|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-8-2 17:20
مانچىستىر شەھەر ئورگان تورى خەۋىرى : شارىك04 كۇلۇبىنىڭ توپچىسى ، گېرمانىيەلىك ياش توپچى سانىي ئاخىرى مانچىستىر شەھەر كوماندىسىغا يۆتكەلدى . يۆتكۈلۈش سوممىسى 55مىليون ياۋرۇ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 48مىليون مانچىستىر شەھىرى بىۋاستە بېرىدىغان پۇل ، قالغان 7 مىليوننى مۆھلەتكە بۆلۈپ تۆلەيدۇ .
بۇنىڭدىن بۇرۇن شارىك04 كۇلۇبىنىڭ دېرىكتورى ھېيدىر سانىينىڭ يۆتكۈلۈش باھاسىنى 50مىليون ياۋرۇ قىلىپ بېكىتكەن ئىدى . شۇڭا مانچىستىر شەھىرىنىڭ چىقارغان پۇلى ئۇلارنى رازى قىلغان . ئەسلىدە ئەگەر سانىي كۇلۇبتا كىلەر يىلى يازغىچە قېلىپ قالغان بولسا مانچىستىر شەھىرى پەقەت 37مىليون ياۋرۇ تۆلەپلا سانىينى كوماندىغا قوشىۋالالايتتى ، بىراق ئېنىق تۇرۇپتۇكى مانچىستىر شەھىرى ۋاقتىدا سانىيغا ئېرىشىۋېلىش ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمىغان .
سانىي بۇ يىل 20ياش . شارىك04 كوماندىسىنىڭ غوللۇق توپچىسى بولۇپلا قالماي ، دۆلەت كوماندىسىغىمۇ تاللانغان ، ئۇ بۇرۇن كۆپ قېتىم تاراتقۇلاردا گۇئاردىئولانىڭ قولىدا توپ ئويناش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى .
سانىي - گېرمانىيەلىك ، 20ياش . 63كىلو ، 184 سانتېمىتىر ، سولخەي ، ھۇجۇمچىسىمان ئوتتۇرا مەيدان
|
|