ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1687 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sensiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-22 13:31
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالدى بىلەن بارلىق بارسىلونا مەستانىلىرنى تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن !
بېرنابۇ مەيدانىدا 4-0 نەتىجە بىلەن قىرغىن بولۇش ھەقىقەتەن ئويلاپ باقمىغان نەتىجە، لېكىن كۈنلەر تېخى ئۇزاق، بىرلەشمە ئەمدى ئوتتۇرلاشتى، يەنە 26 ئايلانما مۇسابىقە بار. 6 نۇمۇر كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا قوغلاپ يىتىش ئۇنچىۋالامۇ تەس ئىش ئەمەس، ئىلگىرى بارسىلونانىڭ كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئۈچ شاھ بولغانلىقىنى ئەسلىشىمىز كىرەك. زادى قانداق قىلغاندا مادرىد ئەسلىگە قايتالايدۇ؟ تۆۋەندە مەن كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1. غەيرەتكە كېلىشى كىرەك
پەسىل باشلانغاندىن بۇيان ئۆز مەيدانىدا 3-1 يەڭگەندىن باشلاپ 4-0 يېڭىلگۈچە، مادرىدتىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگۈرۈش قايسى؟ مۇداپىئە، ھۇجۇم ياكى ئوتتۇرا مەيدان؟ مىنىڭچە ھېچ قايسى ئەمەس. ئۆتكەن پەسىل دۆلەت دېربىسىدا مادرىد بىر ئۇتۇپ بىر ئۇتتۇرغان، مەيلى ساھىپخان بولسۇن ياكى مېھمان بولسۇن ئەنچىلوتىنىڭ كوماندىسى كۈچلۈك بولغان غەيرەت شىجائىتى بىلەن بارسىلونا بىلەن ئاخىرغىچە تىركىشكەن.
لېكىن بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئەزالار ناھايىتى ھارغىن ئوينىغان، كېيىنكى مەيدان ئىسكو بىلەن كارۋاخالنىڭ چىقىشى بىلەن ئەھۋال سەل ياخىش بولغان. بۇ ئىشلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نىمە، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە زادى قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت؟ بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشى ئەمەس، ئەگەر بۇ پەسىلنى غەلبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز دەيدىكەن مادرىد ئەڭ ئاۋۋال جەڭگىۋار ھالەتكە كېلىشى كىرەك.
2. رونالدونى قايتۇرۇپ كېلىش كىرەك
شەك شۈبھىسىزكى رونالدو مەسلىگە يولۇقتى، يەنە كىلىپ چوڭ بىر مەسلىگە يولۇقتى. پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ لېكىن بوراۋۇ نىڭ قالتىس ئىپادىسى ئالدىدا پۇرسەتنى تۇتالمىدى، پورتىگالىيەلىك بۇ چولپان بۇ پەسىل ئۇزغۇنلۇق قاتارلىقلارنى قوشقاندا 16 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ پەقەت 6 مەينداندىلا توپ ئۇرغان.
ئىلگىرى ئەنچىلوتى: رونالدو مەيدانغا چىققان مۇسابىقە 1-0 نەتىجە بىلەن باشلىنىدۇ دەيتتى، لېكىن بۇ پەسىل بۇ قائىدە بۇزۇلۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. بېنتىزنىڭ رونالدونىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىشى، يۆتكۈلۈش پاراڭلىرى، ئۆزىنڭ فىلىمى قاتارلىق ئىشلار ئۇنىڭغا خېلىلا تەسىر قىلدى.
3. مۇقىم ئىپادىسىنى ساقلاش
بېنتىز ئىشتىن چۈشۈش كىرەكمۇ؟ بۇ سوئال نۇرغۇن مادرىد مەستانىلىرنىڭ بېشىنى قاتتۇرىۋاتقان سوئال، يېرىم يولدا مەشقاۋۇل ئالماشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئىلگىرى يېرىم يولدا قولغا ئالغان مەشقاۋۇللار چېمپىيون بولىشتەك نەتىجە ياراتقان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت، بۇنىڭ يېقىندىكى مىسالى بولسا دىماتىئو چېلسى كوماندىسىنى ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشتۈرگەن. داۋاملىق پۇرسەت بېرىشكىمۇ بولىدۇ، ئالدىنقى پەسىل بارسىلونا ئېنرىكقا ئىشتىن چۈشۈش بېسىمى قىلمىغاچقا . ئېنرىك ئۈچ شاھ بولۇشتەك نەتىجىنى ياراتقان.
مەسىلىنىڭ مۇھىم نوقتىسى بولسا تېزدىن ئىجرا قىلىش، ئەگەر تېرنىر ئالماشتۇرماقچى بولسا تىز ئالماشتۇرۇش، ئەگەر داۋاملىق ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەكچى بولسا ئۇنىڭغا پايدىسىز ئەھۋال ۋە خەۋەرلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇتۇش. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا كوماندا مۇقىم ھالەتكە كېلەلەيدۇ. قالايمىقان پەرەز ۋە خەۋەر مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ.
4. ئېنىق تاكتىكا تۈزۈش
مادرىدنىڭ ھازىرقى تاكتىكىسى قايسى؟ ئەنچىلوتى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش، ئوتتۇرىدىن بۆسۈپ توپ كونتىرول قىلىشمۇ ياكى مورىنىئو دەۋرىدىكىگە ئوخشاش مۇداپىئەدە مەھكەم تۇرۇپ تىز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشمۇ؟ بېنتىز مۇقىم بولغان بىر تاكتىكا تۈزىشى كىرەك. دۆلەت دېربىسىدىن بۇرۇن بۇ ئىسپانىيەلىك كاسمىرونى مۇقىم ئىشلەتكەن، ئۇسلۇبى مورىنىئوغا ئوخشاپ قالغان. لېكىن بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە سىرتقى دۇنيانىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ھۇجۇم تاكتىكىسى ئارقىلىق بارسىلونانى بېسىپ ئوينىماقچى بولغان. تاكتىكا مۇشۇنداق تۇراقسىز تۇرسا يەنە ئۇتۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدۇ؟
5. روھى ھالەتنى تەڭشىشى كىرەك
ئالدىنقى مەيدان رونالدونىڭ ئارۋىسنى ئۇرىشى، كېيىنكى مەيدان ئىسكونىڭ قەستەن تېپىىپ قىزىل كارتىغا ئېرىشىشى، مادرىد كوماندىسىدىكىلەرنىڭ روھى ھالىتىدە چوڭ مەسىلە بارلىقىنىڭ ئىپادىسى، لېكىن بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى پەسىل باشلانغاندىن بۇيان رونالدو، بېل، جامىس، بېنزىما قاتارلىق توپچىلار مەيدان سىرتىدا ھەر خىل ئەھۋاللارغا دۇچ كەلدى، شۇڭلاشقا توپنى ياخىشى تېپەلمىسە ئاسانلا كەيپىياتى بۇزۇلۇش كەپ چىقىدۇ.
ھازىر بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بولسا ھەر بىر توپچى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشنى ئۆگۈنىشى كېرەك. پۈتۈن كۈچى ۋە زېھنى بىلەن كوماندىنى ئويلاپ توپ تېپىش كىرەك، ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئويلىماسلىقى كىرەك. مەيدان سىرتىدىكى ئىشلارنى مەيدان ئىچىگە ئېلىپ كىرمەسلىكى كىرەك، ئالدى بىلەن بىر توپ بۇلۇپ ئويۇشۇپ، ئاندىن ئاستا ئاستا ئىپادىسىنى تېپىۋېلىشى كىرەك.
قېىنى كەم قالغان يېرى بولسا مۇنبەرداشلار ئويلىغىنىڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار.
|
|