نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 2464|ئىنكاس: 67
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مادرىد بارسىلونا مۇسابقىسىدىن تەھلىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


بىر نەرسە ئېنىقكى مۇسابىقىدىن بۇرۇن ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ ئىپادىسىنى ئانچە ياخىشى دەپ كەتكىلى بولمايتتى، مادرىد بولسا ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە سەرۋىلىياغا مەغلۇپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېنزىمانىڭ مەيدان سىرتىدىكى ئىشلىرى بېسىقمىغان بولۇپ، كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ئىدى.بارسىلونا تەرەپتىن بولسا مىسسىنىڭ مەيدانغا چىقىش چىقماسلىقى بىر مەسىلە ئىدى.مېسسى بولسا بارسىلونادىكى مادرىدقا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئېلىپ كىلىدىغان توپچى ئىدى.مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى بىلەن بۇ قېتىملىق دېربىنى ئىلگىركىگە ئوخشاش بەك قىززىپ كېتىدۇ دەپمۇ ئويلىمىغان ئىدۇق، لېكىن كىممۇ نەتىجىنىڭ بۇنداق بولىشىنى ئويلاپ باققان. مادرىدنىڭ مەيداندىكى تېخنىكىسى، ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، ماسلىشىش ۋە مۇداپىئەسى بارسىلونا بىلەن بىر دەرىجىدىكى كۇلۇپقا ئوخشىمايلا قالدى. بارسىلونا 60 مىنۇت ئىچىدە مادرىدنى مەغلۇپ قىلدى. مادرىدتىكى توپچىلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇش سەۋەبى بىلەن بېرنابۇدىكى مەستانىلەرنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولدى. تۆۋەندە مەن بۇ مۇسابىقىدىن ھېس قىلغانلىرىمنى مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

ئىككى تەرەپتىن مەيدانغا چىققانلار سەپ شەكلى



مۇداپىئەنىڭ ناچارلىقى

مادرىد پەقەت 10 مىنۇت ئويناپلا مۇسابىقە نەتىجىسىنى بەلگىلىدى، ئۇلار بارسىلونانى مەغلۇپ قىلمىدى بەلكى ئۆزى مەغلۇپ بولدى، نېيمارنىڭ ۋارتارغا تەپكەن بىرىنچى توپىلا ئۇلارغا چوڭ بىر سىگىنال بولغان ئىدى.مادرىد ئوتتۇرا مۇداپىئەچىلىرىدىكى بوشاڭلىق نېيمارنىڭ ۋارتارغا قارتىپ توپ تېپىشىگە بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن.

راموس بولسا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قالايمىقان ۋە تولا ئاچچىقلانغان توپچىنىڭ بىرى، قارغۇلارچە ئالدىغا چىقىپ تالىشىش، ئورۇننى توغرا تاللىيالماسلىق، پاسنى توغرا يەتكۈزمەسلىك، قالايمىقان قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەش دىگەن ئامىللار ھەممىسى راموستا كۆرۈلگەن. ئالدىنقى ۋە كېيىنكى مەيدان بولۇپ ئىككى تال سېرىق كارتىغا سەۋەپچى بولغان، يەنى كەينى مەيداندا توپ يەتكۈزۈش مەغلۇپ بولغان، نېيمار توپنى تارتىۋالغاندىن كېيىن جامىسنىڭ كەينىدىن پۇت سېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بىر ئىختىيارى توپقا ئېرىشكەن، جامىس سېرىق كارتا يىگەن. چەكلەنگەن رايۇننىڭ ئالدىدا روبىرتو نىڭ كەينىدىن پۇت سېلىپ سېرىق كارتا يىگەن. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ ئۆزىگە ئوخشىمايلا قالغان.
ۋارانىغا كەلسەك ئۇنىڭمۇ توپ چىقىرىش جەھەتتە كەتكۈزگەن تەرەپلىرى نۇرغۇن، قارشى تەرەپ بېسىۋالغان ۋاقىتتا مادرىدنىڭ كەينى سېپىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، پەقەت ئالداش ماھارىتى بولمىغان بۇ توپچى  قارشى تەرەپ بېسىم قىلغان ئەھۋال ئاستىدا راموس ياكى ناۋاسقا قايتۇرغان، مارسىلونىڭ مۇداپىئەسىنى بەك ياخىشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ لېكىن ھۇجۇمدىكى ئىپادىسىگە ھەقىقەتەن كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. لېكىن دانىلوغا كەلسەك ئۇنى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ ناچار ئوينىغان توپچى دېيىشكە بولىدۇ. ھۇجۇم دىسە ھۇجۇمدا يوق، مۇداپىئە دىسە كەلگەنلا توپنى ئۆتكۈزىۋەرگەن، بۇ پەقەت ئۇنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىسىدىكى ئەھۋالى بولۇپلا قالماستىن يېقىنقى سەرۋلىيا بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ شۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلغان. لېكىن مەشقاۋۇل بېنتىز يەنىلا ئۇنى ئاساسلىق قىلىپ چۈشۈرگەن.
مۇسابىقىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى مادرىدنىڭ بىرىنچى توپنى ئىسراپ قىلىشى

مادرىد بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ دەسلەپتە خېلى يامان ئەمەس ئوينىغان، جامىس ئوتتۇرا مەيدانغىچە بېرىپ پاسنى قوبۇل قىلغان ۋە دانىلوغا پاس تاشلاپ يۈگرەپ ئالدى مەيدانغىچە ئېلىپ كىرگەن، دانىلو بەرگەن پاس رونالدونى تاپقان، رونالدو پاسنى جامىسقا بەرگەندىن كېيىن تىز سۈرئەتتە يانغا چىققان، جامىس پاسنى يان يولىدىكى رونالدوغا بەرگەن، رونالدو چىرايلىق ئوتتۇرىغا تاشلىغان بولسىمۇ لېكىن بىنزىما بۇ توپنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن.

مادرىدنىڭ تۇنجى كەتكۈزگەن توپى 10 مىنۇت بولغاندا چۈشتىغۇ دەيمەن، بۇ توپتا مەيلى مۇداپىئەچىلەر بولسۇن ياكى ئوتتۇرا مەيدانچىلار بولسۇن ھەممىسىدە خاتالىق بار. روبىرتو توپنى ئالغاندىن كېيىن ئۇدۇل ماڭماي بەلكى يانچە ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق بۆسۈپ كىرىش ھالىتى مىسسىنىڭ كىرىش ھالىتى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش، ئۇ توپنى ئىچكىرلەپ ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن رامۇس ئۇنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققان، شۇنداق قىلىپ راموس ئۆزىنىڭ ئورنىدىن ئايرىلىپ سۇيارىسقا بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن، سۇيارىس پاسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاسانلا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزگەن. بۇ توپنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىلىشىگە قارايدىغان بولساق ئەسلى ۋارانى ئالدىغا چىقىپ مۇداپىئە قىلغان بولسا توغرا بولاتتى، لېكىن راموس ئۆزىنڭ قىززىققانلىقى بىلەن بىر توپ كەتكۈزۈشكە سەۋەپچى بولغان.

يەنە بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق بۇنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز، بوسكىسنىڭ توپ پاس بىرىش جەريانىدا مودرىچ بىر خاتالىق سادىر قىلغان، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ توپ تارتىۋېلىشى مەغلۇپ بولغان، شۇنداقلا ئۇ چىققان ئورۇنمۇ روبىرتونىڭ توپ قوبۇل قىلىش يولى ئەمەس، مودرىچ ئارقا بەل ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مادرىدنىڭ مۇداپىئەچىلىرى ئالدىغا چىقىپ مۇداپىئە قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
بىرىنچى توپنى كەتكۈزگەندىن كېيىن ساھىبخان بولغان مادرىد قا بولغان بېسىم تېخىمۇ ئېغىرلاشقان، ۋە جىددىلىشىشكە باشلىغان، مادرىد قانچە بېسىلىپ قالغانسىرى ھۇجۇمچىلار ئالدى مەيدانغا شۇنچە كىرگەن، بۇ ۋاقىتتا ئەقىللىق بولغان بارسىلونا مادرىدنىڭ ئالدى مەيدانىغىچە بېرىپ بېسىشقا باشلىدى، بۇ خىل ھالەت ئىلگىرى كۆپ كۆرۈلگەن بولۇپ، مادرىدنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى بارسىلوناغا ئوڭچە قالغان ئىدى.ھۇجۇمچىلار توپ ئالالمىغانسىرى شۇنچە ئىچىگە كىرىپ كىتەتتى.

يۇقارقى رەسىمگە قارايدىغان بولساق ناۋاس توپنى بىراقلا ئىچىگە تېپىپ باشلىغان، بىراق مادرىدنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى تۆتەيلەننىڭ بىرسىمۇ كەينىگە يېنىپ ئۇ توپنى ئېلىشقا تىرىشمىغان، ئاخىرىدا بارسىلونا توپچىلىرىنىڭ توسۇپ، بىر ھۇجۇم تەشكىللىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن، شۇنداقلا مادرىدتىكى ئۇ تۆتەيلەن توپنى ئالالمايلا قالماستىن مۇداپىئە قىلىش ئورنىنىمۇ يوقۇتۇپ قويغان، مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدىنىغا قارايدىغان بولساق مادرىدتىن پەقەت ئالتە ئادەملا مۇداپىئە قلىشقا قاتناشقان.

بارسىلونا توپنى ئالغاندىن كېيىن مادرىدنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى ھېچ قايسى مۇداپىئە قىلىش ئورنىدا ئەمەس، ۋارانىنڭ ئالدىغا چىقىپ مۇداپىئە قىلىشتىن باشقا ئامالى بولمىغان، شۇنداقلا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى قالتىس بولغان روبىرتو ۋارانىنىڭ ئورنىغا بېرىپ چاتاق چىقارغىلى تاسلا قالغان.

مادرىدنىڭ كەتكۈزگەن ئىككىنچى توپىدا مادرىدنىڭ پۈتۈن ئارقا سېپىنىڭ خاتالىقى بار، مەن بېنتىزنىڭ قانداق سەپ تۈزگەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالدىم، بۇ خىل ھۇجۇم سەپ شەكلى ھەقىقەتەن بىر قاپ يۈرەكلىك، ئوتتۇرا مەيدانغا ئېرىشكۈچىلەر غەلبە قىلالايدۇ دىگەن گەپكە ئوخشاش، بۇ مۇسابىقىدىكى ھالقىلىق نوقتا بولسا بارسىلونانىڭ ئوتتۇرا مەيداننى ئوبدانلا كونتىرول قىلىشى، مودرىچ شۇنداق توپ ئالغان ھامان ئۇنى بىردەمدە بەش توپچى قورشاپ بولغان، بۇ ۋاقىتتا پەقەت بىر كىروسلا سول تەرەپتە بىكار قالغان، ئىككى يان مۇداپىئەچى بولسا ئاللىقاچان ئىچىگە كىرىپ بولغان بولۇپمۇ دانىلو، جامىسنىڭ ئەسلىدىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان بولسىمۇ لېكىن يۇقارقى رەسىمگە قارايدىغان بولساق ئۇ ئاللىقاچان ھۇجۇم ئورنىغا كىرىپ بولغان، بىرىنچى توپنىڭ تەسىرىمۇ ياكى تاكتىكا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانمۇ مەنمۇ ئېنىق بىلەلمەي قالدىم.

مودرىچ نىڭ توپىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۈزىۋالغاندىن كېيىن بارسىلونا تىز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن، بۇ ۋاقىتتا مادرىدنىڭ مۇداپىئە سېپىدە پەقەت 4 نەپەر توپچىلا قېلىپ قالغان، ئەڭ چاتاق بولغىنى بولسا راموسنىڭ ئۇرۇندىن ھالقىش توپى ياسايمەن دىگەن خىيالىنڭ مەغلۇپ بولىشى بۇلۇپ قالغان، راموس يان رىپىرمۇ بۇ توپنى ئۇرۇندىن ھالقىغان توپ دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ دەپ جەزىملەشتۈرگەن،  لېكىن توپ ئۇنداق بولمىغان ئىدى، ئاخىرىدا نېيمارنىڭ پۇرسەت تۇتىشى بىلەن توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزگەن.

پۈتۈنلەي تۈگەشكەن ئوتتۇرا مەيدان  

مۇسابىقىدىن بۇرۇن بىر ئىش ئايدىڭ ئىدى، ئۇ بولسىمۇ بۇ پەسىل مادرىدنىڭ ئوتتۇر مەيدان توپچىلىرىنڭ ئىپادىسى ۋە نەتىجىسى بارسىلونادىن ياخىش ئىدى، شۇڭلاشقا مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى پەرەز بولسا مادرىد توپ كونتىرول قىلىپ ئوينايدۇ دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدۇق، توپ كونتىرول قىلىپ ئويناشتا بارسىلونانىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى زىيان تارتىپ قالاتتى، لېكىن مادرىدنىڭ ئۇتتۇرا مەيدانىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدە بۇنداق مەغلۇپ بولىشىنى كىممۇ ئويلاپ باققان دەيسىز.

مادرىدنىڭ ئۈچەيلەن قورشاپ مۇداپىئە قىلىشى ئوڭۇشلۇق بولمىغان، بارسىلونا ئالدى مەيداندىن توپنى تارتقۇزۇپ قويغان بولسىمۇ لېكىن ۋارانىنڭ پاس بەرگەن توپىنى تارتىۋېلىپ، ئىنىستا تىز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللىگەن. مادرىدنىڭ ئالدىنقى مەيداندىكى ئۈچ توپچىسى كۆرۈرمەنگە ئايلانغان، مادىئونىڭ پاس بىرىشىنى ۋە 30 نەچچە ياشلىق ئىنىستانىڭ توپ تارتىۋېلىشىنى توسۇپ قالالمىغان.

مادرىد كەتكۈزگەن ئۈچۈنچى توپ بولسا پۈتۈنلەي ئوتتۇر مەيدانچىلارنىڭ خاتالىقى بولۇپ، نېيمار سول تەرەپتە توپنى ئالغاندىن كېيىن مارىدتىن بىر توپچىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى مۇداپىئە قىلمىغان، ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن،بۇ بولسا مادرىدنىڭ سەپ شەكلىدىن چىققان مەسلە، مۇداپىئە قىلىش پەقەت ئارقا بەل ياكى مۇداپىئەچىلەرنىڭلا ئىشى بولماستىن بەلكى مەيداندىكى 11 ئادەمنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان.

نېيمار توپنى ئالغاندىن كېيىن توپنى راكتىچقا پاس بەرگەن، بۇ ۋاقىتتا ئىنىستا بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ئىچىگە كىرگەن، يان ھۇجۇم ۋە ئوتتۇرا مەيدان مۇداپىئەگە قايتمىغاچقا دانىلو ئالدىغا چىقىپ ئىنىستانى مۇداپىئە قىلماقچى بولغان، بۇ رەسىمگە قارايدىغان بولساق مادرىدنىڭ مۇدائىپە سېپى ئىنتايىن شالاڭ، ئارلىق ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، قارىماققا مادرىدقا ئوخشاش كۇلۇپنىڭ مۇداپىئە سېپىغا ئوخشىمايلا قالغان.

ئىنىستا بىلەن نېيمار لامايسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى پاسلىشى شەكلى بويىچە توپنى چەكلەنگەن رايۇنغا ئېلىپ كىرگەن، بۇ ۋاقىتتىكى مادرىدنىڭ مۇداپىئە سېپى پۈتۈنلەي تۈز سىزىق ھالەتتە بولۇپ، ئىنىستا يىراق ئارلىقتىن ئىچىگە كىرىپ ۋارتارغا تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، مادرىدنىڭ مۇداپىئە سېپى پۈتۈنلەي تۈگەشكەن.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېنتىز يېقىندىن بۇيان ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولىۋاتقان جامىسنى ئاساسلىق قىلىپ چىقارغان، لېكىن يېقىندىن بۇيان ئاساسلىق بولۇپ كېلىۋاتقان كاسمىرونى بولسا زاپاس قلىپ قويغان. لېكىن بېنتزىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى بولسا يارلىنىپ ئەمدى ئەسلىگە كەلگەن ۋە مەيدان سىرتىدىكى ئىشلىرى قالايمىقان بولىۋاتقان بېنزىمانىڭ ئاساسلىق بولۇپ مەيدانغا چۈشىشى بولۇپ قالغان. يەنە بېنتىز نىمىشقا كارۋاخالنى ئاساسلىق قىلىپ چىقارمايدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق بولۇپ مەيدانغا چىققان دانىلو باش جىنايەتچى بولۇپ قالغان، ھەتتا كاپىللومۇ دانىلو مادرىدتا تۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ دېگەن، بىراق ھەممە گۇناھنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ.دانىلو مۇداپىئە جەريانىدا ھەمىشە يالغۇز قالغان.

مادرىد ئوڭ تەرەپتىن بارسىلوناغا بولغان يوچۇق بەك چوڭ بولغان.

مادرىدنىڭ سەپ شەكلى 424 دەك قىلاتتى.

جامىس مۇداپىئە قىلاۋاتامدۇ يا؟

دانىلو مۇداپىئەدە يالغۇز قالغان.

مادرىدنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى پۈتۈنلەي تۈگەشكەن.


بۇ مەيدان مۇسابىقىنڭ نەتىجىسىدىن رازى بولماسلىققا ھېچ قانداق باھانە سەۋەپ ئاقمايدۇ، تېرنىرنى تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرىشى بولسۇن توپچىلارنىڭ ئىپادىسى بولسۇن ھەممىسى ناچار بولغان.مۇسابىقىدىن كېيىن مەيلى تېرنىر بولسۇن ياكى توپچى بولسۇن ھەممىسى مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنى ئويلىشى لازىم.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
تۈمەن + 50 قالتىس!
ھەقىقەت + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى تەھلىل قىپسىز رەھمەت…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بىنتىزنى كۆزدىن يوقاتمىغىچە ھىچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تەھلىل بوپتۇ. مادىردىنىڭ سەپ شەكلىنى مەن 4231 دەك كۆرگەن. مېنىڭ خاتا بولسا كېرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مورىنىھو نوكەمپۇدا ھۇجۇمغا ھۇجۇم ئويناپ 5يەپ بۇرنىغا يىگەن ، ئەنچىلودى كاردىلوندا توپچىلارنىڭ يارلىنىش ۋە ئاساسلىق توپچىلارنىڭ يوقلىقى بىلەن 4نى يىدى . ئەمما تاكتىكا پېشۋاسى بىنتىز بېرنابۇدا مىسسى يوق ،ئوتتۇرا مەيدانى خېلىلا پەرىقلىنىپ قالغان بارسادىن ھەممە توپچىللىرى توللۇق ساق بولسىمۇ مىسسى يوق بولغان بارسىلوناغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ،…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ما تەھلىلنى ياخشى  قىپسىز..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
قايسى كۈنى مادرىدنىڭ يەنە ئوشۇق ئىككىنى يەپ مادرىدتىن يوقۇلىشىنى ئۈمۈد قىلغانتىم ، قايسى كۈنىدىكى مادرىد راستىنلا ھەقىقى مادرىد ئەمەس .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تەھلىل بوپتۇ,مىنىڭچە مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن توپچىلار ئۆزئارا سۈركىلىشىپ قالدىمىكىن ديمەن,(شەخسى كۆزقاراش )مۇسابىقە جەريانىدا پەقەت بىردەكلىك ماسلىشچانلىق يوقتەكلام ھىس قىلدىم,رونالدو نىڭ ئىككى توپى كىرگەن بولسا باشقىچە بۇلاتى ھەقاچان مىڭ ئەپسۇس ,
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بىنتىز بارسىلونادىن ئوتتۇرا مەيداننى تارتىۋىلىپ كوتورول قىلىشنى پەقەت ئويلاشمىدى،ھۇجۇمغىلا كۇچەپ كەتتى ،ئارقى مەيداندا  3 لا ئادەم قالغاندەك بولدى بىر توپ ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن، يەنە بىرسى كىيىكى مەيدان مارسىلو بىلەن جامىسنىڭ  ئالماشتۇرىلىشى پۇتۇنلەي خاتا بولدى،ئەسلى دانىلو بىلەن كارۋاخال،بىنزىما بىلەن كاسىمىرونى ئالماشتۇرۇپ، ئوتتۇرا مەيداننى كونتورول قىلىش بىلەن ھۇجۇمغىمۇ  كۆپ ياردىمى بولاتتى،ئوتتۇرا مەيدان تەڭپۇڭ بولغان بولسا، ھۇجۇمىغا بىل بىلەن رونالدو يىتىشەتتى،ھەم جامىس بىلەن مۇدرىچتىن ئوتتۇرا مەيداندىن تۇيۇقسىز توپ ئۇرۇش ئۇنىمىگە يەتكىلى بولاتتى بەلكىم، ئەمىلىيەتنى قوبۇل قىلماي بولمايدۇ،خاتالىقتىن قاتتىق ساۋاق ئېلىشى كىرەك بىنتىز، تەھلىلىڭىزغا رەھمەت شۇنداق ئەتراپلىق بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ما تەھلىلنى ياخشى  قىپسىز..  بارسېلونامۇ ئاز كۈچىمىدى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
كۆزۇم تىشىلەي دىگەن ! ئىسىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى يىزىلدى بۇ تىما ؟ تەھلىللەر جايىدا ، نىمىلا قىلمىسۇن،مادىرىد كالىسىنى سىلكىۋىتىش كىرەك ،بىنتىزنى دەرھال قوغلاش كىرەككەن ،4 يەپ بولۇپمۇ خاتىرجەم ئولتۇرغىنىنى كۆرۇپ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش