نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 1819|ئىنكاس: 63
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەن نېمىشقا كىرىستىيانو رونالدونى تىللايمەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   exaniq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-24 13:00  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۇتبول مۇنبىرىدىكى پۇتبولنىڭ چۇقانلىرى يۈرىكىدە ئاتەش بۇلۇپ يېنىۋاتقان 、پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتقان 、ئۈزىگە  خۇشاللىق 、ئىشەنچ、جەڭگىۋارلىق تېپىۋاتقان、ئارزۇلىرى پۇتبول باياۋانلىرىدا قانات قېقىۋاتقان بارىلىق پۇتبول سۈيەر ئاكىلار、دوسلار كەمىنە پېقىر يېڭى ئەزا دونكىخوتتىن ھەممىڭلارغا سالام !
مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ بېرىۋاتقان、ئىزدىنىۋاتقان、تىرىشىۋاتقان、جاپا چېكىۋاتقان ئىشەنچ、بۇۋاي、داۋىس
تۈمەن、تۇرانى、جاغىستاي120قاتارلىق ئىسمى تىلغا ئېلىنغان、 ئېلىنمىغان باشقۇرغۇچى ۋە تورداشلارنىڭ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇنبەرنىڭ ئىكلوگىيلىك تەڭپۇڭلىقى ئۈچۈن توختىماي قەلەم تەۋرىتىۋاتقان قۇلىغا、قەلىمىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن、ھەم بەركەت تېلەيمەن、ئەجىرىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن!
پۇتبول مۇنبىرىدىكى ھەرخىل كونا -يېڭى خەۋەرلەرگە نائىل بۇلۇپ كېلىۋاتقىنىمغا 2يىل بۇلۇپ قاپتۇ.تامدىن ئارتىلىپ كىرىپ、تامدىن ئارتىلىپ چىقىپ كەتكەندەك ئۈن تىۋىشسىز كىرىپ ھاپىلا-شاپىلا ئۇقۇپلا قاچاتتىم.نەچچە قېتىم ئەزا بۇلاي、بۇلاي دەپ ئويلىدىميۇ、ئەزا بولسام كۆڭلىمدىكىنى دەۋالمىسام ئۇنمايدىغان خۇيۇم بولغاچقا ئۈزۈمگە كۈڭۈل ئاغرىقى تېپۋېلىشتىن ئەنسىرەپ ئىزچىل ئەزا بولمىغان.
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يېڭى ئەزا راشنىڭ مەن مىسسىنىڭ پۇتبول مەستانىسى دېگەن تېمىسىنى ئۇقۇدۇم.مېنى ئەڭ جەلىپ قىلغىنى خانجايلىق نامىدىكى تورداشىمىزنىڭ راشنى 《كىمنىڭ مەستانىسى بولسىڭىز مەيلىتى、بىراق مىسسىنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئاشكارلاپ قويسڭىز بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلالمايسىز……قالغىنىنى ئالدىرماي …… 》دەپ يېزىپ قويغان مۇنۇ سەمىمىي ئەسكەرتىشى بولدى ۋە بۇ توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى بىر دەۋېتەي دەپ رەسمى ئەزا بۇلۇپ  كىردىم .ئاكىلار دوسلار مېنى بۇ سەپكە قېتىۋېلىشڭلارنى ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن سۇرايمەن .

خوش ,گىپىمگە كەلسەك خانجايلىق نامىدىكى توردىشىمىز راشقا نېمە دېمەكچى?ئەلۋەتتە、جاۋابى ھەممىمىزگە ئايان.ھازىر پۇتبول سەھنىسىدە مىسسى ۋە رونالدودىن ئىبارەت ئىككى گىگانىت چولپان غۇجا ئاكىلىق قىلىپ قەد كۈتۈرۈپ تۇرماقتا.ئېگىز دەرەخكە شامال بەك تېگىدۇ .شۇڭىمىكىن بۇ ئىككى چولپان داۋاملىق توپ مەستانىللىرىنىڭ سېلىشتۇرۇش ئوبىكتىۋىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.زادى كىم نوچى?كىم قالتىس دېگەندەك تېمىلاردا بەس مۇنازىرە قوزغايدۇ.قىيا-چىيالار ياڭرايدۇ、تۈكرۈك جەڭلىرى باشلىنىپ كېتىدۇ.ئەلۋەتتە、بىزنىڭ  پۇتبول مۇنبىرىمىزمۇ بۇ ئىشلاردىن خالى ئەمەس.بارىسلونا مەستانىللىرى مىسسىگە ئائىت ياكى مىسسىنىڭ نەتىجىللىرى توغرىسىدا تېما يوللىسا بەزىبىر ئارا يولدا قېتىلىۋالغان ساپاسىز مادىرىد مەستانىلىرىنىڭ شىكەر يالتىلغان زەمبىرەك ئوقلىرىغا تۇيۇپ قالىدۇ.مادىرىد مەستانىللىرىمۇ ئوخشاشلا بىر قىسىم ھۆرمەت تۇيغۇسى ئاجىز بارىسلونا مەستانىللىرىنىڭ زەربىللىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.ھەتتا بەزىبىر ئىنكاسلار ئادەمنى خېلىلا بىئارام قىلدۇ.مانا مەن بارسلونا مەستانىسى 、ئەمما、ئەزەلدىن رونالدونى ياكى خان مادرىدنى تىللاپ ھاقارەتلەپ باقمىدىم.ئەكسىچە مۇسابىقىللىرىدىن ھۇزۇر ئالىمەن.پەقەت ۋە پەقەت بارىسلوناغا  ئۇتتۇرۋەتسىكەن دەپ ئويلىغىنىمدىن باشقا قىلچە يامانلىقىم يوق.ھۆرمەتلەيمەن.چۈنكى مەر بارىسلونانىڭ  ھەققى مەستانىسى!
ئەتىراپىمىزدا مادىرد مەستانىللىرى كۆپ.بەلكىم مۇنبەردىمۇ  سان جەھەتتە ئۈستۈنلىكنى
ئىگەللىشى مۇمكىن.توردىشىمىز خانجاي يېڭى ئەزا راشنى دەل مۇشۇ سەۋەپ ئىدىيىۋى جەھەتتە ھەرخىل زەربىلەرگە تەييارلىق قىلىپ قۇيۇشقا چاقىردى دەپ ئويلىدىم ئۈزەمچە.
خوش、ئۇنداقتا ئويلاپ بېقىڭ! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى سېلىشتۇرۇپ بىر-بىرىمىزگە كۈڭۈل ئاغرىقى تاپىمىز?ھەركىمنىڭ خاراكتىرى、قىزقىشى تاللىشى ئوخشىمايدۇ.سىز پولونى ياخشى كۈرۈشىڭىز مۇمكىن、ئەمما、مەن لەغمەننى ياكى كاۋاپنى ياخشى كۈرىشىم مۇمكىن.لېكىن سىز ياكى مەن پولو لەغمەندىن قالتىس ياكى كاۋاپتىن ياخشى دەپ دىئاگىنوز قۇيالمايمىزغۇ?!يىپەك  يۇلى ساداسى پىروگىراممىسى شاللاش باسقۇچىدا  ئەركىن ئۇستازنىڭ گۇرۇپىسىدىكى ئامىرىكىلىق قىز《نازاكەت》ئېنگىلىزچە ناخشا ئېيتتى.يەنە بىر يىگىت ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتتى.ئەركىن ئۇستاز ناھايىتى تەسچىلىك ئىچىدەئەمما كەسكىن قىلىپ ئوخشىمىغان ئىككى  مەدەنىيەتنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ دەپ ئۆتتى .ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ناخشا ئەمما ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇپ、ئوخشىمايدىغان تىپقا تەۋە .قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن!
ئوخشاش پىرىنسىپ بۇيىچە ئويلايلى.مىسسى بىلەن رونالدونى سېلىشتۇرۇش ئاقىلانىلىكمىكەن?
سىز مىسسىنى قانچىلىك قوللىسىڭىز ھۆرمەتلىسىڭىز كىسىپ ئېيتىمەنكى  رونالدو مەستانىلىرىمۇ  ھەم شۇنداق!بۇنى ئويلاپ يىتىشىمىزكېرەك.
مىسسى بىلەن رونالدو ئىككىلىسى قالتىس.پۈتۈن دۇنيا مەستانىللىرى بىلىدۇ.ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇپتا توپ تېپىدۇ、بۇنىسمۇ ھەممەيلەنگە ئايان.ئۇنداقتا بىز نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرىمىز、بىر-بىرىمىزگە نەشتىرىمىزنى سانجىيمىز……
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىللىرى ئىنتىزار بىلەن كۈتكەن ئىسپان دىربىسى ئوينالدى.مەن ياقتۇرىدىغان بارسلونا 4:0نەتىجە بىلەن مېھمان مەيدانىدا قان رەقىبى خان مادىرىدنى ئۇتتى .ئەلۋەتتە、ھەربىر بارسلونا مەستانىسى تەبرىكلەشكە ھەقلىق.ئەمما、تەبىرىكلەشلەر چىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىشلارمۇ ئازئەمەس
مەسلەن ئالايلى:رونالدو تۆتنى پورتىگالچە نېمە دەيدۇقاتارلىق بىر تۈركۈم گەپلەر、يەنە بىر قىسىم 《داڭلىق》 قۇشاقچىللىرىمىز  ئەجىر قىلىپ يازغان  
پورتىگال يۇلى يامان、
تۇشۇيدۇ سىلو سامان .
مەستانىلەر بىلمەيدۇ
ھەممىدىن بارسا يامان
قاتارلىق ھەزىل گەپلەر、ھەزىل قۇشاقلار 、ھەزىل رەسىملەر دېگەندەك تېتىقسىزلىقلار ئۈندىدار ۋە دوسلا چەمبىرىكىنى بىر ئالدى.
يەنە ئويلاپ بېقىڭ!ھەقىقى بىر توپ مەستانىسى مۇشۇنداق بۇلامدۇ?بىر لاياقەتلىك توپ مەستانىسى قانداق بۇلۇش كېرەك?
ھەقىقىي توپنى چۈشىنىدىغان بىر ساپالىق مەستانە خۇشاللىقنى   خەقنى مەسخىرە قىلىش 、مازاق قىلىشتىن مازاق قىلىشتىن ئەمەس بەلكى ئىسىل بىر مەيدان مۇسابىقىنى ھۇزۇرلىنىپ كۈرۈشتىن خۇشاللىق تاپىدۇ
    غەلبە قىلغاندا كۈرەڭلەپ كەتسەك بولمايدۇ.ئەسلىمىزنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.بىز بارىسلونا مەستانىللىرى تېخى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىلا  ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بايرىنغا 7:0 تەسلىم بولدۇق.تارىخنى ۋاراقلاپ ئۆتسەك بۇندىن 70يىل مۇقەددەم   11:1نەتىجە بىلەن خان مادىرىد تەرىپىدىن قىرغىن بۇلۇپتىكەن .مۇنداق تارىخلىرىمىزمۇ بار 、ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك!
      شۇنداق بىر ئارزۇيۇم بار.مۇنبەردىكىلەر كىمنى ياختۇرسا 、قايسى توپچىنىڭ  ئارتۇقچىلىقىنى ياقتۇرسا   دىگۈسى  ئورتاقلاشقۇسى بولسا ئۈزىنى سۈزىنى دەڭسەپ يۈرەكلىك ھالدا ئىلمىي بايان قىلىپ  دېيەلىسە 、ئىنكاس يازغانلارمۇ  ئۈزىنى دەڭسەپ 、ئويلىنىپ يازسا خۇشال-خۇرام كەيپىيات ئىچىدە  باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان、 دىگۈزمەي تۇرۇپ تۇنجۇقتۇرۋىتىدىغان、 قۇپاللىق、تەكەببۇرلۇق 、بىلەرمەنلىكتىن خالى تۇرۇپ  پىكىر ئالماشتۇرساق دەيدىغان……
     توغرا ,بۇ  توغرىسىدا  ئالاھىدە باشقۇرغۇچى 《ئىشەنچ》بىزنىمىشقا ئىنكاس يازىمىز دىگەن تېمىسىدا جىڭغا توختۇغىدەك قىلىپ1.ئەگەر سىز  ئۈزىڭىزنى توختاتقان بىر ئەر بولسىڭىز ئىنكاسىڭىزدىن ئەرلەرگە خاس جاسارەت ۋە كەڭ قۇرساقلىق چىقىپ تۇرامدۇ?2.ئەگەر سىز بىر ياش بولسىڭىز ئىنكاسىڭىزدىن ياشلىقنىڭ تېپچەكلىشى、ئىنتىلىشىنى كۆرگىلى بۇلامدۇ?3.ئەگەر سىز بىر ئۈگەنگۈچى بولسىڭىز ئىنكاسىڭىزدىن بىلىمگە تەشنالىق ۋە قىزىقىش چىقىپ تۇرامدۇ??4.ئەگەر سىز بىر ئالىي جاناپ كىشى بولسىڭىز ئىنكاسىڭىزدىن مۆتىۋەرلەرچە سالاپىتىڭىز ۋە سېخلىقىڭىز چىقىپ تۇرامدۇ?5.ئەگەر سىز بىر ھەققانىيەتچى ياقلىغۇچى بولسىڭىز  ئىنكاسلىرىڭىزدىكى لىللالىق ۋە ھەق ناھەق تۇيغۇڭىز باشقىلارنى قايىل قىلامدۇ?  قاتارلىق بىر قاتار سۇئاللارنى سىز ھەم مېنىڭ ئويلىنىشىمغا  قالدۇرۇپ قويغان.سىز ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ?
بىز بىر توپ مەستانىسى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەڭ ئاۋال ئادىمىيلىك 、توپ ئەخلاقى ۋە باشقىلارنى 、باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر ساپا ھازىرلىشىمىز كېرەك
ھاياجان كەيپىيات ئىچىدە قارار چىقارمايلى .ئاغزىمىزغا كەلگىنچە توپ چولپانلىرىغا ۋە تورداشلارغا تىل تەككۈزمەيلى.بىزنىڭ ياۋروپادا ئەمەس  تېخى  جۇڭگۇدا ئا دەرىجىلك بىرلەشمە تېپىۋاتقان ئادەملىرىمىز قانچىلىك!! ئالدى كەينىمىزگە بېقىپ گەپ قىلايلى .ۋارقىراشساق、توۋلاشساق تامامەن بۇلىدۇ、ئەمما يۇلىدا 、سۇغۇق قانلىق بىلەن ئويلىشىپ توۋلايلى.چۈنكى بىز نەق مەيداندا ئەمەس بەلكى ناھايىتى تىنىچ ھالەتتە
ئىلمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش 、ھېسيات ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولغان پۇتبول مۇنبىرىدە سۆزلەۋاتىمىز .ھەر بىر ئېغىز سۈزىمىز گە مەسئۇل بۇلىشىمىز  كېرەك! !  پىشقەدەم تورداش سەنسىز مادىرد ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىللەر دېگەن تېمسىدا  ئۈزىنىڭ بىر تۈرلۈك قاراشلىرىنى ناھايىتى ئىلمىي ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ.ئىلمىي 、قىممىتى بار تېمىلار ئادەمنى سۈيۈندۈرىدۇ、بىر قىسىم ھاياجان تىپىدىكى 《شاتراق》تېمىلار 、ئىنكاسلار ئادەمنى بىئارام قىلدۇ……
پۇتبول مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بۇلىۋاتىدۇ.پۇتبول مۇنبىرىنىڭ ئاتمۇسفىراسى ئۈچۈن مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزا ئورتاق كۈچ چىقارساق مۇنبەرنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى……
مۇنبەرگە يوللىغان تۇنجى تېمام سەۋەنلىكلەردىن خالى ئەمەسمەن .ئىلمىي 、ئۇرۇنلۇق تەنقىدى تەكلىپ پىكىرلەر  بولسا   ناھايىتى تۈۋەنچىلىك بىلەن قۇبۇل قىلمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
تۇيغۇن + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تۇنجى تېمىڭىزنى ناھايتى ياخشى باشلاپسز  ، كەلگەن قەدىمىڭىز مەرھابا ، بۇ سەپكە قېتىلىش ئۈچۈن  توختىماي تېما ، ئىنكاس يېزىپ تۇرسىڭىز 1~2 ئاي ئىچىدە  قېتىلىپ قالسز خۇددىي مەندەك ھې ھې
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بالا مىنكاۋخەن ئىكەندە ، يازغان خەتلىرى ئۇيغۇرچە بولغان بىلەن ، پەش چېكىتلىرى يەنىلا خەنزۇچە يېزىلىپتۇ ...خى خى خى .. قارشى ئالىمىز قىزغىن قارشى ئالىمىز ، شامال چاقى پىلىكىنى جىن - شاياتۇن ئالۋاستى دەپ نەيزە سانجىيدىغان ، ....ھەجىۋى دونكىخوت جان ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ئ‍اۋۇ دىگەن 11-1 نەتىجە قايسى تارىخىي شارائىت ئ‍استىدا بۇپتىكەن ، شۇنى بىر ماڭا چۈشەندۈرۈپ قۇيىڭە .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تىما دىگەننى يىزىپ قويدىكەن بىرر كشلىك ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
چۈنكى سىز جاندىن تويۇپسىز شۇڭا تىللايسىز  

قارشى ئالىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئ‍ەسسالام، قەدەم يەتتى  بالا  يەتمىسىۇن  ھى ھى  ئ‍   سىپىمىزغا قېتىغانلىقىڭىزنى قارشى ئ‍الىمىز  داۋاملىق تېما، ئ‍ىنكاسلىرىڭىزنى تۆكمە قىپ تۇرشىڭىزنى ئ‍ۈمۈد قىلىمىز        
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەنمۇ مۇنبەرگە يىڭى ئەزا.مەن مادرىد مەستانىسى تىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.بۇ بىر ھەقىقى كۇلۇپ مەستانىللىرىنىڭ مۇنازىرە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈگۈنۈش ئۈگۈتۈش ئورنىكەن مەنمۇ مۇنبەرگە يىڭى كىرگەن بولساممۇ ،نەچچە يىللىق زىيارەتچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
تىلى ياخشى چىقىپتۇ ، بوۋايچاق دىگەندەك تىنىش بەلگىلىرى خەنزۇچە قۇيۇلۇپ قاپتىيا ؟!
قارشى ئالىمىز ئىنىم !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بالدۇراق ئەزا بولاشنى كۆپ ئويلىغان بولساممۇ لىكىن ھەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى تېما بوپتۇ بولسا داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، دېمىسىمۇ كۆپىنچىللىرىمىز بەزى ۋاقىتلاردا ئاشۇرۇۋىتىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ يېڭى سەپداشتىن بىرسى كۆپيىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش