نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 992|ئىنكاس: 49
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ۋىنگىر -مورىنئۇ ئاداۋىتى قاچان باشلانغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   exaniq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 21:11  


بىز دائىم مورىنئۇ بىلەن ۋىنگىرنىڭ تۇكۇرۇك ئۇرشى قىلغىنىنى ئاڭلاپ تۇرمىز ،ئۇلار ھەتتا مەيداندا ياقا سىقىشىپمۇ بولدى،ئويۇشما لوڭقىسىدا ئارسىنال چېلسىنى ئۇتقاندىن كىيىن مورىنئۇ ۋىنگىرغا قولىنى تەڭلىدى،بىراق ۋىنگىر كۇرۇشۇشنى رەت قىلدى،بۇ ۋىنگىرنىڭ 14 مەيدان مورىنئۇ بىلەن تۇتۇشقاندىن كىيىنكى تۇنجى غەلبىسى ئىدى،بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى جەڭگە نىسبەتەن مورىنئۇ غەلبە قىلغۇچى بولۇپ ھىساپلىناتتى،بۇلارنىڭ تۇكۇرۇك ئۇرىشى قىلىشىغا زادى نىمە سەۋەپچى؟ نىمىشقا ئاداۋىتى تۇگۇمەيدۇ؟
تۇۋەندىكى مىساللاردىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنى كۆرۋالالايمىز .
1- ماراقچى ئاتالغۇسىنىڭ كىلىپ چىقىشى

2005-يىلى مورىنئۇ چېلسىغا كىلىپ ،كۇماندىغا چوڭ قان تولۇقلاش ئىلىپ بارماقچى بولدى،ئابراموۋىچنىڭ پۇل چىقىرىشى بىلەن چېلسىنىڭ ئىنگىلاد زەردارلىرىدىن توپچى تالىشىش كۇرىشى باشلاندى،چېلسى يۇقىرى باھادا توپچى قوشۇۋىلىشنى باشلىدى،ھەتتا جىرادنىمۇ قوشۇۋىلىشقا ئۇرۇندى، شۇ يىلى تۇنجى ئۇچرىشىشتا ئارسىنال تىرنىرى ۋىنگىر چېلسىنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىتلەپ،بۇ ھەددىدىن ئاشقان ئىسراپخورلىق دىدى،ھەمدە شۇ يىلى تۇنجى ئۇچرىشىشتا مورىنئۇنىڭ تاكتىكىسىنى تەنقىت قىلىپ،چىكىدىن ئاشقان موداپىيە توپچىلارنى كاردىن چىقىرىدۇ ،ھەم خەتەرلىك دىدى،مورىنئۇمۇ ئۆزىنىڭ مۇداپىيە بىرلەشكەن قايتۇرما ھوجۇم ئۇسلۇبىدا كوماندا باشقۇردى، ئۇزاق ئۆتمەي ۋىنگىر مورىنئۇنىڭ شىددەتلىك ھوجۇمىغا ئۇچرىدى،ئۇ ۋىنگىرغا ماراقچى دىگەن لەقەمنى سوۋغا قىلدى.
مورىنئۇ مۇنداق دىدى:مىنىڭچە ئۇ بىر ماراش خۇمارى بار ئادەم ،ئۇ باشقىلارنى ماراشنى ياخشى كۆرىدۇ،توختىماستىن چېلسىنى ماراپ تۇرىدۇ،بۇنداق ئادىتى بار ئادەم ئۆيىگە قايىتقاندىن كىيىنمۇ چوڭ بىر دۇربۇننى ئىلىپ ،باشقىلارنىڭ ئۆيىدە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ماراپ يۇرىدۇ.
كىيىن پىراففىسورمۇ مورىنئۇغا قايتۇرما ھوجۇم قىلدى ئۇ :مىنىڭچە بۇ بىر ھەقىقەتنى ئاستۇن -ئۇستۇن قىلغانلىق،نادان ئادەمنىڭ غەلبىسى ئۇنى تىخىمۇ نادان قىلىۋىتىدۇ  دىدى.
ئۇزاق ئۆتمەي مورىنئۇمۇ بوش كەلمەي،ئاخبارات ۋاستىللىرى ئارقىلىق ۋىنگىرغا يەنە بىر قىتىم ئىغىز ئۇرىشى قوزغىدى،ئۇ : بىز ئۆتكەن بىر يىلدا ۋىنگىرنىڭ سۆزلىگەن مەشھۇر سۆزلىرىدىن بىر پارچە ئارخىپ تەييارلاپ قويدۇق،بۇ ئارخىپ بەش بەتلىك ئارخىپ بولماستىن ،بەلكى 120 بەتتىن ئارتۇق دىدى.( ۋىنگىر بىز توغرىلىق جىق گەپ قىلىپ كەتتى دىگەن بولسا كىرەك)

2-ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدىكى قىرغىنچىلىق
2-ئايدا چېلسى ئارسىنالدىن 1نۇمۇر ئىشىپ ئۇستۇنلىككە ئۆتتى،ۋىنگىر شۇ چاغدا مورىنئۇنى ‹‹مەغلۇبىيەتتىن قورقىدۇ ›› دىدى،شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەننىڭ ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمى ئاخىرلىشىپ ،تۇكۇرۇك ئۇرىشى يەنە پارتىلىدى.
مورىنئۇ : توغرا مەن ھەقىقەتەن مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىمەن،چۇنكى مەن ئۇنداق جىق مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان،8 يىل لوڭقىسىز قىلىش ھەقىقەتەن بىر مەغلۇبىيەت،ۋىنگىر بولسا بىر مەغلۇبىيەتچى دىدى،ئۇزاق ئۆتمەي ۋىنگىرنىڭ 1000-مەيدان مۇسابىقىسى يىتىپ كەلدى قىرىشقاندەك رەقىبى دەل چېلسى ئىدى،شۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە ئارسىنال چېلسىغا 6-0 ئۇتتۇرۇپ قويدى،مورىنئۇمۇ غەلبىلىك ھالدا ۋىنگىرنىڭ مىڭىنچى مەيدان مۇسابىقىسىنى قانغا بويىدى.
ئىچىنىشلىق يىرى شۇكى ۋىنگىرنىڭ 500-مەيدان مۇسابىقىسىمۇ دەل چېلسى بىلەن بولغان ئىدى،ھەر ئىككى قىتىملىق خاتىرە مۇسابىقىسىدە ۋىنگىر مورىنئۇ غا تەسلىم بولدى،ۋىنگىر ساناقسىز تىرنىرلارنى مەغلۇپ قىلغان ،لىكىن مورىنئۇ نىڭ قارا سايىسى ئۇنى دائىم ئەگىپلا يۇرگەن ئىدى.

3-فابىرگاس ۋەقەسى
2014-يىلى فابىرىگاس 30مىلىيۇنلىق باھا بىلەن چېلسىغا قوشۇلدى،بۇ مورىنئۇغا نىسبەتەن يىڭى ئۇرۇش سىپى ئىچىپ بەردى.
فابىرىگاس خەلىپە مەيدانىدا قايتا مەيدانغا چىققاندا مورىنئۇ فابىرىگاسنىڭ قۇشۇلىشى مەسىلە ئەمەس،چۇنكى ئىسپانىيەلىكنىڭ راسلا چېلسىغا قوشۇلغىسى بار دىدى،بىراق ۋىنگىر فابىرىگاسنىڭ چېلسىغا قوشۇلغىسى بار ؟ بۇ ئىشەنچىلىك ئەمەس دىدى.ھەمدە ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدە چېلسى چىمپىيۇنلىقتىكى قىززىق نوختا ئەمەس دىدى.ئەپسۇسلىنالىق يىرى چېلسى 3 ئايلانما بۇرۇن چىمپىيۇن بولۇپ ۋىنگىرغا جاۋاپ بەردى.
4- تىلى شىكەر ،دىلى زەھەر
موخبىرلار ۋىنگىرنىڭ 1000-مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ئەھمىيتىگە قارتا مورىنئۇدىن سوئال سورغاندا مورىنئۇنىڭ جاۋابى كىشىنى تىخىمۇ قايموقتۇرۋەتتى،ئۇ : مەن ۋىنگىرغا ناھايتىمۇ ھەۋەس قىلمەن،ئارسىنالغىمۇ بەكلا قايىلمەن،كىممۇ بىر كۇلۇپتا 1000-مەيدان مۇسابىقىنى كۇتۇۋالاليدۇ،ئارسىنال باشتىن ئاخىرى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كەلدى،پۇتۇن كۈچ بىلەن قوللاپ كەلدى،بولۇپمۇ ئۇزۇن مەزگىل كوماندا قىيىنچىلىقتا تۇرغان چاغدىمۇ ئوخشاشلا قوللدى،بىراق ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق ۋاختى بەكلا ئۇزاق بوپ كەتتى،شۇڭلاشقا مەن ۋىنگىرغا بەكمۇ ھەۋەس قىلىمەن،ئارسىنال كۇلۇبىمۇ مەن قايىل بولغان كۇلۇپ ،دىدى.
5-رەقىپلەرنىڭ يولى تار
ئەمىلىيەتتە ۋىنگىر بىلەن مورىنئۇنىڭ ئىشىدا چېلسىنىڭ ئالاقىسى يوق،2007-يىلى مورىنئۇ ئىشتىن ھەيدەلدى،ئۇ ئۆيىدە بىكار تۇرۇپمۇ ۋىنگىرغا زەربە بىرىشنى ئونتۇپ قالمىدى،ئۇ : ئەنگىلىيەلىكلەر سىتاتىستىكا قىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۇرىدۇ،بىراق ئۇلار بىلمەمدۇ ؟ۋىنگىرنىڭ  %50 يىڭىش نىسبىتى بارمۇ ؟ دىدى.
نەچچەيىلدىن كىيىن مورىنئۇ مادىرىدقا تىرنىر بولدى ،ئاجاكىس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مورىنئۇ ئالىنسۇ ۋە رامۇسقا قارتا كارتا يۇيۇشقا بۇيرۇلدى دەپ قارالدى،ئۇلارمۇ ئۇستىلىق بىلەن سىرىق كارتا ئىلىپ ۋەزىپىنى تاماملىدى،بۇ ۋىنگىرغا بىر قىىتىملىق ياخشى پۇرسەت بولدى،ئۇ مورىنئۇ پۇتبولغا نىسبەتەن ناچار ئۆلگىدىن بىرنى تىكلىدى،بىز مەڭگۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمايمىز،چۇنكى بۇنداق ئىش كىشىنى نەپرەتلەندۇرىدۇ دىدى.

6-قول ئىلىشىشنى رەت قىلىش،تۇنجى غەلبە
ئاخىرى ۋىنگىرغا پۇرسەت كەلدى،  2015-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۇنى رايۇن قالقىنى مۇسابىقىسىدە ئارسىنال چېلسىنى 1-0 نەتىجە بىلەن يەڭدى، ۋىنگىرمۇ مورىنئۇ ئۇستىدىن غەلبە قىلىشنىڭ تەمىنى تىتىدى،مۇسابىقىدىن بۇرۇن مورىنئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋىنگىرغا قول تەڭلىگەن بولسىمۇ ۋىنگىر كۆرمەسكە سىلىپلا ئۆتۇپ كەتتى،ھىلىمۇ موسابىقىدە ۋىنگىر يەڭدى ،ئەكسىچە بولغاندا ئىدى،مورىنئۇ ۋىنگىرغا بىر مۇنچە چىرايلىق سۆزلەرنى ھەدىيە قىلار ئىدى.
مەنبە : تور دۇنياسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 19:42 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلارنىڭ بولىشىمۇ ئ‍ىنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ قىززىشىدىى يەنە بىر يارقىن نۇقتا
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 19:50 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تىمىدا دېگەندەك بولسا بۇ ئىككىسىنىڭ جېڭىنىڭ سەۋەبچىسى پىراففىسوركەنغۇ.   ئەسلى مورىنيومۇ پىراففىسوردىن كىچىك بولغاندىكىن يول قويسىمۇ بۇلىدىغان نېمە ئەسلى. يا ۋېنگىرمۇ كىچىك بىلەن تەڭ بولماي دېمەپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 19:52 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
يۇرتۇم7 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 19:42
بۇلارنىڭ بولىشىمۇ ئ‍ىنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ قىززىشىدىى ...

ئۈچ مىنۇتتا تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ يەنە ئىنكاسمۇ يېزىپ بولغان گەپما،  سۈرئەت ۋالكوتتەكلىكەنغۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 19:54 | ئايرىم كۆرۈش
كۆپرەك ”گۇناھ" ۋىنگىردىن ئۆتۈپ كەتكەنمۇ نېمە؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 19:54 | ئايرىم كۆرۈش
ۋىنگىر ئارسىنالنى  ئىتتپاق ئويناتسا چىمپىيۇن بولالايدۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 19:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئاداۋەت دىگىدەك ئىشمو يوقكەن بولمىسا ، مورنئوغا نىسپەتەن غەلبىلام ئەڭ گۈزەلكەن ، ۋېنگىرغا نىسپەتەن جەريان گۈزەلكەن ، بۇ ئىككىسنىڭ قارشىنىڭ ئوخشىماسلىقى چىقارغان ئىشلاركەن . ۋېنگىردەك ئىرىشكەن چىمپىيۇنلۇقىنىڭ تاينى يوق تۇرۇپ ئارسىنالدەك كۇلۇپتا پۇت دەسسەپ تۇرۇشمۇ قالتىس ئىش ، مورنىئوغا ئىرىشكەن شان -شەرەپلىرى ھەمرا بولسا ، ۋېنگىرنىڭ سادىق مەستاننلىرى ھەمرا بولۇپتۇ ،  تىما ئىگىسىگە رەھمەت..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 19:59 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
:مىنىڭچە ئۇ بىر ماراش خۇمارى بار ئادەم ،ئۇ باشقىلارنى ماراشنى ياخشى كۆرىدۇ،توختىماستىن چېلسىنى ماراپ تۇرىدۇ،بۇنداق ئادىتى بار ئادەم ئۆيىگە قايىتقاندىن كىيىنمۇ چوڭ بىر دۇربۇننى ئىلىپ ،باشقىلارنىڭ ئۆيىدە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ماراپ يۇرىدۇ. ھاھاھا سەت كۈلۈپتىمەن ماۋۇ گەپكە ، ۋېنگىرنى قېرىتىۋاتقان ئادەم ئەسلى مورىنھوكەنغۇ سېسىق گەپ قىلىپ …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 20:03 | ئايرىم كۆرۈش
ماكانىم يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 19:52
ئۈچ مىنۇتتا تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ يەنە ئىنكاسمۇ يېزىپ بو ...

ئ‍ىككىسىنىڭ تىمىسى ئ‍ىكەنلىكىنى بىلىپ ئىنكاس يېزىپ بولۇپ ئ‍وقۇغانتىم
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 20:14 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ۋەقەنىڭ تارىخى مۇنداق ، دەپلا ئ‍الدىنقى ئ‍ەسىردىن باشلاپ چۈپكەتسە دەپ ئ‍ويلىسام ، ئ‍وغلۇم ئ‍ۆرى تۇرۇپ سىيەلەيدىغان بولغاندىن بىرى باشلانغان ئ‍ىختىلاپكەنغۇ بۇ …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 20:18 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
قادىخان يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 20:14
بۇ ۋەقەنىڭ تارىخى مۇنداق ، دەپلا ئ‍الدىنقى ئ‍ەسىردىن ب ...

ھوي قېنى ماۋۇ جاللاتلار!!! ماۋۇ بىئەدەپنى بىسى يوق جادۇغا بېسىڭلار!!! ھېھ ھېھ ھېھ ھې
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 20:27 | ئايرىم كۆرۈش
مۇرىنھونىڭ بارسېلوناغا ئېچىنشلىق ئۇتتۇرغان ۋاقتىدا بىلانوۋانىڭ كۆزىگە قولىنى تىققىنىنى ئويلىساملا بەك نەپرەتلىنىپ كېتىمەن بۇ قېرىغا چىدىماس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش