نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 1635|ئىنكاس: 56
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەتتىگەنلىك قىسقا خەۋەرلەر 25-11

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئېنگىلاند بىرلەشمىسى

مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسنىڭ ھۇجۇمچىسى ماشار بىلەن رۇنى  نىڭ يارىسى ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە مەشىققە قاتناشقان، لېكىن ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى شىۋىنىستايگىر يەنىلا داۋالىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
لوندون كەچلىك گىزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە مورىنىئو خارزادنىڭ سۆزىگە جاۋاپ قايتۇرۇپ 10- نۇمۇرلۇق ئۇرۇننىڭ پەقەت ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا يەنىلا سول تەرەپنىڭ تېخىمۇ ماس كىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە مانچىستىر شەھرى كۇلۇبى مانچىستىر بىرلەشمىسى 92- يىللىقنىڭ ئەزاسى بولغان ۋىستام نى 21 ياشلىقلار كوماندىسنىڭ باش مەشقاۋۇللىقىغا تەيىنلىگەن.
ئەينەك گېزىتىنڭ خەۋەر قىلىشىچە مانچىستىر شەھرى كۇلۇبى مادرىد كوماندىسىدا ئاساسلىق ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئېسكو نى قوشىۋالماقچى بولغان.
ئاسمان تەنتەربىيە سىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە مانچىستىر شەھرى توپچىسى دۋىد سىلۋا بىلەن كومپانى مەشىققە قاتناشمىغان بولۇپ، بەلكىم بۈگۈن كەچتىكى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن.
مانچىستىر كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە مانچىستىر شەھرى كۇلۇبى يىڭى كۇلۇپ بەلگىسىنى لاھىيەلىۋاتقان بولۇپ، بەلكىم ئۈچ يۇلتۇز قويۇلغان رەسىمنى ئىشلەتمەسلىكى مۇمكىن.
لوندون كەچلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ CEO سى سىتامور ھەر يىلقى بىرلەشمە چېمپىيونى ئالمىشىپ تۇرۇشى كىرەك دەپ سۆز قىلدى.

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى

ئاس گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بارسىلونا كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئېنرىك كوماندىنىڭ غەلبىسىنىڭ داۋاملىشىشىنى شۇنداقلا يارىدارلارنىڭ بۇرۇنراق مەيدانغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاسمان تەنتەربىيەسىنىڭ خەۋەر قىلشىچە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇتەخەسىسى بالاك نىڭ قارشىچە ھازىرقى مادرىد مەشقاۋۇلى بېنتىز ۋە رونالدو ھەر ئىككىلىسى كىلەر يىلى يازدا كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇمكىنكەن.
كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنڭ خەۋەر قىلشىچە بارسىلونا مۇداپىئەچىسى ئارۋىس نىڭ سېرىق كارتىسى يېغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن لىۋىركوسۇن بىلەن بولغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن.
كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە 6-1 نەتىجە بىلەن رىم نى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن پېك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مىسىنىڭ ئۆزىگە پاس بىرىدىغانلىقىنى لېكىن مۇنىر نىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى روبىرتو يارلانغان بولۇپ ھازىرچە يارا ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.
مانچىستىر كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە مانچىستىر بىرلەشمىسى كونا ئەزاسى ئېۋرا فورگۇسىن رونالدونى 99% مانچىستىرغا كېلىدۇ دىگەن دەپ ئاشكارلىدى.
دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بارسىلونا كوماندىسنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى پويۇل ۋاسچىتىلىك شىركىتى ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى خېرىدارى بەلكىم بارتىلا بولىشى مۇمكىن.

ئىتالىيە بىرلەشمىسى

ئىتالىيە پۇتبول گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە يۇۋىنتۇس مەشقاۋۇلى ئالەيگىرى زىيارەت داۋامىدا مانچىستىر شەھرى كوماندىسنىڭ ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر كوماندا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىتالىيە پۇتبول گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە يۇۋىنتۇس كۇلۇبى 25 مىلىيون ياۋرو باھا بىلەن ساسولو كوماندىسنىڭ توپچىسى بېرلادى نى قوشىۋالماقچى بولغان، بەلكىم قىشلىق بازاردا ھەركەت قىلىشى مۇمكىن.
ئىتالىيە پۇتبول گېزىتىنڭ خەۋەر قىلىشچە يۇۋىنتۇس كوماندىسىنىڭ توپچىسى ئېۋرا بىلەن كاسالەيس مەشىققە قاتناشقان بولۇپ، بەلكىم مانچىستىر شەھرى بىلەن بولغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى مۇمكىن.
كوماندا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە رىم مەشقاۋۇلى گارسىيا ئۆزىنىڭ قىزىل بۆرە قوشىنىنى يەنە 25 يىل يېتەكلەشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى.
ئىتالىيە پۇتبول گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە ئىتالىيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇل لىپى پىئولى نىڭ ئورنىغا لازىئو كوماندىسنىڭ باش مەشقاۋۇلى بولىشى مۇمكىن.

گىرمانىيە بىرلەشمىسى

بايرىن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى روبىن ئولىمپىياكىس بىلەن بولغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە يارلانغان بولۇپ مۇددەتتىن بۇرۇن ئالمىشىپ چۈشۈپ كەتكەن. يارسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
يۆتكۈلۈش بازىرى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە دورتىمونىد ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى گوندوغان كۇلۇپ تەرەپ بىلەن توختام ئۇزارتىش ئىشىغا ئالدىرىمايدىغانلىقىنى، يەنە ئويلۇشۇپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سىتارتۇگات كۇلۇبى ئورگان تورىدا كوماندىنىڭ باش مەشقاۋۇلى زونىگىر بىلەن توختامنى بىكار قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ كوماندىغا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت  خەۋەرلىرڭىزگە......................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خوراز1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-25 12:05  

پىك قىززىقچى گۇيكەنغۇ .ئەمدى مېسسىنىڭ پاس بىرىشىگە ،ئاۋۇ سويمىنىڭ پاس بەرمەسلىكىگە كەلسەك .مېسسى ئۆزىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئورنى يوق ،نام ئابرۇيىمۇ يەتكۈچە بار.شۇڭا يەڭگىل ئوينايدۇ .ئەمدى ئاۋۇ سويمىغا كەلسەك ،ئۇ ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا مۇختاج ،ئۆزىنىڭ مادرىتتەك بىر كوماندىغا توپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا مۇھتاج.
ئۇ مېسسدەك مادرىتقا ئۇنچە ئوڭاي توپ ئۇرالمايدۇ .شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتماقچى بولغان .
بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىساق ،مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۈ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
رۇنالدۇ   مادىرىتتىن   كەتسە   مانچىستىرغا  كەلسە  بۇلاتتى،  پارىژغا  بارسا   مۇسابىقىسىنى تىلۋۇزۇردىن  كورەلمەيمىزدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
گوندوغاننى ئ‍ىلۋالسا بولاتتى ما ۋەنجال
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
نەگە باسا بەرىبىر، ئۇ ئىرىىشىدىغاننىڭ ھەممىسىگە ئىرىشىپ  بولدى، ئەمدى ئاستا كونا ئۇۋىسى جىنخانىغا باسا دۇرۇس بولىدۇ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
پىك ھوجۇمچىما ھازىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
قايسىغا ئىنكاس يىزىشنى بىلەلمىدىم.ھى ھى ھى بىنتىز كەتسە ،بىل كەتسە ئاندىن رىئوس،بوگبا ئاگۈيرونى ئەكەلسە بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
پىكنىڭ ھازىرغىچە ئاچچىقى باكەندە مۇنىرغا
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بېنتىز بىلەن رونالدو مادرىتتىن كەتسە قانداق بولا بېنتىز كەتسىمۇ مەيلى لېكىن رونالدو كەتسە............ ھەي........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
پېكنىڭ سۆزى ياخشىلىقتىن بىشارەت. ھې ھې
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
پويۇلنىڭ ۋاستىچىلىقتا مىندىستىن  ئ‍ىشىپ كىتشىنى ئ‍ومۇت قىلمەن،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش