بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-30 13:02
پۇتبول دۇنياسىدىكى "ئارمانسىز"توپچىلار
پۇتبول دۇنياسىدا شۇنداق بىر "تەلەيلىك"توپچىلار بار ئىكەنكى ، بۇ توپچىلار بىر توپچى ئېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم شان-شەرەپنىڭ ھەممىنى ئېلىپ بولغان . پۇتبول دۇنياسىدىن چىكىنسىمۇ ئارمانسىز چىكىنسە تامامەن بولىدۇ . تۆۋەندە مەن1991-يىلىدىن كېيىنكى مۇشۇ شان-شارەپلەرگە مۇيەسسەر بولالىغان بۇ توپچىلارنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا تىزىپ باقتىم ، تېمىنى ئاساسەن ئۆزۈم يازغانلىقىم مۇقىم بىر باشقا تىلدىكى ئادىرىستىن پايدىلانمىغانلىقىم ئۈچۈن بەزى خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن . خاتاسى بولسا تۈزۈتۈپ قويارسىلەر .
مۇھىم شان-شەرەپلەر تەرتىپى :
1.دۇنيا لوڭقىسى
2.ئالتۇن توپ
3.ياۋرۇپا لوڭقىسى
4.ئوزغۇنلۇق
5.ئالتۇن كەش
6.باشقىلار
كاناۋارو
بىر مۇداپىيەچى توپچىغا نىسبەتەن كاناۋارونى ئەڭ تەلەيلىك توپچى دېيىشكە بولىدۇ . چۈنكى بۇرۇن ھەم كەلگۈسىدە ئېلىش ناھايىتى قېيىن بولغان ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى كاناۋارو ئالدى. ئۇ 136مەيدان دۆلەت كوماندىسىغا قاتناشقان ئالاھىدە تۆھپىكار توپچى . ئۇ 16 يېشىدا ناپولى كوماندىسىغا قېتىلىپ شۇ يەردە تەربىيلىنىپ چىققان . كېيىن قالتىس ئىپادىسى بىلەن پارماغا يۆتكەلگەن . ئۇ يەرگە بېرىپ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپىنى مىلانغا ئۇرغان . كېيىن ئېنتىرغا يۆتكەلگەن ، بىراق ئېنتىرغا كېلىپلا ئۇنى پالاكەت باسقان بولۇپ ، پاچاق مۇسكۇلۇنىڭ سۇنۇپ كېتىشى بىلەن 20 ئاي دەم ئېلىشقا چىققان . ساقايغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئېنتىردا ھېچقانداق ئورنى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىپادىسىدىن ئەنسىرگەن موراتى ئۇنى يۇۋىنتۇسقا سېتىپ بەرگەن . 2004-يىلى ئۇ يۇۋىنتۇس بىلەن بىرگە بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن . 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسدا ئىتالىيەنىڭ كوماندا باشلىقى كاناۋارو كوماندىنى باشلاپ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن . كېيىن مادىرىدنىڭ كۆزى چۈشۈپ 7 مىليون ياۋرۇ باھا بىلەن مادىرىدقا يۆتكۈلۈپ كەتكەن. مادىرىدقا كەلگەن دەسلەپكى ئىككى يىل ياخشى ئويناپ ئىككى قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ بىراق ئۈچىنچى يىلى توررېس ۋە مېسسى قاتارلىق سۈرەت تىپىدىكى توپچىلارنى بېقىپ بولالماي ، ئىپادىسىدە روشەن چىكىنىش كۆرۈلگەن . 2009-يىلى يۇۋىنتۇسقا قايتىپ كەتكەن . ھەم يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن بۇرۇنقى ھالىتىگە كېلىپ بولالماي بارا-بارا چىكىنىپ كەتكەن . ئۇنىڭ ئېرىشكەن شەرەپلىرى : ئۇ ئوينىغان كوماندىلاردا جەئىي 10 لوڭقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ بىراق ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەم ياۋرۇپا لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىغان . 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن . شۇ يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان ھەم ياۋرۇپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
كەم قالغان لوڭقىسى : ياۋرۇپا لوڭقىسى ، ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى
كىرىستىيانو رونالدو
رونالدو بولسا يېقىنقى يىللاردىكى گىگانت چولپان . ئۇنىڭ توپ ئېلىپ مېڭىش سۈرىتى پەۋقۇلادە تېز . ئۇنىڭ قاپقىغا ئۇرۇش ، بۆسۈپ كىرىش ئىقتىدارى ، يەنە كاللا توپ ئىقتىدارى ، ئورۇن ئېلىش ، پاس چىقىرىش ، ئىختىيارى توپ ۋە نۇقتا توپ ئالاھىدىلىكى ئۇنى ھازىرقىدەك مۇشۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرگەن . تېخنىكىسى ئىنتايىن كۆپ قىرلىق . رونالدو 13 ياش ۋاقىتدا لىسبىنغا يۆتكەلگەندە يۆتكۈلۈش باھاسى پەقەت 1500فونىستىرلىڭ بولغان . ئۇ لىسبونغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ناھايىتى جاپالىق مەشىق قىلىشنى باشلىغان . ئۇ شۇ ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ سەپداشلىرىم دائىم مېنى بىللە ئويناشقا تەكلىپ قىلاتتى ، بىراق مەن چىرايلىق رەت قىلىپ مەشىقىمنى قىلاتتىم . مەن ئىزچىل باش كۆتۈرمەي مەشىق قىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن بەختنىڭ ئۆزلۈكىدىن مېنى ئىزدەپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم ››. دەرۋەقە رونالدو ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى . ئۇ 16 ياشقا كىرگەندە لىۋېرپول كۇلۇبىنىڭ كۆزى چۈشۈپ ئۇنى سېتىۋالماقچى بولغان ، بىراق كېيىن ئۇنىڭ تېخنىكىسى تېخى پىشىپ يىتىلمەپتۇ دەپ ئويلاپ ئېلىشتىن ۋازكەچكەن . 2003-يىلى مانچىستىر بىلەن لىسبىننىڭ مۇسابىقىسىدە گەرچە لىسىبىن 3-1 نەتىجە بىلەن مانچىستىرغا ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ پۈتۈن مەيداندا بىر يىگىتنىڭ قالتىس پۇت ئاستى تېخنىكىسى كۆرۈرمەنلەردە چۇڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان . شۇنىڭ بىلەن فورگىسىن ئۈچۈن ئەمدىلا 17ياشقا كىرگەن بۇ بالىنى 13مىليون فونىسىترلىڭ بىلەن كوماندىغا قوشىۋالغان . دەرۋەقە رونالدو فورگىسىننىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي ، كانتونا ۋە بېكخامدىن كېيىنكى 7-نۇمۇرلۇق ئالۋاستى رىۋايىتىنى باشلىغان . ئۇ دەسلەپتە مانچىستىردا پۇت ئاستى تېخنىكىسىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئوينىغاچقا ۋانىستىرلوي قاتارلىق چولپانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان . كېيىن بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىپ كوللىكتىپ ماسلىشىپ ئوينايدىغان ياش كىچىك ئەمما تولىمۇ تەمكىن رونالدو بارلىققا كەلگەن . 2008-يىلى ئۇنىڭ سان-سىفىرغا تولغان بىر يىلى دىيىشكە بولىدۇ . ئۇ ياۋرۇپا ئالتۇن توپ ، دۇنيا ئالتۇن توپ ، دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتلىرىنى تەڭلا ئېلىپ چوڭ رونالدودىن كېيىنكى بۇ مۇكاپاتنى بىراقلا ئالغان ئىككىنچى كىشى بولۇپ قالغان ھەمدە ئىنگىلاندتىن چىققان تۇنجى ئالتۇن توپ ساھىبى بولۇپ قالغان . ئۇ ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە پورتوغا 40مېتىر يىراقلىقتىن سۈرىتى سائىتىگە 103كلومېتىر كېلىدىغان توپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ نادىر توپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەم يىل ئاخىرىدا پوسكاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 33مەيدان مۇسابىقىگە چىقىپ 31 توپ ئۇرۇپ ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . بىر سول كىراي توپچىسىغا نىسبەتەن بۇ سان ھەقىقەتەن بەك يۇقىرى . شۇ يىلى بىرلەشمە چىمپىيونى بولۇپ مانچىستىرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ يىل بىرلەشمە چىمپىيونى بولۇشقا كۈچ قوشقان . ئوزغۇنلۇقتا چېلسىنى مەغلۇپ قېلىپ تۇنجى ئوزغۇنلۇق چىمپىيونى بولغان . 2009-يىلى مادىرىدقا يۆتكۈلۈپ يۆتكۈلۈش بازىرىنىڭ رىكورتىنى بۇزغان . ئۇ مادىرىدقا يۆتكۈلۈپ ھازىرغىچە 330مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 339 توپ كىرگۈزۈپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى توپچى بولۇپ قالغان . مۇشۇ سان - سىفىرلا ئۇنىڭ مادىرىدتىكى ئىپادىسىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . رونالدونىڭ ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشى ، مېسسى بىلەن بىر دەۋىرداش بولۇپ قالغىنى ئەمەس . بەلكى پورتۇگالىيەلىك بولۇپ قالغىنى . ئۇ پورتۇگالىيەدە ياۋرۇپا لوڭقىسىغا ياكى دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشەلمىدى . پورتۇگالىيە مەيلى ئىقتىساد ياكى پۇتبول تەرەققىياتى بولسۇن ياۋرۇدا بىرئاز كەينىدە تۇرىدىغان دۆلەت ئىدى . رونالدو پەيدا بولغاندىن كېيىن پورتۇگالىيە پۇتبولىمۇ بەلگىلىك تەرەققىي قىلدى . 2004-يىلى پورتۇگالىيە ياۋرۇپا لوڭقىسىدا ئىككىنچى بولدى . 2006-يىلى تۆتىنچى بولدى . 2008-يىلى 8 كۈچلۈككە كىردى . 2010-يىلى سەككىز كۈچلۈككە كىردى .2012-يىلى ئۈچىنجى بولدى . قىسقىسى رونالدو بار پورتۇگالىيە كوماندىسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى : 2008-يىلى ، 2013-يىلى ، 2014-يىلى دۇنيا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2008-يىلى 2014-يىلى ياۋرۇپا ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن . تۆت قېتىم ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ھەمدە ھازىرچە 82 توپ بىلەن ئوزغۇنلۇق مەرگىنى . چوڭ - كىچىك بولۇپ 19 لوڭقىغا ئېرىشكەن . 120قېتىمدىن ئارتۇق شەخسىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
كەم لوڭقىسى : دۇنيا لوڭقىسى ، ياۋرۇپا لوڭقىسى
مېسسى
مېسسى بولسا يېقىنقى دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى مۇھىم شەخس . ئۇنىڭ پۇتىغا توپ چاپلىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ . بەش مۇداپىيەچىنى تەڭ مەپتۇن قىلىۋېلىپ توپنى يەنىلا تارتتۇرۇپ قويماي ئەجەللىك پاس بېرەلەيدىغان ئىشنى پۇتبول دۇنياسىدا بەلكىم مېسسىلا قىلالىشى مۇمكىن . ئۇ كىچىك ۋاقتىدا راخىت كىسىلىگە ئوخشاش ئوزۇقلۇق يىتىشمەي ئۆسمەسلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ قۇۋەت ئۇكۇلى ئۇرغۇزاتتى . لېكىن ئۇ ئۇكۇل ئۈچۈن ئايدا 900دوللار تۆلىشى كېرەك . مېسسىنىڭ ئائىلىسى بۇنچە كۆپ پۇلنى تۆلىيەلمەيتتى . شۇ مەزگىلدە مەشقاۋۇل كۇكانىڭ كۆزى چۈشۈپ قېلىپ ئۇنى بارسېلوناغا ئېلىپ كەلگەن . داۋالىنىش ھەققىنى كۆتۈرگەن . 13ياشقا كىرىپ بويى يەنىلا 140سانتېمېتىردىن ئاشمىغان مېسسى لاماسسىيادا مەشىق قىلىشنى باشلىغان . ئۇنىڭ مەشىقتىكى قالتىس ئىپادىسى مەشقاۋۇللارنى قايىل قىلغان . بارسېلونا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن 2012-يىلىغىچە كۈچكە ئىگە سىرلىق بىر توختام تۈزىۋالغان . ئۇ 2000-يىلىدىن باشلاپ بارسېلونادا توپ ئويناشنى باشلىغان . 2003-يىلى بارسېلونا بىلەن پورتونىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسىدە تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىققان. 2005-يىلى ئارگىنتىنانى باشلاپ دۇنيا ياشلار لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان ھەمدە شەخسىي مۇكاپاتلارنى ئالغان . 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا بىرمەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپلا ناھايىتى چىرايلىق بىر توپ كىرگۈزگەن . 2007-يىلى دېربىدا مادىرىدقا ئۈچ توپ ئۇرۇپ قالپاق كەيگەن . شۇنداقلا خېتافى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدە 5 مۇداپىيەچىنى ئالداپ ئۆتۈپ توپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ نادىر توپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . كېيىن ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىغا مارادونناغا ئوخشاش قولى بىلەن توپ ئۇرغان . مېسسى بارا-بارا پىشىپ يېتىلىپ 2009-يىلى ئوزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە رەقىبى رونالدونى مەغلۇپ قېلىپ ئوزغۇن بولغان ھەم ئۆزىنىڭ تۇنجى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئالدى . كېيىن بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ كوماندىنى ھەرتۈرلۈك لوڭقىلارغا ئېرىشتۈردى ھەمدە كەينى كەينىدىن تۆت قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . ئۇنىڭ بويى پاكار ، تېنى ئاجىز دەپ مەسخىرە قىلىدىغانلار ئۇنىڭ يېقىلماس قورچاقتەك بەدەن تەڭلۇڭلۇقىغا قايىل بولدى . ئادەتتە ئۇمۇ مۇشۇ بەدەن تەڭلۇڭلۇق ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ نۇرغۇن توپلارنى ئۇرىۋالغان . ئۇ بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 597مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 467 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ تارىخى مەرگىنى . بۇ سان - سىفىرلار ئۇنىڭ بارسېلونا كوماندىسىدا قانچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . ئۇ ئېرىشكەن نەتىجىلەر : 2009-يىلى ، 2010-يىلى ، 2011-يىلى ، 2012-يىلى دۇنيا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى . 2006-يىلى ، 2009-يىلى ، 2011-يىلى ، 2015-يىللىق ياۋرۇپا ئوزغۇنى ، ئۈچ قېتىم ياۋرۇپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . چوڭ - كىچىك بولۇپ 26لوڭقا ئالغان .
كەم قالغان لوڭقىسى : دۇنيا لوڭقىسى ، ئامېرىكا لوڭقىسى
ۋان باستىن
ۋان باستىن گەرچە دۇنيا لوڭقىسىغا پەقەت بىرلا قېتىم قاتناشقان ھەم توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان بولسىمۇ بىراق ئۇ ياۋرۇپا ئىتراپ قىلغان پۇتبول شاھىغا ئەڭ يېقىنلاشقان پۇتبولچىلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ ياۋرۇپا لوڭقىسىدا ئىنگىلاندقا ئۆلۈك بۇلۇڭدىن ئۇرغان بانانسىمان توپى ھازىرغىچە ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى ئەڭ نادىر كىرگەن توپ ھېسابلىنىپ كەلمەكتە . ۋان باستىن ئاجاكىستا توپ ئوينىغان ۋاقىتتا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن . مىلاندا توپ ئوينىغاندا مىلان خاندانلىقىنى قۇرغان ئەڭ چوڭ تۆھپىكارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى مۇھىم شان-شەرەپلىرى :1992-يىلى مىلاندىكى ۋاقتىدا دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان . 1988-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان . 1989-يىلى 1990-يىلى ئىككى قېتىم مىلاندا ياۋرۇپا ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . چوڭ - كىچىك بولۇپ 19لوڭقىغا ئېرىشكەن . ۋان باستىن دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىغان . بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . لېكىن كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇردىغىنى ئەمدىلا 29ياشقا كىرگەن بۈركۈتتەك بۇ يىگىتنىڭ يارلىنىش سەۋەبلىك كەسپىي ھاياتىدىن خوشلاشقانلىقى .
كەم لوڭقىسى : دۇنيا لوڭقىسى
رونالدو
رونالدومۇ پۇتبول شاھلىقىغا يېقىنلاشقان داڭلىق پۇتبولچى . ئۇنىڭ ئۆزۋاقتىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كۇلۇبلاردا توپ تىپىپ ھەممىسىدە بەلگىلىك شۆھرەت قازانغانلىقىلا ئۇنىڭ قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .ئۇنىڭ ئەڭ دەسلىپكى يۆتكۈلۈش ھەققىنىڭ 7مىڭ 500دوللار ئىكەنلىكىنى بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ . بىراق ئۇ كېيىن پۇتبول دۇنياسىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى . ئۇنىڭ بارسېلونادىكى مەزگىلىدە ئىككى مۇداپىيەچىنىڭ ئارلىقىدىن بىلىقتەك ئۆتۈپ كېتىپ كىرگۈزۋەتكەن توپى ئۈچۈن پۇتبول مەستانىللىرى ئۇنى " بۇنداق ئىشنى ئادەتتىكى توپچىلار ھەرگىز قىلالمايدۇ " دەپ قاراپ " تاشقى پىلانېتا ئادىمى"دېگەن چىرايلىق نامنى بەرگەن . ئۇنىڭ قىلىچ توپنى زايە قىلماي ئۇرىشى ، قىلىچ توپنى ئاساسەن ۋارتانى ئالداپ بىرچەتتە ياتقۇزۇپ قويۇپ ئاندىن ئوچۇق ۋارتاغا ئۇرىشى ھەقىقەتەن چىرايلىق . ئۇ كەسپىي ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ قېتىم يارلانغان، بولۇپمۇ ئۈچ قېتىم چوڭ ئوپىراتسىيەگە چۈشىشى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىغا ھەقىقەتەن چوڭ تەسىر ئېلىپ كەلگەن . ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى شەرەپلىرى : 1994-يىلى ۋە 2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن . 1996-يىلى ، 1997-يىلى ، 2002-يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ مۇكاپاتلانغان . ئىككى قېتىم ئامېرىكا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان . چوڭ - كىچىك بولۇپ 16 لوڭقا ئالغان . ئۇنىڭ شەخسىي ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى كوللىكتىپ شان-شەرەپلىرىدىن كۆپ . بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ .
كەم لوڭقىسى : ياۋرۇپا ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى
ماتاۋوس
ماتاۋوس ھۇجۇم مۇداپىيە بىرگەۋدىلەشكەن ، پولاتتەك ئېرادىسى بار بىر توپچى . ئۇنىڭ دۇنيادا بۇزماق تەس بولغان رىكورتلىرى بار . ئۇنىڭ ئالدى كەينى بولۇپ 5 قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان رىكورتى بار . دۇنيا لوڭقىسىدا 25مەيدان مۇسابىقىگە چىقىپ ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان رىكورتى بار . خەلقئارا دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە مەيدانغا چىققان سانى 36 بولۇپ بۇنىڭدىمۇ رىكورت ياراتقان . دۆلەت كوماندىسىدا 150مەيدان مۇسابىقىگە چىقىپ بۇنىڭدىمۇ رىكورت ياراتقان . ئۇ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتى1991-يىلى تەسىس قىلىنىپ تۇنجى بولۇپ بۇ مۇكاپاتنى ئالغان پۇتبولچى . ئۇ 1990-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان . 1986،1982-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئىككىنچى بولغان . 1980-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان . كۇلۇپتا چوڭ - كىچىك بولۇپ 21لوڭقا ئالغان . ئەپسۇس ئۇ بايرىندا توپ ئوينىغاندا ئىككى قېتىم ياۋرۇپا ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولۇپ قالغان .
كەم لوڭقىسى : ياۋرۇپا ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى
كاكا
كاكامۇ رىۋالدوغا ئوخشاش بىر نۇمۇر ئېلىش تىپىدىكى ئالدى بەل توپچى . 8 ياش ۋاقتىدا بىرازىليە سانپېرو كولۇبىنىڭ ئەزاسى ئىدى . ئۇ ۋاقىتىدا 8-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيەتتى . 15ياش ۋاقتىدا بىر كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ قالدى . شۇنداقلا سانپېرو ياشلار كۇلۇبىنى باشلاپ چىمپىيون بولدى . 2001-يىلى كاكانىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى ياۋرۇپا زەردارلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى . پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى ئۇنىڭغا چاقىرىق قەغىزىنى ئەۋەتكەن بىراق كاكا رەت قىلدى . ئاخىرى مىلاندىكى بىرازىليەلىك لىئوناردونى كاكانى قايىل قىلىپ ياۋرۇپاغا بېرىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان . 2003-يىلى كاكا مىلانغا 8.5 مىليون ياۋرۇلۇق باھا بىلەن يۆتكەلگەن . كاكا مىلانغا كەلگەندىن كېيىن تېزلا كوماندىغا سىڭىپ كەتكەن . ئېنتىرغا تۇنجى ئىتالىيە بىرلەشمىسى توپىنى ئۇرغان ، تۇنجى مۇسابىقە پەسىلىدىلا 10 توپ ئۇرغان . ئۇنىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ ، بىر ئالدى بەل ، سايە ھۇجۇمچىغا نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتەن يۇقىرى سان . شۇ يىلىلا بىرلەشمە چىمپىيونى بولغان . 2006-يىلى بىرلەشمىدە ھەم ئوزغۇنلۇقتا ئوخشاشلا قالپاق ئويۇنى ئوينىغان . ئوزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتا ئىنزاجىغا بىر پاس تاشلاپ ، كوماندىنىڭ 2:1 نەتىجە بىلەن لىۋېرپولنى مەغلۇپ قېلىپ ئوزغۇنلۇق چىمپىيونى بولۇشقا تۈرۈتكۈلۈك رول ئوينىغان . ھەمدە ئوزغلۇق لوڭقىسىدا 10 توپ ئۇرۇپ مەرگەن بولغان . 2007-يىلى كاكانىڭ ئىپادىسى يەنىلا ياخشى بولۇپ 15 توپ ئۇرغان بولسىمۇ بىراق كوماندىدىكى باشقا سەپداشلىرى كۈچ بەرمەي . 2008-يىللىق ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىغا بېلەت ئالالمىغان . 2009-يىلى يەنە قايتىدىن مىلاننى ياۋرۇپا مۇسابىقىللىرىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن . شۇنداقلا مانچىستىر شەھىرى خوجايىنىنىڭ غايەت زور باھاسىنى رەت قىلىپ داۋاملىق مىلاندا قېلىپ قېلىشنى تاللىغان . كېيىن كېڭىشىش ئارقىلىق خانلىق مادىرىدقا يۆتكەلگەن . خانلىق مادىرىدتا بالا ۋاقتىدا كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان 8 - نۇمۇرلۇق كېيىمنى كېيىشنى تاللىغان . خانلىق مادىرىدقا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە گەرچە ياخشى ئوينىغان بولسىمۇ كېيىن بارا-بارا ئىپادىسى چىكىنىپ كەتكەن . بولۇپمۇ 2010-يىلى ئۇ ھاياتىدىكى كام قالغان لوڭقا دۇنيا لوڭقىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاغرىق پېتى مۇسابىقە ئويناپ پۇتبول ھاياتىنى تەتۈر - ساناققا چۈشۈرۈپ قويغان . كېيىن ئۇنىڭ ئىپادىسى چىكىش سەۋەبىدىن دۆلەت كوماندىسىغا تاللانمىغان ھەم كۇلۇبتىكى ئورنىنى ئۆزېل تارتىۋالغان . ئۇ مادىرىدقا كەلگەندىن بۇيان 8 مەيدان ئوزغۇنلۇق ئويناپ 3 توپ ئۇرۇپ 5 پاس چىقارغان . 92مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئويناپ 24توپ ئۇرغان بولۇپ ، گەرچە پاس ۋە توپ كىرىگۈزۈش ئۈنۈمدارلىقى مىلاندىكى ۋاقتىدىن يۇقىرى بولسىمۇ ، بىراق فۇلۇرىنتىنىئونىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغان ھەمدە رەقىبى بارسېلونا ھەددىدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن . ئۇ ۋاقىتتىكى مادىرىد توپچىلار ئازراقلا سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە شاللىنىپ قېلىۋاتقان مەزگىلدىكى يۇقىرى دولقۇنلۇق مادىرىد ئىدى . شۇنداق قېلىپ 2013-يىلى كاكا مىلانغا ھەقسىز يۆتكۈلۈپ كەتكەن . مىلانغا يۆتكۈلۈپ يەنىلا ئىپادىسىنى تاپالمىغان بولسىمۇ مىلانغا ۋاكالىتەن 100-توپىنى ئۇرىۋالغان . 2014-يىلى ياۋرۇپا مەيدانىدىن خوشلاشقان . ئۇنىڭ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى : 2007-يىللىق ئالتۇن توپ ھەم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتى ، 2007-يىلى ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن . 2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن . 2005-يىلى ، 2009-يىلى قىتئەلەر لوڭقىسىغا ئېرىشكەن . چوڭ -كىچىك بولۇپ 10 لوڭقىغا ئېرىشكەن .
كەم قالغان لوڭقىسى:ئامېرىكا لوڭقىسى
رىۋالدو
رىۋالدو بولسا نۇمۇر ئېلىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولغان بىر ھۇجۇم ئېڭى كۈچلۈك ئالدى بەل توپچىسى . ئۇ 97-يىلى 25 يېشىدا ئاندىن خەلقئارا مۇسابىقىللىرىگە قاتناشقان . قىسغىنە ئىككى يىلدىن كېيىن 99-يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان . ئۇ بارسېلونادا بەش پەسىل مۇسابىقە ئويناپ نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن . پۇتبول ئەپەندىسى بولغاندىن كېيىن مىلانغا يۆتكۈلۈپ كەتكەن . لېكىن مىلاندا سەۋىيىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىغان . ئىككىنچى پەسىل سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پەقەت بىر مەيدانلا مۇسابىقە ئوينىغان . دەل مۇشۇ ناچار پەيتتە بولسا دۆلەت كوماندىسىدا زەپەر قۇچۇپ 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان . ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن مىلاندىكى مەزگىلىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ مەغلۇبلۇق بولغانلىقىنى ئېيتتى . بىراق ئۇ كەسپىي ھاياتىدىكى كەم قالغان لوڭقىنى مىلاندا ئالدى . يەنى 2003-يىلى مىلان ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولدى . رىۋالدو كەسپىي ھاياتىدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 22 لوڭقا ئالغان .
كەم قالغان لوڭقىسى : يوق
رونالدىنھو
رونالدىنھو بىر تۇغما تالانتى بار ، پۇتبولنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن پۇتبولچى . ئۇنىڭ توپ ئوينىشىنى كۆرۈش بىر سەنئەت ئەسىرىنى كۆرگەندەكلا كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ . لېكىن رونالدىنھونىڭ بالا ۋاقىتلىرىدا مۇنداق كەچۈرمىشلىرىمۇ بار : ئۇنىڭ بىر ئاكىسى ھەم بىر ئاچىسى بار . ئۇ 8 ياش كىرگەن ۋاقتىدا ئۆيىدىكىللىرى بىلەن دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ سۇ ئۈزۈپ ئوينىماقچى بولغان . دادىسى سۇ ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن . بۇ ۋاقىتتا كىچىك رونالدىنھو نېمە قىلارىنى بىلمەي يىغلاپ كەتكەن ھەمدە كەلگۈسىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن . بىراق ئاكىسى ئۇنىڭغا سەن ئوغۇل بالا ، ئىككىمىزنىڭ ئائىلىمىزنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ ئۇنىڭغا تەربىيە ئىشلىگەن . كېيىن ئاكىسى بىلەن پورتو رايۇنلىرىغا بېرىپ ھەردەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنى ئوينىغان . ھەم دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان . ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ تەبىرىكلىگەن . ئۇ دادىسىغا ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېتىپ قويۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق تەبىرىكلىگەن . كېيىنكى توپ كىرگۈزگەندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق تەبىرىكلىگىنىنى پات-پات ئۇچۇرۇتۇپ قالىمىز . ئۇ 2001-يىلى ياۋرۇپاغا كەلگەن بولۇپ ، پارىژدا ئىككى پەسىل توپ ئوينىغاندىن كېيىن 28مىليون باھادا بارسېلوناغا يۆتكەلگەن .ئۇنىڭ بارسېلونادىكى ھاياتىنى سان-سىفىرلارغا تولغان دىسەك بولىدۇ . بارسېلونانى پەقەت رونالدىنھونىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى سەۋەبلىكلا 5 پەسىل مادىرىدقا بوزەك بولماي كەلگەن دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ . ئۇ مۇشۇ مەزگىلدە ئىككى كېتىم ئارقا-ئارقىدىن دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى. 2008-يىلى ئۇبارسېلونادا مۇۋاپىقىيەتلىك 5 پەسىلنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مىلانغا 21مىليون باھا بىلەن يۆتكۈلۈپ كەلگەن . بىراق ئۇ يەردە دەسلەپتە ئىپادىسى ياخشى بولغان بولسىمۇ كېيىن يېشىنىڭ بارا-بارا چوڭىيىپ كېتىشى بىلەن ئىپادىسىدە چىكىنىش كۆرۈلۈپ ياۋرۇپادىن كېتىپ قالغان . رونادىنھونىڭ كىچىكىدە ئەسلى ئارزۇسى بولسا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ رېپىرى بولۇش ئىدى . بىراق ئۇ ئۆزىدىكى تۇغما تالانتىنى ھېس قىلىپ پۇتبولچى بولۇپ كەتكەن . ھەم دۇنيا توپ مەستانىللىرىنىڭ قەلبىدىكى ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلىگەن . ئۇنىڭ ئېرىشكەن شەرەپلىرى : 2004-يىلى 2005-يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتى ، 2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى ، 2006-يىلى ئوزغۇنلۇق چىمپىيونى ، 1999-يىلى ئامېرىكا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان . چوڭ-كىچىك 11لوڭقىغا ئېرىشكەن .
كەم قالغان لوڭقىسى : يوق
زىدانى
ئانا يۇرتى ئالجىريەلىك بۇ مۇسۇلمان ئەۋلادىنى ھەقىقىي ‹‹ئارمانسىز›› توپچى دېيىشكە بولىدۇ . ئۇ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئەڭ چوققىغا چىققان . شۇنداقلا كىچىك ۋاقتىدىمۇ كەسپىي ھاياتىنى كېيىنرەك باشلىغان بولۇپ ، 13 يېشىدا ئاندىن سېستىمىلىق توپ ئويناشنى باشلىغان . ئۇ بوردو ، يۇۋىنتۇس ، خانلىق مادىرىد قاتارلىق زەردارلاردا توپ تەپكەن بولۇپ ، ھەممىسىدە ئوتتۇرا مەيداندىكى يادرولۇق ئەزا بولغان . ئۇنىڭ توپ كونتىرول قىلىشى پۇت ئاستى تېخنىكىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، ھەتتا رونالدو ئالتۇن توپ ئالغان ۋاقىتتىكى سەھنە سۆزىدە زىدانىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى ماختاپ كەتكەن . زىدانىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى شان-شەرەپلىرىمۇ ھەقىقەتەن كۆپ . فرانسىيە كوماندىسى 2004-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسنىڭ شاللاش باسقۇچىدا گىرىتلىقلارغا يېڭىلىپ قېلىپ زىدانى دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنگەنلىكىنى ، شۇنداقلا مادىرىد بىلەن بولغان توختامى ئاياغلاشسا پۇتبولچىلىقتىن چىكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . بىراق ئۇنىڭ كۇلۇبتىكى قالتىس ئىپادىسى فرانسىيە مەشقاۋۇلى دومىنىكنىڭ زىدانىنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا سەۋەب بولدى .گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاز قېلىشى بىلەن دومىنىك بىرقىسىم فرانسىيەدىكى داڭلىق پۇتبول ئەربابلىرىنى ئېلىپ زىدانىنى دۆلەت كوماندىسىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن زىدانىنىڭ ئۆيىگە ئالدى كەينى بولۇپ 3قېتىم بارغان . زىدانى ئاخىرى قوشۇلۇپ دۆلەت كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن . زىدانىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان تۇرام بىلەن ماكېلىلې مۇ دۆلەت كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن . شۇنداق قىلىپ بۇ ‹‹ياشانغانلار›› كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ گۇرۇپا مۇسابىقىسىدە ئىپادىسىنى تازا تاپالمىغان بولسىمۇ ، شاللاش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن تاكى ھەل قىلغۇچنىڭ نۇقتا توپ باسقۇچىغىچە بارغان.(بەزى ئىشلارنى تىلغا ئالغۇم كەلمىدى) . زىدانى گەرچە ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسىدە لوڭقا ئالالمىغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئورنىنى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دىيىشكە بولىدۇ . ئۇ 2002-يىلى ئوزغۇن ھەل قىلغۇچتا لېۋىرىكسونغا ئۇرغان دۇنياۋىي سەۋىيىلىك توپى خانلىق مادىرىدقا 9-ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ئېلىپ بەرگەن . ئۇنىڭ بۇ توپى ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى نادىر كىرگەن توپلارنىڭ رەت-تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . زىدانىنىڭ كۇلۇپتىكى كەسپىي ھاياتىمۇ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولغان . نۇرغۇنلىغان داڭلىق پۇتبولچىلار كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرالمىغان خانلىق مادىرىدتا ئۇ ئاياغلاشتۇرغان . ئۇ خانلىق مادىرىدتىكى كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسىدە پۈتۈن بېرنابو ئاق رەڭگە تولغان بولۇپ ، بۇ ئاق رەڭلىك خانلىق مادىرىدنىڭ كىيىمىنىڭ كەينىگە بېسىلغىنى زىدانىنىڭ 5-نۇمۇرلۇق كېيىمى ئىدى . توغرا مەستانىلەر مانا مۇشۇ تەسىرلىك ئۇسۇلدا ئۇنى بېرنابۇ مەيدانىدىن ئۇزۇتۇپ قويدى . ئۇ ئېرىشكەن شەرەپلەر : 1998-يىلى ، 2000-يىلى 2003-يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان . 1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان . 2000-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان . 2002-يىلى ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان . ئىككى قېتىم ئوزغۇنلۇقتا ئىككىنچى بولغان . 2011-يىلى پۇتبول دۇنياسىدىكى مەڭگۈلۈك شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . چوڭ - كىچىك بولۇپ 18 لوڭقىغا ئېرىشكەن .
كەم قالغان لوڭقىسى : يوق |