|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارچۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-7-31 22:47
شىنجاڭ U17 ياشلىقلار 3 - 0 گىرمانىيە شىمالىي رېيىن
تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقە كۈنىگە قەدەم قويدى . شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيتى شىمالىي رېيىن ۋېيىستU17 سەرخىللەر كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى 3 ئايلانما مۇسابىقىدە 9 نومۇر بىلەن ئاللىقاچان چېمپىيون بولۇپ بولغان ئىدى . شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە زاپاس ئەزالارنى كۆپرەك مەيدانغا چۈشۈردى . مۇسابىقە باشلىنىپ بىر مىنۇت بولغاندا ، شىنجاڭ كوماندىسى ئوڭ يولدىن ھۇجۇم تەشكىللىدى. بۇ چاغدا قارشى تەرەپ ئەزاسى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ، شىنجاڭ كوماندىسىغا نۇقتا توپ قويۇپ بېرىلدى . بۇ توپنى شىنجاڭ كوماندىسىدىن 27 نومۇرلۇق ئەزا ئابدۇل مالىك ئۇرۇپ كىرگۈزدى. شىنجاڭ كوماندىسى ۋاقتىنچە 1-0 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.كېيىن ئىككى كوماندا توختىماي ھۇجۇملارنى قىلىپ تۇردى .ئالدىنقى يېرىم مەيدان نەتىجە ئۆزگەرمەي، 1-0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.
مۇسابىقىنىڭ 78 مىنۇتقا كىرگەندە، قارشى تەرەپ ئەزاسى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە، يەنە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، شىنجاڭ كوماندىسىغا نۇقتا توپ قويۇپ بېرىلدى. بۇ توپنى شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئىرفان تېپىپ كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن نەتىجە 2-0 بولۇپ ئۆزگەردى. مۇسابىقىنى قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت قىسمىغا كىرگەندە ، شىنجاڭ كوماندىسىدىن مۇقەددەس بىر توپنى ئۈسۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 3-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 4 مەيدان تولۇق غەلبە قىلىپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ،جۇڭگو دۆلەتu 17 ياشلىقلار كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە خانلىق ئىسپانىيەلىكلەر U17 كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى .نەتىجىدە دۆلىتىمىز كوماندىسى 3-4نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى چېمپىيون بولدى. ئىسپانىيە خانلىق ئىسپانىيەلىكلەر U17 كوماندىسى ئىككىنجى ،جۇڭگو دۆلەتu 17 ياشلىقلار كوماندىسى ئۈچىنجى بولدى . ھۇررا شىنجاڭ كوماندىسى ، بىز مەڭگۈ سېنى قوللايمىز، بىز سەن بىلەن مەڭگۈ بىللە !!!!!
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|