ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3589 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابلەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-9 14:16
ئۇ شۇنداق بىر تەنھەرىكەتچى، ئېرىشكەن شەرەپلىرى كۆپ، ئۇرغان توپلىرى تېخىمۇ كۆپ، توپ مەستانىلىرىنىڭ سانىنىڭمۇ ھەددى – ھېسابى يوق.
ئەڭ مۇھىمى، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ نادىر تىرېنېرلارنىڭ يېتەكلىشىگە، پەرۋىش قىلىشىغا، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنى فورگېسىن پەرۋىش قىلغان. مۇشۇ تەرىپىلا نۇرغۇن پۇتبولچىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشىگە لايىق.
ئۇ پۇتبولچى دەل ــ كىرىستىيانو رونالدو.
ئۇنىڭ كۇلۇبتىكى ئۇستازلىرى:
ئۈچ پېشىۋا: فورگېسىن، مۇرىنىئو، ئەنچېلوتى
رونالدونىڭ لىسسابوندىكى چاقنىشى دۇنياۋىي تىرېنېر، پۇتبول دۇنياسىدىكى ھۆرمەتلىك شەخس فورگېسىننىڭ دىققىتىنى تارتقان.
فورگېسىن: فورگېسىن 2003 – يىلى يازدىكى لىسسابون بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە رونالدونى بايقاپ، 12 مىليون 240 مىڭ فوندستېرلىڭلىق باھادا ئۇنى مانچېستىرغا يۆتكەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا 7 – نومۇرنى ئاتا قىلغان. كېيىنكى ۋەقەلىكلەر ھەممىمىزگە ئايدىڭ، فورگېسىننىڭ رونالدونى يېتىشتۈرگەنلىكى، رونالدوغا ھەر قايسى تەرەپتىن ئاتىسىدەك كۆيۈنگەنلىكى رونالدونىڭ بەختى. رونالدونىڭ مەڭگۈلۈك ئۇستازى دەل فورگېسىندۇر.
پېلەيگىرىنى: مانچېستېر بىرلەشمىسىدە 6 يىل توپ تېپىپ، گىگانت چولپانغا ئايلانغان رونالدو 2009 – يىلى مادرىدقا قېتىلدى. مادرىدتا ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى ئېنژىنېر پىلەيگىرىنى ئىدى. پىلەيگىرىنى گەرچە فورگېسىندەك داڭلىق بولمىسىمۇ، مادرىدتا پەقەت بىر يىللا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرغىچە بولغان جەرياندا مادرىد، ۋىللىيالىئىر، مالاككا ۋە مانچېستىر شەھىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان تارىخى ۋە بەزى ئۇتۇقلىرىدىن ئۇنىمۇ دۇنياۋىي دەرىجىلىك تىرېنېر ساناش مۇمكىن.
مۇرىنىئو: كىرىستىيانو رونالدونىڭ ۋەتەندىشى ۋە رونالدونىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇرىنىئونىڭ رونالدونى يېتەكلىگەنلىكىنى ھەر ئىككىيلەننىڭ بەختى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىككىيلەن گەرچە تاكتىكا سەۋەبلىك بەزى زىددىيەتلەردىن خالىي بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇرىنىئونىڭ رونالدوغا بەرگەن ياردىمى، كۆيىنىشى ۋە قوغدىشىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر پۇرتۇگالىيەنىڭ بۇ ئىككى پەخرى دۆلەت كوماندىسىدىمۇ ھەمكارلىشالىغان بولسا، ئۇ چاغدا قالتىس ئىش بولاتتى.
ئەنچېلوتى: رونالدو مۇرىنىئو كەتكەندىن كېيىن ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان ۋە مىجەزى كېلىشىدىغان يەنە بىر تىرېنېرغا ئېرىشتى. مۇرىنىئونىڭ ۋە ئەنچېلوتىنىڭ كۈچ ئۇلىشى نەتىجىسىدە رونالدو 2013 – يىللىق ۋە 2014 – يىللىق ئالتۇنتوپنى قولغا كەلتۈردى. ھاياتىدىكى ئىككىنچى ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى. ئەنچېلوتى كەتكەندىن كېيىن ئۇ ھەر خىل شەكىللەر بىلەن بۇ تەمكىن تىرېنېرىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.
بېنىتىز: بېنىتىز گەرچە نام – ئاتاق جەھەتتە فورگېسىندىن تۆۋەنرەك بولسىمۇ، ئەمما مۇرىنىئو ۋە ئەنچېلوتىغا تەڭداش كېلىدۇ، ئۇنىڭ ۋالۇنسىيە، لىۋېرپولدىكى ئۇتۇقى، چېلسى، ئېنتىر ۋە ناپلېستىكى سەرگۈزەشتىسى ئۇنىڭمۇ ماھىيەتتە دۇنياۋىي تىرېنېرلاردىن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ رونالدو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ھەقىقىي باھا بېرىشكە ھازىر تېخى بالدۇر.
رونالدونىڭ دۆلەت كوماندىلىرىدىكى تىرېنېرلىرى:
رونالدونىڭ دۆلەت كوماندىسىكى تېرىنىرلىرى ئۇنىڭ كۇلۇبتىكى تېرىنىېرلىرىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. ئەمما، بىرىنچىدىن، دۆلەت كوماندىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلاردىن ئاجايىپ مەشھۇرلارنىڭ كۇلۇب تىرېنېرلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئازلىقى ھەقىقىي سەۋەب، ئىككىنچى، مېسسى، ئىبراھىموۋىچ، بېل، شېۋىچىنكو قاتارلىق نۇرغۇن ماھىرلارنىڭمۇ دۆلەت كوماندىسىدا تىرېنېرلاردىن ئانچە تەلىيىنىڭ يوقلىقىنى ئويلاشقاندا رونالدونى ھەر ھالدا بەختلىك ساناشقا بولىدۇ.
سىكولارى: رونالدونىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى ئۇستازى سىكولارىدۇر، خۇددى كاكاغا ئوخشاشلا... بىرازىلىيەنى 2002 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيون قىلغان سىكولارى پورتۇگالىيەنى يېتەكلەپ 2004 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا ئىككىنچى، 2006 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا تۆتىنچى قىلغان. ئۇنىڭ چېلسى قاتارلىق كوماندىلارنى يېتەكلىگەن تارىخى، خېڭدادىكى ئۇتۇقى ۋە دۆلەت كوماندىلرىدىكى نەتىجىسىدىن ئۇنى دۇنياۋىي داڭلىق تىرېنېر دېيىشكە بولىدۇ.
كۇيروس: كۇيروس مانچېستىر بىرلەشمىسىدە ياردەمچى تىرېنېر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان، 2003/2004 – يىلى رېئال مادرىدنى يېتەكلىگەن، كېيىن مانچېستىر بىرلەشمىسىدە يەنىلا ياردەمچى تىرېنېر بولغان. پورتۇگالىيەنى تازا ياخشى يېتەكلىيەلمىگەن. 2011 – يىلىدىن باشلاپ، ئىران دۆلەت كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلغان.
پاۋلو بېنتو: بېنتو لىسسابون رىقابەتنى يېتەكلەپ دۆلەت ئىچىدە قوش چېمپىيون قىلغان. لېكىن ئۇنى داڭلىق تىرېنېرلاردىن ساناشقا تېخى بالدۇر. پورتۇگالىيەنى مەيلى 2012 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ياكى 2014 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا تازا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرەلمىگەن.
سانتوس:2014 – يىلى 9 – ئايدا پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ قامچىسىنى سانتوس قولىغا ئالدى. ئۇ ئىلگىرى پورتۇگالىيە دۆلەت ئىچىدىكى پورتۇ، لىسسابون ۋە بېنفىكادىن ئىبارەت ئۈچ كۇلۇبنىڭ ھەممىنى يېتەكلەپ باققان. 2012 – يىلى گېرىتسىيەنى يېتەكلەپ 8 كۈچلۈككە ئەكىرگەن. ئەمما دۇنياۋىي مەشھۇرلۇقتىن يەنىلا يىراق.
نامزاتلار:
روبېن:
كۇلۇبتىكى يېتەكچىلىرى: مۇرىنىئو، شۇستېر، ۋانجال، ھاينىكىس ۋە گۇئادىئولا.
دۆلەت كوماندىسىدىكى يېتەكچىلىرى: ۋان باستېن، ۋان مارۋېك، ۋانجال. بەختلىك پۇتبولچىغا چەكسىز يېقىنلاشقان.(ئەڭ بەختلىك دېيىشكىمۇ بولىدۇ)
رونالدو:
كۇلۇبتىكى يېتەكچىلىرى: روبسون، لىپى، روسېنبېرىگ، كاپېلو، ئەنچېلوتى.
دۆلەت كوماندىسىكى تىرېنېرلىرى: پېرىرا، زاگاللو، سىكولارى.
مالدىنى
كۇلۇبتىكى يېتەكچىلىرى: ساجى، كاپېلو، زاچېلونى، فاتىخ تېرىم، ئەنچېلوتى.
دۆلەت كوماندىسىدىكى يېتەكچىلىرى: ساجى، سېسار مالدىنى، تىراپاتونى.بەختلىك پۇتبولچىغا ئويلىشىشقا بولىدۇ.
ئىبراھىموۋىچ
كۇلۇبتىكى يېتەكچىلىرى: كاپېلو، مەنچىنى، مۇرىنىئو، گۇئادىئولا، ئالەيگىرى، ئەنچېلوتى، بىرانكا.
دۆلەت كوماندىسىدىكى يېتەكچىلىرى: لامبېرىگ، ھاملۇن. دېمەك، دۆلەت كوماندىسىدا تەلىيى چىقمىغان.
بېكخام
كۇلۇبتىكى يېتەكچىلىرى: فورگېسېن، روسېنبېرىگ، كاپېلو، ئەنچېلوتى.
دۆلەت كوماندىسىكى يېتەكچىلىرى: ئېرىكسون، مايك رالۇن، كاپېلو.
ۋان پېرىس
كۇلۇبتىكى يېتەكچىلىرى: ۋېنگېر، فورگېسېن.
دۆلەت كوماندىسىدىكى يېتەكچىلىرى: ۋان باستېن، ۋان مارۋېك، ۋانجال.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|