نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 1148|ئىنكاس: 36
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كاسمىرونىڭ رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


بۈگۈن ئەتتىگەن ئوينالغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە كاسمىرو يەنە ئاساسلىق ئورنىغا  قايتىپ كەلدى، ئەمىليەتكە قارايدىغان بولساق كاسىمىرو مادرىدقا ئىنتايىن مۇھىم ئەزانىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز، كاسمىرو مۇداپىئەچىلەرگە ياردەملىشىپ مۇداپىئەدىكى تەڭپۇڭلۇقى ساقلاش بىلەن بىرگە يەنە مەيدان تەشكىللەش پاس تاشلاش جەھەتلەردە ئىپادىسى قالتىس بولدى.

مۇسابىقىگە قارايدىغان بولساق كارۋاخال بۇرۇنلا سېرىق كارتا ئىستىمال قىلغان، دانىلو سول تەرەپكە تازا ماسلىشالمايۋاتقان ۋاقىتتا كاسمىرو ئىككى تەرەپكە تەڭ ياردەم قىلىپ مۇداپىئەنىڭ تەكشى بولىشىغا ياردەم قىلغان، ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كاسمىرو مەيدانغا چۈشمىگەن بولسا نەتىجە بەلكىم 4-3 بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى، كانچىلارنىڭ ئالدى مەيداندىكى بىرازىلىيەلىك توپچىلىرىنىڭ تېخنىكى قالتىس بولۇپ، شۇنداقلا ئۇلار كەينىدىكىلەر بىلەن ئوبدانلا ماسلىشاتتى. تۆۋەندىكى رەسىمگە قارايىدىغان بولساق كانچىلار ئۇدا پاسلىشى ئارقىلىق بىردەمدىلا مادرىدنىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئالدىغا كېلىپ بولغان. لېكىن كاسمىرو ئورۇن تۇلۇقلاپ ئۇلارنى توسۇپ قالغان.
رەسىمگە قارىساق بىر گە بىر ئەھۋال ئاستىدا مۇۋاپىقىيەتلىك توسىۋالغان.

كاسمىرونىڭ پەقەت مۇداپىئەدىلا رولى بولۇپ قالماستىن ھۇجۇم جەھەتتىكى رولىمۇ ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ پاس تاشلاپ مەيدان رەتلىشى كىروسقا يەتمىسىمۇ لېكىن ئۇ ئالۇنسودەك بىر ئۇزۇن پاس بىلەنلا بىر توپنىڭ كىرىشىگە سەۋەپچى بولغان.

نۆۋەتتە كاسمىرونىڭ رولى شۇنچە چوڭ بولىۋاتقاندا بېنتىز ئۇنى داۋاملىق ئىشلىتەمدۇ ياكى يەنە زاپاس قىلامدۇ؟

كارۋاخال بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاسالىق بولۇپ مەيدانغا چۈشتى،ھەمدە بىقر توپ ئۇردى ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى دانىلو ئۇنىڭ ئالدىدا تېخى رىقابەتچى ئەمەس ئىدى، سېرىق كارتىنى بۇرۇن يەۋېلىش ئۇنىڭ مۇداپىئە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بىر ئامىل بولدى. ئۇ نوقتا توپقا كەلسەك ئۆزىدە بىر سېرىق كارتا بولغاچقا چوڭراق ھەركەت قىلالماي نوقتا توپقا سەۋەپچى بولدى، كاسىمىرو بەزى ئورۇننى تولۇقلاپ كەتكەن بىلەن پۈتۈن مەيداننى تولۇقلاپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا بېنتىز مۇداپىئەدىكى مەسلىلەرنى تىز ھەل قىلىشى كىرەك.  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
buyuk + 50 ھەركىتىڭىزنى داۋاملا.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:03 | ئايرىم كۆرۈش
نۇقتا توپ كاسمىرونىڭ سەۋەنلىكى ، لېكىن ھېچقىسى يوق، ئۇزغۇنلۇق تەجىربىسى كەمچىل بولغان كاسمىروغا بۇ بىر دساۋاق بولغۇسى . 2-توپتا دانىلونىڭ سەۋەنلىكى بەك چوڭ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:05 | ئايرىم كۆرۈش
كاسمىرونىڭ رولى خېلى چوڭ. لېكىن نوقتا توپتا كاسمىرونىڭ كەتكۈزگەن يېرى نوقتا قىلمايمۇ تارتىۋالغىلى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئاندىن كانچىلارنىڭ چىقارغان بۇلۇڭ توپىدا ھېچ كىمنى باقماي، ئۆزىدىن ئىككى مېتىر نېرىدىكى كانچىنىڭ ئوچۇق ۋاراتارغا توپ كىرگۈزىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ناچو قاتارلىقلار سەل ئالدىدا مۇداپىئە قىلىۋېتىپتىكەن. كاسمىرو دەرھال بىكار قالغان كانچىنى باقماي بىر توپقا سەۋەبكار بولدى. بۇ شەخسىي قارىشىم، مەن پەقەت مۇسابىقە قىسقارتىلمىسىنىلا كۆردۈم، قارىسام ئىككى توپقا كاسمىرو بىۋاستە سەۋەبلىككەن. تولۇق فىلىمنى ئەمدى كۆرمەكچىمەن. بىراق تەھلىلگە قارىسام كاسمىرونىڭمۇ چوڭ پايدىسى تېگىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:09 | ئايرىم كۆرۈش
كاسمىرۇنى ياراتمىدى  بىنتىز ،لىكىن رولنى دىمىسىمۇ سەنسىز دەپ بولدى ،ئ‍ۆزىنى يەنە  بىر ئىسپاتلاپ بەرسە بولامدۇ؟ نىمە
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:10 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئاخشام كىۋاكىچنىڭ ئ‍ىپادىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولدى دىيىشكە بۇلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتايىن بارسا بىلەن بولغان مۇسابىقىسىنى كۆرسەم 4نى يەپتى ،ئاخشام كۆرمىگەن، قارغاندا مادىرىدنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرمىسەم بولىدىغان چىغى، قاچانلا نەخ مەيدان كۆرسەم مادىرىد ئۇتتۇرۇپلا يۇرىدۇ ....بۇنداقمۇ توغرا كەپ قالامدۇ دەيمەن ، بولتۇرمۇ ئاتلىتكا بىلەنبولغان مۇسابىقىللرىنى كۆرسەملا ئۇتتۇراتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:18 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
كوۋاكىچمۇ ياخشي ئوينايدىكەن ! مۇدىرىچ تولا يارلىنىدىغان بولىۋالدى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:19 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2015-11-26 10:17
ئاتايىن بارسا بىلەن بولغان مۇسابىقىسىنى كۆرسەم 4نى يەپ ...

كۈرۈش ئ‍ەمەس مادرىتنى خىيالمۇ قىمىسىلا ئ‍ەسلى چاتاق سىلىدىكەن ھا ھا ھا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:23 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kamalt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-26 13:24  

ئ‍ارقا بەل توپچىسى -ئ‍الدى بىلەن كەينىنى باغلاپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك.بۇ جەھەتتە بوسكىس دونيادا بىرىنجى.بارسېلونانىڭ مادرىدتىن ئ‍ۈستۈن تۇرىشىدىكى چوڭ سەۋەپنىڭ بىرسى دەل بوسكىس.ئالدى بەلدە مادرىتتا چولپان دىگەن ساماندەك بارسېلوناغا قارىغاندا ياخشى بولسا ياخشىكى ناچار ئ‍ەمەس.ھۇجۇمدا ئ‍ىككىسى پەرىقلەنمەيدۇ.پەقەت ھوجۇمچىلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئ‍ازراق پەرىقلىنىدۇ.مۇداپىيەدە ئ‍اساسەن ئ‍وخشاش.دەل ئ‍ارقا بەل بارسېلونانىڭ ئ‍ەڭ چوڭ ئ‍ارتۇقچىلىقى بولغاچقا مادرىدنى يەر چىشلەتكەن.ئارقا بەل مەيداننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش،ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيەنى ماسلاشتۇرۈش باغلاش.مۇداپىيە رايۇنىدىكى توپنى ھوجۇمغا تەشكىللەش رولىغا ئ‍ىگە.توپنى چىچىش ۋە مۇداپىيەنن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئ‍ەڭ چوڭ رولى.بارسېلونا بىلەن مادرىدنىڭ مۇسابىقىسىدە مادرىدنىڭ ھوجۇم سىپى بىلەن مۇداپىيە ئ‍ارىسىدا چوڭ دەريا پەيدا بولۇپ قالغان كۆۋرۈك يوق مادرىد زىيان تارىتقان.دەل شۇ چاغدا مادرىد مەستانىلىرى.ئ‍الونسۇ بىلەن قىدرانى سىغىندى ئ‍ەلۋەتتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:27 | ئايرىم كۆرۈش
كۆسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-11-26 13:19
كۈرۈش ئ‍ەمەس مادرىتنى خىيالمۇ قىمىسىلا ئ‍ەسلى چاتاق  ...

لىكىن مادىرىد كۈچلۇكرەك كۇلۇپلار بىلەن تۇتۇشقاندا كۆرمەي دىسەممۇ كۆرۇپ سالىمەن دە ، بولمىسا بۇندىن كىيىن بارسانىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرەيچۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:33 | ئايرىم كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2015-11-26 13:17
ئاتايىن بارسا بىلەن بولغان مۇسابىقىسىنى كۆرسەم 4نى يەپ ...

بۇندىن كېيىن ئۆزلىرىنى تۇتىۋىلىپ مادرىدنىڭكى مۇسابىقىسىنى كۆرمەي، بارسىلونانىڭكىنى كۆرۈپ بىرەلا شوجاڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:34 | ئايرىم كۆرۈش
كارۋاخال بىلەن دانىلونى سېلىشتۇرغاندا كارۋاخالنىڭ ئىپادىسىگە ھەقىقەتەن گەپ كەتمەيدۇ. دانىلو يەنە ئىككى يىل ئۇرۇندۇقتا قاراپ ئولتۇرۇپ كارۋاخالدىن ئۆگەنسە بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:46

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش