ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1092 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miradil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-26 21:16
http://www.zhibo8.cc/zuqiu/2015/1125-boertu-jijin.htm
كاشىلياسنى سىغىندىم.
تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ پورتۇ بىلەن دىنامونىڭ مۇسابىقىسىنىڭ سىنئالغۇسىنى ئەمدى كۆرىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز كاشىلياسنىڭ توپقا ئۆزىنى ئاتقان بىر كۆرنىشى مىنى قىززىقتۇردى، مەن خۇددى مادىرىتنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرىۋاتقاندەك ھىسياتتا كۆردۈم ، بىر ۋاقىتتا قارىسام بۇ يىتىم ئەسلىدە پورتۇدا ئىكەن ، كاللامنى بىر سىلكىۋىتىپ ئەسلىمگە كەلدىم دە ، دەرھال تىما يىزىشقا كىرىشتىم ، ھازىر گەرچە كاشىلياس بولمىغان بىلەن كاشىلىيا بار ، ئىسمى ئوخشىشىپ كىتىدۇ، مانا بۇمۇ بىر ئۇدۇل كەلگەن تاساددىبىيلىق، ماتىماتىكىدا ئۆتىدىغان تاساددىبىيلىق ، دەپ ماندا كەلمىكى بەك تەس تاساددىبىيلىقنىڭ.
كەمىنە بۇ كاشىنى تونىغىنى ئاران 2يىل بوپتۇ ، ئۇندىن ئىلگىرى بالىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ، مەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى يىزىدا ئوقۇپ ، تولۇقنى شەھەردە يەنى 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىلىم تەھسىل قىلغانمەن، بۇ جەرياندا كەمىنىنىڭ خەنچە سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولىشىدىنمۇ، ۋە بالىلارنىڭ گىپىنى ئۇقالمىدىممۇ ، دائىم بالىلار مادىرىتنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالى ھەققىدە پاراڭلىشاتتى، بالىلار كاشى ئانداق، كاشى مۇنداق، كاشى بىلىقتەك، كاشى بىلقئالغۇچتەك چاققان، دىسە مەن تىخى بۇ بىرە ماشىنا ئوخشايدۇ دىگەن خىيالغىمۇ كىلىپ قالغان، بىزنىڭ يىزىدا كاشى دەيدىغان بىر كوزۇپلۇق ماشىنا بولىدىغان، 90نەچچىنجى يىللىرى يىزىدىن شەھەرگە كىراقىلىدىغان ، بىرئادەمنى 5موچەندىن كىرا قىلاتتى، 20-30ئادەم چىقىپ خۇددى چارلاشقا ماڭغان ئەسكەردەك ئوتۇراتتۇق، كاشى دىگەن ھامان شۇ ماشىنا يادىمغا كىلەتتى، ئەسلىدە ئۇ كاشىلياس ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن بۇ سىنئالغۇنى كۆرۈپ كاشىلياسنىڭ ۋاقىتسىز مادىرىتتىن ئايرىلغان ۋاقتى، مىنىڭ شۇ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ماشىنىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەن چاغلىرىم، كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى.
ئىشلىرىڭنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن ماشىنا. |
|