نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 1483|ئىنكاس: 69
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەن مىسسىنىڭ مەستانىسى!!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پوتبۇل دىگەن ئاجايىپ تەنھەرىكەت تۈرى،  ئۇ ئۆزىنىڭ سىھرى كۈچى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مەستانىلارنى ئۆزىگە جەلىب قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر مەستانىنىڭ قەلبىدە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن بىر پۇتبۇلچى بولىدۇ .  ئەلۋەتتە مىنىڭ قەلبىمدىمۇ  ھىچقانداق پۇتبۇلچىغا تەڭ قىلمايدىغان بىر پۇتبولچى بار. ئۇ دەل زامانىمىزدىكى  يىڭى پوتبۇل شاھى لىئونىل مىىسسى!!!!!  پۇتبولغا  بۇلغان قىزىقىشىم  كىچىكىمدىنلا بەك كۈچلۈك ئىدى.  2006 يىلى گىرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا  بىر پۇتبۇلچى قەلبىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى.  دۇنيا لۇڭقسىسى ئۆتكۈزىۋاتقان شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىلىۋۇزۇرنى تۇيۇقسىز ئىچىپ قالدىم. تىلىۋۇزۇرنى ئىچىشىمغا  كىلىشكەن  بىر پۇتبۇلچى پوتبۇلنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.  ئەسلىدە ئۇ ئىخىتىيارى تۇپنى تىپىشقا تەييارلىنىۋىتىپتىكەن. ۋاراتار بىلەن ئىختىيارى تۇپنى تىپىش ئارىلىقى يىراق ئىدى. ئۇ تۇپنى يۇقۇرى سەۋىيە بىلەن تىپىپ كىرگۈزدى . تىلىۋۇزۇردا چۈشەندۈرگۈچى  ھاياجان بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى. بىكخام تۇپنى كىرگۈدى، ئۇ ھەقىقەتەن ئىختىيارى تۇپ تىپىش  شاھى بۇلۇشقا مۇناسىپ!!!
    دەل شۇ چاغدا بىكخام دىگەن بۇ پۇتبۇلچىنىڭ مەستانىسى بولدۇم. بۇ تۇنجى قىتىم بىر پۇتبۇلچىنىڭ مەستانىسى بولۇشۇم ئىدى.  ئارىدىن 4 يىل ئۆتتى،  مەنمۇ15 كە كىرىپ، پۇتبۇلغا بولغان چۈشەنچەممۇ ئاشتى. ئۇ چاغلاردا بىكخامنىڭ يىشىمۇ چوڭايغان بولۇپ، پوتبۇل ساھەسىدىن چىكىنىش ئالدىدا تۇرغان ئىدى.  بۇ دەل  2010يىللىق جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا  لۇڭقسى  مەزگىلى ئىدى. مەن  كۈندە دىگۈدەك مۇسابىقە كۆرەتتىم.  ئارگىنتىنانىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرىۋىتىپ  بىر پۇتبۇلچىنىڭ  ھەرىكەتلىرى مىنى ئۆزىگە  بەك جەلىب قىلدى. ئۇنىڭ چاققانلىقى ، تىزلىكى ، تىخنىكىسى مىنى قايىل  قىلغان ئىدى.  ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ  كەينىدىكى مىسسى دىگەن ئىسمىنى كۆرۈپ  ، ئاكامنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەي سۆزلەۋاتقان پۇتبۇلچىىنىڭ ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مانا شۇ چاغدىن باشلاپ ھەقىقىي مەستانە بولدۇم.  .ئۇنىڭ رەسىملىرىنى سىتىۋىلىپ  ئۆيۈمگە چاپلىدىم.  ئۇنىڭ مۇسابىقىلىرىنى ئىزدەپ كۆردۈم.  تولۇق ئۇتتۇردا ئۇقىۋاتقان مەزگىللىرىمدە  سىنىپىمىزدا  18 ئوغۇل بار ئىدى. ئۇلارنىڭ 17سى رونالدۇنىڭ مەستانىسى ئىدى. پەقەت مەنلا مىسسىنىڭ مەستانىسىى ئىدىم. ھەر قىتىم پۇتبول تۇغۇرلۇق  پاراڭ چىقسىلا  مىسسى ئۈچۈن كۆرەش قىلاتتىم. ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغانلار بىلەن زاكۇنلىشاتتىم.  راس گەپنى قىلسام، مەكتەپتە  %99 پىرسەنىت بالا   رونالدۇ مەستانىسى ئىدى.  مەكتەپتىن  قايتىپ ئۆيگە  قايىتقاندا  كىچىك دادامنىڭ قىزلىرىغا مىنى  (( مىسسى)) دەپ چاقىرىڭلار دەپ ئۆگىتەتتىم. ئۇلار ھەر قىتىم مىنى كۆرسە  ((مىسسى، مىسسى)) دەيدىغان ھالەتكە كەلدى. بۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ دۇسلار چەمبىرىكىگە چىقارغانمۇ بولدۇم..................

   تولۇق ئۇتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكىمۇ قەدەم قويدۇم.  مەكتەپكە كىلىپلا ئاكام قۇرغان (( دېمەت)) پوتبۇل كوماندىسىغا كىردىم. كوماندىدا  21 نەپەر ئەزا بار ئىكەن. ئاكام ئالاقىلىشىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ھەمدە مىنى باللار بىلەن تونۇشسۇن دەپ  مىنى  كوماندىنىڭ ئۈندىدار تۇپىغا كىرگۈزۈپ قويدى.  توپقا  كىرىپلا  ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم باللا  مەن  ‹‹ راش مسسى ›› دىگىنىمنى بىلىمەن،   باللا مىسسىغا ھاقارەت قىلىشقا باشلىدى. ئەسلىدە  بۇ كوماندىدىكى 19 نەپەر كوماندا ئەزاسى خانلىق مادرىدنىڭ مەستانىسى يەنى  رونالدو مەستانىسى ئىكەن. پەقەت ئاكام ئىككىمىزلا  مىسسى مەستانىسى، يەنى بارسېلونا  مەستانىسى ئىكەنمىز. شۇنداق قىلىپ ئاكام ئىككىمىزنىڭ  19vs2 كۆرىشىمىز  باشلىنىپ كەتتى.  ھەر قىتىم  توپتا شۇ مەسىلە تۇغرىلىق  مۇنازىرلىشەتتۇق. مەن تۇختىماي پاكىتلار  ئارقىلىق  مىسسىنى ماختايتىم.  ئەمما ئۇلار قەتئىيلا چۈشەنمەيتى.  ھەر قىتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسدە مىسسىنىڭ  خەۋەرلىرىنى يىزىپ، بارسېلۇناغا  ئامەت تىلەپ دوسلار چەمبىرىكىگە  چىقارسام ،  نۇرغۇنلىغان خانلىق مادرىد مەستانىلرى  ئىغىز ئۇرۇشىنى باشلايتى ھەمدە رونالدۇنى ماختاپ ئىنكاسلارنى يازاتتى.  
  
كۈنلەر ئۆتۈپ  ئالىي مەكتەپلەر ئارا پوتبۇل لۇڭقىسى  باشلاندى.  يىزا -ئىگىلىك ئۇنۋىرسىتىتىمىز بۇ قىتىم تولۇق تەييارلىق بىلەن مەيدانغا  چىقتى. ئەلۋەتتە مەندەك بىر ھەۋەسكار  بۇنداق مۇسابىقىلەرنى يىزىپ دۇسلار چەمبىرىكىگە چىقارمىسام بولمايتى.   يازغان خەۋەرلىرىمنى كۆرگەن پەرھات ئىسىملىك پىشقەدەم پۇتبۇلچى ئاكىمىز مىنى يىزا -ئىگىلىك ئۇنۋىرسىتىتمىزدا پوتبۇلنى ياخشى ئوينايدىغان بالىلار بار توپقا قىتىپ قويدى.  ئو توپتا 29 نەپەر  پوتبۇل ھەۋەسكارى بار ئىدى. ھەممىسى دىگۈدەك چوڭ سىنىپنىڭ بالىلىرى ئىدى.  .ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ   ئىسپانىيە دىربىسى تۇغرىسىدا تۇختىلىپ قالدۇق. كاساپەت، مىسىى  بىلەن رونالدو مەسىلىسى يەنە كىلىپ چىقتى.  ئاھ خۇدا،  بۇ تۇپتىكى 27 بالا  رونالدو مەستانىسى ئىكەن!!!![     پەقەت مەن بىلەن بىر بالىلا مىسسى ئۈچۈن  سۆزلەيتۇق. ئۇلار كۆپ بۇلغاچقا گەپتە تەڭ كەلگىلى بولمايتى. ئۇلارنىڭ مىسسىنى  پاكىنەك دىيىشلىرى كاللامدىن ئۆتمەيتى. چۈنكى بۇ دىگەن پوتبۇل، بۇ ھەرگىز  مودىللىق سەھنىسى ئەمەس،  مىىسسى پاكار بولسا نىمە بوپتۇ، سەت بولسا نىمە بوپتۇ.   مىنىڭچە مىسسىنى  ياقتۇرمىغان كىشى پوتبۇلنى چۈشەنمەيدۇ. بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى كۆز قارشىم خالاس.

     رونالدومۇ ھەقىقەتەن قالتىس، .ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ھەم  تىتىكلىكى ھەممىنى قايىل قىلىدۇ.  رونالدۇنىڭ بەدىنى ھەم كىلىشكەنلىكىگە نۇرغۇن كىشىلەر ھەۋەس قىلىدۇ.  نۇرغۇن قىزلار بار، پوتبۇلنى گىرام چۈشەنمەيدۇ، ئەمما رونالدو مەستانىسى.  ئولارغا نىسبەتەن  كىلىشكەن بولسىلا بولدى. نە  ماھارەت، نە تىخنىكا  كىرەك ئەمەس.  مەن ئۆزەم تونۇش قىزلارغا مىسسىنى ماختاپ بىرىمەن. ئەلۋەتتە تىرىشچانلىق ئارقىلىق ، بىر نەچچە قىز مەستانىلەرنى تەربىيلەپ چىقتىم.  


   مانە ھەممىمىز  كۆز تىكىۋاتقان  ئىسپانىيە دىربىسىمۇ يىتىپ كەلدى. مەن  مىسسىنىڭ مەيدانغا  چۈشىشىنى ھەمدە كىمنىڭ ھەقىقىي قالتىس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.  مۇسابىقىنى بەلكىم يالغۇز كۆرىشىم  مۇمكىن ، ئەگەر بارېسلۇنا مەستانىلىرى بۇلسا ئالاقىلاشساڭلار  مۇسابىقە تۇغرىلىق ئۇرتاقلىشارمىز.مىسسىغا ھەمدە بارسېلوناغا  ئامەت تىلەيمەن. چۈنكى مەن  مىسسىنىڭ سادىق مەستانىسى  راشىدىن ئىكرام!!!!!

      



8b65ad36-f513-48c2-a9cd-0c86d0e63e49.jpg (41.52 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

8b65ad36-f513-48c2-a9cd-0c86d0e63e49.jpg

757CFAJQ00BV0005.jpg (1.11 MB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

757CFAJQ00BV0005.jpg

f61523d2b9054bf8d8f64d12e6fa626f.jpg (16.84 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

f61523d2b9054bf8d8f64d12e6fa626f.jpg

807b8428-b50a-47cb-a1d7-056d8d762c6b.jpg (36.55 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

807b8428-b50a-47cb-a1d7-056d8d762c6b.jpg

20140610113157951.jpg (865.38 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

20140610113157951.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
messi5 + 50 ئىسىل مەستانە !!!!!!!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ئۇسىتا يوللىغان ۋاقتى  2015-11-21 07:11
ھە........................................

مەسىلەن نىمىلەرنى دەيسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى مەستانە ئىكەنسىز . داۋاملىق ئۆزىڭىز تۇتقان يولدا ماڭغايسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
YARQIN يوللىغان ۋاقتى  2015-11-21 07:58
ياخشى مەستانە ئىكەنسىز  . داۋاملىق ئۆزىڭىز تۇتقان ي ...

رەھمەت   سىزگىمۇ ئامەت تىلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
مەسلەن؟   ھاھاھا  


سىزنىڭ 18 ساۋاقدىشڭىز،سىز يالغۇز، 17 ھەمساۋقىڭىز يەنە سىز يالغۇز ، 27 توردىشڭىز  يەنە سىز يالغۇز، پەقەت يالغۇزلا مىسسىچى بوپ قاپسىز، ما توغرا كېلىشكە  بىر ھە..........


شۇ قىزلارنى ئاتايىن مىسسىچى قىلغىنڭىزغا يەنە بىر ھە،..........


سىزنىڭ مىسسىچى ئىكەنلىكڭىزگە يەنە بىر ھە.................

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ .پۇتبولچى،پۇتبول مەستانىسى بولساقمۇ ،ئەڭ ئاۋال بوينى ،بەدەننى چىراينى شۇ ئىنساننىڭ ئۆزى تاللىۋالماي ،پەقەت ياراتقۇچى بەرگەننى تاللاش ھوقۇقىمىز بولدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كىرەك .باشقىلارنىڭ بويىنى 169 دەپ مازاق قىلغىنىدا ،بىزنىڭ قېرنداشلىرىمىزنىڭ باللىرىنىڭ 169 بولاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالاشىمىز ئالدىنقى شەرت بولىدۇ .بۇنىڭغا ھىچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدۇ .چۈنكى ياراتقۇچى خالىسا 230 ،خالىسا 130 بوينى بېرىدۇ .
ئىنساننىڭ قولدىن كەلمەيدىغان تەرىپىنى مازاق قىلنىڭىز ،سىزنىڭ ئەۋلاتلىرىڭىزنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ .
شۇڭا پۇتبولدا ئۇنىڭ پۇتبول ماھارىتى تالانتى توغرىلىق پىكىرلەشكەن ئەۋزالدۇر.ئۇنىڭ ئىمانىنى
ئەمەللىرىنى قىلغان ساۋاپلىرىنى ،كىشىنىڭ ماختىشى ئۈچۈن قىلغان بولسا بۇ ئالەمدە ،ياراتقۇچنىڭ ماختىشنى ئۈمۈد قىلغان بولسا ئىككىلا ئالەمدە كۆرىدۇ .بۇنىڭغا بىزنىڭ ئارلىششىمىز ئارتۇقچە .
بىز باشقىلارنڭ ئىمانىنى ئەمەللرىنى باھالايدىغان ياراتقۇچى ئەمەس ،قولىمىزدىن كىلىدىغىنى پەقەت
پۇتبول ماھارىتى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىش ھەم شۇنى باھالاش (گەرچە بىزنىڭ باھايىمىز ،سالاھىتىمىز توغرا كەلمىسىمۇ).لىكىن بۇ ھوقۇق ئەركىن ،يۇقارقىدەك شەرتلىك ئەمەس .
قارشى ئالىمەن .بولسا ياخشى مۇسابىقە ،ياخشى تىمىلارنى ئورتاقلاشقايسىز .تىمىڭىزدىن سىزنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلىپ يەتتىم .بولسا ،نادىر تىمىلارنى سۇنۇپ ،پۇتبۇل مەستانىلىرغا  تەقدىم ئىتىپ تۇرغايسىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش

ئىشەنمىسىڭىز  سىزنى بىزنىڭ تۇپقا قىتىپ قوياي.  ئەمەليەت ھەم پاكىت ئارقىلىق سىزنى تامامەن قايىل قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تىلىۋۇزۇرنى ئىچىشىمغا  كىلىشكەن  بىر پۇتبۇلچى پوتبۇلنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.  ئەسلىدە ئۇ ئىخىتىيارى تۇپنى تىپىشقا تەييارلىنىۋىتىپتىكەن. ۋاراتار بىلەن ئىختىيارى تۇپنى تىپىش ئارىلىقى يىراق ئىدى. ئۇ تۇپنى يۇقۇرى سەۋىيە بىلەن تىپىپ كىرگۈزدى . تىلىۋۇزۇردا چۈشەندۈرگۈچى  ھاياجان بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى.            … دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سىزنى مىسسى دەپ سالامىكى دەپ يۈرۈگۈم سېپ كەتتى ، مىسسىلام دەپ سالسىڭىز ماۋۇ يەردە چامما كىسەك بولۇپ ، ئ‍اكىلا دات مەن مايەگە خاتا كىرىپ قاپتىمە دەپ جار سالاتتىڭىز ، بىزمۇ كۆڭۈل ئ‍اغرىقى تىپىۋالاتتۇق ، بىكخام سىزنى قۇتقۇزۇپ قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
خوراز1 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-21 08:20
ياخشى بوپتۇ .پۇتبولچى،پۇتبول مەستانىسى بولساقمۇ ،ئەڭ  ...

باھا بولا مۇشۇنداق بۇلا، رەھمەت سىزگە    .   چۇقۇم نادىر تىمىلارنى سۇنۇشقا تىرىشىمەن.   تەشەككۈر  دوستۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
قادىخان يوللىغان ۋاقتى  2015-11-21 08:56
تىلىۋۇزۇرنى ئىچىشىمغا  كىلىشكەن  بىر پۇتبۇلچى پوتبۇ ...

راس  گەپنى   دىدىم، بورۇن بىكخامغا  ئامراقتىم.  مەنمۇ  ئاساسى بار گەپنى قىلىمەن.2006 يىلى مىىسسى دەپ يۈرسەم  قاملاشماس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
كىمنىڭ مەستانىسى بولسىڭىز مەيلىتى .  بىراق مېسسى مەستانىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئاشكارلاپ قويسىڭىز بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلالمايسىز  …  قالغىنىنى ئالدىرماي …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:39

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش