نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 2323|ئىنكاس: 55
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چېمپىيونلۇق تاجىدىن توڭ تېزەككىچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-7 10:16  

   ئەسسالامۇئەلەيكۇم: مەن بار، لېكىن ھەم ئالدىراش ھەم تور تۇراقسىز. لېكىن مۇنبەرنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. ھازىرمۇ تور يوق، تېمىنى ۋوردتا يېزىپ، كومپىيۇتېرنى يانفونىمنىڭ تورىغا ئۇلاپ مۇشۇ تېمىنى ئەۋەتتىم. بۇ تېمىنى بۇ يىل ۋە ئىلگىرى چېمپىيون بولۇپ بولۇپلا ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن كوماندىلارغا بېغىشلىدىم.
    ئۆمرۈمدە يازغان ماقالە، خەۋەر، تېمىلار ئىچىدە ماۋزۇسى ئەڭ سەت يازما مۇشۇ بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتىمۇ مۇشۇ تېمىغا بۇنىڭدىن دەل كېلىدىغان، بۇنىڭدىن مۇۋاپىقراق ماۋزۇ بولمىسا كېرەك.
   بىر كۇلۇب بىر ياكى بىر قانچە پەسىل چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ بولۇپ، يۇقىرى پەللىگە يېتىپ بولۇپ ئارقىدىنلا ئۈششۈك تەگكەندەك كەينىدىكى پەسىلدە بىراقلا ئۆزىنى يوقىتىپ چېمپىيونلۇقتىن قۇرۇق قالىدىغان، ياكى ناچار نەتىجە بىلەن قايتا قۇرۇش، تەشكىللەش باسقۇچىغا بېرىپ قالىدىغان ئىشلار پۇتبول دۇنياسىدا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
   بۇ پەسىلدىكى بارسېلونا، چېلسى، يۇۋېنتۇس، ئالدىنقى يىلىدىكى رېئال مادرىد، 2013 – يىلىدىكى چېلسى، 2011 – يىلىدىكى ئېنتىر، 2008 – يىلىدىكى مىلان قاتارلىقلار دەل يۇقىرىقى سۈپەتكە يېقىنلاشقان كوماندىلاردۇر. دەرۋەقە، پەسىل تېخى ئەمدى باشلانغاچقا، چېمپىيونلۇقتىن ئېغىز ئېچىشقا خېلى بالدۇر، ئەمما ئالدىنقى پەسىلدە دۇنيا ئەھلىنى لال قىلغان بۇ ئۈچ كۇلۇبنىڭ تىرېنېر ئالماشمىغان ئەھۋال ئاستىدا پەسىل بېشىدا كىشى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان پاتقاققا پېتىشى كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدۇ.
  سۇئال: شۇنچە ئۇتۇق قازانغان بىر كوماندا قىسقىغىنە 3 – 4 ئاي ئىچىدە نېمىشقا بىراقلا پاتقاققا پاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ چېمپىيونلۇق تاجى نېمە ئۈچۈن بىراقلا توڭ تېزەككە ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ؟ (ۋاقتىنچە) بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر ئېنىق بىر يەرگە كەلگەن پىكىر ياكى قولغا چىققۇدەك دەل سەۋەب يوق. مەن پەقەت ئۆزۈم ھېس قىلغان بىر قانچە نۇقتا ئارقىلىق بۇنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرىنى ئېيتىپ ئۆتىمەن:
    1. پۇتبول دۇنياسى تەبىئەت قانۇنىيىتىدىن مۇستەسنا ئەمەس
   يوقلىقتىن ئاپىرىدە بولۇش، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش ۋە بارابارا ئاجىزلاپ يوقىلىش تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدىن بىرى. بۇ قائىدە پۇتبول دۇنياسىدىمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە. بىر كوماندا قايتىدىن تەشكىللەنگەندىن كېيىن، بىر تىرېنېر شۇ كوماندىغا ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى سىڭدۈرىدۇ، بارا بارا پىشىپ يېتىلىدۇ، مۇۋاپىق تىرىشچانلىق ۋە تەلەي ئامىلى تەڭ قېتىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ دە، گۈللىنىشىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەمما، پۇتبول دۇنياسىدىكى مەغلۇبىيەتمۇ بىردەملىك بولۇپ، ئاجىزلاش، تۆۋەنلەش مەزگىلى دەل چېمپىيونلۇقنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
     2. يېرىم يىلدا 10 ياش قېرىش
يېرىم يىلدا 10 ياش قېرىش دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى 2008 – يىلىدىكى مىلان ۋە بۇ يىلقى چېلسىدىن ئىزدەڭلار.
   2007 – يىلى مىلان ئۇزغۇنلۇقتا چېمپىيون بولدى. چېمپىيون بولغان ئاشۇ مەزگىلدە مالدىنى، نېستا، كافۇ، كالادزې، ئوددو، سېدورىف، ئىنزاگى قاتارلىق بىر توپ قېرىلار ۋە ياشقا چوڭ ماھىرلار «قېرىغانسېرى ئېچىلىپ كېتىدىغان»، «ياشقا چوڭ بولغاچقا تەجرىبىلىك» دېگەن ناملار بىلەن مەدھىيەلەندى، ياش مەسىلىسى قەتئىي مەسىلە ھېسابلانمىدى. ئەمما، ئارىدىن 9 ئاي ئۆتۈپ، 2008 – يىلى 3 – ئاينىڭ 4 – كۈنى مىلان ئۇزغۇنلۇقنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ئارسېنالغا 2 دە 0 نەتىجە بىلەن يېڭىلگەندىن كېيىن، بىر كېچىدىلا «مالدىنىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ئىنزاگى پادا باقسۇن، سېدورىفمۇ توپچىمۇ؟ نېستا چېكىنسۇن» دېگەندەك گەپلەر تورنى قاپلىدى، ئۇلارنىڭ يېشى مەغلۇبىيەتنىڭ ۋە مىلاننىڭ شۇ پەسىلدىكى بىرلەشمىدە 5 – بولۇپ قېلىپ، ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىشتىن مەھرۇم بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى.
   بۇ يىلقى چېلسىمۇ ھەم شۇنداق، تېخى بۇ يىل باش يازدا كوماندىنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكى دېيىلىدىغان، قېرىماس بېك تېررىي 4 ئايدىلا 7 – 8 ياش قېرىپ كەتتى. «بىرگە ماھىر، كۆپكە ماھىر» ئىۋان بىراقلا 15 ياش قېرىدى، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىراقلا كوللېكتىپ قېرىلىشىش كوماندىنى مۇداپىيەدە چىڭ ئەمەس، ھۇجۇمغا كۈچلۈك ئەمەس ھالغا ئەكىلىپ قويدى.
    3. كېسەل كارىۋىتىنىڭ مېھرى ئىسسىق
يارىلىنىش پۇتبولچىلار ئەڭ قورقىدىغان نەرسە. يارىلىنىش بىر كوماندىنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.
   2014 – يىلى رېئال مادرىد ئۈچۈن خېلىلا ئوڭۇشلۇق بولغان بىر يىل ئىدى. تۆت شاھ بولۇش بۇنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى ئىدى. يېڭى پەسىل باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مادرىد كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 22 مەيدان ئۇدا غەلىبە قىلىش پۈتكۈل مەستانىلەرنى دېگۈدەك مادرىدنىڭ تېخىمۇ ھوسۇللۇق بىر پەسىلنى كۈتۈۋېلىشىغا ئىشەندۈردى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاغرىق ئەلچىسى مادرىدنى پەتىلىدى. كەم بولسا بولمايدىغان مودىرىچتىن، يېڭى شاھزادە خامىسقىچە، ئورنىنى تولدۇرۋالغىلى بولمايدىغان بېنزىمادىن مادرىد جەڭچىسى راموسقىچە بولغان ماھىرلار ئوخشىمىغان مەزگىللەردە ھەتتا بەزىدە بىرلا ۋاقىتتا يارىلىنىپ، تازا ھوسۇل ئالىدىغان چاغدا مادرىدنىڭ مۆدرۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى، پەسىل ئاخىرىدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرە ھەممىمىزگە ئايدىڭ.
   بۇ يىل يازدا دۇنيا پۇتبولچىلىقىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان بارسېلونا بۇ پەسىل باشلىنىپلا زەربىگە ئۇچرىدى. پېدرودىن ئايرىلىپ بىر قەدەر خەۋپكە تولغان ھۇجۇم سېپى مېسسىدىن ئىبارەت «غوجىئاكا» نىڭ يېتىپ قېلىشى بىلەن ئۆزىنى «كۆرسەتتى». بۇنىڭغا كوماندىنىڭ ماتورى ئېنىستا بىلەن تەجرىبىلىك ۋاراتار بىراۋونىڭ يارىلىنىش قېتىلىپ، بارسېلونانى ھۇجۇمدا ئارمان، مۇداپىيەدە دەرمان، ئوتتۇرا مەيداندا ئىمكان يوق ھالغا ئەكىلىپ قويدى. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئەگەر ئالدىنقى پەسىلدىمۇ، بولۇپمۇ بىر پەسىل ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان 4 – ئايلاردا يۇقىرىقى ئەھۋال سادىر بولغان بولسا بارسېلونانىڭ «ئۈچ شاھ» لىق چۈشىمۇ كۆپۈككە ئايلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
   بۇنىڭغا يەنە، 2002 – يىلى يارىلانغان زىدانىدىن ئايرىلغان فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى، 2010 – يىلى  يارىلانغان پىرلودىن ئايرىلغان ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىمۇ مىسال بولالايدۇ.
      4. باشسىز يىلان ھېچنىمە ئەمەس
   بىر كوماندا يۇقىرى پەللىگە چىققاندا ئۇنىڭدا چوقۇم بىر، ئىككى يادرو بولىدۇ. تىرېنېر بىرىنچى يادرو، كوماندىدىكى تېخنىكا ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى سەردار ماھىرلار بولسا ئىككىنچى يادرو ھېسابلىنىدۇ.
   2010 – يىلى مۇرىنىئو ئېنتىرنى يېتەكلەپ، ئىتالىيە تارىخىدىكى تۇنجى «ئۈچ شاھ» نى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمما، بۇ ئۆزگىچە مەشقاۋۇل شەرەپ مېدالىنى تاماشىبىنلارغا تارقىتىۋېتىپ، دەرھال مارىدقا ئاتلاندى. «خىسلەتلىك تىرېنېر» ىدىن ئايرىلغان ئېنتىر دەرھاللا چېكىندى، بېنىتىز پەسىل ئوتتۇرىدا ئىشتىن بوشىدى، يېڭى تىرېنېر لېئوناردو ئۇزغۇنلۇقتا شارىكقا يەم بولدى، بىرلەشمىنى مىلانغا تارتقۇزۇپ قويدى، بىر ياخشى تىرېنېرنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.
   بۇ پەسىلدىكى يۇۋېنتۇسمۇ ھەم شۇنداق. ئالدىنقى پەسىلدە ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچىغىچە بارالىغان، بىرلەشمىدە ئۇدا تۆت پەسىل چېمپىيون بولغان يۇۋېنتۇس ئۆزى ئەڭ قابىل بىرلەشمىدە ئاران ئىككى ئۇتۇپ، ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇپ 12 – ئورۇندا مېڭىۋاتىدۇ. سەۋەبى نېمە؟ يادرودىن بىراقلا ئايرىلىش. بۇ يىل يازدا يۇۋېنتۇسنىڭ چوڭ مېڭىسى پىرلو ئامېرىكىغا، ئوتتۇرا مەيدان ماتورى ۋىدال بايرېنغا، كوزۇر ھوجۇمچىسى تېۋىز ئارگېنتىناغا كەتتى. گەرچە دىبالا، ماندۇزىكۇۋىچ، قەدرا قاتارلىق ماھىرلار تولۇقلانغان بولسىمۇ ئەمما يۇقىرىقى ئۈچ ماھىرنىڭ ئورنى ھە دېگەندىلا تولۇقلىنىپ كېتەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن يادرولۇق تەنھەرىكەتچىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى ئوچۇق دەرسنى ئۆتۈش ۋەزىپىسى يۇۋېنتۇسقا قالدى.
      5. غورا ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولىدۇ
  «غورا ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولىدۇ» دېگەن تەمسىل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق كۇلۇبقا دېگۈدەك ماس كېلىدۇ. يەنى، مەلۇم بىر كۈچلۈك كوماندا يۇقىرىقىدەك ھەرخىل قىيىنچىلىققا، كىرزىسقا دۇچ كەلگەندە ئۇ يولۇققان ھەربىر رەقىب چىۋىندىن بىراقلا قاپاق ھەرىسىگە ئايلىنىدۇ، ئاجىز ھېسابلىنىدىغان كوماندىلار ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردىكى بىزار قىلىدىغان ئەمما چاقالمايدىغان چىۋىندىن، تازا قېرىشىپ ۋىژژىدە چاقىدىغان قاپاق ھەرىسىگە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، چېلسىنى تېخى يېقىندا ئۇتقان جەنۇبىي ئامپىتون بۇ پەسىلدە غەلىبىنىڭ تەمىنى پەقەت نوۋىچ بىلەن سىۋانسىدىن تېتىغان ئىدى، ئەمما رەقىبى چېلسىنىڭ كىرزىستا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان بۇ «چىۋىن»  چېلسى بىلەن قاتتىق تىركەشتى ھەمدە چېلسىنى يەڭدى، ئەگەر چېلسى ئالدىنقى پەسىلدىكى گۈللەنگەن ۋاقتىدا بولسا ئوخشاش سەپ شەكلى بىلەن ئامپىتوننى 5 دە 0 يېڭىشمۇ ئادەتتىكى ئىش ئىدى. يەنە قارىساق، 5 – ئايلانمىدا بارسېلونانىڭ ۋېگىر سېلتادىن ئىبارەت يېڭى كوماندىغا 4 دە 1 يېڭىلگەنلىكىنى كۆرگەن سەۋىلىيا بۇ يىل ئەھۋالىنىڭ بوشلىقىغا قارىماي بارسېلونانى يەڭدى، بۇمۇ دەل غورا ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولۇش، كۈچلۈك كوماندىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بار كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئىپادىسىدۇر.  
باشقا ئۇششاق سەۋەبلەر:
تىرېنېرنىڭ باشقىچە يول ئىزدەپ مەغلۇب بولۇشى. بۇنىڭغا گۇئادىئولانىڭ بارسېلونانى ئىككى قېتىم ئۈچ شاھ قىلىپ، ئىككى قېتىم مەغلۇب بولۇشى مىسال بولالايدۇ. بۇنىڭدا يەنە گۇئادىئولانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىرادىسى، يېڭىچە خرىسقا بولغان تەلپۈنۈشى، ھېچقانداق تىرېنردا كۆرۈلۈپ باقمىغان يۈكسەك تەسەۋۇرىدىن ئىبارەت ئىجابىي ئامىلمۇ بار.  
   ئويناش ئۇسۇلىنىڭ سېھرىي كۈچتىن قېلىشى. بۇنىڭغا 2014 – يىلىدىكى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى، بۇ يىلقى چېلسى، گۇئادىئولا مەغلۇب بولغان مەزگىلدىكى (2011 - ۋە 2012 - يىلى) بارسېلونا، 2008 – يىلىدىكى ئەنچېلوتى مىلانغا ئىشلەتكەن «روژدېستوۋا ئارچىسى» سەپ شەكلى قاتارلىقلار مىسال بولالايدۇ.
   يازما بېشىدا دېيىلگەندەك، چېلسى، يۇۋېنتۇس، بارسېلونانىڭ ھازىرقى مەزگىلدىكى مەغلۇبىيىتى ھەرگىزمۇ پەسىل ئاخىرىدا مەغلۇب بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەمما يۇقىرىقى يازمىنىڭ روھىغا ماس كېلىدۇ. شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ كوماندا ئۆزىنى ئوڭشىيالامدۇ – يوق دېگەن مەسىلىنى ئەمەس، بەلكى مۇشۇ خىل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى نېمە، تارىختىكى مۇشۇنىڭدەك مەسىلىلەر نېمىشقا كۆرۈلگەن دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10مۇنبەر پۇلى +395 تۆھپە +5 شۆھرەت +12 تەجرىبە +7 تىللا +4 يىغىش سەۋەبى
muhsin + 4 مادرىدنىڭ ياكى مىلەن.
nayil + 50 قالتىس!
ھەمراھ + 50 ئىسىل !!
9مۇرادىل + 50 قوللاش!
ئەززام + 5 قالتىس!
ئۇچتىكىن + 50 + 5 + 2 + 1 قالتىس!
تۇيغۇن + 50 قالتىس!
جۇرئەت829 + 40 + 10 + 6 قالتىس!
ساداقەت + 50
تۈمەن + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: 2015-10-6 23:49:16 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقى نادىر تىما بوپتۇ رەھمەت ئۇخلاش ئالدىدا يەنە بىرمۇنچە پۇتبول توغۇرلۇق بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-10-6 23:58:54 | ئايرىم كۆرۈش
خۇش كەپلا ئابلەتجان ، ياخشى تىمىدىن بىرنى ئالغاچ كەپلا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: 2015-10-7 00:01:06 | ئايرىم كۆرۈش
ئوبدان تىما بوپتۇ ،مەن مۇ مۇشۇنداق تىمىدىن بىر يازاي دەيمە  ئۆزۆمنى تۇتىۋىلۋاتىمەن   ھېھې
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: 2015-10-7 00:10:38 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇتىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-7 00:39  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلەتجان… ناھايىتى ئەتراپلىق تەھلىل بوپتۇ كۆپ سۆ)لەشنىڭ ھاجىتى يوق،ئاساسلىق سەۋەپلىرىنى تېمىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇپ بوپسىز…شۇنداق بولسىمۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنمىغان بىر تەرىپىنى دەپ باقاي…مىنىڭچە  چىمپىيون كوماندىلار چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كىيىن   ئوزىگە ھەددەدىن زىيادە ئىشىنىپ ناھايىتى قالتىس چاغلايدۇ،دەل مۇشۇ ئۆزىنى قالتىس چاغلاش،تەكەببۇرلۇق مەغلۇبىيەتكە ئاساس بۇلۇپ قالىدۇ…چېلسىنى مىسالغا ئالساق ئالدىنقى پەسىل بىرلەشمىدە سۇر توقاي قىلىپ ماڭغانلىقتىن  چېلسى قوماندانى مورىنھو يازلىق بازاردا ئادەم تۇلۇقلاشقا سەل قارىدى،سەۋەبى نېمە؟چۇنكى مورىنھو ئوزىگە ۋە  كوماندىدىكى ئەزالارغا بەك ئىشىنىپ كەتتى،مۇداپىيەدىكى ياشتا چوڭ ئەزالارنىڭ ئورنىنى باسقۇدەك مۇداپىيەچى كىرگۇزمىدى شۇسەۋەپتىن بۇ پەسىل چېلسىنىڭ مۇداپىيەسىدىن ئېغىر دەرىجىدە چاتاق چىقتى…بارسىلوناغا كەلسەك ھەر ۋاقىت كوماندىغا ئەزقاتىدىغان رەقىپلىرىنىڭ باش ئاغرىقى بولالايدىغان پېدرونى ئادەم كىرگۇزالمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا  قولدىن چىقىرىپ قويدى…چۇنكى بارسىلونادا م س ن بار ئىدى…كۇرۇپ تۇرۋاتقىنىمىزدەك   مىسسى يارلىنىۋىدى بۇنىڭ ئىزىغا چۇشكىدەك تۇزۇك ھۇجۇمچى قالمىدى مۇنىر نىمىلا دىگەن بىلەن ياش،پېدرودەك تەجىربىلىك ئەمەس…يەنە كىلىپ ئۇمۇمى كوماندىدىلىلەر  ئوزىنى قالتىس چاغلاپ  قارشى تەرەپنى بوش چاغلاپ قالغانلىقتىن ئاجىز دەپ قارالغان كوماندىلارغىمۇ يېڭىلىپ  قېلىۋاتىدۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: 2015-10-7 00:12:41 | ئايرىم كۆرۈش
يۇقارقى ئانالىزنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: 2015-10-7 00:18:37 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلىلەر ئىكەن … رەھمەت بىزنى مۇشۇنداق ئويلىنىشقا باشلىغىنىڭىزغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: 2015-10-7 00:19:55 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى يازدىلا ھە بۇ تېمىنى، كۈتۈپ كۆزلەر تۆت بولغانتى.  بەزىدە بىر ئادىمى قىزىل كارتا يەپ چۈشۈپ كېتىپ ئون ئادەم بىلەن قالسىمۇ يەنە ئۇتالايدىغان كوماندىلارمۇ بولىدىكەن،  ئەمما بۇ يىلقى چېلسىغا قارايدىغان بولساق بىر ئىۋاننىڭ ئىپادىسى چېكىنىشى پۈتۈن سەپ بويىچە چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭغا قارىغاندا ئىۋان چېلسىنىڭ مېسسى، رونالدوسى ئوخشايدۇ. ياكى راستىنلا چېلسىدا پۈتۈن سەپ بويىچە چېكىندىمۇ؟ نېمىشقا چېلسىنىڭ مۇداپىئەسىدىن چاتاق چىقىدۇ؟ مېنىڭچە مورىنھو پېدرو ئۈچۈن سەپ شەكلى ۋە تاكتىكىدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولىشى مۇمكىن، مۇشۇ ئۆزگەن سەپ شەكلى ۋە تاكتىكىغا ماھىرلار ماسلىشىپ بولالمىغان بولىشى مۇمكىن. ئەزالار يېڭى تاكتىكىغا ماسلىشىپلا كەلسە چېلسىنىڭ ھۇجۇمى كۈچىيىپ، ئىلگىركىدەك ئاپتوبۇس توختىتىدىغان مۇداپىئە شەكلىدىن خوشلىشىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: 2015-10-7 00:25:21 | ئايرىم كۆرۈش
مەن 2،3،4-قاراشنى قوللايمەن. بۇنىڭدىن باشقا مېنىڭ نەزىرىمدە يەنە بىر ئاساسلىق سەۋەب بولسا، ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن ئويلاشمايلا قولىدىكى توپچىلارنى سېتىۋىتىش ياكى ئىجارىگە بېرىش. تىپىك مىسالى بارسېلونا، چېلسى ۋە لېۋىرپۇل. بارسېلونا قىشلىق بازارغىچە توپچى قوشۇۋالالمايدىغان بولغاندىكىن ئەسلى پىدرونى ئىلىپ قىلىشى كىرەكتى، چېلسىمۇ ھۇجۇمچىلىرىنىڭ تايىنى يوق ئەھۋال ئاستىدا نۇرغۇن ياش توپچىلارغا پۇرسەت بەرمەيلا ئىجارىگە بېرىۋەتتى، ئۆزى بولسا ئالدىنقى پەسىل ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئىپادىسىنى تاپالمىغان فالكاۋنى قوشۇۋالدى. لېۋىرپۇلمۇ ئالدىنقى پەسىل ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشىپ تۇرۇپ سۇئارىزنى ساتتى، بۇ يىل ئامال قىلىپ سىتېرلىڭنى تۇتۇپ قالماي، ئۇنىمۇ قولدىن چىقىرىپ قويدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: 2015-10-7 00:29:14 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ  ئەلەيكوم  ئابلەتجان  ئالدىراپ  تىما  يازمايلا  يازسىلا  مۇشۇنداق  ئادەم  سۈيۈندۈردىغاندىن  بىرنى  يىزىپلا  بىزنى  خىلى ۋاقىتقىچە  كوشىسۇن  دەيلا   ھە  ،  ئاجايىپ  ئىسىل  يىزىلغان  تىما  بۇپتۇ   رەھمەت  سىلگە  ،  مۇشۇنداق  تىمىلىرى  ئۈزۈلۈپ  قالمىغاي،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: 2015-10-7 00:29:40 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
قاراجىم قاندا يوللىغانلا ماتىمىنى ، تىلفۇننى كومپىيوتىرغا ئ‍ۇلاش ، چىمپىيونلۇقنى توڭ تىزەككە ئ‍ۇلاش ، ئ‍ىشقىلىپ بىر خىل ، دەت ئ‍ەلەملىرىنى بىر مەن چۈشىنىمەن ، ئ‍ۆزلىرىنى چارچىتىۋالمىسىلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: 2015-10-7 00:30:08 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-7 00:39  

ئاۋۇ دېيىلگەن زەردارلار ئىچىدە چېلسنىڭ بىرلەشمىدىكى   كۈرەشلىرى خەۋىپ ئىچىدە  گەرچە ئىنگىلاند بىرلەشمىسدە  رىقابەت كەسكىن ، ئاجىز كوماندا يوق دەپ قارىلۋاتقان بولسىمۇ  ، مۇشۇ 8 ئايلانمىدا ساپ توپ سانىدا مىنوس 5 كە ، نۇمۇر جەھەتتە بىرىنچىكتە مېڭىۋاتقان  كوماندا بىلەن  10 نۇمۇر پەرىق بار ، بۇ 10نومۇرلۇق پەرىقنى نۆلگە چۈشۈرۈش مۈشكۈل ئىشتۇر ...  ...  ، دېمەك  مورىنىئو ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا  بىر چىكىت ئۇرۇلدى دېسەك ،  نەتىجسى چېلسغا ئوخشاش  زەردار كوماندا خېلى بار ،. ئابلەتجان تەھلىك قىلغاندەك  پۇتبولغا  كۆپ تەرەپلىملك باھا بېرىش كېرەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:38

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش