىگە  ئەزا  بولغان .



ئۈچىنچى :  كوماندا  پائالىيىتى :بۇلار  ئاساسەن  پەسىل  بىشىدىكى ھەر  كوماندا  تەشۋىقات  پائالىيتى ،  يىڭى  كىيىم  تەشېىقاتى ، ھەر  خىل  خەيرى  ساخاۋەت  پائالىيەتلىرىنى  كۆرسىتىدۇ ، يەنە  قىرىلار  سانتۇريەسى ، باللار  پاراۋانلىق  ئورنى ، دوختۇرخانا  دىگەندەك  ئۇرۇنلاردا  ئىللىقلىق  يەتكۇزىدۇ ، بۇ  ئارقىلىق  توپچىلاردا  ئىسىل  خىسلەت يىتىلدۇرۇش  بىلەن كوماندا  ئابرۇيىنى  تىكلىگىلى  بولىدۇ .



تۆتىنجى : پەسىللىك  دالا  مەشىقى

ئەمىلىيەتتە پەسىل  بىشىدىكى  مەشىق كوماندا  ئەزالىرىنىڭ  بەدەن  ئىقتىدارىنى ساقلاش ، كوماندا  ئەزالىرىنى  ماسلاشتۇرۇش ،  يىڭى  ئەزالارنى  كوماندىغا  سىڭدۇرۇشنىڭ  ئالتۇن  ۋاختى ،بەزى  كوماندىلار يىڭىچە  ئۇسۇل  بىلەن  كوماندىنى  خوشال  خورام  مەشىق  كەيپىياتىغا  ئىگە  قىلىدۇ .
پوچىتىنۇ  جەنۇبى  ئامپىتۇندىكى  چاغدا  بىر  كۇنى  مەشىققە  ئىسپانىيەدىن  بىر  ئەۋلىيانى باشلاپ  كەلگەن ،  يەنە  بىر  قىتىم  بىر  تال  ئوقيا تىپىپ  كىلىپ ،  بىر  ئۇچىنى  بىر  توپچىغا  يەنە  بىر  ئۇچىنى  توپچىنىڭ  گىلىغا  تاقاپ قۇيۇپ  سۇندۇرۇشنى  تەلەپ  قىلغان ،كىيىن  يىڭى  بىر  تۇرنى  قۇشۇپ  قىززىق  كۆمۇر  ئۇستىدە  توپچىلارنى  ماڭدۇرغان .



ئەمىلىيەتتە  بۇلارنىڭ  ھەممىسى  توپچىلارنىڭ  بىسىمىنى  يەڭىللىتىپ ، روھى  ھالىتىنى ياخشىلاشقا  پايدىلىق .
ئەلۋەتتە  بىر  نەپەر  ئىنگىلاد  توپچىسى  بولۇش  ھەقىقەتەنمۇ  ئاسان ئەمەس ،ھەر  كۇنى  يۇقىرى  سىجىللىقتىكى مەشىقتىن  باشقا  يەنە ھەر  خىل  سودا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ .



ئەمىلىيەتتە مەشىق 9يىرىمدا  باشلىنىدىغان ئىنگىلاد  بىرلەشمىسىدە مورىنھۇ  ۋە  فورگىسىنلار سائەت  يەتتىدە  مەشىق  مەيدانىغا  كىلىپ  بولۇشقا  ئادەتلەنگەن .
مىنىڭچە  سىز  بۇ  تىمىدىن  بىر  ئىنگىلاد  توپچىسىنىڭ قانداق  پائالىيەتلەر  بىلەن  شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى  بىلىشكە  ئەگىشىپ ، مەشىقلەندۇرۇش توغرىسىدا  ئازراق  بىلىمگە  ئىگە  بولدىڭىزغۇ  دەيمەن ،  شۇنداق  بولسا  تىما  يازغان  قوللار بىكار ئاۋارە  بولمىغان  بولاتتى .



پايدىلانغان  مەنبە : http://www.dongqiudi.com

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 9مۇنبەر پۇلى +10400 يىغىش سەۋەبى
بوغدا + 10000
سەركەردە77 + 50 قالتىس!
يۈسۈفىي + 50 قالتىس!
futball❤ + 50 قوللاش!
تۈمەن + 50 قوللاش!
قەشقەرئوغلانى + 50
مادرىد777 + 50 قالتىس!
دەۋران75 + 50 قالتىس!
sangun10 + 50 قالتىس!نادىر تېما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

ئالىي ئەزا

ئۆمۈرلۈك شەرەپئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 320
تېما سانى : 96
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى : 53382 ياۋرۇ
تىللاسى : 91 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1276 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-6-19
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-8-4 00:30:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما  تىلفۇندا  يىزىلغاچقا ھەر  قايسى  بۆلەكلەرنىڭ  ماۋزۇسىنى  رەڭلەش  قاتارلىق  ئىشلار  بىئەپ  بوپ  قالدى ، باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ  قويساڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپچىمپىيونلۇق لوڭقىسىدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12
تېما سانى : 406
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 246434 ياۋرۇ
تىللاسى : 128 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2812 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-5-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-28
ۋاقتى: 2016-8-4 00:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەنمۇ تېمىنى تېلدا تەستىقلىدىم. باشقۇرغۇچىلاردىن بىرەسىڭلار بۆلەك، ئابزاسلارنى ئايرىپ، رەڭلەپ تەڭشەپ قۇيساڭلار.

    ماۋۇ تېمىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپتۇ.نادىر تېمىدەك....قالدىسى ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقاي.

   سىزنى ئالىي ئەزا قىلىپ تەڭشەيمىز.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

ئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىچېلسىي لۈكچىكى

چېلسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15504
تېما سانى : 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7041 ياۋرۇ
تىللاسى : 23 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3389 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-4-7
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2016-8-4 00:53:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بۇ قەھرى دىگەن بالا مۇنبەرنى پۇتبول ھەققىدىكى خىلمۇ خىل بىلىملەرگە تويۇندۇردى. ھەر بىر تېمىسى ناھايىتىمۇ ئەجىرلىك، تىتىمىلىق بولىۋاتىدۇ، ئۇسسۇزلوغۇمىز قىنىۋاتىدۇ. ئاپىرىن بارماقلىڭىز ھاممىغاي .... نادىر تېما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-8-4 00:53:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلا ئېغىز گەپ   بەك قالتىسكەنسىز        سىزنى ئالىي ئەزالىققا كۆرسىتىمەن
ھاياتلىق ئادەمگە بىرلا كىلىدۇ.
ھاياتىڭنى ياخشى قەدىرلىگىن دوستۇم318
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 10331
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415841 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 48 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-2-26
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-3-4
ۋاقتى: 2016-8-4 01:01:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بولۇشقا ئەرزگدەك تىما؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16764
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -35 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 626 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-4-3
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-26
ۋاقتى: 2016-8-4 01:05:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي ئەزا مۇنبەر چوڭاملىرىدىن ئورۇن ئالسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15325
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 290 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1855 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-2-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-24
ۋاقتى: 2016-8-4 01:07:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما  ئىگىسگە كۆپتىن  كۆپ  رەھمەت  قولىڭىزغا   دەرت       تەگمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە

ۋاقتى: 2016-8-4 01:14:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن نادىر تىما بوپتۇ،ھەمدە مۇنبەردىكى بوشلۇق تولدۇرۇلۇپتۇ،قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،مۇشۇنداق تىمىلارنى داۋاملىق يېزىپ تۇرۇشىڭىزنى بىزنى يەنىمۇ كۆپ پۇتبول بىلىملىرى بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئ‍ۈمىت قىلىمەن قېرىندىشىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 7857
تېما سانى : 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 561 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3200 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2009-5-5
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-3-8
ۋاقتى: 2016-8-4 01:18:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ئىنتايىن قالتىس بوپتۇ ،
   
ئاۋۇ جازالاش ئۇسۇلى بوپ قالدىكەن ،3چاقلىق ماشىنىدا كالا ئېشەكنىڭ ئاۋازىنى  ئاڭلاپ مەشىق مەيدانىغا  بىرىپ كىلىش
   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-8-4 01:23:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىسى بىلەن تېما ئىگىسىنىمۇ بىلىلا،ئەلا قىلىۋەتسەك بۇلاركەن ئەسلى
ھاياتلىق ئادەمگە بىرلا كىلىدۇ.
ھاياتىڭنى ياخشى قەدىرلىگىن دوستۇم318
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14769
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18379 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1214 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-9-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2016-8-4 01:41:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى  توللۇق  ئ‍وقۇپ  چىقتىم ،تېما  ئىگىسى قولىڭىزغا  دەرد  بەرمىگەي  ،سالامەتلىكڭزگە  دىققەت قىلىڭ …
ئايفوندا يېزىلغانئايفوندا يېزىلغان
ھەر كىم ئۆز تەقدىرنىڭ تۆمۈرچىسى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-6-30 19:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش