نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 776|ئىنكاس: 37
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈزۈك شاھى رائۇلغا ھۆرمەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-19 16:05  



بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن مادرىدنىڭ رىۋايەتلىك توپىچىسى رائۇل ئۆزىنىڭ 21 يىللىق پۇتبول ھاياتىنى رەسمى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.گەرچە بۇ يىل 38 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن بۇ پەسىلدىكى مۇسابىقىلەردە 26 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 7 توپ ئۇرغان.
رائۇلنى ياقتۇرۇشۇم، شۇنداقلا مادرىد مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گەرچە ئۇنىڭغا قىيالماي تۇرساممۇ لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا خەيىر خوش كېيىنكى ئىشلىرىڭ ئۇتۇقلۇق بولسۇن دېمەكتىن باشقا ئامال يوق. 38 ياشقا كىرىپ قالغان رائۇل شۇنداق قىلىپ چىملىقتىن ئايرىلماقچى، بېرنابۇدىن ئايرىلغاندا ئازاپلانغان مەستانىلەر يەنە بىر قېتىم ئازاپلانماقچى.
لېكىن مادرىد مەستانىلىرىغا نىسپەتەن ئۇنىڭ چىملىقتىن چېكىنىشى بىر ياخشى ئەھۋال بولىشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى مادرىد رائۇلنى تەكلىپ قىلىپ كوماندىدا خىزمەتكە قويماقچى بولغان. قانداقلا بولمىسۇن سېنىڭ ئۆيۈڭگە قايتىپ كېلىشىڭنى قارشى ئالىمىز.


تۆۋەندە مەن رائۇل توغرۇلۇق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.


شەخسىي ئارخىپى:


تولۇق ئىسمى:
ئۇيغۇرچە: رائۇل گونزالىس
خەنزۇچە: 劳尔•冈萨雷斯
ئېنگىلىزچە: Raul Gonzalez Blanco
ئادەتتە ئاتىلىشى : رائۇل
لەقىمى: مادىرىد شاھزادىسى، ئۈزۈك شاھى، مادىرىد رېۋايىتى، تۇغما كوماندا باشلىقى، يەەتە بۆرە باشلىقى!
دۆلەت تەۋەلىكى: ئىسپانىيە
مەيداندىكى ئورنى: ھۇجۇم، يان ھۇجۇم
توپ تەپكەن كۇلۇبى: 1994-يىلىدىن 2010-يىلى يازغىچە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى، 2010-يىلىدىن باشلاپ: شالىك 04 كوماندىسى
كېيىم نۇمۇرى: كۇلۇب ۋە دۆلەت كوماندىسىدا ئوخشاشلا 7- نۇمۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1977- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى
تۇغۇلغان جايى: مادىرىد شەھىرى
بوي ئېگىزلىكى: 180 سانتېمىتىر
بەدەن ئېغىرلىقى 69 كلوگرام
قان تىپى: O
يۇلتۇز تۈركۈمى: قىسقۇچپاقا
ئەڭ يېقىن دوستى: مورىنتىس
كىلاسسىك بولغان تەبرىكلەش ھەرىكىتى: ئۈزۈكىنى سۆيۈش (شۇڭا ئۈزۈك شاھى دەپ نام ئالغان)
تۇنجى مەيدان خەلقئارالىق دۆلەتلەر مۇسابىقىسى: 1996-يىلى 10- ئاينڭى 9- كۈنى: ئىسپانىيە0:0چېخ
تۈنجى مەيدان كۇلۇب مۇسابىقىسى: 1994-يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى مادىرىد : سالاگسا
دۆلەت دېربىيسىدە تۇنجى ئۇرغان توپى: 1995-1996-يىلى مۇسابىقە پەسلى مادىرىد 1 :1 بارسېلونا
بىرلەشمە مۇسابىقىسدە تۇنجى ئۇرغان توپى: مادىرىد ئاتېلىتكا كوماندىسىغا (ئۆسمۈر چېغىدا تۇرغان كوماندىسى)




1. مادرىد ئالتۇن ئۆسمۈرى    1994-1998 يىلغىچە


مادرىد بولسا بىر پۇتبول قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان شەھەر، كۆپىنچە مەستانىلەرگە نىسپەتەن شۇنداقلا بۇ شەھەرگە نىسپەتەن پۇتبول دىگەن ئاتالغۇ پەقەت ئىككى خىللا رەڭگە تەۋە، مۇئاشلىقلار قاتلىمىغا تەۋە بولغان ئاتلىتكا مادرىد ۋە بايلار قاتلىمىغا تەۋە بولغان خانلىق مادرىد تىن ئىبارەت. مەبلەغ سېلىش ۋە نەتىجە تۈپەيلىدىن نۇرغۇن مادرىد مەستانىلىرى بارسىلونانى مادرىنىڭ ئەڭ ئەشەددى رەقىبى دەپ ئويلايدۇ، ئەمىلىيەتتە مادرىدنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇلار بىلەن تىركىشىۋاتقان رەقىبى بولسا دەل ئاتلىتكا مادرىد.
گەرچە خانلىق مادرىد مالىيە جەھەتتە كۆپ ئۈستۈن تۇرسىمۇ لېكىن 90-يىللاردا ئاتلىتكا مادرىد كوماندىسى يەنىلا ياشلارنى يىتىشتۈرۈشتىكى بىرىنچى ئورۇن دەپ قارىلىپ كەلگەن. 900 – يىللاردا ئۇلارنىڭ ياشلارنى تەربىيلەشكە مەسئۇل مەشقاۋۇلى مادرىدنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن ئۇرۇق رائۇل گارسىيا ئىسىملىك بىر بالىنى بايقاپ قالدى.
ئۇ بۇ بالىنى ئاتلىتكا مادرىد ياشلار بازىسىغا ئېلىپ كەلدى، شۇ يىلى 13 ياشقا كىرگەن رائۇل بۇ كۇلۇپتا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى، بولۇپمۇ ئىشچىلىق قىلىپ ئاران جېنىنى ساقلاۋاتقان رائۇلنىڭ ئاتىسىغا نىسپەتەن بۇ ھەقىقەتەن بىر خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى، چۈنكى كىچىكىندىنلا ئاتلىتكا مادرىدنىڭ مەستانىسى بولغان ئوغلىنڭ شۇ كۇلۇپقا كىرەلىشى ھەقىقەتەن بىر خۇشاللىنارلىق ئىشى ئىدى.

ھەممە بالىلار ئوخشاش، پۇتبول بولسا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىدىغان ئاچقۇچ دەپ قارىشىدۇ، لېكىن بۇ سۆز 13 ياشقا كىرگەن بالىغا نىسپەتەن سەل بالدۇرلۇق قىلاتتى، ئۇنىڭ چۈشىنىدىغىنى بولسا چىمنى دەسسىگەن ھالدا توپنى قوغلاپ داۋاملىق يۈگرەش.
رائۇل ئاتلىتكا مادرىد چىملىقىدا ئىككى يىل يۈگرەپ بولغاندىن كېين كۇلۇپنىڭ تېخنىڭ نازارەتچىسى كانويىن كۇلۇپنىڭ مالىيەسى سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن. رائۇلنى قوشىۋالغان ئادەمنىڭ ئاتلىتكا مادرىد كۇلۇبىدىن ئايرىلىشى بىلەن رائۇلنىڭ ئاتلىتكا مادرىدتىكى كەلگۈسى قاراڭغۇلۇققا تولغان.شۇ ئىشتىن كېيىن كۇلۇپ رەئىسى شىر نىڭ بىر قتىملىق ئەخمىقانىلىق بىلەن چىقارغان قارارى رائۇلنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى ھاياتىنى تۈپتى ئۆزگەرتىۋەتكەن.
1992- يىلى كۇلۇپنىڭ چىقىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن شىر كۇلۇپنىڭ ياشلار بازىسىنى تارقىتىۋەتكەن، شۇنداق قىلىپ 15 ياشقا كىرگەن رائۇل ھاياتىدىكى بىر كىسىشكەن يول ئېغىزىغا دۇچ كېلىپ قالغان.
ئاتلىتكا مادرىد كۇلۇبى رائۇلنىڭ داۋاملىق كۇلۇپتا قېلىپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىنى ئۈمۈد قىلغان بولسىمۇ لېكىن 1992-يىلى ئەتىيازدىكى جىمجىت يېرىم كىچىدىكى تېلىفۇننىڭ جىرىڭلىشى بىلەن، رائۇلنىڭ ئارزۇسى ئاتلىتكا مادرىد كۇلۇبىدىن خانلىق مادرىد كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.

بۇ تېلىفۇننى ئۇرغۇچى بولسا خانلىق مادرىدنىڭ ئادەم قوشۇشقا مەسئۇل خادىمى گارسىيا بولۇپ، ئۇ تېلىفۇندا رائۇلغا سەمىمىيلىك بىلەن سەن مادرىدقا قوشۇلۇشنى خالامسەن؟ دەپ سوئال قويغان.
1992- يىلى يازدا بى قاتار تالاش تارتىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن رائۇلنىڭ ئاتىسى، ئۆزى خالىمىغان ۋە ئويلانغان ھالدا رائۇلنى ئېلىپ خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ دەراۋازىسىنى چەككەن.
1994- يىلى مادردىدتا ئىككى يىلنى ئۆتكۈزگەن رائۇل ئاخىرى ياشلار كوماندىسنڭ مەشقاۋۇلى  باردونانىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر توختامغا ئېرىشكەن. ۋە شۇ توختامىنىڭ ئاستىغا ئۆزىنڭ ئىمزاسىنى قويغان، ھالا بۈگۈنگە كەلگۈچە ئۇ شۇ توختامدىكى ئىمزاسىنىڭ ئاستىدىكى چىسلانى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، 1994-يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى.
رائۇلغا تەۋە بولغان رىۋايەت مانا مۇشۇ كۈندىن باشلاپ رەسمى باشلانغان.


شۇ يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى رائۇل تۇنجى قېتىم مادرىدقا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان، شۇ يىلى ئۇ تېخى 18 ياشقا توشمىغان ئىدى، شۇ ۋاقىتتىكى كىچىك بىر بالىنڭ مەيداندىكى چاققانلىقى ۋە چەبدەسلىكى قىش كىلىش ئالدىدا تۇرغان مادرىد مەستانىلىرىگە بىر خىل ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇرغان.
پەقەت بىر ھەپتىدىن كېيىن رائۇلنىڭ توپ ئۇرۇشى مەستانىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا ئوت يېقىۋەتكەن، بۇ قېتىم رائۇلنىڭ توپ ئۇرغىنى بولسا باشقا بىر كوماندا بولماستىن رائۇلنىڭ ئىلگىركى ئائىلىسى بولغان ئاتلىتكا مادرىد كوماندىسى ئىدى.
رائۇل توپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى قايتىدىن نامايەن قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قولىدىكى قەلەم ئارقىلىق ئاق قىزىل كىيىمنى پۈتۈن ئاق كىيىمگە ئۆزگەرتتى، ئۇنىڭ يۈرىكى ئاللىقاچان بېرنابۇغا تەۋە بولۇپ بولغان ئىدى.
بۇ بىر يىلى رائول بىرلەشمىدە 9 توپ ئۇرۇپ خان مادرىد كوماندىسنىڭ بارسىلونانىڭ قولىدىن بىرلەشمە لوڭقىسىنى تارتىۋېلىشغا ياردەم قىلغان، رائۇلنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى كۆرگەن ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى ئىسپانىيەنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولۇشقان، مەستانىلەر ئۇنىڭغا بىر ئاتالغۇ قويۇپ قويغان بولۇپ ھەممىسى ئۇنى ئالتۇن ئۆسمۈر رائۇل دەپ ئاتىشاتتى.
ئالتۇن ئۆسمۈر دىگەن ماختاشلار بىلەن رائۇل مادرىدتا بويسۇندۇرۇش يولىنى باشلىدى، شۇنداقلا باشقىلارمۇ مادرىدلىق بۇ ئالتۇن ئۆسمۈرنىڭ تېزراق مادرىد ۋە ئىسپانىيە كوماندىسنىڭ باشلامچىسى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشماقتا ئىدى، 1995-يىلدىن باشلاپ رائۇل كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ يۈزىدىن باشقا تەرەپلەردىن ئۇنىڭ 18 ياشقا كىرگەن بىر بالا ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىڭىز ناتايىن. ئېغىر بېسىق بولغان رائۇل بىلەن زامورانو ئىككىسى بىرلىكتە بېرنابو بايرىقىنى لەپىلدەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئافونسو دۆلەت كوماندىسى ۋە خانلىق بېنتىس كوماندىسىدىن ئايرىلدى.
ئەڭ مۇھىم بولغىنى بولسا رائۇل ئۇزغۇنلۇق مەيدانىدا ئۆزىگە تەۋە بولغان توپنى ئۇردى.بۇ رىۋايەت 1995- يىلى 10 – ئايدا ۋېنگىرىيەدىكى فىرانكىۋاروسى كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قالپاق ئوينى ئويناشتىن باشلاندى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ رائۇلنىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلىرىدە ئۇرغان توپلىرى ئۈزلىكسىز كۆپىيىپ ماڭدى.
لېكىن پەسىل ئاخىرىدا ئۈچ مەيداندان جەڭ قىلغان مادرىد بىرلەشمە چېمپىيونلىقىنى بىر شەھەردىكى رەقىبى بولغان ئاتلىتكا مادرىدقا تارتقۇزۇپ قويغان. شۇ سەۋەبتىن رائۇلنىڭ ئۇستازى بولغان بالدونو ئىشتىن چۈشۈپ، ئىتالىيەلىك مۇداپىئەسىمان تېرنىر كاپىللو مادرىدقا مەشقاۋۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن كوماندىنىڭ تاكتىكىسىمۇ ھەر خىل ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى، مىياتوۋىچ بىلەن 1996- يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدا نام چىقارغان داۋور شۈكۈرنىڭ كىلىشى بىلەن، رائولنىڭ ئورنى تېخىمۇ مۇقىم بولالماي قالدى، كاپىللونىڭ قول ئاستىدا ئۇ سول ھۇجۇم تەرەپتە بەكرەك كۆزگە چېلىقىپ ئوينىدى.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن رائۇل ھەر ئىككى مەيداندا بىر توپ ئۇرۇشتەك ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى.

مادرىد كاپىللونىڭ مۇداپىئەسىمەن تاكتىكىسغا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، مۇقىم بولغان مۇداپىئەسى بىلەن مادرىد دېربىسىدا ئاتلىتكا مادرىدنى قىرغىن قىلغان. شۇ مۇسابىقىدە رائۇل ئىككى توپ ئۇرغان، بولۇپمۇ ئىككىنچى توپتا رائۇل ئۆزىنىڭ شەخسى تېخنىكىسىنى تولۇق نامايەن قىلغان. مادرىد شاھزادىسى دەپ نام ئالغان رىدوندونىڭ پېسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاتلىتكا مادرىدنىڭ ئىككى مۇداپىئەچىسى چىرايلىق ئالدىغاندىن كېيىن بۇلۇڭ ئىنتايىن كىچىك ئەھۋال ئاستىدا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزگەن. شۇ پەسىل مادرىد بارسىلونادىن ئېشىپ بىرلەشمە چېمپىيونلىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن.
لېكىن كاپىللو نىڭ ئىتالىيەچە ئۇسلۇبىمۇ ئۇزاق بەرداشلىق بىرەلمىگەن، 1997-يىلدىن باشلاپ مادرىدنىڭ مەشقاۋۇللۇق ئورنى يەنە تەۋرەشكە باشلىغان. كېيىن ھاينىكىس مادرىدقا باش مەشقاۋۇل بولغان، گىرمانىيەلىك مەشقاۋۇلنىڭ ئۇسلۇبىدا رائۇل ئۆزىننىڭ تالانتىنى تېخىمۇ تولۇق نامايەن قىلغان.ئىسپانىيە بىرلەشمىسى شىخوڭ رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رائۇل ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دۇنياۋى سەۋىيەلىك توپتىن بىرنى ئۇرغان.
شۇ توپتىن كېيىن ئىسپانىيەلىك ئالتۇن ئۆسمۈر رەسمى تونۇلىشقا باشلىغان. مەستانىلەرمۇ رائۇل دىگەن ئىسىمنى ئېسىدە ساقلىۋېلىشقان.
ھاينىكىس باشچىلىقىدىكى خان مادرىد كوماندىسى ئۇزغۇنلۇقتىكى تۇراقلىق بولغان ئىپادىسى بىلەن پەسىل ئاخىرىدا ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن.
ئامىستىردام، مورىنتىس، رائول قاتارلىقلار لوڭقىنى كۆتۈرگەن ۋاقتىدا، ئىسپانىيە بايرىقىنى تۇتۇپ تىرادىئوتورلار ئۇسۇلى ئويناپ تەبرىكلىگەن ھالەت شۇ گۈزەل مەنزىرىلەر ھازىرمۇ نۇرغۇن مەستانىلەرنڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيۋاتىدۇ.
گەرچە ئۇزغۇنلۇقتا چېمپىيون بولغان بولسىمۇ بىرلەشمىدە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ قېلىشتەك نەتىجىنى كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى قوبۇل قىلالماي قالدى، شۇنداق قىلىپ ھاينىكىس بىلەن رائۇلنىڭ بىر پەسىللىك ئۇستاز شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشتى. رائۇل رەسمى ھالدا پىشىپ يېتىلىشكە باشلىدى.
1998- يىلدىكى دۇنيا لوڭقسى مۇسابىقىسى رائۇلنىڭ تالانتىنى ھەقىقى نامايەن قىلىدىغان بىر چوڭ سەھنە بولۇپ قالغان.
بىراق رائۇل ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلمىسە كىرەك، بۇ قېتىممۇ ئۇ ئوخشاشلا ئامالسىز ئىدى، چۈنكى تەقدىر ئاللىقاچان بۇ سىنارىيەنى يېزىپ بولغان بولۇپ، ئۇ پەقەت ئۆزىنڭ رولىنى تولۇق ئويناپ بەرسىلا بولاتتى.


2. ئالتۇن ئۆسمۈردىن شاھزادىگىچە    1998-2002 يىلغىچە


1998-يىلى فىرانسىيەنىڭ ياز كۈنى رائۇلغا بىر قائىدىنى بىلدۈرۈپ قويدى، يەنى ئالتۇن ئۆسمۈردىن شاھزادىگە ئايلىنىش ئۈچۈن ئۇ ئويلىغاندىنمۇ ئۇزۇن جەريان كىتەتتى.
1998- يىلى 6-ئاينىڭ 13- كۈنى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ مەشقاۋۇلى كىلەيمىنىت نىڭ باشچىلىقىدا مىلۇ يىتەكچىلىكىدىكى نىگىرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، 30 مىڭ تاماششىبىن يېغىلغان بىرۇئېر پۇتبول مەيدانىدا رائۇل دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئۈچ نۇمۇرغا ئىرىشىشى بارغانسىرى يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى، لېكىن مىلۇ يىتەكلىگەن نىگىرىيە كوماندىسى ئۇلاردىن ئېشىپ كىتىپ، ئىسپانىيەنىڭ ئۈچ نۇمۇر ئېلىش ئۈمۈدىنى يوق قىلغان ئىدى.
كېيىنكى مەيدان گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە پاراگۋاينىڭ ۋارتارى چىلاۋىت ئۆزىنبڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن رائۇلغا بىر مەيدان تەڭلىشىش سوۋغا قىلغان بولدى، گەرچە بۇلغارىيەنى 6-1 نەتىجە بىلەن قىرغىن قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئىسپانىيە ۋە رائۇل ئاللىقاچان ۋەتەنگە قايتىدىغان بېلەتنى ئېلىپ بولغان ئىدى.
فىرانسىيەدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېىين رائۇل تۇنجى قېتىم كۈچ يۈرەككە بويسۇنمايدۇ دىگەن ئەقلىيە سۆزنى تونىغاندەك بولدى، ئايروپىلاندا مادرىدقا قاراپ ئۇچىۋاتقان رائۇل بۇ كۈننىڭ يەنە ساپ ساق 4 يىلدى كېيىن كىلىدىغانلىقىنى ئويلىسىمۇ لېكىن ئۇ ئامالسىز ئىدى.

مادرىدقا قايتقاندىن كېيىن رائۇل بارغانسىرى كوماندىنىڭ يادروسى بولۇپ قېلىۋاتاتتى، مىياتوۋىچ بىلەن شۈكۈرنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى بىلەن، مورىنتىس ۋە رائۇلدىن تۈزۈلگەن ھۇجۇم سېپىنى مەستانىلەر قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.مورىنتىسنىڭ بەدىنى بىلەن رائۇلنىڭ چاققانلىقى ئۇلارنى ھەقىقەتەن مۇكەممەل بىر جۈپلەردىن قىلغان ئىدى.
ئۇ ۋاقىتتىكى مادرىدتا كىينكىگە ئوخشاش چولپانلار تۇشۇپ تۇرمىغان بولسىمۇ لېكىن ئىسپانىيە پۇتبولىنڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. شۇ ۋاقىتتىكى مادرىد ھەقىقەتەن تەڭپۇڭ ھالەتكە يەتكەن ئىدى.
تويوتا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى رائۇلنىڭ پىشىپ يىتىلىشىنڭ ئەڭ ياخشى بەلگىسى بۇلۇپ قالغان، قارشى تەرەپ بىلەن مۇداپىئەچىلىرى رائۇلنى قورشىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە ماس كەلمىگەن تەمكىنلىك بىلەن مۇداپىئەچىلەردىن ئۆتۈپ نىشانلاپ توپنى ئۇرغاندىن كېيىن توررىئادورلاردەك تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلىگەن، ۋە بۇ قىممەتلىك توپى مادرىدنى تويوتا لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرگەن.
لوڭقىنى ئالغاندىن كېيىن مەيداندا تەبرىكلىگەن ۋاقتىدا رائۇلنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىنىڭ ئەمدى 21 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتەتتى، لېكىن ئۇ 21 ياش بولسىمۇ ئاللىقاچان مادرىدنىڭ ئەتىۋارلىق توپچىسىغا ئايلانغان ئىدى.

بۇ پەسىل رائۇل شەخىس مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 25 توپ ئۇرۇش بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئىسپانىيە پۇتبول خەرىتىسىدىكى يەنە بىر شەھەر ئۇنىڭ بويسۇندۇرىشىنى ساقلاپ تۇرماقتا ئىدى، ئۇ بولسىمۇ بارسىلونا شەھرى ئىدى.
1999-يىلى 10- ئاينىڭ نوكەمپۇ پۇتبول مەيدانىدا 90 مىڭدىن ئارتۇق بارسىلونا مەستانىلىرى مەدەت بىرىۋاتاتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 60 مىنۇتقا قەدەم قويغان ئىدى، ئۇلار باش رىپىرنىڭ پۈشتەكنى چېلىپ مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى، شۇنداقلا مادرىدنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتاتتى. لېكىن شۇ ئۇرۇق ئاق پىشماق بالا نەدىن پەيدا بولدى بارسىلونانىڭ ۋارتارى ئالدىدا پەيدا بولۇپ توپنى ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزدى.ئۇ توپنى ئۇرغاندىن كېيىن بارمىقى بىلەن ئاغزىنى بېسىپ تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلىدى، پۈتۈن نوكەمپۇ مەيدانى جىمجىتلىققا تولدى. بەزى ۋاقىتتا جىمجىتلىقمۇ ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇق ئىدى. شۇنداق قىلىپ رائۇلنىڭ توپ ئۇرىشى بىلەن ئۇلار ئەشەددى رەقىبى بولغان بارسىلونادىن بىر نۇمۇر ئېلىپ قايتتى.

بۇ پەسىل بوسىكنىڭ باشچىلىقىدا مادرىد ئۇزغۇنلۇققا بەكرەك كۈچەۋاتاتتى، ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە مادرىد مانچىسىتىر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رائۇل ۋە رودوندو ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ قالتىس توپتىن بىرنى ئۇردى.كونا تىرانفورد مەيدانىدىكى مەستانىلەر رودوندونىڭ ئادەمدىن ئۆتۈش ماھارىتىدىن ھۇزۇرلانسا رائۇلنىڭ چىرايلىق توپ ئۇرشىغا شاھىد بولۇشقان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا كونا تىرانفورد مەيدانى بىر چۈش تىياتىرخانىسغا ئايلانغان ئىدى. مادرىد مانچىستىرنى مەغلۇپ قىلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىردى.
بۇ توپ بەلكىم بېرنابۇ شاھزادىسىنىڭ ئالمىشىشىغا سەۋەپ بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن، 1994-يىلى بېرنابۇ چىملىقىغا دەسسەپ كىرگەن رائۇل ھالا بۈگۈنكى كۈندە 3-0 نەتىجە بىلەن ۋالىنسىيانى مەغلۇپ قىلىپ يەنە بىر ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى مادرىد شەھرىگە ئېلىپ كەلدى ۋە مادرىد شاھزادىسى بولغان رېدوندودىن شاھزادىلىكنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
شۇ پەسىلدىن كېيىن رېدوندو فىلورىندىنونىڭ ئىنقىلابىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى، ئىلگىركى ئەشەددى رەقىبىنىڭ كاپىتانى بولغان فىگو بېرنابۇ مەيدانىغا كەلدى، خانلىق مادرىد پېرىس نىڭ رىژىسورلىقى ئاستىدا بىر يىلدا بىر چولپان قوشۇش ئىستىراگىدىيىسىنى باشلىدى.شۇ ۋاقىتتا رائۇل ۋە كوماندىدىكى ھەر قانداق بىر ئادەم رېدوندودىن ئايرىلىشقا چىدىمايۋاتاتتى، لېكىن ئامال قانچە شۇنداق قىلىپ ئىلگىىركى مادرىد شاھزادىسى رېدوندو ئۆزىنىڭ شاھلىقىنى يىڭى بىر شاھزادە رائۇلغا تاپشۇرۇپ بېرىپ مادرىد تىن ئايرىلدى.

چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئىقتىسادنىڭ پۇتبولغا ئارلىشىشى بىلەن، سادىقلىق ۋە ئىتقاد بىر تىپىككە يارىمايتتى.
بۇ ۋاقىتتا ھېچكىم كەلگۈسى توغرۇلۇق بىر نەرسە دىيەلمەيتتى، ئۇلارنىڭ ئەمىلىيەتكە يۈزلەنمەكتىن باشقا ئامالىمۇ يوق ئىدى.
ئىسپانىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىلىرىدىكى شاھ ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلار گەرچە ئۇرۇق كوماندا بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ئادەمنى رازى قىلالمايتتى.ئويلىغاندەك باشقىلارنىڭ پەرىزى توغرا چىقتى، گۇرۇپ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا ئۇلار نورۋىگىيەگە ئۇتتۇردى، لېكىن ئىككىنچى ئايلانمىدا مۇسابىقىدە رائۇل ھەممەيلەننىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئۈچ نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى.كېيىن ئۇلار يۇگۇسلاۋىيەگە دۇچ كەلدى.شۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىر نوقتا توپ تالاش تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، فىرانسىيەلىك رېپىر ھۆكۈم قىلغان بۇ نوقتا توپ بىر يۇگۇسلاۋىيە مەستانىسىنىڭ مەيدانغا بۆسۈپ كىرىشىنى چىقاردى، لېكىن ئىشلار ئاللىقاچان يۈز بىرىپ بولغان. 4-3 نەتىجە 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنىڭ يەڭگۈچىسىنى بەلگىلەپ بولغان ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن توررىئادورلا قوشۇنى گۇرۇپتىن ئوڭۇشلۇق ھالدا چىقتى، رائۇل ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنىڭ لوڭقا چۈشى يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدىغاندەك قىلاتتى.
لېكىن باشتىن ئاخىرى ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كىتىۋاتقان رائۇل تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدىكى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان نوقتا توپنى ئۇرالمىدى. شۇنداق قىلىپ ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىمۇ چوڭقۇر ھاڭ تۈۋىگە چۈشۈپ كەتتى.

شۇنداق قىلىپ ئىسپانىيەنىڭ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، مادرىدقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رائۇل يىڭى سەپدىشى بولغان فىگو نى كۈتىۋالدى. مادرىدمۇ رەسمى ھالدا فىلورىندىنو دەۋرىگە قەدەم قويدى. بەلكىم فىلورىندىنونىڭ نەزىرىدە بۇ پەسىل ئېرىشكەن بىرلەشمە لوڭقىسى سالغان مەبلەغگە تۇشلۇق بولماي قالغان ئىدى. لېكىن رائۇلغا نىسپەتەن بۇ پەسىل ھەقىقەتەن ئوڭۇشلۇق بولغان پەسىل ئىدى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ياۋرۇپا بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رائۇل تۇنجى قېتىم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىنى تارقىتىش سەھنىسىدە تۇردى. رائۇلنىڭ كۈلكىسى تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى، گەرچە ئۆزىنىڭ سەپدىشى فىگوغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە يوقىمىغان ئىدى.

2001-يىلى يەنە بىر چولپان زىدانى مادرىدقا قوشۇلدى، رائۇل ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەلقىلغۇچتا رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ خان مادرىد كۇلۇبى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدىن ئىبارەت كاتتا سوۋغىنى تەقدىم قىلدى.
شۇ قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئويلايدىغان بولساق كۆپىنچىمىزنىڭ ئىسىگە زىدانى ئۇرغان دۇنياۋى توپ كىلىشى مۇمكىن، لېكىن رائۇل ۋە ئۇنىڭ مەستانىلىرىگە نىسپەتەن باشتا قارشى تەرەپنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان رائۇلنىڭ ئۇرغان توپى تېخىمۇ بەك ئېسىدە تۇرغان بولىشى مۇمكىن. گىلاسگودىكى ساليوت نۇرلىرى ئاستىدا كاپىتان يېلو لوڭقىنى ئېگىز كۆتۈردى، شۇ ۋاقىتتىكى رائۇل يەنە بىر قېتىم غەلبىنىڭ تەمىنى تېتىدى.
ئۇ بەلكىم بىر ئايدىن كېينكى يىراق سەپەرنى ئويلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن، بەلكىم تىزراق شۇ يەرگە ئۇچۇپ بېرىپ تۆت يىل ئاۋۋالقى مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇشقا ئالدىراۋاتقان بولىشى مۇمكىن، لېكىن تەڭرى ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم چاقچاق قىلغان ئىدى.


3. شۇ يىلقى ياز    2002- يىلى

ئەگەر ئىسپانىيە كوماندىسنىڭ 2002- يىلدىكى مۇشۇ تارىخىنى يوقاتقىلى بولىدىغان بولسا مەن بۇ تارىخنى مەڭگۈلۈك يۇيىۋەتكەن بولاتتىم.
لېكىن خاتىرە دىگەن كۆرگۈچىلەر ئەستە ساقلايدىغان بىر نەرسىكەن، ئۇ سىزنىڭ كاللىڭىزغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن بولىدىكەن. سىز ئويلىماسلىققا تىرىشىسىز لېكىن مەلۇم بىر جىمجىتلىقتىن كېيىن ياكى مەلۇم سۆز ياكى خەتلەردىن ئۇ يەنە سىزنىڭ كاللىڭىزدا پەيدا بولىدىكەن. 2002- يىلدىكى ياز كۈنى رائۇل ۋە سەپداشلىرىغا نىسپەتەن مانا مۇشۇنداق ئۇنتۇشنى خالايدىغان لېكىن ئۇنتىيالمايدىغان بىر كۈن.
2002-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى رائۇل ھېررو غا ئەگشىىپ كورىيە دۇنيا لوڭقىسى مەيدانىغا يېتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ رەقىبى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان سىلوۋېنىيە ئىدى، كاماچاۋنىڭ كوماندىسى قېلىچقا قان يۇقتۇرماي قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلدى، تۇنجى توپنى ئۇرغۇچى بولسا يەنە شۇ رائۇل ئىدى. ئىسپانىيە كوماندىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان ئىدى، بىراق بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ نىشانى تاللىنىش بولماستىن چېمپىيون بولۇش ئىدى.
كېيىنكى قېتىم پاراگۋايغا دۇچ كەلدى، قېرىپ قالغان چىلاۋرىت بۇ قېتىم ئىسپانىيەنىڭ گۇرۇپتىن چىقىش يولىنى توسۇپ قالالمىدى، رائۇل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى مورىنتىس يۇلتۇزغا ئوخشاش پۈتۈن مەيداندا قالتىس چاقناپ مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.ئۇلار بىر ئايلانما بۇرۇن گۇرۇپتىن چىقتى.
لېكىن رائۇل كېيىنكى بىر مەيدان مۇسابىقىگىمۇ سەل قارىمىدى، ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىدە رائۇل ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇرغان توپ سانىنى ئاشۇردى. ئۇنىڭ جەنۇبى ئافرىقا كوماندىسىنىڭ ۋارتارىدىن توپنى تارتۋېلىپ ۋارتارغا ئۇرۇپ كىرگۈزگەن كۆرۈنىشى كۆپىنچىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا بولسا كىرەك. ئۈچ مەيدان گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە تولۇق غەلبە قىلغان ئىسپانىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئۆزىگە قۇچاق ئېچىپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدى.

فىرانسىيە، ئارگىنتىنا ۋە پورتىگالىيە گە ئوخشاش كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ گۇرۇپتىن چىقالماسلىقى بىلەن ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى بىر كېچىدىلا دۇنيا لوڭقىسىدىكى قىززىق نوقتىلىق كوماندا بولۇپ قالدى.لېكى ئۇلار ئالدىدا ئۆزى قوبۇل قىلالمايدىغان ئېچىنىشلىق بىر نەتىجىنىڭ ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقىمىغان ئىدى.
ئەلۋەتتە ئىرلاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇلار كىينكى مەيدانغا ئۆتۈشكە ئازلا قالغان ئىدى، لېكىن كاپىتان ھېررو نىڭ مۇسابىقە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قىلغان ئازراق ھەركىتى باش رېپىرنىڭ نوقتا توپ قۇيۇپ بېرىشىنى شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنداق قىلىپ ئىككى كوماندا نوقتا توپ جېڭىگە قەدەم قويدى.يارلانغانلىقتىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئالماشتۇرىۋېتىلگەن رائۇل مەيدان سىرتىدا ئولتۇرۇپ سەبداشلىرىغا مەدەت بىرىش بىلەن بىرگە،ئۆزىنڭ سەپدىشى كاسىللاسنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ ئولتۇرماقتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا كىيىنكى قەدەمگە ئۆتتى، شۇ يىلدىكى تۆت كۈچلۈك مۇسابىقىسى توغرۇلۇق مەن گەپ قىلماسلىقنى تاللىدىم، بەلكىم مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىگەن بولسام كىرەك.
يارلىنىپ مەيدانغا چىقالمىغان رائۇل مىنىڭ نەزىرىمدە بىر تەلەيلىك ئىدى. ئەگەر بىر ئۆچۈرگۈچ بولسا شۇ چاغدىكى ناھەقچىلىكلەرنى، ئامالسىزلىقلارنى ھەممىنى ئۆچۈرۈپ شۇ يىلدىكى يازنى ئاپئاق ھالەتكە ئېلىپ كىلىشنى ئۈمۈد قىلاتتىم.

4. شاھزادىدىن كاپىتانغىچە   2002- 2006 يىلغىچە


2002-يىلى رائۇلغا نىسپەتەن خۇشاللىققا كۆز يېشى ئارلاشقان بىر يىل بولدى، مادرىدقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كوماندا تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدونى كوماندىغا قوشىۋالدى، چوڭ رونالدونىڭ سامان يولى جەڭ كېمىسىگە كىلىش بىلەن، رائۇل بىلەن رونالدودىن تۈزۈلگەن ھۇجۇم سېپى ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇق بولۇپ كەتكەن ئىدى، بوسىك نىڭ كوماندىسى ئۇزاق ۋاقىتقىچە قوش چىمپىيون بولۇش ئۈمىدىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. شۇ يىلى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى 4 كۈچلۈك مۇسابىقىسى ھەقىقەتەن تارىخقا يېزىلغۇدەك كىلاسلىك مۇسابىقە بولغان ئىدى. كونا تىرانفورد تىكى مەستانىلىرى رونالدونىڭ قالپاق ئويىنىغا گۇۋاھ بولغان بولسا، بېرنابۇ مەستانىلىرى رائۇلنىڭ ئۇرغان ئىككى توپىغا ئالقىش سادا ياڭراتماقتا ئىدى. كۈچلۈك رەقىبىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن رائۇل ئوپراتسىيە سەۋەبىدىن ئۇزغۇنلۇقتىكى قەدىمىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئاخىرىدا خان مادرىد كوماندىسى ئىپادىسى تېخىمۇ مۇقىم بولغان يۇۋىنتىس كوماندىسى تەرىپىدىن شاللاندى.

بۇ پەسىل رائۇلغا تەسەللى بولغۇدەك پەقەت ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقى قالغان بولۇپ، ئۇلار ئاخىرقى بىر ئايلانمىدا ئىككى نۇمۇر پەرقى بىلەن چېمپىيون بولۇشقا ئازلا قالغان ئىدى، ئۇلار بېرنابۇ ئاسمىنىدا چېمپىيونلىقنى تەبرىكلەشكىمۇ تەييارلىنىپ بولغان ئىدى، بىراق كىم بىلسۇن رائۇلنىڭ چېمپىيونلىقنى تەبرىكلەش ۋاقتى يەنە تۆت يىلدىن كېيىن ئاندىن كەلدى،.
2003- يىلدىن باشلاپ مادرىد كوماندىسىدا تەۋرىنىش ۋە داۋالغۇش يۈز بىرىشكەن باشلىدى، كونا كاپىتان ھىررو، باش مەشقاۋۇل بوسىك، ياخشى دوستى مورىنتىس قاتارلىقلارنىڭ كېتىشى بىلەن رائۇل ئۆزىنى يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدى. لېكىن ئۇ مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقاپ، مادرىد ئۈچۈن داۋاملىق جەڭ قىلمىسا بولمايتتى، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ھەرگىزمۇ ئىلگىركى مادرىد ئالتۇن ئۆسمۈرى ئەمەس ئىدى، چۈنكى پۈتۈن كوماندا ئۇنىڭ يېتەكلەپ مېڭىشىغا مۇھتاج ئىدى. ئايالىغا بولغان مۇھابىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇ توپ ئۇرغاندىن كېيىن ئۈزۈكنى سۆيۈپ تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلىدى، شۇنداق قىلىپ مەستانىلەر ئۈزۈك شاھى دىگەن چىرايلىق ئاتالغۇنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى.
ئۈزۈك شاھى رائۇل شاھزادىدىن كاپىتانلىققا ئالماشتى، ئۇ بېرنابۇنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشى كىرەك.
لېكىن بۇ بىر يىل بېرنابۇنىڭ يىڭى باشلامچىسى بولغان رائۇل ئىلگىركى كاپىتان ھېررو ۋە رېدوندوغا ئوخشاش چېمپىيونلۇق سەھنىسىدە لوڭقا كۆتىرەلمىدى، ئۈچ مەيداندا جەڭ قىلغان مادرىد پەسىل ئاخىرىدا ھەممىدىن قۇرۇق قالدى. موناكو بىلەن بولغان ئۇزغۇنلۇق شاللاش مۇسابىقىسى بۇ پەسىلدىكى ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالدى، ئىگىركى ئۆزىنڭ ياخشى دوسىتى ھازىر قارشى تەرەپنىڭ كىيىمىنى كەيگەن بولۇپ ئۇنىڭغا قارشى ھالەتت ئىدى. مورىنتىس توپنى مادرىدقا ئۇرۇپ كىرگۈزگەندىن كېيىن رائۇل بۇ پەسىلدىكى ئۇزغۇنلۇق مۇساپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى.

مۇسابىقىدىن كېيىن رائۇل ۋە مورىنتىس قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلارنڭ بۇ قۇچاقلىشىشى 1998- يىلدىكى ئامىستىردامنى ئەسلەتتى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ياش ئىدى، ئۆتمۈشكە ئەمدى قايتقىلى بولمايتتى. رائۇل ئۇنىڭدىن كېينكى ئالتە يىل ئىچىدە ئۇدا 16 كۈچلۈكنىڭ سىرتىدا قېلىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
بۇ پەسىل رائۇلنىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنىمى بارغانسىرى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ئورنىمۇ بارغانسىرى كەينىگە تارتىلىشقا باشلىدى. ئىلگىركى قىسقا كالتەك چېچىمۇ ئۇزۇن چاچقا ئۆزگەردى. بېرنابۇ مەستانىلىرىمۇ يىڭى باشلامچىنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ، قورۇقلارنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشتى.بۇ خىل ھالەت 2004- يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىغىچە داۋاملاشتى. ئۇزۇن چاچ قويىۋالغان رائۇل ئۆزىنىڭ تەلىيىنى ئۆزگەرتىشكە ئامال قىلالمىدى. قوشنا دۆلەتكە قىلغان بۇ قېتىملىق سەپەردە بىر قېتىملىق پاستىن باشقا ئۇنىڭ تىلغا ئالغۇدەك ھېچ بىر تۆھپىسى كۆرۈلمىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ بىر يىلنىمۇ ئەپسۇسلىنىش بىلەن ئۆتكۈزدى، ئۆتۈپ كەتكەن ئۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۆزى ئاستا ئاستا ئۇنتۇپ كىتىشكە تىرىشىۋاتاتتى.
بىر يىل ھېچ قانداق شەرەپكە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، سامان يولى جەڭ كېمىسى 2004-يىلى ئېنگىلاندلىق ئالتۇن ئۆسمۈر ئوۋىننى كوماندىغا ئېلىپ كەلدى. ئوۋىننىڭ كىلىشى بىلەن كىشىلەر تېزلا رائۇلنىڭ كېيىنلىكى توغرىسىدا سۆز چۆچەك قىلىشقا باشلىدى. بىرى بولسا كەسپى ھاياتىنىڭ تۆۋەنلەش باسقۇچىغا چۈشۈپ قالغان باشلامچى، يەنە بىرى بولسا ئېنگىلاند ئۇسلۇبىغا ماسلاشقان ياش يىگىت. تاراتقۇلار زادى كىم رونالدونىڭ ھەمراھى بولۇپ ھۇجۇم ئوينىشى كىرەك دەپمۇ پەرەز سوئالى تاشلاشقان.
ناھايىتى ئېنىقكى مەيلى كاماچاۋ ياكى لۇسىنبوروگ بولسۇن ئۇلارنىڭ ئاۋۋالقى تاللىشى رائۇل ئىدى. لېكىن نەزىرىيە جەھەتتە ئۇنىڭغا بولغان تەنقىدلەر توختاپ قالغىنى يوق ئىدى،چۈنكى يەنە بىر ھۇجۇمچى ئوۋىن بولغان مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر بىرىدىن قالتىس توپلارنى ئۇرىۋاتاتتى. ئىككىسىنىڭ رىقابىتىدە رائۇل باش مەشقاۋۇلنىڭ غەمخورلىقىدىن باشقا ھېچقانداق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. بۇ خىل تالاش تارتىش ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىغىچە داۋاملاشتى.

لۇسىنبىروگ بۇ قېتىم خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ فېيگو نى زاپاس قىلىپ، رائۇل، ئوۋىن، رونالدودىن تۈزۈلگەن ھۇجۇم سېپىنى چىقاردى. كارلوس سول تەرەپتىن شاۋىنى يانداپ چىقىپ توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، رائۇل ئورۇننى ياخشى تاللاپ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقىدىكى ئاچچىقىنى بىراقلا ئالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالغان كۆرۈنۈش بولسا رائۇل بىلەن پويۇلنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى بولۇپ، قاش قاپىقى يېرىلغان رائۇل جەڭ مەيدانىدىكى جەڭچىدەك بېرنابۇ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە بارلىق كۈچىنى چىقاردى. شۇ ۋاقىتتا توپ ئۇرمىغىلى ئۇزۇن بولغان رائۇل ئۆز ئەسلىنى تاپقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭغا گۇمان نەزىرى بىلەن قارىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاغزى تۇۋاقلانغان ئىدى. شاھزادىدىن ھەقىقى بىر كاپىتانغا ئايلىنىش ئۈچۈن بەزىدە پەقەت 90 مىنۇت بولسىلا كۇپايە ئىدى.
ئىككى پەسىل قۇرۇق قالغاندىن كېيىن مادرىد يۇقىرى قاتلىمى رائۇلنى ئوتتۇرىغا چىقرىپ قويغان بولۇپ، رائۇل ئۇلارنىڭ قاتتىق قۇرۇق تاپا تەنىلىرىنى ئاڭلاپ سۈكۈتتە تۇراتتى. ئوۋىننىڭ ئايرىلىش ئالدىدا قىلغان بىر ئېغىز سۆزى تېخىمۇ چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئوۋىن ئايرىلىش ئالدىدا : خان مادرىد كوماندىسىدا پەقەت رونالدولا ھۇجۇمچىغا لايىق. دىگەن ، بۇ سۆز رائۇلنى بىر مەزگىل كۈرەش قىلىش ئوبىكتى قىلىپ قويغان.
تاراتقۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بولسا رائۇل بىلەن ئوۋىننىڭ مۇناسىۋىتى، رائۇل بىلەن رونالدونىڭ مۇناسىۋىتى، رائۇل بىلەن كاسانو ۋە روبىنخو نىڭ مۇناسىۋىتى. يەنى رائۇل كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى ئۆسمە دەپ ئاتالغان. 2005- يىلدىن كېيىن جۇڭگۇ تاراتقۇلىرى ئۇنى توپ زومىگىرى دەپ ئاتاشقان.
بۇ پەسىل باشلانغاندىن باشلاپ رائۇل زاپاس ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا باشلىدى، رائۇلنىڭ بۇ ئۇرۇنغا كۆنەلمەيۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى، زاپاس ئەزالار ئۇرۇندىقىدا ئولتۇرغان رائۇل جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيال قىلىشقا باشلىدى، ئۇ لۇسىنبوروگ نىڭ ئىشتىن چۈشكەنلىكىنى، فىلورىندىنو نىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇردى. بۇ كۇلۇپ ئۇنىڭغا بارغانسىرى ناتۇنۇش تەك بىلىنىپ كەتكەن ئىدى.
بەزىدە سىزدە رائۇل بولمىغان مادرىد ھەقىقى مادرىد ئەمەس دەيدىغان خاتا سىزىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ قانلىرىنىڭ ئارىسىغىمۇ ئاق كىيىمنىڭ خاتىرىلىرى سىڭىپ كەتكەن.

5. بېرنابونىڭ بايرىقى  2006-2010 يىلغىچە


مۇشۇنداق زىدىيەتلەر ئىچىدە رائۇل ، گىرمانىيە زىمىنىغا قەدەم باستى. لېكىن ئىلگىركىگە ئوخشىمايدىغىنى بولسا  ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدا ئۇنىڭ ئورنى يوق ئىدى، ۋىللا بىلەن تورىستىن تۇزۇلگەن ھۇجۇم سىپى مەستانىلەرنى بارغانسىرى قايىل قىلىۋاتقان  ئىدى،ئەينى ۋاقىتتا تۇنىس بىلەن بولغان موھىم مۇسابىقدە ھالقىلىق توپنى كىرگۇزگەن كۆرۈنىشى كۆپىنچىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك.لېكىن كىممۇ ئويلىغان دەيسىز بۇ توپ رائۇلنىڭ ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسدىكى 44توپى ۋە  ئەڭ ئاخىرقى بىر توپى بۇلۇپ قالغان ئىدى.
سەككىز كۇچچلۇككە كىرىش مۇسابىقسىدە رائۇل كۇلۇپتىكى سەبدىشى زىدانىنىڭ ئالدىدا مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلدى، ئالمىشىپ چۇشۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ زاپاس ئەزالار ئۇرۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ قارشى تەرەپ نىڭ ئىسپانىيەدىن ئېشىپ كېتىشىگە، ئاخىرىدا بوغۇزلاپ تاشلىشىغا قاراپ ئولتۇردى.شۇ مىنوتلاردا قەھىرمان پەقەت قەلبىدىكى چىدغۇسىز ئازابلار بىلەن تاماشىبىن سۇپتىدە  مۇسابىقە كۆرۋاتاتتى. بۇ راھۇلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دۇنيا لوڭقىسى ئىدى، شۇ يىلى 9-ئايدىكى دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش كىچىك گورۇپپا مۇسابىقسىدە ئىرلاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقدىن كىيىن، راھۇل دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى. توررىئادورلار قوشۇنىنىڭ  ئارسىدا ئۇنىڭ سىماسىنى ئەمدە كۆرەلمەيتۇق.
رائۇل ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن داڭلىق مەشقاۋۇل ئاراگونىس باشچىلىقىدا ئىسپانىيە كوماندىسى يىڭى بىر تارىخ يارىتىشقا باشلىدى. لېكىن رائۇل بولسا بېرنابۇدا ئوڭ سول تەرەپكە تەلمۈرۈپ ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ تۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمىدى.
رائۇل بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئۇرغان توپى ئارقىلىق دۆلەت كوماندىسىنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولدى، بۇ ۋاقىتتا رائۇلنىڭ تەبرىكلەش ھەركىتى ئىلگىركىگە ئوخشاشلا ئۈزۈكىگە سۆيۈش بولماستىن بەلكى، دۆلەت كوماندىسنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ كىيىمىنىڭ كەينىدىكى ئىسمىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ تەبرىكلىدى. ئۆزى بىلىپ بىلمەي رائۇل ئىككى قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا 2008- يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدىن بۇرنقى پەسىلدە 18 توپ ئۇردى. گەرچە ئۇ 18 قېتىم بارمىقى ئارقىلىق كىيىمىنىڭ كەينىدىكى ئىسمىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ لېكىن ئاراگونىس ئۇنىڭغا پەقەت پەرۋا قىلمىدى.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئاراگونىس نىڭ قىلغىنىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە تورىئادورلار قوشۇنىنى ياۋرۇپانىڭ چوققىسىغا ئېلىپ چىقتى.لېكىن رائۇل بولسا ئاچچىق ھەسىرەت ئىچىدە تېلىۋۇزۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ لوڭقا كۆتۈرگۈنىنى كۆردى.

لېكىن رائۇل ئۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي بېرنابۇدا ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. لېكىن ئۇ ۋاقىتتا بارسىلونا قايتىدىن باش كۆتۈرىۋاتاتتى، مادرىد قايتىدىن قالايمىقانلىشىشقا باشلىدى، ئىلگىرى قالتىس چولپانلار توپلانغان مادرىد كوماندىسى بىر مەزگىللىك قالايمىقانچىلىقتا قالىدىغاندەك قىلاتتى.
2009- يىلى 2-ئاينىڭ 16- كۈنى شىخوڭ رىقابەت بىلەن بولغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە  رائۇل مادرىد ھاياتىدىكى 308 ۋە 309 چى توپىنى ئۇرۇپ مادرىد تارىخدىكى رىۋايەتلىك شەخىس دىستىفانودىن ئېشىپ مادرىد تارىخدىكى بىرىنچى مەرگەن بولدى. ئۇ ۋاقىتتا رائۇل مادرىدنىڭ بايراق خادىسىغا ئوخشايتتى، يەنى يەرگە چىڭ قادالغان ھالدا ئۈستىدىكى بايراقنىڭ لەپىدىشىگە ياردەم قىلاتتى.

شۇ يىلقى ئەڭ چوڭ خوشخەۋەر بولسا فىلورىندىنو قايتىدىن مادرىدقا قايتىپ كەلدى، شۇ يىلى يازدا مادرىدنىڭ كاكا ۋە رونالدودىن ئىبارەت ئىككى چوڭ چولپاننى قوشىۋېلىشى يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. لېكىن پىللىرگىنى نىڭ كوماندىسىدا خان مادرىدنىڭ بايراقدارى يەنىلا رائۇل ئىدى. لېكىن يېشىنىڭ چوڭىيىشى ۋە تولا يارلىنىش ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولىۋاتقان ئىدى. شۇنداق قلىپ ئاساسلىق ئويناۋاتقان رائۇل بارغانسىرى زاپاس بولۇشقا باشلىدى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ رىقابەتلەشكۈچىسى بولسا ياش بولغان ھىگۇايىن بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىلگىركىگە ئوخشاش ئاساسلىق ئورنىنى قايتۇرىۋالغۇدەك كۈچى قالمىغان ئىدى.
مورىنىئو مادرىدقا كەلگەندىن كېيىن ئۇ كوماندىدىن ئايرىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ رېدوندو ۋە ھېررو نىڭ يولىدا ماڭدى، ئۇلارغا ئوخشىمايدىغىنى بولسا پەقەت خوشلىش مۇراسىمى خالاس.
خوشلىشى مۇراسىمىدا رائۇل مۇنداق دەيدۇ: بۇ بولسا مىنىڭ ئائىلەم، مىنىڭ بۇ يەرگە بولغان مۇھاببىتىم ئۆزگەرمەيدۇ.بۈگۈندىن باشلاپ مەن يىڭى بىر ھاياتىمنى باشلاش ئالدىدا، مەن مادرىدنىڭ كىيىمىنى تۇنجى كەيگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. مىنىڭ مادرىدتىكى ئۆمرۈم ئىنتايىن خۇشال ئۆتتى، مەن يەنە بىر قېىتىم تەكىتلەي مەن قايەرگىلا بارماي مەن مەڭگۈ مادرىد بىلەن بىرگە، كۇلۇپ ماڭا ئېھتىياجلىق بولسا مەن ھەر ۋاقىت تەييار، بىر توپچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مەن كۇلۇپقا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. مادرىد داۋاملىق ئالغا.

رائۇل سۆزلەپ بولغان كېيىن ئاخىرى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلىۋەتتى . ئۇ يېشىنى ئېيىتقاچ فىلورىندىنونىڭ قولىدىن بېرنابۇنىڭ مودىلىنى ئالدى . ئارقىدىن ئۇ مادرىدتىكى سەپداشلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى . ئۇ يەنە بىر قېتىم يىغلىۋەتتى ، ئۇ كۆز ياشلىرى بىلەن بۇ مەيداندىن ، توپ مەستانىلىرى بىلەن خوشلاشتى . توپ مەستانىلىرىمۇ مادىرىد ئۈچۈن 16 يىل توپ تەپكەن بۇ كونا توپچىغا قىزغىن ئالقىش سادا ياڭراتتى ، ھەمدە رائۇل ! رائۇل ! دەپ ناخشا توۋلاشتى . ئۇ مەيداندىن چىقىدىغاندا توپ مەستانىلىرىغا ئىمزا قويۇپ بەردى ، كۆز ياشلىرى تۇتىۋېلىپ ، ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ تۇردى . ئالقىش ساداسى ئىچىدە رائۇل ئۇلار بىلەن خوشلاشتى ، چۈنكى ئۇ بۈگۈن ئۈتۈپ كەتسىلا خانلىق مادىرىدنىڭ توپچىسى ئەمەس . ئەمدى ئۇ يېڭى كوماندىسى ---- شالىك04 كوماندىسىغا بارىدۇ ، ئۇ يەردە رئۇل ئۆزىنىڭ پۇتبول ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ .

6. شارىك 04 دىكى خاتىرىسى   2010-2012 يىلغىچە


مادرىد بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن رائۇل گىرمانىيەگە ئاتلاندى، ئۇ بۇ يەردە داۋاملىق ئۆزىنىڭ ھىكايىسىنى داۋاملاشتۇرىشى كىرەك ئىدى. شارىك04 كۇلۇبىغا قوشۇلغاندىن كېيىن بىرلەشمىدىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغان بولسىمۇ لېكىن،ئۇزغۇنلۇقتا ئۇ يەنىلا قالتىس ئويناۋاتاتتى، ئۇنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن ئۇلار ئىسپانىيەدىكى ۋالىنسىيا كوماندىسىنى شاللىۋەتتى، ئۇنىڭ توپ ئۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئېنتىر مىلەن ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىگە سەۋەپچى بولدى. شۇنداق قىلىپ شارىك04 كۇلۇبى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇزغۇنلۇق 4 كۈچلۈككە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا رائۇل كوماندىغا ياردەملىشىپ گىرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى.

ئۇ شارىك 04 دىكى ئىككى يىلدا خۇشاللىقىنى قايتىدىن تاپتى، ئاخباراتچىلارنىڭ قۇرۇق پىتنە پاساتلىرىدىن قۇتۇلدى، مەستانىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ بۇ شەھەرنىڭ قەھرىمانىغا ئايلاندى، كېيىن ئۇ يەنە ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا شارىك04 كۇلۇبى ئۇنىڭ ئۈچۈن خوشلىشى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. نەچچە ئون مىڭلىغان مەستانىلەرنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە رائۇل بىر قەھرىمانغا ئوخشاش كەينىنى قىلىپلا بارغانسىرى ئۇلاردىن يىراقلاشتى. ئۇ ئايرىلغاندىن كېيىن كۇلۇپ تەرەپ رائۇلنىڭ يەتتىنچى نۇمۇرىنى مەڭگۈلۈك پېچەتلەيدىغانلىقىنى ھەمدە كۇلۇپنىڭ داڭلىق كىشىلەر خاتىرىسىگە خاتىرلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

7. ئۆتكەن شامال    2012-2015 يىلغىچە


بىز مەستانىلەرگە نىسپەتەن 2012- يىلدىن كېيىن رائۇل بىزدىن يىراقلاشتى، چۈنكى بىز ئۇنىڭ مەيداندىكى كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇق، مەيلى ئەل ساد ياكى نىيوۋرۇك بولسۇن بىزدىن بارغانسىرى يىراقلىشىۋاتقان ئىدى، رائۇل نىيوۋرۇك تا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئاستا ئاستا ئۆزگەرتىپ كەلگۈسىدە مادرىدقا قايتىپ كەلمەكچى بولغان ئىدى.  ئۇ ئەلۋەتتە مادرىدقا قايتىشى كىرەك چۈنكى ئۇ دىگەن ئۇنىڭ ئائىلىسى.

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى شىمالى ئامىركا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە رائۇل توپ تېپىۋاتقان نىيوۋرۇك كوماندىسى 3-2 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى، ئىسپانيەنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى رائۇل گارسىيا بىر پاس چىقاردى. مۇسابىقدىن كېين ئۈزۈك شاھ دەپ نام ئالغان بۇ رىۋايەتلىك توپچى ئۆزىنىڭ 21 يىللىق پۇتبول ھاياتىنى رەسمى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.


ئۇ بىر قۇشقا  ئوخشايتتى، ئۇ ئۆزىنڭ ئارزۇسى ئۈچۈن سانسىزلىغان قانات قېقىپ چوڭ بىر دېڭىزدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ قىرغاققا چىققان ئىدى.
ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى خان مادىرىتتا توپ تەپمەك ، توپ تېپىپ مەستانىلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەك بەسى مۈشكۈل ئىش . راھۇلنىڭ ، توپ ئۇرۇپ بولۇپ ئىشلىگەن ھەر - بىر سىمۋوللۇق ھەركەتلىرىگىچە ، ھېلىھەم بېرنابۇدىكى مۆتىۋەر مەستانىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن . 16 يىل ئىسىلزادىلەر ئارىسدا تۇرۇپ  ، شۇلارنىڭ  تىپىك ۋەكىلى بولۇپ سانىلىپ ، بېرنابۇ ئۈچۈن ئۈن تىنسىز كۈرىشىنى داۋام ئەتكەن شاھزادىننى مەستانىلەرنىڭ جۈملدىن بېرنابۇنىڭ ھازىرقى دەۋىردىكى تىپىك ۋەكىلى دىسەك خاتالاشمىغان بولىمىز  .
‹‹ھەر قانداق ئىش يۈز بېرشىدىن قەتئى نەزەر ، مەن مادىر ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا تەييار ، ئەگەر كۇلۇپ ماڭا ئېھتىياجلىقلا بولسا مەن كۇلۇپقا  ھەر ۋاقىت قايتىپ كىلىمەن .›› مانا  بۇ راھۇلنىڭ  كۇلۇپتىن ئايرىلىش ۋاقتىدا ئېيىتقان بۇ بايانلىرى ، شۇ ۋاقىتتىكى ئازاپلانغان شاھزادىنىڭ بايانلىرى ئۇنىڭ  ئىچىڭدىكى ئايرىلىش ئازابىڭنى ئازراقمۇ يوشۇرۇپ قالالمىغان ئىدى . . . كىشىلەر ئاق رەڭنى پاكلىقنىڭ سەمىممى ، سادىقلىقنىڭ سىمۋولى دېيشىدىكەن . رېئاللىق  سەندىكى بۇ مېھىر يۈرۈكىنى ئېلىپ بېرنابۇدىن ئايرىلدى ، سەن قايغۇردۇڭ ، سەندىن بەكرەك مەستانىللرىڭ قايغۇردى . مەستانىلەرنىڭ يۈرۈكىنىڭ بىر يەلىرىدىن بىر خىل ھەسرەتلىك ئۆكسۈش ، يەنە بىريەرلىرىدىن ئايرىلىش چۇقانلىرى قەت كۆتۈرمەكتە ئىدى  .  بۇ مۇرەككەپ ھېسيات چوقانلىرىدىن   بىر خىل قىيالماسلىق تۇيغۇسى ، چىن قەلىبتىن بەخىت  تىلەش تۇيغۇسى ئىسيان كۆتۈرۈپ . ئىچ-ئىچىدىن شۇنداق بىرلا نىدا ئوخچۇپ چىقماقتا  .  ئۇ بولسىمۇ ‹‹ قايتىپ كەل شاھزادە  ، بۇ يەر سېنىڭ ئائىلەڭ ›› ....
داڭلىق چولپان ھېنىرى ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ ‹‹ سىزنىڭ ئالتۇن توپ ئالالمىغانلىقىڭزدىن بەكلا ئېچىنىمىز ›› دىگەندە ھېنىرى ‹‹ راھۇلنى ئىپادىسى 10 يىل بىر خىل تۇراقلىق ھالەتتە تۇردى . راھۇل ئالتۇن توپ ئالالمىغان يەردە مېنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا كۈزۈم يەرمەيدۇ . راھۇل ھەقىقى مىراسخور ، ھەقىقى قەھرىمان ›› دەيدۇ .
داڭلىق مەشقاۋۇل گوردىيالا خاۋى توغرۇلۇق توختالغاندا ‹‹ خاۋى راھۇلغا ئوخشاشلا كاتتا توپچى دەيدۇ . بۇنىڭدىن بىز راھۇلنىڭ مەيلى نەتىجە ، مەيلى سادىقلىق جەھەتتە ھەرقانداق چولپاننى بېسىپ چۈشۈدىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز . . .
موشۇ تاپتا بېرنابۇدىكى ھەممە مەستانىلەر راھۇلنىڭ تىزراق كۇلۇپقا قايتىپ كېلىپ خىزمەت ئۆتۈشىنى ، ئۆز شاھزادىسىنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىدا قايتىدىن كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىشىۋاتقان بولىشى مۇمكىن .
قايتىپ كەل راھۇل ھەيۋەتلىك بېرنابۇدىكى ھەر بىر سىقىم تۇپراق ، ھەر بىر تال گىياھتا سېنىڭ ھېدىڭ بار . ھەر بىر سىقىم  تۇپراق ۋە ھەر بىر تال گىياھتا سېنىڭ ئەجىر تۆھپەڭ بار . . . كىلىپ ئۆزۈڭدىكى ئاق رەڭلىك ساپ ھەقىقى مېھرلىك يۈرۈك ئۇرىقىڭنى ئۆز ئائىلەڭگە تېرىپ ئۇلارنى ئېچلدۇر ....


رائۇل ئۈچۈن بولغان تېمامنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن، بىر مادرىد مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن رائۇلنىڭ كېينكى ئىشلرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى شۇنداقلا مادرىدقا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
خاتا بولۇپ قالغان يەرلەر بولسا تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى سورايمەن.
sensiz

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +200 تىللا +4 يىغىش سەۋەبى
YARQIN + 50 5 تىللا
isyanqi + 50 قالتىس!
تۇرانى + 50 نادىر
ئۇچتىكىن + 50 + 1 ئېسىل ھېي داۋاملىق
ئ‍ەسەددۇللاھ + 3 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: 2015-11-19 15:45:05 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەيلى كەسپى ئەخلاقى بولسۇن ياكى مىجەز خاراكتىرى بولسۇن ئىسىل توپچى ،  ئۈزۈممۇ شۇنداق قولقۇيمەن بۇنىڭغا ئىسمىجىسمىغا لايىق بىرنابۇ شاخزادىسى  ساڭاھۆرمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-11-19 15:46:06 | ئايرىم كۆرۈش
2002-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا كورىئانلار ھەقىقەتەن ناچارلىق قىلغان . پورتۇگالىيە تېرنىرىنىڭ ھاسىغا تايىنىپ تۇرۇپ مەيداندىن ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئايرىلىشى ، توتتىنىڭ قىزىل كارتىسى ، مورىنتىسنىڭ ياخشى توپنىڭ ئىناۋەتسىز قىلىنىشى ..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: 2015-11-19 15:46:22 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
رائۇل ئىككىنچى سەپ  كوماندىنى تۇتۇپ زىدانى بىرىنچى سەپكە ئۆتۈپ باقىسمۇ بولاركەن ئەمدى بىرەر يىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: 2015-11-19 15:48:05 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ياپېر نادىر تېمىغا ئىككى بىلەت ھې ھې  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: 2015-11-19 15:58:22 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مۇنۇ تېمىنى نادىرلىمىغان باشلىقنى خەلقئارا ئاياللار پۇتبول بىرلەشمىسى كېسىم كومىتىتىنىڭ بىرەسمى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشلارنى ۋاقىتلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسىغا ئەرىز قىلىمەن. ھى ھى ھى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: 2015-11-19 15:59:53 | ئايرىم كۆرۈش
رائۇل ، باتىستۇتا ، توتتى، لەمپارد ، جىراد ......قاتارلىقلار ھەقىقى بىر كوماندىغا بارلىقىنى ئاتىغانلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: 2015-11-19 16:04:49 | ئايرىم كۆرۈش
نادىرلىغىدەك تىما بوپتىكەن ، مومكىن بولسا سەنسىز بۇرادەر راھۇلنىڭ 10 مىنۇتلۇق بولسىمۇ سىنلىرنى قېتىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ پەيزى بولاتتىكەن ، بۇقۇسۇر چىقاغىنىم ئەمەس جۇمۇ سەممىي تەكلىپ خاپا بولۇپ يۈرمەڭ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-19 16:06:17 | ئايرىم كۆرۈش
باتىستۇتا11 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-19 16:04
نادىرلىغىدەك تىما بوپتىكەن ، مومكىن بولسا سەنسىز بۇرا ...

شۇنداق قىلاي دىگەن تېما چوڭ ھەجىملىك بولغاچقا ھەركەتلىك سۈرەت ياكى فىلىم يوللىسا سەل قېتىۋالىدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: 2015-11-19 16:11:27 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
رائ‍ۇل نىڭ  كەسپى ھاياتىنى  يەنە بىر قىتىم ئ‍ەسلەتكىنىڭىزگە رەھمەت   ،ياش ئ‍ادەمگە باقمايدۇ  بىر كۈنلەردە مېسسى  ھەم كىرستىيانۇ رونالدولارغىمۇ  خوش  دەيمىز  ،  ئ‍ەجىرلىك تېما  نادىرغا بىر بىلەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: 2015-11-19 16:12:36 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
نادىر تېما   بەك ياخشى يېزىپسىز  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: 2015-11-19 16:14:59 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى پۈتتۈرۈپسىلە ھە ....  شۇنداق قىلىپ ئۈزۈك شاھىنىڭ ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتۇق ... جاپا تارتتىڭز ... ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم كەتتى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:39

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش