ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5414 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا exaniq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-23 00:05
مەغلۇبىيەت ھەقىقەتەنمۇ ئاچچىق ،ئەمما مەغلۇبىيەتنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ ، رىئال تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىيەت بىزنى ئاچچىق ساۋاقلار بىلەن تەمىنلەپ كىيىنكى ئىشلىرىمىزنىڭ تىخىمۇ پۇختا بولىشىغا، قەدىمىمىزنىڭ تىخىمۇ سالماق بولىشىغا ئۇل ھازىرلاپ بىرىدۇ ، بۇ يەردە بۇ توغرىلىق كۆپ سۆزلىگىم يوق ، مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم مەستانىچىلىقتىن كەلگەن مەغلۇبىيەت .
مەيلى بىز قانداق يوسۇندا،قانداق ئۇسۇلدا ،قانداق مەخسەتتە مەستانە بولايلى،بىرەر كۇلۇپقا مەستانە بولدۇقمۇ ،دىمەك بىزنىڭ كۇتىۋالدىغىنىمز غەلبە بىلەن مەغلۇبىيەت ئارىسدا بولىدۇ ،ئەمىلىيەتتە رىئال تۇرمۇشتا بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ بىز بىلەن قىلچىمۇ ئالاقىسى يوق،ئۇلارنىڭ ئالغان لوڭقىسىنى يىقىنراق يەردىن كۇرۇشمۇ بىزگە نىسىپ بولمايدۇ ،بىراق بىز يەنىلا مەستانە بولغان كۇماندىنىڭ غەلبە قىلىشىنى ئۈمۇت قىلىمىز ، مەستانە كۇماندىمىز غەلبە قىلىپ قالسا قاچان كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىغان كىلىپ نەچچە قۇر خەتنى ئارتۇق بىسىپ غەلبىنى تەبىرىكلەش بىلەن بىرگە قاچانلاردا كىمنىڭ بىرسىنىڭ بىزگە قىلغان،ياكى باشقىلارغا يازغان نەچچە قۇر ئىنكاسىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرۋىلىشقا ئاران تۇرمىز ، ئەگەر مەغلۇپ بولسىچۇ ؟ بەزىمىزنىڭ سايىسىنى مۇنبەردە كۆرۇش ئەسلا مومكىن ئەمەس، دۇشمەن كۇلۇپنىڭ مەستانىللىرىنى تەبىرىكلەپ ھەقىقى مۇسابىقە توغرىسىدىكى بايانلىرىمىز ئارقىلىق مۇنبەرنى ئاۋات قىلىدىغانلار بەكلا ئاز قالىدۇ ، كونىلار يەڭگەن بەگ بولۇر دەپ توغرا ئىيىتقان ، ئەمما بۇگۇن مۇنبەردە بەگ بولغانلارنى ئەتىمۇ مۇنبەردە كۇرۇشنى شەخسەن مەن بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن،خوشاللىق ياخشى نەرسە ئۇنى ئىچىمىزگە سىغدۇرغىمىز كەلمەيدۇ،باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقۇمىز كىلىدۇ ،مۇنبەردىكى خوشاللىقنى قانداق ھىس قىلىمىز ؟ پەقەت مەۋھۇم دۇنيادا باشقىلار چۇشەنمەيدىغان بىر خىل ھىسيات بىلەن ئۆزىمىزچە رازىمەنلىك ھىس قىلىمىز ، مانا بۇ بىزنىڭ يەڭگەندىكى خوشاللىقىمىز ،بۇ ئەلۋەتتە كەيپىياتىمىزنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە پايدىلىق،قانداق مەخسەتتە مەستانە بولغان بولساق شۇ خىل يوسۇندا خوشاللىق ئالىمىز ،بۇگۇن مۇنبەردە بارسا مەستانىللىرى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ،ئەلۋەتتە غەلبە بىزنى مۇنبەر قوينىغا سورەپ ئەكىردى ،غەلبە بىزنى گەپكە ئوستا قىلىۋەتتى، غەلبە بىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچىمىزنى ئاشۇردى،غەلبە بىزنى ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ئەھۋالدا يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە قىلىۋەتتى،مانا بۇ غەلبىنىڭ بىزگە بەرگەن ئىمتىيازى،بىز بۇنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق، بىز ئالىجاناپ بولىۋالساقمۇ،ئىچىمىزنى بوشىتىۋالساقمۇ ،نەشتىىرىمىزنى قىرىنداشلىرىمىزغا سانجىۋالساقمۇ بولىدۇ،چۇنكى غەلبە بىزنى مۇشۇنداق قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق ئىكەنلىمىزگە شەكسىز ئىشەندۇردى،غەلبىنىڭ بىزگە بىردىغىنى توغرىسىدا جىق توختالمىساممۇبولىدۇ دەپ قارايمەن.
ئۇنداقتا مەغلۇبىيەت بىزگە نىمە بەردى؟ ئەمىلىيەتتە غەلبىنىڭ بىردىغىنىدىن مەغلۇبىيەتنىڭ بىردىغىنى جىق؟ ئىشەنمەمسىز ؟ ئەمىسە دىققىتىڭىز تۇۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن!
1- مەغلۇبىيەت سىزگە ئۆزىڭىزنى قايتۇرۇپ بەردى.
سىز غەلبە قىلغان ۋاقىتلىرىڭىزنى ئەسىلىيەلەمسىز ؟ ئەگەر ئەسلىيەلمىسىڭىز ئاخىرنى ئوقۇماي ،كومپىيوتىردا ئويۇنىڭىزنى ئويناۋىرىڭ ! ئەگەر ئەسلىيەلىسىڭىز ،سىز غەلبىدىن قانچىلىك شاتلانغان،باشقىلارغا نىمە دىگەن؟ باشقىلار سىزگە قانداق كۇرۇنگەن؟ ئەمدىلىكتىچۇ ؟ سىز نىڭ كۆرۋاتقىنىڭىز ئەينى ۋاقىتتىكى سىز نىڭ كۆرگىنىڭىزدىن ئىبارەت،ئەگەر سىز سەمىمى بولۇپ تۇرۇپمۇ سەمىمىيەتسىزلىككە ئىرىشكەن بولسىڭىز ، مازاق قىلماي تۇرۇپمۇ مازاققا ئىرىشكەن بولسىڭىز،بۇ سىزنىڭ يەنە بىر تەرپىڭىز يەنى سىز كۆرۇشنى خالىمايدىغان ئۆزىڭىز ،شۇنداقكەن سىز بىر قىتىملىق مەغلۇبىيەتتە مۇنبەر كىزىپ ،ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرپىدىن ئىبارەت ئىككىلا تەرپىنى كۆرۇۋىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىڭىز دىگەن گەپ .بۇنىڭغا سىز يەنە قانداق ئۇسۇل بىلەن ئىرشەلەيتىڭىز ؟ ئەلۋەتتە سىز مەغلۇبىيەتكە رەھمەت ئىيتسىڭىز بولىدۇ، ئەدەپنى ئەدەپسىزدىن ئۇگەنگەندەك مۇنبەر ئويناشنىمۇ مۇشۇنداق ئۆگۇنىدىغان گەپ .
2- مەستانىچىلىكنى تىخىمۇ چۇشەندىڭىز .
مەستانىچلىكتە ئۇتۇش -ئۇتتۇرۇش بولۇپ تۇرىدۇ ، غەلبە قىلغاندا مەستانە بولغىنىڭىز سىزنىڭ مەڭگۇ مەغلۇپ بولمايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۇرمەيدۇ،مەغلۇبىيەت سىزگە ئۆزىڭىز مەستانە بولغان كۇلۇپنى،تىرنىرنى ،توپچىلارنى قانچىلىك چۇشۇنىدىغانلىقىڭىزنى ،مەستانىلىكىڭىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۇرۇپ قويىدۇ ، مەغلۇپ بولغان چاغدا سىز قانداق ئويلىدىڭىز، كىمنى تىللاشنى،كىملەرگىدۇ قىيداشنى،كىملەرنى سىسىتىشنى ئويلاشتىڭىز ؟ ئەي ئىنسان، ئەجىبا سىز قارشى تەرەپتىكى ئەزالار ئىچىدە كىمنىڭ قانچىلىك رولى بولدى ، مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەبى دىگەنلەر ئۇستىدە ئىزدەنمىدىڭىزمۇ ؟ سىزنىڭ ئامراق كۇلۇبىڭىزنى مەغلۇپ قىلغان كۇماندىنى چۇشۇنىشنى، تەتقىقى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز بولغاي،سىزگە قالتىس كۇرۇنىپ كىتىۋاتقان چولپىنىڭزنىڭ ئامالسىز قالغانلىقىدىن ،ئىنساننىڭ ھەممىگە قادىر ئەمەسلىگىنى،گىگانىت ئاتالغانلارنىڭمۇ كەمچىللىكلەر ئۇستىگە تۇغۇلغان ئىنسان ئىكەنلىگىنى ئويلاپ باقتىڭىز بولغاي ،ئەگەر سىز ئۇتتۇرۇپلا تىللاشنى ،قارغاشنى باشلىغان بولسىڭىز ،بۇنىڭدىن كىيىن مۇسابىقە كۆرمەي مۇسابىقە جەۋھىرىنىلا كۇرۇڭ،شەرتى سىز مەستانە كۇلۇپ ئۇتقان،ئامراق چولپان توپ ئۇرغان مۇسابىقە بولسۇن،ئەگەر كۇماندا تىرنىرى ۋە توپچىلارنىڭ مەيۇس قىياپىتىدىن ئۇلارنىڭمۇ ئۇتقۇسى بارلىقىنى،غەلبىگە سىزدىنمۇ بەكرەك تەشنا ئىكەنلىگىنى ئويلاپ يىتەلىگەن بولسىڭىز ،ئاھ ئۇرماڭ چۇنكى ئۇلار قىلالمىغاننى سىزنىڭ قىلالىشىڭىز مومكىن ئەمەستە.....
3- ئۆزىڭىزنىڭ نىمىگە مەستانە ئىكەنلىگىنى بىلدۇرۇپ قويىدۇ.
بۇنداق دىسەم ھەممىىز پۇتبولغا مەستانە ،پۇتبولنىڭ گۇزەللىكىگە مەستانە ،ئۇنداقتا بىزنىڭ كۆرگىنىمىز پۇتبول ئەمەسمۇ ؟ ئەجىبا قارشى تەرەپ پۇتبول ئوينىمىدىما ؟ ئۇنداقتا نىمىگە پۇشۇقىنىسىز ؟ مەغلۇبىيەتكىما ؟ پەقەت سىز مەستانەبولغان كۇلۇپلا ئۇتتۇردىمۇ ؟ باشقىلارچۇ ؟ سىزنىڭ ھەسرىتىڭىز باشقىلارنىڭ غەلبىسىدىن كەلگەن بولىدۇ ، بىز شۇنچىلىك ھەسەتخورمۇ ؟ باشقىلارنىڭ خوشاللىقىغا ھەمنەپەس بولالمايمىزمۇ ؟ ئەگەر ئۇتسىلا خوش بولۇپ ،ئۇتتۇرسا تىللايدىغان ،ھەسرەتلىنىدىغان بولسىڭىز ،سىزنى قانداقمۇ پۇتبۇل مەستانىسى دىگىلى بولىدۇ ؟ غەلبە مەستانىسى دىسە ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمگۇدەك شۇنداق بولسا ،ئەگەر شۇنداق بولسا ئامراق كوماندىڭىزنى ئايدا بىر قىتىمدىن ئالماشتۇرۇۋالسىڭزىلا ئىش پۇتتى دىگەن گەپ ، سىز بۇنىڭغا قوشۇلمىسىڭىز ،مەغلۇپ بولغان مۇسابىقىدىكى جان تىكىپ ئىلىشىشلاردىن، قەيسەرلىك بىلەن توپ تالىشىشلاردىن، ئەپچىللىك بىلەن ئالداپ ئۇتۇشلەردىن، چىۋەرلىك بىلەن توپ ئۇرۇشلاردىن ،دادىللىق بىلەن ئادەم ئالماشتۇرۇشلاردىن،بەزىدە كۆزىمىزگە سىغمايدىغان ئارتىسلىقلاردىن، ئۇستىلىقلاردىن قانغىچە ھوزۇرلىنىۋىرىڭ ، چۇنكى سىز دىگەن پۇتبۇل مەستانىسى ئەمەسمۇ ؟
4-دوستانىلىقنى سىزگە بىلدۇرۇپ قويىدۇ .
سىز مەغلۇبىيەتتىن ھەسرەت چىكىۋاتقىنىڭزدا ،كىم سىزگە تەسەللى بەردى ،كىم سىزنى بەزلىدى، كىم سىزنى رىغبەتلەندۇردى،كىم سىزنىڭ يىغىرىڭىزغا تەگدى،بۇلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت ئارقىلىق ئاندىن بىلەلەيدىغانلىرىڭىز ،سىز بىلەن مەستانىداشلارنىڭ نەچچىسى مەغلۇبىيەتتىن كىيىن يەنە مۇنبەردە تىما ئىنكاسلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نۇرمال پائالىيتىنى ئىلىپ بىرۋاتدۇ ؟ بۇلاردىن سىز ھىچنىمىنى چۇشەنمىدىم دىسىڭىزمەن ئىشەنمەيمەن ، دوسىتنى ئىغىر كۇندە سىنا ،دىگەن گەپ ھەرگىزمۇ بىكار چىقمىغان، سىز بىلەن غەلبە شاتلىغىدا مۇنبەر ئاۋاتلىقى ئۇچۇن كۈچ قوشقانلاردىن نەچچىسى سىزگە ھەمرا بولىۋاتدۇ ، گەرچە بۇ يەردىكى دوسلۇق ئاساسەن مەۋھۇم ھالەتتە بولسىمۇ ئەمما رىئال تۇرمۇشنىڭ ئىنكاس يۇزىدە ئىپادىلىنىشى دىسەك خاتالاشمايمىز ئەلۋەتتە.
مۇشۇ ئارقىلىق سىز دوسلىرىڭىزنى بىلىۋالسىڭىز ،ئۇلارغا باھا بىرىۋالسىڭىز ،ۋاھ بۇ غالىپلار مەڭگۇ بىلەلمەيدىغان ئىشلارغۇ ؟ شۇنداق تۇرۇپ يەنە مەغلۇبىيەتتىن ۋايسامسىز ؟
5- سىز مەستانە بولغان كۇماندىنى تىخىمۇ ئىچكىرلەپ چۇشۇنىشىڭىزگە پايدىلىق .
غەلبە ۋاقىتلىرىدا ھەمىشە ماختاشلارنى،كۆپتۇرۋىتىشلەرنى ،قاتىل ھوجۇمچى ،تۆمۇر بىك،ئوتتۇرا مەيداندىن گۇل كەلتۇرگۇچى،سىھىرلىك ....... دىگەندەك ماختاشلار ئىچىدە ئۆزىمىز مەستانە بولغان كۇلۇپلارنىڭ ھەقىقى ماھىيتىنى ،ساقلانغا مەسىلىلەرنى ھىس قىلالمايمىز ،ھەم بۇلارنى بىزمۇ ئويلاپ يۇرمەيمىز ، ئەمما مەغلۇپ بولغاندىچۇ ؟ تۇرلۇك سىسىتىشلار ،ئىشتىن چۇشۇش خەۋەرلىرى ،يۆتكىلىش خەۋەرلىرى ،ئىچكى نىزا قاتارلىقلار بىراقلا خەۋەر قلىنىشقا باشلايدۇ دە ، سىزنى تىخىمۇ چوڭقۇر ئانالىز قىلىشقا ئۇندەيدۇ ، ئىلگىرى ھىس قىلالمىغاننى بىلىۋالسىز ،ھەتتاكى ئىنكاس جەڭلىرى ئارقىلىق كوماندىنىڭ بۇرۇنقى تارىخىغا قوشۇپ،قارشى تەرەپنىڭ قايىل قىلارلىق جاۋاپلىرىغىمۇ ئىرىشىپ ،ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلىشتەك قوش ئۇنۇمگە ئىرشىسىز ، قارغاندا ئانچە -مۇنچە مەغلۇپ بولۇپ تۇرغاننىڭمۇ زىيىنى يوقمۇ نىمە ؟
6- تۇرمۇشنى تىخىمۇ چۇشۇنىۋالسىز .
پىچاقنى ئۆزەڭگە سال،ئاغرىمىسا كىشىگە دىگەن ھىكمەت بىكارغا چىقمىغان،سىز ئوخلىيالمىسىڭىز باشقىلارمۇ ئۇخلىيالىمىغان بولغىيىتى،سىز ئاچچىقلىغان بولسىڭىز ،باشقىلارمۇ شۇنداق بولغان بولغىيتى،سىز ئىزا ھىس قىلغاندا باشقىلارمۇ شۇنداق قىلغاندۇ ؟ دىمەك سىز كىشلىك تۇرمۇشتىكى مۇناسىۋەت قائىدىللىرىنى مۇنبەر يۇزىدە ھىس قىلىۋالدىڭىز ھەقىچان، باشقىلار سىزنى تىللىغان ،مەسخرە قىلغان بولسا ،سىز رەنجىمەي تۇرۇڭ ،ئاداۋەت ساقلاپ يۇرمەڭ، چۇنكى ئۇلارمۇ سىز ئۇچرىغان مەغلۇبىيەتنى مۇنبەر يۇزىدە كۇتۇۋالغان چاغدا يۇزى ۋىللىدە قىزىرىدۇ ، ياكى مۇنبەرنى سىزگە قالدۇرۇپ قويدۇ دە ئۆزى يوقىلىدۇ ،سىز بۇ ئىشىڭىز بىلەن بىر ئادەمنى تەربىيەلىدىڭىز ياكى بىر زىيانداشنى مۇنبەر يۇزىدىن تازلىدىڭىز ، بۇ مۇنبەر تۇرمىسىگە قاماپمۇ ئىرىشكىلى بولمايدىغان نەتىجە ، يامانلىققا ياخشىلىق ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرۇش،يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشتىن مىڭ ئەۋزەل ،ئىجتىمائى تۇرمۇشتىمۇ ئوخشاش،باشقىلارغا قاراپ كۆلمەڭ،چۇنكى سىزنىڭمۇ يىغلايدىغان ۋاختىڭىز بوپ قالسا باشقىلار كۆلسە سىز خوش بولمايسىز ئەلۋەتتە.
مۇنبەرمۇ تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى ،كىچىكلىتىلگەن قىسمى شۇنداقكەن تۇرمۇشتا نۇرغۇن بەدەل ئارقىلىق ئىرىشكىلى بولىدىغان ساۋاققا ،سىز بىردەمدىلا ئىرىشىپ قالدىڭىز ، مەغلۇبىيەت سىزگە بۇنىڭدىنمۇ چوڭ يەنە نىمە بەرسە بولىتى.
تىمامنى بارلىق مادىرىد مەستانىللرىغا بىغىشلايمەن
مەنبە : ئۆز قەلىمىم ، ئەسلى دىمەكچى بولغانلىرىم جىق ئىدى ،ۋاقتىنچە مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇردۇم قالغىنىنى داۋاملىق تولۇقلايمەن، شۇڭا باشلىقلار ۋاختىنچە نادىرلىماي تۇرساڭلار
ئەسكەرتىش : بۇ تىما مادىرىد ئۇتتۇرغاندا يىزىلىپ قالدى ، شۇڭا مادىرىدچىلار ۋە باشقىلار خاپا بولماي تۇرساڭلار ، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بولسا بۇنى ئويلىساممۇ مۇنبەر يۇزىگە چىقىرىشنى ئويلىمايتىم ، ھەمدە مەندە بۇنداق مەجبۇرىيەتمۇ يوقتى، شۇڭا شۇنداقلا توغرا كىلىپ قالدى، خاتا چۇشۇنىش بولمىغاي. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|