نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 2138|ئىنكاس: 54
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياۋرۇپادىكى تۆتىنچى كۈچلۈك كۇماندا ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



ياۋرۇپادىكى تۆتىنچى  كۈچلۈك  كۇماندا  كىم؟


بۈگۈنكى  ياۋرۇپا  پوتبۇل  دۇنياسى  مۇنداق  بىر  ھالەتكە  يۈزلەنگەندەك :
  پۇتبول چولپىنى جەھەتتە،  رونالدۇ  بىلەن  مىسسى ئىككىسى  ئوتتۇرسىدىكى ئايلانما رېقابەت،پۇتبول  كۇماندىسى  جەھەتتە رىئال مادرىد،بارسىلۇنا،بايرىن -مىيۇنخىندىن  ئىبارەت   ئۈچ  تەرەپ چوققا  تالىشىش ھالىتى.بۇ  ئۈچ  كۇلۇپ  يېقىنىقى ئۈچ  نۈۋەتلىك ئوزغۇنلۇق  لوڭقىسىنى بىر دىن  ئالغان.قېزىقارلىق  يېرى  بۇ  ئۈچ  كۇماندا  ھەر  يىلى  تۆت  كۈچلۈككە  كىرگەن  بولسىمۇ ،لېكىن  ھەك  قىلغۇچتا  بىرە  قېتىم  ئۆز-ئارا ئۇچىرشىپ  باقمىغان.ھەر  قېتىم  بىر ‹ قالايمىقانلاشتۇرغۇچى › پەيدا  بولغان .
بۇ  ئۈچ  كۇلۇپ  بارلىق  توپ  چولپانلىرنى  يېغىۋالغان  ئەھۋال  ئاستىدا،  كىم  ياۋرۇپادىكى  تۆتىنچى  كۇماندا ؟
پارىژ سانىت  گېرماندا  پەقەت  كېرىستىيانو رونالدۇلا كام؟

پارىژنىڭ  سەپ  شەكلى  ئىنتايىن  مول
ئەگەر سەپ  شەكلىنىڭ  ھەشەمەتلىك  نوختىسدىن سۆزلىسەك،مىليۇنلاپ  پۇل خەجلىگەن  پارىژ  تۆتىنچى  ئورۇنغا  تاللاشتكى  ئەمەلىي  كۈچكە  ئىگە  نامزات  بولالايدۇ.
كۇماندىنىڭ  يېرىمىغا  ئىتالىيە  چولپانلىرنى يېغقاندىن كىيىن، پارىژ نۆۋەتتە دىمارىيا +ئىبراھىمۇۋىچ+كاۋانى  دىن  ئېبارەت ‹ دەرىجىدىن  تاشقىرى  ھوجۇم  سېپى ›نى  شەكىللەندۈردى.
لاۋىچ،پاستۇرىس،كىچىك  لوكاستەك  چولپانلارمۇ  ئامالسىز  ئورۇندۇق  بېقىشقا  مەجبۇر  بولۇپ  قالدى.ۋېراد،ماتوئىدى ۋە  موتالاردىن  تۈزۈلگەن  ئوتتۇرا  مەيدان  بولسا  ياۋرۇپادا سەل  قارىغىلى بولمايدىغان  ئوتتۇرا  مەيدان گۇرۇپپىسى،  داۋىد.لويىز،تىياگۇ.سېلۋا  ۋە  مارچىنوس  ھەممىسنىڭ  باھاسى  35مىليۇن  ياۋرۇدىن يوقىرى  ئوتتۇرا  مۇداپىيە سەپ  شەكلى،ئوڭ  يان  مۇداپىيەچى  ئايۇرنىڭ  بۇ  پەسلىدىكى  ئىپادىسى  ئىنتايىن قالتىس  بولۇپ ،يوقارقى  توپچىلارغا  ئىگە  بولغان  پارىژ  سانىت گىرمان كۇماندىسى  ھەر قانداق  بىر  كۇلۇپ بىلەن  رېقابەتلىشىش  ئەمەلىي  كۈچىگە  ئىگە.
بىر  كۇماندىنىڭ  ياۋرۇپا  مۇسابىقىلىردىكى  ئىپادىسىگە  باھا  بېرىشتە  ،ئۇلارنىڭ  ئۇزغۇنلۇقتا  داۋاملىق  سەككىز كۈچلۈككە  كىرىشنى  ئۆلچەم  قىلساق  ئارتۇقچە  كەتمەيدۇ.چۈنكى  سەككىز  كۈچلۈككە  كىرگەن  كۇماندا  گۇرۇپپا  مۇسابىقىسىدە  بىرىنچى ياكى  ئىككىنچى بولغان  كۇماندىنى  مەغلۇپ  قىلىپ  كىرىدۇ  .
يېقىنقى  ئۈچ  قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق  مۇسابىقىسىدە  پارىژ تولۇق سەككىز  كۈچلۈككە  كىردى .بۇ  جەھەتتە  پارىژ  رىئال  مادرىد،بارسىلۇناۋە  بايرىن  مىيۇنخىندىن قالسىلا  ئىپادىسى  ئىنتايىن  كۆرنەرلىك  بولغان كۇماندا .
بېراق كۈچلۈك  كۇماندىلار  بىلەن تۇتۇشقان  چاغدا  ،پارىژ  بىر ئۇتۇپ ،ئىككى  تەڭلىشىپ،بىر  ئۇتتۇرۇپ  چىلسىنى  مەغلۇپ  قىلغاندىن  سېرىت  ،رىئال مادرىد  ۋە  بارىلۇنا  بىلەن  بۇلغان  مۇسابىقىسىدىكى  ئىپادىسى ناچاراق  بولغان.



پارىژنىڭ مادرىد،بارسىلۇنا  ۋە  چىلسى  بىلەن  بولغان  نەتىجىسى


ئالدىنقى پەسىل  بارسىلۇنا  تەرپىدىن  شاللانغان  چاغدىمۇ  ھېچقانداق  ھەيۋىسىنى  كۆرسىتەلمىگەن .
كۈچلۈك  كۇماندىن دەرىجىدىن تاشقىرى  كۈچلۈك  كۇماندىغا  ئايلىنىشتا،  ئۇلار  يەنىلا  دېرىزە  سېرتىدىكى  بىر  قەۋەت  قەغەزدك  تۇرماقتا .

ئۇنداقتا  بۇ  دېرىزە  قەۋىتى  زادى  نىمە ؟
ۋاراتتار  دەل  ئۇلارنىڭ  كەمتۈك  تەرەپلىرنىڭ  بىرى ،مەيلى  تېراپ  بولسۇن  ياكى  سىرىگۇ  بولسۇن ئۇلارنىڭ  زەردار  كۇلۇپلارنىڭ  قاپقاۋۇللىرى  بىلەن  بولغان پەرقى  يەنىلا  چوڭ .گەرچە  بۇلتۇر  ۋاراتار  ئېلىش  مەسىلىسىدە پارىژ  چوڭ  ھەركەت  قىلغان  بولسىمۇ ،ھەرقانچە كۆپ  پۇل  خەجلەيدىغان  پارىژغا  نىسپەتەنمۇ  ياخشى  ۋاراتتار  تېپىش   ھەقىقەتەن تەس.
گەرچە  كۇماندىدا  داڭلىقلار  جىق بولسىمۇ ،ئەڭ  داڭلىقى  يەنىلا  34ياشلىق  ئىبراھىمۇۋىچ.كاۋانى،دىمارىيا  ھەممىسى  ئىنتايىن  قالتىس  توپچىلا.بىراق  ئۇلاردا  ھەل  قىلغۇچ  مىنۇتلاردا  مۇسابىقىنى ھالىتىنى  ئۆزگەرىتىشتەك  ۋەزىپىنى  زىممىسىگە  ئالالامدۇ؟نۆۋەتتە ،كىرىستىيانو.رونالدۇنىڭ  پارىژغا  يۆتكىلىشى  توغۇرلۇق  مىش مىش  گەپلەر  ئېقىپ  يۈرمەكتە.زەردارلىققا  تەلپۈنۋاتقان  پارىژغا  نىسپەتەن رونالدۇ ئۇلارنىڭ يەنە  بىر  قەدەم  ئالغا  ئىلگىرلىشىگە ياردەم  بىرەلەيدىغان يەنە  بىر  قورال.

4-كۇماندىنى تاللاشتا  ئىنگىلانىد چوڭ  بىر  بازا .بىراق  ھەممىسىنىڭ  ئۆز  ئالدىغا  مەسىلىلىرى  بار.


زور  مەبلەق  سېلىپ دىرونىي،سېتېرلىڭ ۋە  ئاۋتامىنىدلارنى  سېتۋالغاندىن  كىيىن ،مانچىستىر  شەھىرى  قوش  يۆلنىشتە  ناھايتى  ياخشى  كېتىپ  بارماقتا.بېرلەشمىدە  بىرىنچى ئورۇندا ،ئۇزغۇنلۇقتا  گۇرۇپپىدىن  چىقىپ  بولدى.شۇنداقلا  ئۇلار  ئېنگىلانتىكى  ئەمەلىي كۈچى ئەڭ  ياخشى بولغان كۇماندا.مانچىستىر  شەھرىنىڭ  غەم  قايغۇسى  دەل  ئۇلارنىڭ  ھوجۇم  سېپىدە .كوتىدىۋارلىق  ھوجۇمچى بونى  نەچچە  قېتىم ئاخپارات  ۋاستىلىرنىڭ  تەنقىتىگە ئۇچىردى.ئاگۇرۇينىڭ  يارلانغان ۋاقتى ئۇلارنىڭ  نۆۋەتتىكى ھوجۇم كۈچىنى سىنايدىغان چوڭ  بىر  سىناق .گەرچە  بىر  نەچچە  ياش  ماھىرلارنى  سېتىۋىلىپ ئالدىنقى  پەسىلدىكى   قېرلىشىش  مەسىلىسىنى  ھەل  قىلغان  بولسىمۇ ،بىېراق  كونپانى،سېلۋا ۋە  يايا تۇرىيلارنىڭ  يىشىمۇ  بىر  يەرگە  بېرى  قالدى .ئەڭ  ھەل  قىلغۇچ مىنۇتلاردا  ياخشى ھالىتىنى ساقلىيالامدۇ  يوق  ؟بۇنى  بىلگىلى  بولمايدۇ.

گەرچە ئۇزغۇنلۇقتا  مۇدەتتىن  بۇرۇن گۇرۇپپىدىن  چىقىپ  بولغان  بولسىمۇ ،لېكىن  تۇنجى مەيداندا  يوۋىنتىسقا  ساھىپخاندا  ئۇتتۇرۇپ  قويۇپ ،نۇرغۇن  كىشىلەرگە  نىسپەتەن  بىر  خىل گۇمان  قوزغاپ  قويدى.مانچىستىر  شەھرىنىڭ  ئەمەلىي كۈچى  ھەقىقەتەن  كۈچلەندى .بىراق  بۇ كۈچلۈك  ھالىتى  ئۇنچىۋالا  كۆرنەرلىك،يارقىن  ئەمەس.
ئوخشاشلا  پارىژدەك  ‹يەرلىك زومگەر› ئاتالغان  مانچىستىر  شەھىرى  ياۋرۇپادىكى  كۈچلۈك  كۇماندىغا  ئايلانغان  تەغدىردىمۇ،مادرىد  ،بارسىلۇنالار  بىلەن  تۇتۇشقاندا  ئۇلارنىڭ  قولىغا  سۇ  قۇيۇپ  بېرەلمەسلىكى  مۈمكىن  .شۇڭا  پىلەيگىرى  نۇرغۇن  خىزمەتلەرنى  ئىشلەشكە  توغرا  كىلىدۇ.


مانچىستېر بېرلەشمىسى-توپ  چولپانلىرنى ئۆزىگە قارىتىش ۋە نۆۋەتتىكى   يۆتكىلىش بازىردىكى مالىيە كۈچى  جەھەتتە  ئىنتيىن كۆزگە كۆرنەلىك ئورۇندا بولۇپ ،ۋانجالمۇ  كەلگۈسىدە  مانچىستىرنى ياۋرۇپادا ھاكىمىيەت  تالاشقۇدەك  كۈچكە  ئىگە كۇماندا  قىلىپ قۇرماقچى.90-يىلىدىن  كىيىنىكى زاپاس كۈچلەرنىڭ  تەشكىلىنىشى جەھەتتە  ،مانچىستىرنىڭ  ئۇلى  ھەقىقەتەن يامان  ئەمەس.ماشارمۇ بۈگۈنكى  دۇنيادىكى  ياش  ئوتتۇر  ھوجۇمچىلارنىڭ  ئىچىدە  ئەڭ كۆزگە كۈرنەرلىك ھوجۇمچىلارنىڭ بىرى .ۋانجال  ئىلگىرى بايرىن -مىيۇنخىن   ۋە  بارسىلۇناغا  تېرنىرلىق  قىلىپ ،سانسىزلىغان تالانىتې  ئىگىلىرنى  يېتېشتۈرگەن.ئۇ  كەتكەندىن  كىيىن  بۇ  كۇماندىلا  ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك كۇماندىلارغا  ئايلانغان.قېزىل ئالۋاستىلارنىڭ  ياۋرۇپادىكى  تۆتىنىچى ئورۇننى  ئلىشىدا ھازىرچە  قىيىنچىلىقلار  مەۋجۇت  بولۇپ  تۇرسىمۇ ،بىراق كەلگۈسى  بىر  نەچچە  يىلدا رىقابەت  كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك  بولغان  كۈچلۈك قوشۇنغا  ئايلىنىشى  مۈمكىن.


چېلسى-خان مادرىد ،بارسىلۇنا،بايرىن مىيۇنخىندىن  سېرىت  يېقىنقى يىللاردا ئۇزغۇنلۇق  لوڭقىسى  ئالغان يەنە بىر  كۇماندا. بۇ  ئۈچ  كۇماندىدىن سېرىت يېقىنىقى تۆت  يىلدا  ئىككى قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ   تۆت  كۈچلۈككە  كىرگەن كۇماندا.ئەينى  ۋاقىتتىكى ياۋرۇپا  ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى  ئالغان پىشقەدەم جەڭچىلەرنىڭ  ئاستا  ئاستا  چىلسىدىن ئايرىلىغاندىن كىيىن،چىلىسى  ھەقىقەتەن  ياۋرۇپا  مۇسابىقە  مەيدانىدا ئەينى يىلىردىكىدەك  مۆجىزە يارتالايدىغان جاسارەتلىك ئوغلانلارغا  موھتاج.
رونالدۇ  ۋە  مىسسىدىن قالسىلا  ئۈچىنچى  شەخىس  بولىدۇ  دەپ  نام ئالغان  خازارىدنىڭمۇ  بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى  بەكمۇ  ياخشى ئەمەس.چېلسىنىڭ  سەپ  شەكلىمۇ ئۇنچىلىك دەرىجىدە  كۆزنى  چاقناتقىدەك  ئەمەس.چېلسىدا  ھەقىقى  ئۆتكۈر  قورال -مورىنھۇ.بىراق ئۇ  ھازىر  ئىشتىن  بوشتىلىش  خەۋىپىدە.ئەگەر  مورىنھۇ  بۇ  ھالەتتىن  قۇتۇلسا ،ئۇزغۇنلۇقتا  مول  تەجىربىگە  ئىگە بۇ  تېرنىر  چىلسىنى يېتەكلەپ ،تېخىمۇ يېراققا  ماڭالايدۇ.


ئارسىنال-بۇ  پەسىلدىكى  ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى ،بىراق 5-1 بايرىن-مىيۇنخىنغا  ئۇتتۇرۇپ  قويغاندىن كىيىن ،ئارسىنالنىڭ  ياۋرۇپادىكى  باشقا  زەردالار  بىلەن  بولغان پەرقىنىڭ چوڭ  ئىكەنلىكىنى ئىنىق كۆرۋالغىلى  بولىدۇ.
بۇ ئىككى يىلدا  ئارسىنالنىڭ  مالىيە  ئەھۋالى ياخشىلنىش بولۇپ ،يۆتكىلىش  بازىردىن داڭلىق  چولپانلارنى  سېتۋالغان بولسىمۇ ،بىېراق كۇماندىنىڭ پۈتۈن بىر  سەپ  شەكلى  يەنىلا  مۇككەممەل  ئەمەس.بۇ پەسىل  ئىنگىلانىت بىرلەشمىسىدە  ئارسىنال  كۈچلۈك  ھالتىنى ساقلاپ  ماڭماقتا.مانچىستىر  شەھرى بىلەن  ساپ  توپ  جەھەتتە  پەرىق  بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا  تۇرماقتا.ئارسىنال ياۋرۇپادا  كۈچلۈك رىقابەتچى  ھالتىگە  قايتىش  ئۈچۈن ئالدى بىلەن چوقۇم ئىنگىلانىت  بىرلەشمىسىدە يوقىرى بولغان تۇراقلىق ھالىتىنى  ساقلىشى  كىرەك .
باشقا  تاللاشلار:



يېقىنقى ئۈچ  يىلدا مادرىد،بارسىلۇنا ۋە  بايرىن مىيۇنخىن بىلەن ھەل قىلغۇچتا  ئۇچراشقان  كۇماندىلار  ئايرىم -ئايرىم ھالدا  دورتىمۇنىد،ئاتلىتكا  ۋە  يوۋىنتىس.
ئۇنداقتا  بۇلار  كەلگۈسىدە  ياۋرۇپادىكى  تۆتىنچى  كۇماندا ئورنىنى تالىشىدىغان  رىقابەتچىلەر  بولالامدۇ؟
دورتىمۇنىد  ۋە  ئاتلىتكا  ئىنتايىن ئىقتىدارلىق ياش  تېرنىرلار  بىلەن  كۈچ  قۇۋۋىتى  ئۇرغۇپ  تۇرغان بىر  تۈركۈم  توپچىلارغا  ئىگە .بېراق  ياۋرۇپادا  نام  چىقارغاندىن كىيىنلا ،بۇ  توپچىلا مالىيە  ئەھۋالى ياخشى بولغان  كۇماندىلارنىڭ  نەزىرىگە چۈشۈپ  قالدى.ئۇزغۇنلۇقتا  ئىككىنچى بولغاندىن  كىيىن دورتىمۇنىد ۋە  ئاتلىتكىنىڭ  نۇرغۇن  توپچىلىرى  ،ياۋرۇپادىكى  باشقا  كۇلۇپلار  تەرپىدىن يۆتكەپ  كىتىلدى.نۇرغۇن توپچىلار  كەتكەندىن  كىيىن ،بۇ  كۇماندىلارنىڭ  ياۋرۇپادىكى نەتىجىسى  سەككىز  كۈچلۈكتىلا  توختاپ  قالدى.گەرچە  بۇ ئىككى  كۇماندىدا  يەنلىلا  رىقابەت  كۈچى  بار  بولسىمۇ ،لېكىن ئۇزغۇنلۇقنىڭ  ھەل قىلغۇچىلغا  كىرىشى  ئاسان ئىش  ئەمەس.



يوۋىنتىسنىڭ ئەھۋالى  بىر  ئاز  ئوخشىمايدۇ.
‹قېرى خوتۇن›بولسا  ياۋرۇپادىكى  ئەنئەنىۋى  زەردار  كۇلۇپ.يوۋىنتۇىس  مول مالىيە  مەنبەسىگە  ئىگە .ھەر  يىلى  ئۇزغۇنلۇقتىن  كۆرنەرلىك كىرىم يارىتالايدۇ.
گەرچە  بۇ  يىل  يازلىق  يۆتكىلىش  بازىرىدا پېرلۇ،تېۋېز  ۋە  ۋىداللا نى  قولدىن  چىقرىپ  قويغان  بولسىمۇ ،بىراق  ئالدىنقى ئىككىسى  يوۋىنتىسنىڭ  ئۇزاق مەزگىللىك  پىلانىدا  يوق .بۇ يىل  يازدا  قان ئالماشتۇرۇش  ئىلىپ بارغاندا  نۇرغۇنلىغان 90يىلدىن  كىيىنكى  توپچىلارنى كىرگۈزگەن  يوۋىنتىسنىڭ  كەلگۈسىنى كۆزلەۋاتقىنىنى كۆرۋالغىلى  بولىدۇ.يوۋىنتىسمۇ 2009-يىلدىكى  بايرىن -مىيۇنخىنغا  ئوخشاش ‹  ياش  يادرۇلۇق توپچىلارنى ئېلىپ قىلىش +ئۆسمۈرلەرنى  تەربىيەلەش›پىلانىدىن ئۆرنەك ئىلىپ ،پەيدىنپەي ئىلىگىرلەپ ،رېقانەت  كۈچىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى تەھلىل  قىلىپ  كۆرۋالغىلى  بولىدۇ.
مۇراتتا  بىلەن  پوگىبادىن  ئىبارەت  90-يىلدىن كىيىنكى  بۇ ئىككى  ياشنى  ئېلىپ  قىلىش  ئىنتايىن موھىم بىر  مەسىلە .ئەگەر  بۇ  ئىككى ياشنى  تۇتۇپ  قالامىسا.ئۇنداقتا  ئۇلارنىڭ باشقا  ياۋرۇپا  زومگەرلىرى بىلەن داۋاملىق  ئىزەڭگە  سوقۇشتۇرالىشى  ناتايىن.
شۇڭا  تۆتىنچى كۇماندىنى   روياپقا  چىقىرىشقا  خىلى  يىل كىتىدىغان ئوخشايدۇ......

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 13مۇنبەر پۇلى +1100 يىغىش سەۋەبى
جاغىستاي120 + 500 قالتىس!
abux10 + 50 قالتىس!
جامىس + 50 نادىر تىما
تۇرانى + 50 قالتىس!
پۇتبول + 50 قالتىس!
sensiz + 50 قالتىس!
saypulla7 + 50
زېرەك + 50 قالتىس!
nayil + 50 قالتىس!
قادىخان + 50 نادىر
ئۇچتىكىن + 50 قالتىس!
isyanqi + 50 قوللاش!
تەلھە + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: 2015-11-7 12:52:49 | ئايرىم كۆرۈش
كەلگۇسىدە چېلسى بوپ قىلىشى مومكىن،لىكىن ئۇنىڭغا خىلى جىق جەريان كىتىدىغاندەك قىلىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-11-7 12:54:00 | ئايرىم كۆرۈش
بايرېن !!! ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: 2015-11-7 12:54:56 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
پارىژ  ئەڭ  يېقىنلاشقان  كوماندا  تۆتىنچىلىككە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: 2015-11-7 12:55:31 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممىسى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا خېلى يەرگىچە چاپالىغىدەك كوماندىلاركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: 2015-11-7 12:57:06 | ئايرىم كۆرۈش
يەنىلام ئ‍الۋاستىلا بۇلىشى مۇمكىن ،  قايتا قۇرۇش پىلانى خېلىلا تىز بۇلىۋاتىدۇ
پارىژنىڭمۇ پۇرسىتى بار سەپ شەكىلى خېلىلا ھەيۋەتلىك بولغان بىلەن شۇ قۇشۇننى ھەركەتكە كەلتۈردىغان ياراملىق مەشقاۋۇل كەم بۇلىۋاتىدۇ
ئ‍ەن دوختۇر قايتا بىر تۇتۇپ باخسىمۇ بۇلاتتى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: 2015-11-7 12:58:29 | ئايرىم كۆرۈش
بايرېن يوللىغان ۋاقتى  2015-11-7 12:54
بايرېن !!!  ...

بايرىننى 4.ئ‍ۇرۇنغا قۇياي دەمسىز؟
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: 2015-11-7 13:11:36 | ئايرىم كۆرۈش
سايرام22 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-7 12:58
بايرىننى 4.ئ‍ۇرۇنغا قۇياي دەمسىز؟

بايرېننىڭ بىرىنجى ئورۇنغا قويۇش كىرەك ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: 2015-11-7 13:14:22 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
پارىژ 4ـ ئورۇنغا لايىق ،   مەستانلرىمۇ ئېشىۋاتىدۇ ،  فىرانسىيە  بىرلەشمسنىڭ باشقا 4 بىرلەشمىگە قارىغاندا  جەلىپ قىلش كۈچى سەل تۆۋەن  شۇ سەۋەپتىن   پارىژ  ئاجىزدەك تۇيغۇ بېرىدۇ ، بىراق ماۋۇ تېمىدەك بىر بىرلەپ تەھلىل قىلغاندا ۋە يېىنقى خەلقىئارا مۇسابىقدىكى نەتىجىسىنى كۆز تۇتقاندا  پارىژ نىڭ يوشۇرۇن كۈچى ھەقىقەتەن  كۈچلۈك ، ئۇلارغا ھازىر  مېنىڭچە ھېچنىم كەم ئەمەس   كەلگۈسى 5~10يىلغىچە خېلى ئىشلارنى تەۋرىتەلەيدۇ  دەپ قارايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: 2015-11-7 13:16:32 | ئايرىم كۆرۈش
مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئىختىسادى ،ئىككى يىلدىن بېرى سالغان مەبلىخىگە قارىغاندا 4-كوماندا بولۇشقا تامامەن لايىق ئىدى .لىكىن بۇلارنىڭ ئىپادىسى يىلدىن -يىلغا ناچارلىشىپ كىتۋاتدۇ .
بەلكى بۇرۇنقى ئىنتېر مىلانغا ئوخشاش، چولپانلار ئىپادىسىنى  تاپالمايدىغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بولۇپ قېلىۋاتدۇ .دىمارىيا ،ۋىلەينى ،لوخو،دېپى دىگەنلەر مىسال بولالايدۇ .
يەنە بىرگە  مانچىستىرنىڭ  تېرنىرىنى مەن  بىر كالۋا كۆردۈم،بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ ئىككى  پەسىل  كوماندىغا سالغان مەبلەخ دەرجىدىن  تاشقىرى  كۆپ  بوپ  كەتتى .لىكىن  تۈزۈك  بىر  چولپان  ياكى نەتىجە چىقمىدى .
بارسىلونا ،مادرىت قاتارلىقلارنىڭ  ئالغان  ئادىمىگە  قارايدىغان بولساق ،سۇئارېز،نېيمار،جامېس،كىروس،بېل  دەرجىدىن  تاشقىرى چولپانلار،كوماندىغىمۇ  زور  پايدا  كۆرسىتەلەيدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: 2015-11-7 13:19:35 | ئايرىم كۆرۈش
بايرېن يوللىغان ۋاقتى  2015-11-7 13:11
بايرېننىڭ بىرىنجى ئورۇنغا قويۇش كىرەك ...

شۇنى دەيمەن ،4.ئ‍ۇرۇننىڭ گىپى بۇلىۋاتسا بايرىن دەپ قۇيۇپسىز

ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: 2015-11-7 13:26:13 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بايرېن يوللىغان ۋاقتى  2015-11-7 13:11
بايرېننىڭ بىرىنجى ئورۇنغا قويۇش كىرەك ...

يېقىنقى ئون يىلدىكى بىرىنجى كوماندا قايسى؟؟
ڭىھڭىھڭھىڭھ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:39

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش