نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 1160|ئىنكاس: 25
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەتتىگەنلىك قىسقا خەۋەرلەر 26-11

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئېنگىلاند بىرلەشمىسى

كېچىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى مەستانىلىرى مەيداندا چىراق يېقىپ رىۋايەتلىك توپچى بېسىت نىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلىدى.
مىلەن تەنتەربىيە گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بولونىيا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى دىياۋالانىڭ ۋاستىچىسىنڭ ئاشكارلىشىچە مانچىستىر شەھرى، چېلسى، توتىنھام قاتارلىق كۇلۇپلار ئۇنىڭغا باھا قويغان.
ئارسىنال كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ۋېلشىر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ مەيدانغا چىقىشقا ئالدىرىمايدىغانلىقىنى، بەلكىم 2016- يىلى ئاندىن مەيدانغا چىقىشى مۇمكىنچىلىقىنى ئېيتتى.
مانچىستىر شەھرى كۇلۇبى ئورگان تورىدا كىچىك توپچى زۇكۇلىنى بىلەن دېرسىباۋ نىڭ ئىجارە توختامىنىڭ 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
لوندون كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە توتىنھام رېس كۇلۇبى زېنىت كوماندىسنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ۋېتىسېر غا كۆز تىككەن بولۇپ، بەلكىم قىشلىق بازاردا قوشىۋېلىشى مۇمكىن.
بۈگۈن ئەتتىگەن ئوينالغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى 0-0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى،  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گىرمانيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى شىۋىنىستايگىر ئاساسلىق بولۇپ مەيدانغا چىققان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ باللاك تىن ئېشىپ ئۇزغۇنلۇقتا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان گىرمانىيەلىك توپچىلارنىڭ قاتارىدا ئۈچۈنچى ئورۇنغا تىزىلدى.
ئىتالىيە پۇتبول گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە مانچىستىر شەھرى كوماندىسى كاپىتانى يايا تورىنىڭ قارىشىچە يۇۋىنتۇسنىڭ ئۇلارنى قوش بوغۇزلىشى پەقەت ئۇلارنىڭ تەلىيىنىڭ كەلگەنلىكى ئىكەن.
كۈندىلىك ئەينەك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە لىۋىرپول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى خېندىرسىن نىڭ يارىسى ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ كوماندا بىلەن بىرلىكتە مەشىق قىلغان، بەلكىم ئالدىمىزدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى مۇمكىن.
كۈندىلىك ئەينەك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە كىلىندىئان كوماندىسىنىڭ پۇتبول نازارەتچىسى، ئىلگىركى ئارسىنال توپچىسى ئەيدۇ نىڭ ئاشكارلىشىچە ئارسىنال مەشقاۋۇلى ۋىنگىر ئۇنىڭدىن پاتو نىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىگەن.

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى

ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا مادرىد ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئېسكونىڭ بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قائىدىگە خىلاپ ئىشلىگەن ھەركىتىگە قارىتا 2 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خان مادرىد كوماندىسنىڭ مۇداپىئەچىسى كېچىدىن ئوينالغان مۇسابىقىدە يېرىم مەيداندا ئالماشتۇرىۋېتىلگەن بولۇپ يارلانغاندەك قىلاتتى، لېكىن يارىسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
ئاس گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە مادرىد كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى كارۋاخال زىيارەت داۋامىدا چوڭ نۇمۇر بىلەن ئالدىغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن، توپچىلارنىڭ بوشاڭلىقى بىزنىڭ 3 توپ كەتكۈزىشىمىزگە سەۋەپ بولدى دېدى.
كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بارسىلونا كۇلۇبى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى روبىرتو بىلەن توختام ئۇزارتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ،  مۇئاش قوشۇپ بېرىش شەكلى بىلەن ئۇنى كوماندىدا ئېلىپ قالماقچى بولغان.
ئاس گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە پارىژ كوماندىسى باجدىن كېينكى 500 مىڭ ياۋرو ھەپتىلىك مۇئاش بىلەن پورتىگالىيەلىك چولپان رونالدونى قوشىۋالماقچى بولغان بولۇپ، بەلكىم بۇ مۇئاشىنى پارىژ دىن باشقا كۇلۇپلا بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.
مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى سىكورىس تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بېنتىز نىڭ مادرىد باش مەشقاۋۇلى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىتالىيە پۇتبول گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە مادرىد ئەگەر بېنتىزنى ئىشتىن بوشاتسا ئۇنداقتا ئۇلار ئىتالىيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇل لىپنى كوماندىغا تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن .
كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە تۈنۈگۈن ئەتتىگەن ئوينالغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بارسىلونا مەستانىلىرى ئۇزغۇنلۇق ناخشىسى چىقىۋاتقان ۋاقىتتا قالايمىقان ئىسقىرتقان ۋە كۈرۈش سۇپىسىدا بايراق كۆرۈلگەن.

ئىتالىيە بىرلەشمىسى

مىلەن تەنتەربىيە گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئاس مىلەن كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى مىخايىلوۋىچ ئىككىنچى سەپ كوماندىدىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى لوكات نىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىدا مۇسابىقە ئوينىشىغا قوشۇلغان.
ئىتالىيە پۇتبول گېزىتىنڭ خەۋەر قىلىشىچە يۇۋىنتۇس كۇلۇبى ئىتالىيەلىك ياش مۇداپىئەچى لۇجانى نى سامپىدولىيە كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىپ ئۇنى چېنىقتۇرماقچى بولغان .
ئەينەك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە يۇۋىنتۇس كۇلۇبى 10 مىلىيون فونىستىرلىڭ باھا بىلەن مانچىستىر شەھرى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ناسرىنى قوشۇۋالماقچى بولغان بولسىمۇ لېكىن كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

گىرمانىيە بىرلەشمىسى


بايرىن كۇلۇبى ئورگان تورىدا دۇنيادىكى ئەڭ بالون شىركىتى بولغان ئامىركا good year  بالون شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
يۆتكۈلۈش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە بايرىن كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى مارتىنىس كۇلۇپ تەرەپنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توختام ئىمزالاشقا ماقۇل بولغانلىقىنى، پات يېقىندا توختام ئىمزالايدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى.
رەسىملىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە بايرىن كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى گۇادىئولانىڭ توختام ئىشىدا بىر ماددا بار بۇلۇپ، كۇلۇپ تەرەپ يۆتكۈلۈش ئىشىدىكى چوڭ ھوقۇقنى گۇادىئولاغا بىرىشى كىرەككەن.
مۇنىخېي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە بايرىن كۇلۇبى كولومبىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى كانودوغا قىززىقىۋاتقان بولۇپ، بەلكىم قىشلىق بازاردا قوشىۋېلىشى مۇمكىن.

باشقا خەۋرلەر

بۈگۈن ئەتتىگەن ئوينالغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسدە پارىژ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى دىمارىيا بىر توپ ئۇرغان، ئۇ شۇ بىر توپ بىلەن ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ 7000 چى توپنى ئۇرغان توپچى بولۇپ قالغان.
پۇلاتىنى نىڭ يېقىن دوستى ۋندىرو زىيارەت داۋامىدا خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ پۇلاتىنىغا قىلغان مۇئامىلىسى قارا جەمىيەتكە قىلغان مۇئامىلە بىلەن ئوخشاش دەپ ئۇلارنى ئەيىپلىگەن.
پارىژ سانىت گىرمان كوماندىسىنىڭ كاپىتانى دىيا سىلۋا ئۆزىنىڭ سەپدىشى ۋىراتىنى ماختاپ كەلگۈسىدە پېرلودىن ئېشىپ كىتىدىغان بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:43 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆسەنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-26 08:49  

ئ‍ىككى توپ ئ‍ۇرۇپ قويسا يەنە گەپ چىققىلى تۇردى ، قاراپ باقايلى قېنى يەنە نىمە گەپلەر چىقاركىن  
سىكورىسنىڭ ھەيران قالغىنىنى قانداق چۈشەنسەك بۇلىدىكىن ئ‍ەمدى
كاۋاخار توغرا دەپتۇ ئ‍اخىردا يىگەن توپلىردا بوشاڭلىق ئ‍ېغىر ، باشقىسىنى دىمەيلا قۇياي ئ‍اشۇ نوقتا توپنى ئ‍ۇشۇق ئ‍ېلىۋالدى ، ئ‍ىككى مۇداپىئەچى بولغاندىكىن ئ‍ۇنداق ئ‍ۇشۇق ھەركەت ئ‍ىشلىمىسىمۇ بۇلاتتى ئ‍ەسلى ، يەنە 10 مىنۇت ۋاقىت بولغان بولسا ئۇتتۇرۇپ قۇيىشىمۇ مۇمكىن ئ‍ىدى
پۇتپولنى سىياسىغا ئ‍ارلاشتۇرۇش ياخشى ئ‍ىش ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:48 | ئايرىم كۆرۈش
چېلسىمۇ بالۇن شىركىتى بىلەن توختام تۇزۇپ نەتىجىسى چۇشۇپ كەتكەن، بايرىنمۇ شۇنداق بولاما ؟ بايرىن مىنىڭچە ئاۋۇ ھوقۇقنى گۇۋادىئاۋلاغا بەرمەيدۇ، گىرمانلار ئۆزىنى ھەممىدىن ئەقىللىق دەپ بىلىدۇ ھەمدە بۇنداق ئىشلارنى مودىرىيەت قارار قىلىدۇ، گۇ تاز ھەممىنى ئۆزى قىلسا مودىرىيەتتىكىلەر نىمىش قىلىدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:50 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
كىروسني پارىژغا سېتىپ ۋىراتتىيني ئېلىۋالساق ئوبدان بولاتتي !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:51 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
24سائەتلىك تېمىلار يۇرۇتىلىپ بىرىپتۇ، تېما ئ‍ىگىسىگە رەخمەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:52 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئىسكو زادى نېمىدىن رازى بولماي قىزىل كارتا يېگەندۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:54 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ ھوقوقني گۇئاردىئولاغا بەرسە بولىدۇ ! گۇئاردىئولا قالتىس يامان تىرىنركەن ، مەن بۇنىڭ توختام ئۇزارتماي شەھەرگە كىلىشني ئۈمىد قىلاتتىم ! ئىنژىنر ئۇزغۇنلۇقتا تازا ياخشي ئەمەس !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:55 | ئايرىم كۆرۈش
پاتونىڭ ياۋرۇپاغا قايتىپ كىلىدىغان ۋاختى بولغان ،تىزراق كەلسە بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:57 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.............. بوش قۇۋېتەي...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:57 | ئايرىم كۆرۈش
گۇئاردىئولا تېخىمۇ چوڭراق يەردىن بىر چۈشە ، تازا جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالە....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:04 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
پۇتبول يوللىغان ۋاقتى  2015-11-26 08:57
گۇئاردىئولا تېخىمۇ چوڭراق يەردىن بىر چۈشە ، تازا جاھىل ...


زادى مۇشۇ تازنى كەتكۈزۋىتەلمەيۋاتىلا ھە ھې ھې ھې
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:16 | ئايرىم كۆرۈش
2 توپ ئۇرۇپ بولغۇچە بىردەمدە  يۆتكۈلۈش  خەۋېرى ،  رەئىس  ساتمايمىز  دەپتۇ  .   
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش