elan ornielan orni
كۆرۈش: 2067|ئىنكاس: 48

رېئال مادرىد خەۋەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-14 13:32  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !



مادرىدنىڭ مۇداپىئە سېپى ئاجىزلىشىپ كەتتىمۇ ؟




ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 29-ئايلانمىسىدا رېئال مادرىد كوماندىسى بىرلەشمىدىكى يېڭىدىن دەرىجە ۆرلەپ چىققان كوماندا لاس بالماس بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، بۇ مۇسابىقىدە راموسنىڭ ئالدى بىلەن توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتكەن مادرىد كوماندىسى كېيىنكى مەيداندا بىر توپ ئىستىمال قىلىۋالدى ، كېيىن كاسمېرونىڭ بوغۇزلاش خارەكتىرلىق توپى بىلەن مېھمان مەيداندىن ئۈچ نۇمۇرنى ئېلىپ قايتتى ، شۇنىڭ بىلەن مادرىدنىڭ بىرلەشمىدە كەتكۈزگەن توپى 28 گە يەتتى ، بۇ سان ئاتلېتكا مادرىد ( 12 توپ ) ، بارسېلونا ( 22 توپ ) لاردىنلا ئەمەس ئۆزىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ۋېللا رېئال ( 23 توپ ) تىنمۇ كېيىن تۇرىدۇ ، بۇ پەسىلدىكى مۇسابىقىلەردە  ئاخىرىدىكى 24 مەيداندا پەقەت بەش مەيدانلا مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمىگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسپانيولدىن باشقا ھەممىسى ئاجىز كوماندىلار ھېسابلىنىدۇ .


راموس بىلەن پىپى كېيىنكى ئايلانمىغا قاتنىشالمايدۇ




لاس بالماس بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ 90-مىنۇتىدا راموس ئىككىنجى سېرىق كارتىسىنى ئىستىمال قىلىپ ئىككى سېرىقنىڭ بىر قىزىلغا ئايلىنىشى بىلەن مەيداندىن ئايرىلدى ، بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ئايلانمىدا مەيدانغا چۈشەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، مۇسابىقە جەريانىدا پىپىمۇ بىر سېرىق كارتا ئىستىمال قىلغان بولۇپ ئۇنىڭ كارتىسى بەشكە يېتىپ بىر مەيدان بىرلەشمىدىن توختايدۇ ، شۇنداق بولغاندا مادرىدنىڭ مۇداپىئەسى ۋارانى بىلەن ناچوغا قالىدۇ ، مادرىدنىڭ بۇ ئايلانمىدىكى رەقىبى سېۋىللا بولۇپ يېقىنقى مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى تازا ياخشى بولمىسىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان رەقىب ھېسابلىنىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى ئۇچراشمىدا سېۋىللا ئۆزىنىڭ مەيدانىدا 3:2 نەتىجە بىلەن مادرىدنى ئۇتقان بولۇپ ھازىر بىرلەشمىدە 5- ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ ، بۇ زىدانىغا نىسبەتەن دېربىينىڭ ئالدىدىكى بىر سىناق بولۇپ قالغۇسى ...

راموس مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ قىزىل كارتا ئىستىمال قىلغۇچى




لاس بالماس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مادرىد مۇداپىئەچىسى راموس قىزىل كارتىغا ئېرىشكەن بولۇپ گەرچە بۇ كارتا ئۇنىڭ بۇ پەسىل بىرلەشمىدىكى تۇنجى قىزىل كارتىسى بولسىمۇ ئۇنىڭ مادرىد تارىخىدا ئۇمۇمىي ئىستىمال قىلغان قىزىل كارتىسى 20 گە يەتكەن بولۇپ تارىختىكى مادرىد توپچىللىرى ئارىسىدا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ھېرىرو بولۇپ ئۇنىڭ 12 قىزىل كارتا ئالغانلىق تارىخى بار ، 3- ئورۇندىكىسى گۇتى بولۇپ 10 قىزىل كارتا .

مادرىدنىڭ سابىت توپتا نۇمۇر ئېلىشى ياۋروپادا 1- ئورۇندا




ئىككى بۇلۇڭ توپتىن پايدىلىنىپ لاس بالماس ئۈستىدىن غەلبە قىلىشى بىلەن مادرىدنىڭ بۇ پەسىلدە سابىت توپ ( ئىختىيارىي توپ ، بۇلۇڭ توپ ۋە نۇقتا توپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ -ت) ئارقىلىق نۇمۇر ئېلىشى بەش چوڭ بىرلەشمىدە 1- ئورۇنغا ئۆتتى ، ئۇلار بۇ پەسىل ئىچىدە بۇ ئارقىلىق 22 توپ ئۇردى ، بۇ ئورۇننى ئەسلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى توتتىنھام كوماندىسى ساقلاۋاتقان بولۇپ 21 توپ ئۇرغان ، كېيىنكىسى فىرانسىيە موناكو كوماندىسى بولۇپ 18 توپ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-14 07:21:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارانى  بىلەن ناچوغا  قالدۇ  دەڭ  ،  سىز  راموس دەپ يېزىپ  قويۇپسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 07:23:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن  كېيىنكى  ئايلانما  تازا قىزىغۇدەك  جۇمۇ ،  سەرۋېليە ئۇزغۇنلۇق ئوينايمەن دېسە ، چوقۇم  مادېرىتنى  ئۇتۇشى كېرەككەن  ،  ۋېللا رېئالمۇ  بارسېلوناغا جېنىنى  تىكىپ قويغىدەك  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 07:47:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راموس زادى قان نىمە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 07:51:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 08:26:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 08:48:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما مادرىتنىڭ ئوتتۇر مەېدانچىلىرى بەك ناچارلىشىپ كىتىپتۇ ھۇجۇمغا پەقەت پۇرسەت ياراتمىدى . بېلغا تۇزۇك پامۇ كەلمىدى رونالدوغىمۇ بىر قاېتۇرما ھۇجۇمدىن باشقا پۇرسەت يوق ، مادرىت ئۇتتۇر مەيداننى ئىسلاھ قىلىش كېرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 08:51:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسساپ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-14 08:26
مادىرىد   كىيىنكى  ئايلانما سېۋىللا    بىلەن   ئوينىسا      ...

ھازىر  مېنىڭ  قىزىقىدىغىنىممۇ  شۇ ،  سەرۋېليە  ئۇزغۇنلۇق  ئوينايمەن  دېسە ، مادېرىتنى  ئۇتمىسا  بولمايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 08:54:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلپ 3 نۇمۇرنى قولغا ئالدى ... ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 08:55:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادېرىتنىڭ  ئوتتۇرا  مەيدان  سەپ  شەكلى  ئەمەليەتتە  بەك  ھەيۋەتلىك ،  بارسېلونانىڭ  ئوتتۇرا  مەيدانىمۇ  تەڭ  كېلەلمەي قالغان بىر  ۋاقىتتا  .  مۇھىم  مەسلە تېرىنىركەن  ، مادېرىتقا  تاكتىغا قاراپ  بازاردىن  ئادەم  ئالدىغان  تېرنىر  ئەمەس ، رەئىس كىمنى  ئەكىلىپ  بەرسە  شۇنىڭغا  بېقىپ  تاكتىكا  تۈزىدىغان  تېرنىر  چۈشىدىكەن  .  ئەەنچېلوتى  بېلەن  ماسلىشىدىكەنتۇق  ئەسلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 09:05:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 09:07:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاۋى6 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-14 08:55
مادېرىتنىڭ  ئوتتۇرا  مەيدان  سەپ  شەكلى  ئەمەليەتتە  بەك ...

ما ئىنكاسنىڭ جېنى بار............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-11 03:30

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش