ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1687 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sensiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-29 15:29
ھازىرقىدەك ئىسىمدە 2006- يىلى دۇنيا لوڭقسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە زىدانىنىڭ بىر كاللا بىلەن قىزىل كارتا يەپ، دۇنيا لوڭقىسنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ، لىپى بولسا خاتىرجەم بولغاندەك بىر سىگارتقا ئوت تۇتاشتۇرۇپ چېكىۋاتقان كۆرىنىشى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.
ماڭا نىسپەتەن مەن پەقەت ياندا تۇرۇپ بىر كۆرگۈچى خالاس، لېكىن ئەسلەپ باقساق شۇ ئىشلارغا ھەش پەش دىگۈچە 10 يىل بوپتۇ، بۇ 10 يىل جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. تۆت يىلدىن كىين جەنۇبى ئافرىقىدا ئىسپانىيە يەنە بىر قېتىم گوللاندىيە نى كۈمۈش شاھ قىلىپ داغدا قالدۇرۇپ تۇنجى دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈردى، 6 يىلدىن كېىين لىپى جۇڭگۇغا كېلىپ جۇڭگۇ پۇتبولىنى تەرەققى قىلدۇردى، ھەم ئاسىيا لوڭقىسىغا ئېرىشتى. 10 يىلدىن كېيىن 10 يىل بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن كاناۋرو جۇڭگۇدىكى قىسقا مۇددەتلىك تېرنىرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
شۇنداقلا بۇ 10 يىل جەريانىدا بىزنىڭمۇ بېشىمىزدىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇق ئۆتتى، مەسىلەن 10 يىل ئاۋۋال مەن غەمسىز ئويناپ يۈرىدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى، مانا ھازىر 2 بالىنىڭ ئاتىسى بولۇپ بىر ئۆينىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ غېمى بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرمەكتىمەن، بۇ 10 يىل ھەقىقەتەن بەكلا تېز ئۆتۈپ كەتتى.بۇ دۇنياغا نىسپەتەن بىز ھەممىز مېھمان، شۇڭلاشقا ئۆمرىمىزنى قەدىرلەيلى.
ئەمدى مەن بۇ 10 يىل جەريانىدا پۇتبول دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ئىشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1. تېلىفۇن ۋەقەسى 2006-يىلى
2006-يىلى مەستانىلەر ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغان دۇنيا لوڭقىسىدىن باشقا يەنە بىر ۋەقە تېلىفۇن ۋەقەسى بار، 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 4- كۈنى ئەسلى بىر ئادەتتىكى كۈن ئىدى، دۇنيا لوڭقىسى يىلى بولغاچقا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچە كىرگەن بارسىلونا بىلەن ئارسىنالدىن باشقا ھەر قايسى كوماندىلار ئۆز دۆلىتىنڭ كوماندىسغا قايتىپ قاتتىق مەشىق قىلىۋاتاتتى.چۈنكى بىر ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان ئەڭ چوڭ شەرەپكە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدىغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى گىرمانىيەدە باشلىناتتى.
ئىتالىيە كوچىسىدا مەستانىلەر كۈندىكىگە ئوخشاشلا مىلەن تەنتەربىيە گېزىتىنى ئېچىشىپ قانداق يىڭىلىق خەۋەر ياكى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان دۇنيا لوڭقىسى توغرۇلۇق ئۇچۇرغا ئىرىشمەكچى بولغاندا كۆرگىنى تېلىفۇن ۋەقىسىنىڭ خەۋىرى بولۇپ چىقتى، ئۇ بىر ئادەتتىكى سۆزلىشىش خاتىرىسى، تېلىفۇندا سۆزلەشكۈچىلەر بولسا يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭ دىرىكتورى موجى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسى رىپىرلانى باشقۇرۇش ئەمەلدارى پايلېيتو ئىدى.
نەچچە كۈندىن كىين بۇ ئادەتتىكى سۆزلىشىش پۇتبول دۇنياسىنى زىل زىلگە كەلتۈرگۈدەك خەۋەرگە ئايلانغان ئىدى، ئىتالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى كەينى كەينىدن ئىستاپا بەردى، يۇۋىنتۇس كۇلۇبى جىددى مۇدىرىيەت يېغىنى ئاچتى، مۇجى مۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنپ پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
پەسىل ئاخىرىسىدا يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كەينىدىن كېلىۋاتقان مىلەن كوماندىسى ئېشىپ كىتىشكە ئازلا قالغان ئىدى،كېيىن يۇۋىنتۇس كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە كىلىپ كاپىللو ۋە كوماندا ئەزالىرى ئالقىش سادالار ئىچىدە بۇ 29-قېتىملىق بىرلەشمە چېمپىيونلىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا ئويلىمىغان يەردىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنى قايتىدىن يېزىشقا توغرا كەلدى.
يۇۋىنتۇس كوماندىسىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۋېتىلدى، مىلەن، لازىئو، فىلورىنسا قاتارلىق كوماندىلارمۇ جازاغا تارتىلدى، لېكىن موراتتىنىڭ ئېنتىر مىلەن كوماندىسى تەلەيلىك بۇلۇپ قالدى، ئۇلار يۇۋىنتۇس ۋە ئاس مىلەن كوماندىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى،ئۇلارنىڭ غەلبە ساداسى مېئازا پۇتبول مەيدانىنى بىر ئالدى.
شۇنداق قىلىپ يازلىق بازار كىرىشى بىلەن كاپىللو ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى مادرىد ۋە بارسىلونا قاتارلىق كۇلۇپلار تەرىپىدىن سوقۇپ كېتىلدى، شۇنداق قىلىپ تۇل خوتۇنلار كوماندىسى ھەممە نەرسىسىدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالدى، لېكىن بۇففۇن ، دىل پېرلو، نېدۋىد، تىرىگىرت قاتارلىق توپچىلار كوماندىدا قېلىشنى قارار قىلىپ ئۆزىنىڭ سادىقلىقى بىلەن كوماندىنىڭ قەھرىمانلىرىغا ئايلاندى.
رھىمسىز تەقدىر ئالدىدا ئۇلارغا باش ئەگمەي ئامال بولمىدى، ئۇلار تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى، يەنى بىر يىلدىن كىين ئۇلار ئىتالىيە ئا بىرلەشمىگە قايتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن مەيداندىكى توپ مەستانلىرى ئۇرۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئالقىش سادالار بىلەن ئۇلارنى قارشى ئالدى.
ئۇنىڭدىن باشقا لىپى يىتەكلىگەن ئىتالىيە كوماندىسى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقسىدا فىرانسىيەنى مەغلۇپ قىلىپ دۇنيا لوڭقىسىنى قايتا بىر كۆتۈرۈپ بىرازىلىيەدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى.
ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى كەسكىنلىك ئىنگىلاند بىرلەشمىسىگە يۆتكەلدى، چېلسى كۇلۇبى ئارسىنال ۋە مانچىستىر ئۇزاقتىن بۇيان ئىگەللەپ كىلۋالغان بىرلەشمە لوڭقىسىنى تارتىۋالدى، ۋېنگىر ۋە ئارسىنالغا نىسپەتەن خەلىپە مەيدانىدا بېرگامىپنىڭ ئارسىنالدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دىرەك بەردى. خەلىپە مەيدانى بىلەن خىگبورىگ مەيدانىنىڭ ئارلىقى يىراق بولمىسىمۇ لېكىن ئىلگىركى شانلىق دەۋرىلەر بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئىدى.
فىلورىندىنونىڭ قايتىدىن مادرىدقا قايتىشى بىلەن يۆتكۈلۈش بازىرى يەنە بىر قېتىم ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، گۇادىئولا بارسىلونانىڭ قامچىسىنى قولىغا ئېلىپ 6 شاھ بولۇشتەك شانلىق نەتىجىنى ياراتتى.
ئەلۋەتتە مىسسى ۋە رونالدودىن ئىلگىرى بىر كىشى دۇنيانى بويسۇندۇرغان، ئۇ بولسىمۇ كاكا يەنى 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار پۈتۈن ھۆرمەت قىلىدىغان پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ ئېسىل توپچى كاكا.
2. بىر ئادەمنىڭ يىلى 2007-يىلى
2007-يىلى بۇ بىر يىل كاكا غا تەۋە، چۈنكى بۇ يىلدا كاكا 10 يىل ئىلگىركى تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدوغا ئوخشاش، پۈتۈن دۇنيانىڭ غوجىسىغا ئايلانغان، يەنە شۇ 10 يىل بۇرۇنقى رونالدو ئۇ نىڭ يېنىدا تۇرغان ئىدى، بىرازىليە پۇتبول ساھەسىدىكى ئىككى چولپان بىرلىكتە ئاس مىلەن نىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ شان شەرەپ قۇچقان ئىدى.
4 يىل بۇرۇن كاكا بىرازىلىيەدىن مىلانغا ئۇچقان ۋاقىتتا ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىرازىلەينىڭ داڭلىق چولپنى رىۋالدونى سانسىرونىڭ مۇزلۇق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇغۇزۇپ قويىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقىمىغان بولىشى مۇمكىن، يەنى 4 يىلدىن كېيىن بۇ بالىنىڭ شاھلىق سۈپىتى بىلەن ياۋرۇپادىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولىشى مۇمكىن.
ئەنچىلوتىنىڭ كوماندىسى كەسكىن بولغان بىرلەشمىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، دىققىتىنى ياۋرۇپا بىرلەشمىسىگە قاراتقان بولۇپ، سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ پۈتۈن سەھنە بىر ئادەمگە تەۋە بولدى يەنى كاكا، گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە ئەندرىخىلىت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يىراقتىن ئۇرغان بىر توپى بىلەن ئۇنى توسۇش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا يەتتى، شاللاش مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە ئۇسلۇبى بويىچە بىر توپ ئۇرۇپ كېتلىقلارنى شاللىدى، ناھايىتى تەسلىكتە گىرمانىيە غوجىسى بايرىن كوماندىسىنى ئەل قىلغاندىن كېيىن، مىلەن ۋە مانچىستىر ئەڭ كەسكىن بولغان بىر مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈشكە تەييارلانغان ئىدى.
ئەمدى تونىلىۋاتقان رونالدو نىڭ بىر توپ ئۇرۇشى ۋە رۇنىنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن مىلەن كەينىدە قالدى، لېكىن كاكانىڭ چاقماقتەك سۈرئەت بىلەن مانچىستىر مۇداپىئەچىلىرىدىن ئۆتۈپ ئۇرغان ئىككى توپى ئۇلارغا تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلغان ئىدى، سانسىرودىكى تەڭلىشىشتىن كېيىن مىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ئىدى، ئۇلارنىڭ نىشانى بولسا لىۋىرپولدىن قىساس ئېلىش بولدى.
ئىككى يىل ئاۋۋالقى ئىستانبۇل كېچىسىدە نوقتا توپنى ئۇرالمىغان شىۋفچېنكو چېلسى كۇلۇبىدا كەسپى ھاياتنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى كۈتىۋاتقان ئىدى، كاكا يىتەكلىگەن مىلەن بولسا ئۇزغۈنلۇق لوقىسىغا خىرىس قىلىۋاتقان ئىدى، ئەنچىلوتىنىڭ كوماندىسى ئىنزاگىنىڭ ئىككى توپى بېنتىز يىتەكچىلىكىدىكى لىۋرىرپولنى ئەل قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى يەتتىنچى قېتىملىق يوغان قولاقنى كۆتۈردى، شۇ كۈنى كاكا 2007- يىلدىكى پۇتبول ساھەسىدىكى باش قەھرىمانغا ئايلاندى.
كاكانىڭ نەتىجىسىنى ئۇنى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ۋە ياۋرۇپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 80 يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئىككىنچى توپچى قىلدى. ئالتۇن توپ تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان رونالدو ۋە مىسسىلار ئالتۇن توپتىن كۆزىنى ئۈزەلمەيلا قېلىشقان ئىدى.
بۇ يىلى مىسسى بارغانسىرى تونىلىۋاتقان بولۇپ، كاپىللونىڭ كوماندىسىنى ئاخىرقى ۋاقىتقا كەلگەندە مەغلۇپ قىلىپ، چۈش كوماندىسىنىڭ ئاساسىنى تەييارلاۋاتقان ئىدى، مىسسى بارسىلونانىڭ كەلگۈسى ئىدى. شۇنداقلا بۇ يىلى رونالدو مانچىستىر بىرلەشمىسنىڭ 7 نۇمۇرىغا ۋەكىل بولىۋاتقان بولۇپ، مەستانىلەر 7- نۇمۇر رىۋايتىنىڭ داۋاملىشىپ ياۋرۇپا چوققىسىغا چىقىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى.
بۇ يىلى ئىلگىرى پۇتبول دۇنياسىنى مونوپول قىلغان رونالدىنخو ئالتۇن توپ رەت تەرتىپىدە 12-ئورۇنغا تىزىلىپ ئىلگىركى نەتىجىلىرى ئاستا ئاستا ئەستىن چىقىۋاتقان ئىدى.
شۇ يىلى بىر ئالاھىدە ئادەم يەنى مورىنىئو، ئابراموۋىچنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالغان بولۇپ 2007-يىلى 9-ئايىنىڭ 23-كۈنى چېلسىدىكى ئۈچ يىللىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئېنتىر مىلەن كوماندىسىغا قوشۇلغان ئىدى.
3. شاھ 2008-يىلى
رونالدو ۋە مىسسى دۇنيانىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلىدى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت مانا مۇشۇ يىلدىن باشلاندى، بۇ يىلى رونالدو ۋە مانچىستىر غەلبە قىلدى.
بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان رونالدو تۆت يىل ئىلگىركى ياۋرۇپا لوڭقىسىدىن ئايرىلىپ ياش تۆكۈپ كەتكەن رونالدوغا ئوخشىمايلا قالغان ئىدى، 4 يىل جەريانىدا ئۇستازى فورگوسىننىڭ تەربىيەسىدە مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ يىتەكلىگۈچىسى بولۇپ قالغان، ئەكىسچە بەش يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە فورگوسىننىڭ ئالدىدا تۇرغان گىلاۋۇرسىن بارغانسىرى يوقاپ كېتىۋاتاتتى.
رونالدو 2007-2008 مۇسابىقە پەسلىدە مانچىستىرنى باشلاپ يىڭى 7- نۇمۇر رىۋايىتىنى ياراتتى. شۇ پەسىل مانچىستىرغا ۋاكالىتەن 42 توپ ئۇرغان، يىراقتىن ئۆلچەملىك ئۇرۇش، بۆسۈپ كىرىپ ئۇرۇش، ھەر خىل ئىختىيارى توپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنى تولۇق نامايەن قىلغان. بۇ بىر يىلدا رونالدو ھەقىقى تونۇلغان، كونا تىرانفورد مەيدانى يالغۇز شۇنىڭ سەھنىسى بولۇپ قالغان، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئۇستازى فورگوسىن ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركىتى، توپ ئېلىپ مېڭىشلىرى، ۋارتارغا تېپىشلىرىغا پەخرىلىنىش نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرماقتا ئىدى.
رونالدو ۋە سەپداشلىرى مانچسىتىرنىڭ يىڭى بىر شانلىق دەۋرىنى ياراتتى، بۇ ئىشلارنىڭ نەتجىسىنى موسكۇۋادىكى يامغۇرلۇق كېچىدىن كېيىن كۆردى، ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئازراق قېيىپ كەتكەن كاللا توپى ئۇنى شۇ كېچىدىكى قەھرىمانغا ئايلاندۇرىشقا ئازلا قالغان ئىدى، نوقتا توپ مۇسابىقىسىدىكى نوقتا توپنى ئۇچۇرىۋېتىشى ئۇنى شۇ كۈندىكى گۇناھكارغا ئايلاندۇرۇپ قويغىلىمۇ تاسلا قالغان ئىدى، لېكىن ۋاندىسارنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن چېلسى كۇلۇبى 12 قەدەم دىنلا يېقىلدى، ۋاندىسار يىڭى بىر رىۋايەتكە ئايلاندى، بۇ بىر يىل رونالدو ۋە مانچىستىرغا تەۋە بولدى.
لېكىن بۇ بىر يىلى ئۇ يۇشىبىئو ۋە فىگوغا ئوخشاش كوماندىنىڭ يىتەكچىسى بولالمىدى، ئۇچىسىدا ئوخشاشلا قىزىل كىيىم، نۇمۇرى ئوخشاشلا 7-نۇمۇر، لېكىن ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى رونالدو يالغۇز ياردەمچىسىز قالدى.
يىل ئاخىرىدىكى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ھەممەيلەننىڭ كۆزى چىرايىدىن تەبەسسۇم كەتمەيدىغان رونالدوغا تىكىلدى، ئۇ ئېرىشكەن شەرەپلەر بەلكىم ئۇنىڭ ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى ئازابىنى ئۇنتۇلدۇرغان بولسا كىرەك.
ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدن ئىبارەت بۇ سەھنە باشقىلارغا تەۋە بۇلۇپ كەتتى، ھەمەيلەننىڭ كۆزى ۋانباستىن باشچىلىقىدىكى گوللاندىيە كوماندىسىدا ئىدى، ئۇلار 3-0 نەتىجە بىلەن ئىتالىيەنى، 4-1 نەتىجە بىلەن فىرانسىيەنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا خىرىس قىلماقتا ئىدى، ۋانىستىرولوي ئىپادىسىمۇ قاتلىس بولىۋاتقان ئىدى، ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە روبىن، ۋانپىرىس قاتارلىق ياشلار مۇ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلىۋاتقان ئىدى، تاراتقۇلارمۇ بارغانسىرى چېمپىيونلۇق تاجىنى گوللاندىيەگە كىرگۈزۈشكە ئالدىراۋاتاتتى، لېكىن كۈمۈش شاھ گوللاندىيە كوماندىسى ئاخىرى يەنىلا مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلالمىدى، ئىسپانىيەدىن ئىبارەت ئەڭ يامان دۈشمەنگە ئۇچراتشتىن بۇرۇن ئۇلار ئارشاۋىن يىتەكچىلىكىدىكى روسىيە كوماندىسىغا شاللىنىپ كەتتى.
ئاراگونىس باشچىلىقىدىكى ئىسپانىيە قوشۇنىنى باشقىلار تۆۋەن كۆرۈپ كەلگەن ئىدى، ئىتالىيە بىلەن تۇتۇشقان ۋاقىتتا ئۇلارغا ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلارنىمۇ سالغان، بۇففۇن ۋە كاسىللاس تىن ئىبارەت ئىككى ۋارتارنىڭ ئۇچراشقان مۇسابىقىسى ئەستىن چىقمىغۇدەك مۇسابىقە بولۇپ قالغان، ئەڭ ئاخىرىدا كاسىللاس ئۆز چوقۇنغۇچىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيونلۇققا ئاتلانغان ئىدى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە باللاك يەنىلا ئامالسىز قالدى، ئىسپانىيە كوماندىسى ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى 13- قېتىملىق كۈمۈش شاھلىقنى سوۋغا قىلدى، شۇنداقلا ئىسپانىيە كوماندىسى يىڭى بىر دەۋىرنى باشلىدى، ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ ۋاقىتتا رائۇل نەق مەيداندا يوق بۇلۇپ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ يىڭى بىر ماھىر توررىسنىڭ بوغۇزلىغان كۆرىنىشنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى.
ئۆيدە ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرىۋاتقىنى ئۇلا بۇلۇپ قالماستىن يەنى يەنە شىر پادىشاھ كائىنمۇ بار، 08 يىلى بايرىن كۇلۇبىنى باشلاپ گىرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇ خوشلىشنى تاللىدى، رائۇلغا ئوخشاشلا تېلىۋۇزۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپ قارشى تەرەپنىڭ لامدىن ئېىشىپ توپنى ۋارتارغا ئۇرىشىغا قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامال قىلالمىدى.
گەرچە توررىسنىڭ ئىپادىسى رونالدوغا يەتمىسىمۇ لېكى ئۇمۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈردى.
4. باش كۆتۈرۈش 2009-يىلى
بارسىلونانىڭ باش كۆتۈرىشى بەكلا تۇيۇقسىز بولغان، ھەتتە كونا رەقىبى مادرىدمۇ بىلەلمەيلا قالغان، گۇادىئولا بۇ كىشى ئىلگىرى بارسىلونا ئىككىنچى سەپ كوماندىسىنى يىتەكلىگەن بولۇپ بىرىنچى سەپكە چىقىپلا ھەممە كىشىلەرگە دەرىس بېرىپ قويغان. ئۇ ئۆزىنىڭ غەلبىسى ئارقىلىق ئۆزىدىن گۇمان قىلغانلارغا جاۋاپ قايتۇرغان، ئۇنىڭ تېرنىرلىق ھاياتى توچىلىق ھاياتىغا ئوخشاشلا ئوڭۇشلۇق بولغان.
لېكىن ئاز ساندىكىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، گۇادىئولانىڭ مۇۋاپىقىيىتى قايسى مۇسابىقىدىكى مەغلۇبىيەتتىن باشلانغان، بىرلەشمىنىڭ بېشىدا يىڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان مانۇمانسىيا كوماندىسى بىلەن تۇتۇشقاندا 70% دىن ئارتۇق توپ كونتىرول قىلىپ بىر توپمۇ ئۇرالمىغان،ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى بەس بەستە گۇادىئولا ئىشتىن چۈشىدۇ دەپمۇ خەۋەر قىلىشقان.
لېكىن كىين ئىشتىن چۈشكىنى بولسا مادرىد مەشقاۋۇلى شۇچىستىر بولغان. شۇ يىلى تۇنجى قېتىملىق دۆلەت دېربىسىدا گۇادىئولا پەخىرلەنگۈدەك نەتىجە بىلەن نوكەمپۇدا مەستانىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى جاھىل شۇچىسترنىڭ ئورنىغا چىققان ئۇنىڭدىن ئۆتە جاھىل خۇئەندېلا راموس بولغان.
ئىپادىسى قالتسى بولغان كاسىللاس بىلەن مۇداپىئەنى ئاساس قىلغان مادرىد نوكەمپودىن ئۈچ نۇمۇرنى ئېلىپ كىتەلمىگەن، چاققان مىسسى بىلەن قاپلان ئېيتو نىڭ ئۇرغان توپى مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان. ئەمىلىيەتتە 2006- يىلدىن كېيىن سامان يولى جەڭ كېمىسى بۇرۇنقىدەك ئىپادىسىنى تاپالماي قالغان، گەرچە بىر قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونى بولغان بولسىمۇ لېكىن، كۇلۇپمۇ شۇنىڭغا تۇشلۇق بەدەل تۆلىگەن، كۇلۇپ ئىچكى قاتلىمىدا ئىتتىپاقسىزلىق كۆرۈلگەن.
شۇ يىلى بارسىلونانى زادى تەڭداشسىز دېيىشكە بولىدۇ، خاۋى ۋە ئىنىستادىن تۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەيدان كەم كۆتىسىز بۇلۇپ، ئەڭ ئاجىز دەپ قارالغان ھۇجۇممۇ مىسسىنىڭ ئېچىلىپ كىتىشى بىلەن مۇكەممەل ھالەتكەن كەلگەن.ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان مىسسى شۇ يىلى بارسىلونانى باشلاپ بېرنابۇدا مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان، كاسىللاسمۇ ئۇنىڭغا ئامال قىلالمىغان. شۇ مەيدان مۇسابىقە مادرىدنىڭ كەلگۈسىنى بەلگۈلىگەن بولۇپ، پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەشقاۋۇل راموس يىڭى توختامغا ئېرىشەلمىگەن، چولپان كىرگۈزۈش سارىڭى فىلورىندىنونىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن مەستانىلەر 17 مەيدان يىڭى 1 مەيدان تەڭلەشكەن بۇ تۆھپىكار ئۆتكۈنچى مەشقاۋۇلنى ئۇنتۇپ كېتىشكەن. مادرىدتا ئۇنىڭ ئىسمىدىن باشقا ھەممە نەرسە ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن.
گۇادىئولا يىتەكلىگەن بارسىلونا كوماندىسى ئالتە شاھلىققا يۈرۈش قىلغان پەيتتە چېلسى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسىۋالغان، سىتانفورد كۆۋرىكىدىكى ئىشلار ھازىرغىچە بېسىقىپ قالغىنى يوق، چېلسى مەستانىلىرى دېروبانىڭ ئاچچىقلىنىشىنى، باللاكنىڭ ئامالسىزلىقىنى، خېننىڭ ئىسىملىك بىر رېپىرنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
چىلسى بۇ مۇسابىقىدە بارسىلونانىڭ ئالتە شاھ بۇلىشىنى توسۇپ قالالمىغان بولۇپ، ھەل قىلغۇچتا رونالدو مىسسىنى توسۇپ قالالمىغانغا ئوخشاش، مىسسى شۇ يىلى بارلىق مۇكاپاتلارنى مونوپول قىلىۋالغان، شۇ يىلى خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دۇنيا ئالتۇن توپ ئەپەندىسى مۇكاپاتنى يولغا قويغان. ۋە مىسسى ياۋرۇپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىغا ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن توپچى بۇلۇپ قالغان.
شۇ يىلى مەغلۇپ بولغان رونالدو ئۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، مىسسى بىلەن ئوبدان بىر تۇتۇشۇش ئۈچۈن ئىسپانىيە گە قاراپ ئاتلاندى، بىر پارچە 80 مىلىيون فونىستىرلىڭلىق ھۆججەت 8 يىل ئاۋۋالقى زىدانىنىڭ رىكورتنى بۇزۇپ ئۇنى مادرىدقا سۆرەپ ئېلىپ كەلدى، ھەم بۇ ئىككىلى چوڭ سودىنى قىلغان ئادەم بولسا ئوخشاشلا فىلورىندىنو. رونالدو دىن باشقا يەنە بىر چولپان كاكا رونالدونى ساقلاپ تۇراتتى.
لېكىن پىللىرگىنى فىلورىندىنونى قايىل قىلغۇدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى، مادرىد ئوخشاشلا بارسىلونا تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن فىلورىندىنو مورىنىئو نى ئەكىلىش ئۈچۈن پىلان سوقتى. يىڭى بىر جەڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.
5. جەنۇبى ئافرىقىدىكى قىش 2010-يىلى
2010- يىلى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىگە نىسپەتەن ئالاھىدە بىر يىل بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسى تۇجى قېىتم قىشلىقتا ئېلىپ بېرىلدى، مەستانىلەر تەقەززالىق بىلەن يىڭى بىر شاھنى كۈتىۋاتقان ئىدى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ يىللىق يىڭى شاھ يۆتكۈلۈش رىكورتى ياراتقان رونالدو ۋە ياكى ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان مىسسى ۋە ياكى يىڭىلا 10 نۇمۇرنى كەيگەن كاكا بۇلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلنغان ئىدى.
لېكىن باشقىلار ئويلاپ باقمىغان ئىش بولسا بۇ يىل ئەڭ چاقنىغان چولپان بولسا فورلان بولغان، ئۇ 1986 –يىلدىكى مارادونا ۋە 2002- يىلدىكى رونالدوغا ئوخشاش ئاران 3 مىليون 470 مىڭ نۇپۇسى بار بولغان دۆلەتكەن نۇرغۇن شەرەپ ئەكەلگەن. بۇ فورلاننىڭ دۇنيا لوڭقىسى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ دۇنيا لوڭقىسى بولغان.
قېرى قاقۋاش بوسىك نىڭ باشچىلىقىدا مادرىد ۋە بارسىلونا ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىسپانىيە كوماندىسى باشقىلارنى بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى، شىۋىتسارىيە ئۇلارغا ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلارنى كەلتۈردى، گەرچە خاۋى ۋە ئىنىستا كونا ئۇسۇل بويىچە توپ كونتىرول قىلغان بولسىمۇ لېكىن شىۋىتسارىيەلىكەر قاۋۇل بولغان بەدەن ۋە مۇستەھكەم مۇداپىئە سى بىلەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.
لېكىن توررىئادورلار قوشۇنى ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ قالمىدى، ئۇلار كىينكى مەيدان قېلىچقا قان يۇقتۇرماي ئىككى مەيدان غەلبە قىلدى، ۋە كىيىنكى مەيدانغا ئوبدان ئاساس سېلىۋالدى،لېكىن تۆت يىلدىن كېينكى تۇنجى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان ئىسپانىيەلىكلەرگە ئۇنداق تەلەي نېسىپ بولمىدى.چۈنكى ئۇلار ئەڭ ياخشى ئىپادىسنى ئافىرقىدا قالدۇرۇپ كەلگەندەك قىلاتتى.
بىراق كىچىك گۇرۇپ مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر نوقتىسى ئۇلار ئەمەس ئىدى، گۇرۇپ مۇسابىقىسىكى يەنە بىر كوماندا پۈتۈن مەيداننىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى، فىرانسىيە بىلەن مېكسىكىنىڭ مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ياخشى بولمايۋاتقان ئانىلكا بىلەن مەشقاۋۇل دومىنىك سوقۇشۇپ قالغان، فىرانسىيە كوماندىسى ئانىلكانى كوماندىدىن قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن فىرانسىيە كوماندىسى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن، توپچىلار ئانىلكانى قوللاپ مەشقاۋۇلغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، بۇ ۋاقىتتا سوغۇق ئورۇندۇقتا ئوتۇرغان ھېنرى بىلەن ئۆزى مەيداندا يالغۇز قالغان رىبىرى لا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە بېسىلمىغان.
شۇنداق قىلىپ تۆت يىل ئاۋۋالقى كۈمۈش شاھ فىرانسىيە كوماندىسنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇساپىسى شۇنداقلا ئاخىرلاشقان، ئۆتكەن نۆۋەتلىك چېمپىيون ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ گۇرۇپتىن چىقىش ئۈچۈن لىپى مەيدان سىرتىدا تۇرۇپ تىلەك تىلەۋاتاتتى، لېكىن ئىتالىيە كوماندىسى ئوخشاشلا گۇرۇپتىن چىقالماي شاللىنىپ كەتكەن.
شۇنىڭغا ئوخشاشلا دونگا يېتەكچىلىكىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسى، ئۇلار گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە كۈچلۈك رەقىبلەرگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ لېكىن كوتىدىۋار بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى كۆرۈنۈش ھەممەيلەننىڭ يادىدا بولسا كېرەك، كاكانىڭ قىزىل كارتىسى بىلەن چىرايىدىن كۈلكە چىقىپ تۇرۇسىمۇ لېكىن ياشلىرىنى يوشۇرۇپ بولالمىغان كۆرۈنۈش ھازىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، بەلىكىم شۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىغا تەسىرىنڭ بۇنچىلار چوڭ بۇلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولىشى مۇمكىن، چۈنكى شۇ نىڭدىن كېىيىن ئۇنىڭ ئىپادىسى چېكىنىپ بارغانسىرى ئورۇندۇققا مىخلانغان.كاكانىڭ قىزىل كارتىسى بىلەن مەستانىلەرنىڭ كاكا بىلەن رونالدونىڭ ئوينىغان مۇسابىقىسىنى كۆرۈش خىيالىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان.
گۇرۇپتىن ئوڭۇشلۇق چىققان بىرازىلىيە سەككىزگە كىرىش مۇسابىقىسىدە چىلى كوماندىسىنى ئاسانلا مەغلۇپ قىلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا تارتقۇلار بىرازىلىيە ۋە ئىسپانىيە ھەل قىلغۇچنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بولدى دەپمۇ خەۋەر تارقىتىشقان ئىدى، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بىرازىلىيە گوللاندىيە كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدۇ، سىنەيدىر، روبىن، ۋانپىرىستىن تۈزۈلگەن ھۇجۇم شەكلى بىرازىلىيەنى شاللايدۇ.
ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى تاۋالىس فورلاننى ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلىۋالغان بولۇپ، گۇرۇپ مۇسابىقىسدىن باشلاپ فورلان، سۇيارىس، كاۋانى دىن تۈزۈلگەن سەپ شەكلى بىلەن دۈشمەنلەرنى قىرغىن قىلىپ كەلگەن، بەزى ھالقىلىق مۇسابىقىلەردە فورلاننىڭ يىراقتىن ئۇرغان توپلىرى ئۇرۇگۋاينى قۇتقۇزۇپ قالغان. سۇيارىسنىڭ ۋارتار ئالدىدىكى قولى بىلەن توسىۋالغان توپى ئۇرۇگۋاينى بىر قېتىم قۇتۇلدۇرۇپ قالغان، ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچقىچە كىرگەن، لېكىن ئۇلار ئاخىرىدا بىرازىلىيەگە ئوخشاش گوللاندىيەنىڭ قولىدا جان بەرگەن،گوللاندىيە سىنەيدىر روبىن ۋانپىرىسلاردىن تۈزۈلگەن ھۇجۇم شەكلى بىلەن دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلىپ كەلگەن.
مىسسى باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا مارادونا باش مەشقاۋۇل بولغان ئەھۋال ئاستىدا رونالدوغا قارىغاندا يىراققىراق چاپالىغان. لېكىن مىسسى مارادوناغا ئوخشاش ئۇتۇق قازىنالمىغان، كوماندىدىكى ئىپادىسى ھەممىدىن قالتىس بولىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن توپ ئۇرالمىغان، قارىغاندا دۇنيا لوڭقىسى مىسسىغا تەۋە بولمىغان بولسا كىرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار دۇچ كەلگىنى گىرمانىيە كوماندىسى. گىرمانىيە بىلەن ئىنگىلاند كوماندىسنىڭ مۇسابىقىسى بولسا ئەڭ قالتىس مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى، كىلوز بولسا رونالدونىڭ رىكورتىغا يىتىشىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى، كوماندا بولسا ئاخىرقى چىمپىيونلۇقنى ئۈمۈد قىلاتتى. لېكىن لېف يىتەكلىگەن گىرمانىيە كوماندىسى ئاخىرى پويۇلنىڭ بىر كاللا توپى بىلەن مەغلۇپ بولدى، 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە كىلوز يارا سەۋەبلىك مۇسابىقىگە چۈشەلمەي، رىكورت يىڭىلاش ئۈچۈن يەنە 4 يىل ۋاقىت ساقلاشقا توغرا كەلدى.
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فورلاننىڭ توپى ۋارتار لىمىغا تىگىپ كېتىپ، ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ قەدىمى توختاپ قالدى، فورلان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىككىنچى ياكى چېمپىيون بولماي تۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن توپچى بۇلۇپ قالدى.
ئەلۋەتتە مەستانىلەر دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چىېمپىيونلىقىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتاتتى، مەيلى گوللاندىيە ياكى ئىسپانىيە چېمپىيون بولسۇن، ئىككىلىسى يىڭى تارىخ يارىتاتتى، ئىپادىسى قالتىس بولغان كاپىتان كاسىللاس روبىننىڭ يەكمۇ يەك توپىنى توسۇپ ئۇنى بىر ئۆمۈر ئەلەمدە قويدى، ئىنىستا بولسا ھەل قىلغۇچ توپنى ئۇرۇپ گوللاندىيەنى بوغۇزلاپ تاشلىدى، ۋە تارىختىكى تۇنجى دۇنيا لوڭقسىسىغا ئېرىشتى.
يىڭى بىر دۇنيا چېمپىيونى بارلىققا كەلدى، قېرى مەشقاۋۇل بوسىك ئىسپانىيەنىڭ يىڭى بىر تارىخىنى ياراتتى، مادىرىد شەھرىدە تەبرىكلەش مۇراسىمدا بوسىك نىڭ كىچىك بالىلاردەك قىلىقى ھازىرغىچە مەستانىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بولسا كىرەك.
يەنە بىر تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى بۇ يىل ئىسپاننىڭ يىلىلا بولۇپ قالماستىن يەنە مورىنىئونىڭ يىلى ، ئېنتىر مىلەن كوماندىسىنىڭ بىر يىلى بولغان، چۈنكى مورىنىئو باشچىلىقىدىكى ئېنتىر مىلەن كوماندىسى ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچتا گۇادىئولا باشچىلىقىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بارسىلونانى مەغلۇپ قىلىپ ،ھەل قىلغۇچتا گىرمانىيە زومىگىرى بولغان بايرىننى مەغلۇپ قىلىىپ ئۈچ شاھ بولۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
6. بوران چاپقۇن 2011-يىلى
مېسسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس، لېكىن گۇادىئولا يىتەكلچىلىكىدىكى كۇلۇپ بىلەن توختىماي ئۇرغان توپلىرى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى پۇتبول ئەپەندىسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىكى ئاساسى بولدى، لېكىن دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولغان سىنەيدىر ئاخىرىدا مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىگە چىقىش شەرىپىگىمۇ ئېرىشەلمىدى، بۇ خىل نەتىجە ئاز بولمىغان تالاش تارتىشلارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇ تالاش تارتىش سەۋەبلىك ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئادەۋەتلىشىپ قالدى، ۋە شۇ يىلدىن باشلاپ دۇنيا لوڭقسى ۋە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلاندى.
كىشىلەر مىسسىنىڭ ئېرىشكەنلىرىگە گۇمان بىلەن قاراشقا باشلدى، چۈنكى ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى نەتىجىسىنى ياخشى دېيىشكە بولمايدۇ، ئۇنى دېمىسىمۇ بارسىلونادىكى ئىپادىسىگە سېلىشتۇرغاندا، مىسسى ئارگىنتىنادىكى يىڭى مارادونا بولالماي قالدى، لېكىن مىسسى ئىنىستا ۋە خاۋى ئۈچەيلەن مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىققاندا 2011- يىلنىڭ ئاللىقاچان بارسىلوناغا تەۋە بولۇپ بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
مورىنىئو مادرىدقا قوشۇلدى، مىسسى ۋە رونالدونىڭ رىقابىتى بارغانسىرى كەسكىنلەشمەكتە، لېكىن تۇنجى دېربىدىكى ئالدىنقى مەيداندا 0-5 نەتىجە بىلەن بارسىلوناغا مەغلۇپ بولغان مۇسابىقە ، تەلۋە ئادەمنى ئۆزگەرتتى، ئىلگىرى ھەيۋىسى بىلەن مەيدان يېنىداتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىدىغان بۇ مەشقاۋۇل، ھازىر مەيدان سىرتىدا تۇرۇپ گۇادىئولانىڭ كوماندىسىنىڭ 70% توپ كونتىرول قىلىشىغا قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامال قىلالمىدى، شۇ كۈنى كەچتە نوكەمپۇ ئاسمىنى خۇشاللىقا چۆمدى، راموس ۋە پويۇلنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشى مۇسابىقىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى. بۇ خىل ئەۋالدا ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدا زىددىيەت كەپ چىقىدىغان بولدى دەپ قارىغۇچىلارمۇ بولغان لېكىن قېرى مەشقاۋۇل بوسىك دۆلەت كوماندىسىنى ئۆزى بىر قوللۇق رەتلىۋەتكەن.
قانداقلا بولمىسۇن مورىنىئو ئۇ كۈنى مۆجىزە يارىتالمىدى، شۇ يىلى مادرىدتا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولدى، ئۆزىل كاكانى قاتتىق ئورۇندۇققا مىخلىۋەتتى، شۇنداقلا كاكا نىڭ مادرىتىن ئايرىلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى. مورىنىئو تەلۋىلىكىنى قىلىشقا باشلىدى يەنى ئۈچ ئارقا بەللىك سەپ شەكلى ئىشلىتىپ بارسىلونانى مەغلۇپ قىلماقچى بولدى، ئىزچىل پۇتبولنىڭ گۈزەللىكىنى ماختاپ كەلگەن فىلورىندىنومۇ بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
مورىنىئو نەتىجىسىنى كۆردى، شۇنداق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بارسىلونانىڭ قولىدىن بىر شاھلىق لوڭقىسىنى تارتىۋالدى، شۇنداقلا رونالدو مىسسى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ شۇ يىللىق ياۋرۇپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. لېكىن بۇ يىلقى بارسىلونا ۋە مىسسىنى ئىلگىركىگە ئوخشاشلا توسۇپ قالغىلى بولمايتتى. بارسىلونا توختاۋسىز ھالەتتە ئوزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا كىرىپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ ئويناش ئۈچۈن تەييارلاندى، رونالدودىن ئايرىلىپ قالغان مانچىستىر بىرلەشمىسى بارسىلونا تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى. بۇ يىل ھەقىقەتەن چۈش كوماندىسىغا تەۋە بولدى، ئەلۋەتتە مىسسى شۇ كوماندىنىڭ يادروسى ئىدى.
بەزىلەر شاھلىقنى داۋاملاشتۇرسا يەنە بەزىلەر يىڭى شاھلارغا ئورۇن بوشىتىۋاتاتتى، 2011- يىلدىن بۇرۇن سۈر ھەيۋىسى بىلەن گىرمانىيە بىرلەشمىسىنى بويسۇندۇرۇپ كېلىۋاتقان بايرىن كوماندىسى كىلوپنىڭ كىچىك بالىلاردىن تۈزۈلگەن قوشۇنىنىڭ يولىنى توسۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتاتتى، بۇ يىلى دورتىمونىد ياۋرۇپادىكى ئەڭ ياش توپچىلار تەشكىللەنگەن قوشۇنغا ئايلانغان ئىدى، بۇ ياشلارنىڭ غەلبىسى ئىدى،بۇ گىرمانىيە پۇتبولىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلغانلىقىنىڭ پايدىسى ئىدى، لېفنىڭ دۆلەت كوماندىسىمۇ بارغانسىرى ياشلىشىپ كەتكەن ئىدى.
بۇ بىر يىلى ئەسلىگە كەلگىنى پەقەت ياشلار قوشۇنى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئاس مىلەن كوماندىسىمۇ بار ئىدى، ئىبراھىموۋىچنىڭ ئىتالىيەگە قايتىدىن قايتىپ كېلىشىڭ مىلانغا كۆپ پايدىسى تەككەن ئىدى، گۇادىئولا بىلەن بولغان زىددىيەت سەۋەبلىك ئىبراھىموۋىچ نوكەمپۇدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى، شۇنداقلا بىرلەشمىدە 14 توپ ئۇرۇپ مىلان كوماندىسىنى 7 يىلدىن كېيىن قايتا بىرلەشمە چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتۈردى.
بۇلتۇرقى ئۈچ شاھ ئېنتىر مىلەن كوماندىسى مورىنىئو كىتىشى بىلەن قالايمىقان بولۇپ كەتتى، ئىتالىيە بىرلەشمىسى شۇنداق قىلىپ كىچىك دۇنيا لوڭقىسى دىگەن نام دەب پۈتۈنلەي قالدى. مۇنداق بولشىغا ئەڭ چوڭ تەسىرى بولغىنى بولسا تېلىفۇن ۋەقەسى بولۇپ قالغان.
ئىتالىيەدىن تالانتلىقلار بىر بىرلەپ كېتىشكە باشلدى، ئىبراھىموۋىچمۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلانمىسا بولمايتتى، بىر يىلدىن كېيىن ئىبراھىموۋىچ پارىژغا قاراپ يول ئالدى.
بەزىلەر ۋاقىتلىق ئايرىلدى، يەنە بەزىلەر پۇتبولدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.2011-يىلى ئاشىقلار بايرىمىدا رونالدو ئۆزىنڭ چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئىلگىرى توسۇپ بولغىلى بولمايدىغان تاشقى پىلانت ئادىمى، ۋاقىت ۋە يارلىنىش ئالدىدا بوي بەرمەي ئامال بولمىدى.
بەزىلەر پۇتبولدىن ئايرىلغان بىلەن يەنە بەزىلەر بۇ دۇنيادىن ئايرىلدى، 2011- يىلنىڭ ئاخىرى ئەمدىلا 42 ياشقا كىرگەن ۋېلىش كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى سىپىد دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
7. يىڭى شاھلىق 2012- يىلى
2011-يىلى ئاخىرلىشىپ 2012- يىلغا قەدەم قويدۇق، مىسسى توختىماي توپ ئۇرىۋاتىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىدىكى بوشلۇق قانچە كىچىك بولغانسىرى مىسسى ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ مۇداپىئەسىدىن بوشلۇق ئېچىۋاتىدۇ، 2012- يىلنىڭ ئاخىرى مىسسى بىر يىلدا بارسىلونغا ۋاكالىتەن 79 توپ، ئارگىنتىناغا ۋاكالىتەن 12 توپ ئۇرۇپ، يىلدا 91 توپ ئۇرۇشتەك نەتىجىنى تارىخقا خاتىرلىدى.
شۇ يىلى مىسسىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى يەنىلا رونالدو ئىدى، مورىنىئونىڭ يىتەكچىلىكىدە رونالدو ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى بارسىلونانى مەغلۇپ قىلىپ شۇ يىللىق بىرلەشمە چېمپىيونى بولغان ئىدى، ئىلگىركى دېربىدىكى ۋاقىتلار كەتمەسكە كەتتى، رونالدو نوكەمپودا توپ ئۇرغاندىن كېيىن قولىنى ئاستىغا بېسىپ تىنىچلان بۇ يەردە مەن بار دىگەن ھەركىتى پۈتۈن مەيداننى تىنىچلاندۇرغان ئىدى.
شۇنداق بارسىلونا ۋە مادرىدنىڭ تىركىشىش ئاخىرىدا مىلەن دېربىسىدىن ئېشىپ دۇنيادىكى بىرىنچى دېربىغا ئايلاندى، شۇنداق قىلىپ مورىنىئو مادرىد ھاياتىدىكى تۇنجى ئوڭۇشلۇق بولغان يىلىنى تەبرىكلىدى، 11-12 مۇسابىقە پەسلىدە مۇكاپات تارتىقىش مۇراسىمىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە غەلبىسىنى تەبرىكلىدى، شۇ ۋاقىتتا ھەممە ئادەم بۇ مادرىد بارسىلونانىڭ شاھلىق ئورنىنى تارتىۋالىدىغان بولدى دەپ ئويلاشقان ئىدى.
لېكىن مادرىدنىڭ شۇ مۇساپىگە يېتىشىگە پەقەت 12 قەدەملا قالغان ئىدى، 2 قەدەم نېرىدا گىرمانىيە بايرى كوماندىسىنڭ ۋارتارى نويىر تۇراتتى، تەجىربىلىك مەشقاۋۇل ھاينىكىس ئاخىرغىچە كۈلەلىدى، ئەكىسچە مەيدان سىرتىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان مورىنىئو مەغلۇپ بولدى. مورىنىئو نىڭ كونا سەبداشلىرى چېلسى كوماندىسى ئۇنى ھەل قىلغۇچتا ساقلاۋاتقان بولۇپ ، لېكىن مورىنىئو ھەل قىلغۇچقا كىرەلمىدى، ئەكىسچە گىرمانىيە زومىگىرى بايرىن كۇلۇبى چېلسى بىلەن ھەل قىلغۇچ ئويناش ئۈچۈن تەييارلاندى.
ھاينىكىس بۇ قېتىم دۇچ كەلگىنى بولسا دىماتىئو يىتەكچلىكىدىكى چېلسى كۇلۇبى ئىدى، مۇسابىقىدن بۇرۇن ئۇلارنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمىغان ئىدى لېكىن ئۇلار يېرىم ھەل قىلغۇچتا بارسىلونانى مەغلۇپ قلىپ ھەل قلغۇچقا كىرگەن ئىدى، ئالدىنقى مەيدان بايرىن كۇلۇبى شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى، ئۇلار ئاخىرى 83 مىنۇت بولغاندا نەتىجىسىنى كۆردى، يەنى موللىرنىڭ ئۇرغان كاللا توپى ۋارتارغا چۈشتى، ئۇلارنىڭ لوڭقا كۆتۈرىشىگە پەقەت 10 مىنۇتلا قالغان ئىدى، لېكىن ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلىرىدە مۆجىزە كۆرۈلگەن ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئاخرى دېروبا ئورنىدىن تۇردى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن چېلسىنى يار ئاغزىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلدى، گىرمانىيەلىكلەر مادرىدتنى نوقتا توپتا شاللىغان بولسىمۇ لېكىن بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ تەلىيى كەلمەي قالدى، ئاخىرلاشتۇرغۇچى يەنىلا دىروگبا بولدى.
دىماتىئو مورىنىئو ۋە ئەنچىلوتى قىلالمىغان ئىشنى قىلدى، بۇ بىر يىلىنى پۈتۈن چېلسى مەستانىلىرى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.
لېكىن چېلسى غەلبىسىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرلەشمە چىمپىيونلىقىغا ئېرىشىش يولى بارغانسىرى يېراقلاپ كەتكەن ئىدى، مانچىستىر شەھرى ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالغان ئىدى، 11-12 مۇسابىقە پەسلى مەنچىنى باشچىلىقىدىكى مانچىستىر شەھرى ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئاگۇيرو نىڭ بوغۇزلاپ تاشلىشى بىلەن 44 يىل كۈتكەن بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئاخىرى ئالدى.
مەنچىنى باشچىلىقىدىكى مانچىستىر شەھرى، ئارسىنال ۋە مانچىستىر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۆزىنڭ خاندانلىقىنى قۇرالمىدى، بەلكىم نەچچە يىلدىن كېيىن شەھەر مەستانىلىرى چېمپىيونلىقتىن باشقا بالوتىلىنىڭ كىيمى ئالدىدىكى why always me دىگەن خەتنى ئەسلىشى مۇمكىن.
لېكىن بۇ بىر يىلدا ئىسپانىيە ئۆزىنڭ خاندانلىقىنى ھەقىقى قۇرۇپ چىقتى، ئاراگونىس قۇرۇپ چىققان كوماندىنى، بوسىك تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ توسىۋالغۇسىز ھالەتكە ئەكەلدى، ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ قارالغان گېرمانىيە كوماندىسى ئىتالىيەنىڭ قولىدا يېقىلدى. ئىلگىرى ئۇلارغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى سالغان ئىتالىيە كوماندىسى بۇ قېتىم تەلتۈكۈس مەغلۇپ بولدى.
بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسدە تورىئادورلار قوشۇنىنىڭ توپ كونتىرول قىلىش ھەيران قالارلىق ھالدا 60% تىن ئاشقان، ئىزچىل مۇداپىئەدە تۇرۇپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىدىغان ئىتالىيەمۇ ئۇلارغا ئامال قىلالمىغان. كاسىللاس لوڭقا كۆتۈرگەن ۋاقتىدا ھەممەيلەن يىڭى بىر شاھلىقنىڭ يەنى ئىسپانىيە شاھلىقىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە ئىشەنگەن.2008- يىلدىن 2012- يىلغىچە ئىسپانىيە دۇنيانى بويسۇندۇرغان، لېكىن 2012- يىلدىن كېينكى ئىسپانىيەنىڭ ھالى خارابلاشقان.
8. ئۆزگۈرۈش 2013- يىلى
2013- يىلى ئۆتكەن يىلى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتا مەغلۇپ بولغان ھاينىكىس باشچىلىقىدىكى بايرىن كۇلۇبى ئۈچ شاھلىققا يۈرۈش قىلغان ئىدى، گىرمانىيەدە ئۇلار غا جەڭ ئىلان قىلالايدىغانلاردىن پەقەت دورتىمونىدلا بار ئىدى، بۇ پەسلدىكى دورتىمونىد كوماندىسىنى زادى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ، كىلوپ كۈچلۈك دۈشمەنلەر نى مەغلۇپ قىلىپ ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا بايرىن بىلەن قول تۇتۇشۇپ كىرىپ كەتكەن. گەرچە بىرلەشمىدە بايرىننى مەغلۇپ قىلالمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇزغۇنلۇقتا مادرىد كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ، بايرىننىڭ لوڭقا ئېلىشىغا خرىس قىلىپ تۇردى. بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچتا روبىن دىروگبانىڭ ئورنىنى ئېلىپ دورتىمونىد نى مەغلۇپ قىلدى، مەيلى قايسى كوماندا غەلبە قىلمىسۇن ئوخشاشلا گىرمانىيە غەلبە قىلغان ئىدى.
ھاينىكىس 2013- يىلى نۇرغۇن قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ قويدى، 91 نۇمۇر بىلەن چېمپىيون بۇلۇش، ئىككىنچى ئورۇندىكى كوماندىدىن 25 نۇمۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن چېمپىيون بولۇش، شۇنداق قىلىپ ئۇ بايرىن دىن ئايرىلدى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە گۇادىئولا ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىۋاتىدۇ.
شۇنداقلا ھاينىكىسقا قىيالمىغانغا ئوخشاش يەن بىر مەشقاۋۇل بار ئۇ بولسىمۇ قىزىل ئالۋاستىلارنىڭ 26 يىللىق مەشقاۋۇلى فورگوسىن، نۇرغۇن شان شەرەپ لوڭقىلارنى مانچىستىر ئۆيىگە ئەكىرگەندىن باشقا ئىلگىركى ئۇستازى بۇسبىي غا ئوخشاش كونا تىرانفورد مەيدانىنىڭ سىرتىدا ھەيكىلى تۇرغۇزۇلدى. بۇ ئىككەيلەن مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ تارىخىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن مانچىستىر بىرلەشمىسى ئۇلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
شۇنداقلا ۋېنگىر كونا تىرانفوردقا مېھمان بۇلۇپ كەلگەندە يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالىدىغان بولدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا قول تەڭلەپ ئولتۇرغىنى ئىلگىركى سېغىز چايناپ ئولتۇرغان فورگوسىن ئەمەس ئىدى.
شۇنداقلا مۇشۇ پەسىل فۇرگوسىننىڭ 92-يىللىق سىنپنىڭ ۋەكىلى كەسپى ھاياتىدا نۇرغۇن شان شەرەپلەرگە ئېرىشكەن بېكخام ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بەزىلەر شان شەرەپنى ئېلىپ چېكىندى، يەنە بەزىلەر كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى ئورتاق دۈشمەنگە ئايلاندى، مورىنىئونىڭ مىجەزى ئۇنىڭ مادرىدنىڭ فورگوسىنى بولۇشقا يول قويمىدى، ئۇ مادرىد تىن ئايرىىلدى لېكىن كونا ئائىلىسى چېلسى كوماندىسى ئۇنى يەنە بىر قېتىم تەكلىپ قىلىپ كۈتىۋالدى. بەلكىم لوندوندا ئۇ ئۆز ئالىسىگە قايتقاندەك ھېسىياتقا كىلىشى مۇمكىن.
شۇنداقلا ئىلگىرى مورىنىئو تەرىپىدىن قۇلىقى سوزۇلغان بىلانوۋا بارسىلونانىڭ قامچىسىنى رەسمى قولىغا ئالدى ۋە بىر بىرلەشمە لوڭقىسى قالدۇرغاندىن كېين بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
لۈكچەك مىجەز سىمونى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى قالايمىقانچىلقتىن پايدىلىنىپ باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى، ئاتلىتكا مادرىد كۇلۇبى ئاخىرى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى 10 يىللىق مونوپول ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
شۇنداقلا بىرلەشمىدە نەتىجىسى ياخشى بولمىغان ئەنچىلوتى بىراقلا ئۇزغۇنلۇققا ھۇجۇم قىلدى، گەرچە بىر شەھەردىكى رەقىبى ئاتلىتكا مادرىد 90 مىنۇت ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن لېكىن ئاخىرىدا راموسنىڭ بىر كاللا توپى بىلەن لوڭقا ئېلىشقا تەمشىلىۋاتقان ئاتلىتكا مادىرد كوماندىسى ئۈزۈل كېىسل مەغلۇپ بولدى. شۇنداق قىلىپ مادرىد كۇلۇپ تارىخىدىكى 10 چى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسنى دەس كۆتۈردى.
ئۇ كۈنى كەچتە رونالدو لىسابونغا قايتتى، ئۇنىڭ چۈشى باشلانغان مەيدانغا قايتتى، نۇرلۇق پۇتبول مەيدانىدا ئۇ يەنە بىر قېتىم لوڭقا كۆتۈرۈش شەرىپىگە ئېرىشتى.
9. پۇتبولنىڭ ئۆيىگە قايتىشى 2014-يىلى
2014- يىلى سىكولارى پۇتبول دۆلىتى دەپ ئاتالغان بىرازىلىيەنى يىتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسى سەپىرىنى باشلىدى، ئۇلار دىگەن بەش يۇلتۇزلۇق بىرازىلىيە، ئۇلار دىگەن شەرىقنىڭ غوجىسى، ئۇلار يەنە تاج كىيەلەيدۇ دەپ پەرەزلەرنى قىلغان ئىدۇق.
ئەسلى سىكولارىنىڭ ئۇ ئورنىدا ئولتۇرغان كىشى مانو مېينىسى بولۇپ 2012- يىلى ئولىمپىكتا مېكىسىكىغا مەغلۇپ بولغاندىن كېين ئۇ دەرھال ئىشتىن چۈشكەن ۋە ئىسمىدىن باشقا ھېچ نەرسە قالمىغان.
سىكولارى بىرازىلىيەنى قايتا قولغا ئېلىپ نېيىمار باشچىلىقى بىلەن قايتىدن دۇنيا لوڭقىسىغا ئاتلاندى. 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى بىرازىلىيە بىلەن كىرودىيە مۇسابىقە ئويناپ دۇنيا لوڭقىسى رەسمى باشلاندى، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە تېيىلىش، يالغان يېقىلىش، خائىن توپ، تالاش تارتىشلىق ھۆكۈم ۋە ئېسىل كىرگەن توپ قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر بىلەن بىرازىلىيە غەلبە قىلغان بولدى.
كېيىنكى مەيدان مېكسىكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، بۇ مۇسابىقە ۋارتار ئوچاۋياغا تەۋە مۇسابىقە، بىرازىلىيە پۈتۈن مەيدان ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولۇپ، قاپقىغا قارىتىپ 14 قېتىم توپ تەپكەن بىراق 6 قېتىملىق توپ ۋارتار تەرىپىدىن توسۇپ چىقىرىۋېتىلگەن، نېيمارنىڭ كاللا توپىمۇ ۋارتار تەرىپىدىن توسۇپ چقىرىۋېىتلگەن، بىرازىلىيە ئۆزىنڭ كۆزىگە ئىشەنگۈسى كەلمىگەن.
كامىروننى يۇقىرى نۇمۇر پەرقى بىلەن مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن بىرزىلىيە ئوڭۇشلۇق ھالدا گۇرۇپتىن چىققان، 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە نەق مەيداندىكى مەستانىلەرنىڭ توختىماي مەدەت بىرىشى ۋە سەيسارنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن نۇقتا توپتا چىلى نى شاللاپ ئوڭۇشلۇق ھالدا 8 كۈچلۈككە كىرگەن. مۇسابىقىدىن كېيىن نېيمار بىلەن سىكولارى قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپمۇ كەتكەن. كېينكى مەيدان داۋىد لۇيىس قالتىس بولغان ئىختىيارى توپى بىلەن بىرازىلىيەنى 4 كۈچلۈككە ئېلىپ كىرگەن، لېكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تۆلەنگەن بەدەلمۇ ئېغىر بولغان، دىياگو سىلۋا سېرىق كارتا يېغىلىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىدىن توختىتىلغان. نېيمارنىڭ تىزى يارلانغاچقا كىينكى مەيدان مۇسابىقىگە چىقىشقا ئامالسىز قالغان.
بىرازىليە تەبرىكلىشى كىرەك،چۈنكى ئەڭ چوڭ رەقىبى بولغان ئسپانىيە مۇددەتتىن بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسى مۇساپىسىنى ئاياقلاشتۇرغان،ئىسپانىيە بۇ 10 يىل جەريانىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان دۆلەت بۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۇلار بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا قارا چۈشتەك ئۈچ مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان، گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئالۇنسونىڭ بىر نوقتا توپنى ئۇرۇشى بىلەن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەن بولسىمۇ،لېكىن ۋانپىرىسنىڭ بىلىقچىلاپ ئۈسكەن قالتىس كاللا توپى كاسىللاسنىڭ كاللىسىدىن ئېىشپ ۋارتارغا كىرگەندىن باشلاپ ئىسپانىيەنىڭ قارا چۈشى باشلانغان. ئۇچار پالۋان روبىن نەتىجىنى 5-1 مۇقىمدىغان ۋاقىتتا بارلىق مەستانىلەر كاسىلاسسنىڭ روبىننىڭ ئالدىدا ئويۇنچۇققا ئوخشاش يۈگۈرۈپ يۈرگەن كۆرىنىشىنى كۆرۈپ يەنە بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلىشقان ئىدى. ھەر بىر دەۋرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ھېكايىسى بار بۇلۇپ، ئىسپانىيەنىڭ ھېكايىسى مانا مۇشىنىڭ بىلەن ئاياقلاشقان.
چىلىغا يېڭىلگەندىن كېيىن بوسىك نىڭ كوماندىسى مۇددەتتىن بۇرۇن مادرىدقا قايتىدىغان ئايروپىلانغا چىقىپ مادرىدقا قايتقان.
بەلكىم تورىئادورلار قوشۇنىنىڭ پىشانىسىگە مۇشۇنداق مەغلۇبىيەت پۈتۈلگەن بولىشى مۇمكىن، بەلكىم ئۇلارنىڭ تەقدىرى قېرى مەشقاۋۇل ئارانگونىسنىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن تەڭ يېزىلىپ بولغان بولىشى مۇمكىن.
ئىلگىركى تۆت كۈچلۈكنىڭ بىرى بولغان ئۇرۇگۋاي كوماندىسىمۇ فورلاننىڭ قېرىپ كېتىشى بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ بارلىق ئۈمىدى شۇ پەسىل ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان سۇيارىستا ئىدى، لېكىن قېنى قىززىق سۇيارىس ئۆزىنڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇساپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياقلاشتۇرغان، يەنى ئىتالىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە جېيىلىنى بىلەن توپ تالىشىش جەريانىدا كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالماي ئۇنىڭ مۈرىسىنى چىشلىۋالغان. شۇ بىر چىشلەش بىلەن ئىتالىيەنىڭ گۇرۇپتىن چىقىش پۇرسىتنى يوق قىلىپلا قالماستىن يەنە ئۆزىىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇساپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرغان.
كوماندىدىكى ئاساسلىق ھۇجۇمچىدىن ئايرلىپ قالغان ئۇرۇگۋاي تۆت يىل ئاۋۋالقى ئىپادىسىنى تاپالمايلا قالغان، ئۇلارنىڭ ئۈمۈدى كولومبىيە كوماندىسى تەرىپىدىن يوققا چىقىپ تاۋالىس ۋە ئۇنىڭ باللىرى مۇددەتتىن بۇرۇن دۆلىتىگە قايتقان.
شەرىق غوجىسى بولغان بىرازىلىيەنى ساقلاۋاتقىنى بولسا گېرمانىيە كوماندىسى ئىدى. لېف يىتەكلىگەن گىرمانيە قوشۇنى يېقىنقى 10 يىلدا تەدرىجى كۈچىيىپ بارغانسىرى مۇكەممەلىشىۋاتقان بولۇپ، ئاجىزلىق تەرىپى يوق دىيەرلىك ئىدى، گۇرۇپتىن ئوڭۇشلۇق چىققاندىن كېيىن ئەمىلى كۈچى ئادەتتىكىچە بولغان ئالجىرىيە كوماندىسى ئۇلارغا چوڭ بىر سىناق بولغان، ئۆزىل ۋە شۈرلى نىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن گىرمانىيە قوشۇنى بۇ ئۆتكەلدىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇلار داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشى كىرەك ئىدى، ئۇلار ئەمدى ئەملى كۈچى كۈچلۈك بولغان فىرانسىيەگە دۇچ كەلگەن ئىدى، ئادەمنى خۇشال قىلىدىغىنى بولسا فىرانسىيە زىدانىدىن كېيىن ئاخىرى بىر قانچە تالانىت ئىگىلىرىنى بايقاپ چىققان، ئۇلار بېنزىمانىڭ يىتەكچىلىكىدە گىرمانىيە بىلەن ئوبدانلا تىركىشكەن بولسىمۇ لېكىن خۇملىس نىڭ كاللا توپى بىلەن فىرانسىيەمۇ دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشقان.
شۇنداق قىلىپ بىرازىلىيە ۋە گىرمانىيە دىن ئىبارەت ئىككى كۈچلۈك قوشۇن ئۆز ئارا جەڭگە تەييارلاندى، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئۇچراشقان ۋاقتى بولسا 2002- يىللىق ياپونىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇچراشقان، رونالدو بىرازىلىيەنىڭ قەھرىمانىغا ئايلانغان. لېكىن گىرمانىيە 2002- يىلدىن كېين بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ بارغانسىرى كۈچىيىپ ماڭغان، بىرازىلىيە بولسا 2002-يىلدىن كىين بارغانسىرى چۈشكۈنلۈشۈپ كەتكەن.
مەن بۇ مۇسابىقىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيمەن، مەن كىلوزنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى 16- توپىنى ئۇرغان ۋاقىتتا كۆراش سۇپىسىدا ئولتۇرغان رونالدونىڭ قانداق ھېسىياتقا كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن، مەن ئوسكارنىڭ بىر توپ قايتۇرىۋالغاندىن كېيىن خۇشال ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن. مەن كۆرۈش سۇپىسىدىكى ھېلىقى قېرى ئادەمنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قاتتىق ياش تۆكىۋاتقاندا پۈتكۈل بىرازىلىيەنىڭ ياش تۆككەن تۆكمىگەنلىكىنى بىلمەيمەن. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ يىلى بىرازىلىيە پۇتبولىنىڭ يۈزىگە يۇيۇپ چىقىرىۋەتكۈسىز بىر داغ بېسىلدى.
مىسسى ۋە ئارگىنتىنا كوماندىسى 86- يىلدىكى مارادوناغا ئوخشاش سۈر توقاي قىلىپ كىلىۋاتقان بولۇپ، مىسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ 1990-يىلدىكى تىراگىدىيەگە ئوخشاش قايتا تەكرارلىنىشىنى ئەسلا خالىمايتتى، لېكىن مۇسابىقە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ 113- مىنۇتىغا كەلگەندە گوتىز ھەل قىلغۇچ توپنى ئۇرۇپ مىسسىنڭ دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىش ۋە شاھ ئاتىلىش چۈشىنى پۈتۈنلەي بەرباد قىلغان. شۇنداق قىلپ گىرمانىيە ئىسپانىيەنىڭ قولىدىن بايراقنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يىڭى بىر دەۋىرنى باشلىغان.
10. قوغدىغۇچى 2015-يىلى
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋېنگىر خەلىپە مەيدانىغا كىرگەندە پۈتۈن مەيداندىكى مەستانىلەر ئالقىش سادالار بىلەن ئۇنى قىزغىن قارشى ئالغان.
1996- يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىگبورى مەيدانىغا كىرگەن ۋاقىتتا ئاخپاراتچىلار ۋە مەستانىلەر سوئال نەزىرى بىلەن قاراشقان ئىدى.
ۋېنگىر 19 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئارسىنالنى ئېنگىلاند ۋە لوندوندىكى قالتىس كۇلۇپقا ئايلاندۇردى، ئۇ بۇ 19 يىل داۋامىدا 49 مەيدان يېڭىلمەسلىكتەن قالتىس نەتىجىنىمۇ ياراتتى، ئۇ بۇ 19 يىل جەريانىدا فورگسىننىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبىگە ئايلاندى، ئەلۋەتتە بۇ 19 يىل جەريانىدا نۇرغۇنلىغان مەغلۇبىيەتلەرگىمۇ دۇچ كەلدى، ھەتتا 9 يىل لوڭقىسىز قېلىپ ھەر ساھەنىڭ مەسخىرە قىلىشىغىمۇ ئۇچىرىدى.
ئۇ بولسا بىر پۇتبولنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالغۇچى، گەرچە ئۇنىڭ تاكتىكىسىنى نۇرغۇن ئادەملەر كۆزگە ئىلمىسىمۇ لېكىن بۇ قېرى داۋاملىق مەيدان سىرتىدا تۇرۇپ شۇ تاكتىكا بىلەن ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ۋېنگىر بىر قوغدىغۇچىغا ئوخشايدۇ، مۇشۇ دەۋىرنىڭ پۇتبولدىكى ئەڭ ئاخىرقى پاكلىقىنى قوغدايدۇ.
مانا بۇ بولسا مىنڭ بۇ 10 يىل جەريانىدا پۇتبولدىن ھېس قىلغانلىرىم
بۇ 10 يىل جەريانىدا بىز ھەممىمىزنىڭ ھېس قىلغانلىرى ئوخشاش بولمىغان بولىشى مۇمكى، قېنى ھەممىمىز بۇ 10 يىل جەريانىدىكى خاتىرىلىمىزنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.
مۇنبەرداشلارنىڭ ئىلمى مۇنازىرە قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن، يەنە كونا خاماننى سورۇپ بىر بىرسىمىزنىڭ دىلىغا ئازار بىرىدىغان ئىشلارنى قىلساڭلار، باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىنى ئۆچۈرىۋەتسەڭلار مەن رازى.
sensiz
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|