ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 722 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-20 21:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھايات كىرپىك ئۈستىدىكى بىر تامچە ياشقا ئوخشايدۇ ، ھاياتتا كىبىر بىلەن ئەمەس - مىھىر بىلەن ياشا ، شۈكرى قىلدىغان دىلىڭ ، زىكرى قىلدىغان تىلىڭ ،سەبىر قىلدىغان تېنىڭ بولسۇن ،توغۇرلاپ قويغان سائىتېڭ ئەمەس ئارزۇ-ئارمانلېرىڭ سېنى ئويغاتسۇن. خەيرىلىك كەچ ئەزىزلەر مەندېن ھەممېڭلارغا ئۆتلۇق سالام ئالى ئېھتېرام ..
ھەر كۈنى يېڭىدىن باشلانغان سەھەر يېڭى تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ھەرىكەتتىن كەلگەن خۇشاللىقمۇ، سىناق ئۈچۈن بېرىلگەن قېيىنچىلىقمۇ، يۈرەكنىڭ چوڭقۇر جايلىرىغا كۆمۈلگەن سېغىنىشمۇ، قۇياش بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلىدىغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدمۇ بار!!! مەن ئەزىزلىرىمىڭ بۈگۈندىن باشلانغان ھەر بىر ئىشىغا ئاسانلىق، خىزمىتىگە ئۇتۇق، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن!!
ئەسىر دېربىسى يېتىپ كېلەي دېدى گەرچە مۇنبەردىمۇ بۇرۇنقىدەك ئۇرۇش جېدەلنىڭ ئورنىغا قىزىقارلىق تېمىلار يوللىنىپ ھەممە ئەزالارنىڭ كەيپىياتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرلۈپ كەتتى ، ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ئازراق سۈركۈلۈش بولغان بولسىمۇ ، بۇرۇنقىدەك تىل سېلىشىدىغان ئەھۋاللار ئاساسەن بولىنمىدى . ئۇرۇش جېدەل ۋە تىل سېلىشلار تۈگۈگەن يەردە ياۋرو تىكىشىشلەرنىڭمۇ چوقۇم تۈگەپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
بۈگۈن بۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى مەقسەت ئالدىمىزدىكى باشلىنىش ئالدىدىكى مۇسابىقىلەرنى جاي - جايلاردىكى مۇنبەرداشلار بىر يەرگە يىغىلىپ بىللە مۇنازىرە ۋە تەھلىل قىلشقاچ كۆرسەك دېگەن ئۈمىدتتە مەن . موشۇ باھانىدە تونۇشمىغانلار تونۇشۇپ ، ئۇرشۇپ ماي تارتىشىپ قالغانلار يارىشىپ تېخىمۇ ئېناق ئىتتىپاق بولغان مۇنبەر كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرسەك دېگەن ئۈمىتتە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرىپتىمەن .
ھەر قايسى شەھەر ناھيىلەردىكى مۇنبەرداشلار قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بىر يەرگە يىغىلىپ ، مۇنازىرلەشكەچ مۇسابىقە كۆرسە بىزگە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمايدۇ ئەلۋەتتە :
شۇڭا مەن ئاۋال قەشقەردىكى بارلىق مۇنبەرداشلارنى مەلۇم بىر ئورۇننى مەركەز قىلىپ يىغىلىپ بىللە مۇسابىقە كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن . تېلىفۇن ئالاقىلىش نومۇرىمنى قالدۇرۇپ قويسام ئەتە كەچ مۇسابىقىن بىللە كۆرۈپ ھوزۇرلانساق .
باشقا رايون ۋە شەھەرلەردىكى دوسلارمۇ موشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ ، ئۆز ئارا ئالاقىلشىپ بىرلىكتە مۇسابىقە كۆرۈپ ، بۇ بىر كۈننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمەن .
|
|