ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1687 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۈگۈن ئەتتىگەن ئوينالغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 7- ئايلانمىسىدا مادرىد رىقابەت ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىد نى كۈتىۋالدى، لېكىن مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ئاربىلوئانىڭ خاتالىقى بىلەن بىر توپ كەتكۈزۈپ، بىرلەشمىدىكى ئۈچىنىچى مەيدان تەڭلىشىش نى كۈتىۋالدى، شۇنداق قىلىپ 15 نۇمۇر بىلەن ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرماقتا. تۆۋەندە بۇ مۇسابىقىدىكى نوقتىلارنى ئورتاقلاشماقچىمەن.
يازلىق بازاردا ئوبدان قان ئالماشتۇرغاندىن كېيىن سېمونى توررىس ۋە كېلىييانى ئاساسلىق ھۇجۇمچى قىلىپ قىلىپ سەپ شەكلى تۈزۈپ چىققان، ئوتتۇرا مەيداندا تامدەك تۇرىدىغان گودىن ۋە جابى نى تۇرغۇزۇپ مۇداپىئەنى تامدەك قىلغان، بېنتىزمۇ ئوتتۇرا مەيدان ۋە مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ كاسمىورنى ئاساسلىق قىلىپ مەيدانغا چىقارغان.
ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى مالمو بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن پەسىل باشلانغاندىن بۇيان ئىزچىل كەينىگە تارتىلىپ ئارقا بەل ئويناۋاتقان كىروس ئالدى ئورۇنغا قايتىپ كەلگەن، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئالدى مەيدانغا ئۈچ ئوتتۇر مەيدان توپچىسى قويۇپ، مودرىچ، كىروس، ئىسكولارنىڭ كۆزۈتۈش ۋە يىراقتىن نۇمۇر ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بوشلۇق چىقارماقچى بولغان، لېكىن ئاتلىتكا ئۇلارغا يول قويماي، ئالدى مەيدانغىچە چىقىپ مۇداپىئە قىلغان، بېنزىمانىڭ ئۇرغان توپى كارۋاخالنىڭ ياندىن بۆسۈپ ئوتتۇرىغا پاس تاشلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن، رونالدونىڭ چەكلەنگەن رايۇنغا كىرشى ئىسكونىڭ كەينىگە يېنىشى بىلەن، مودرىچ ۋە كىروس مارسىلو ۋە كارۋاخالنىڭ بۆسۈپ كىرىشىگە شارائىت ھازىرلاش ۋەزىپىسىنى ئالغان.
نۇمۇر كەينىدا قالغان ئاتلىتكا كېلييا ۋە توررسى ئارقىلىق ئوڭ تەرەپتىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ نۇمۇر ئالماقچى بولغان، مادرىدنىڭ 433 سەپ شەكلىمۇ توپ يوق ئەھۋال ئاستىدا 442 ئۆزگۈرۈپ مۇداپىئەنى ياخشىلىغان، لېكىن ئالدى مەيداندىكى رونالدو بىلەن بېنزىما توررىس ۋە كىلىييا غا ئوخشاش مۇداپىئەگە كۈچ بەرمىگەن.
قارشى تەرەپ پۈتۈن سەپ بويىچە بېسىۋالغاندىن كېيىن مادرىدنىڭ ھۇجۇم سېپى بىلەن ئوتتۇرا مەيدان ئۈزۈپ تاشلىنىپ ئەنچىلوتى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا مەيدان ھالىتىگە كىلىپ قارشى تەرەپنىڭ توپ ئۈزىۋېلىشىغا بوشلۇق ھازىرلاپ بەرگەن، مادىردنىڭ ئەل ھالقىلىق ئاجىز يىرى كاسمىرو ساقلاۋاتقان ئورۇن بۇلۇپ، شەخسى تېخىكىسى بەك ياخشى بولمىغاچ ھەم سۈرئىتىنىڭ بەك تىز بولماسلىقى بىلەن توپنى كەينىگە قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، شۇنداق بولغاچقا ئاتلىتكا توپچىلىرى 442 سەپ شەكلى بويىچە 4 ئادەم بىر گۇرۇپ بۇلۇپ كاسمىرونى قورشىۋالغان، بېنتىزنىڭ كاسمىرونى يالغۇز ئارقا مەيدانغا قويىشى بەلكىم بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقى بولىشى مۇمكىن.
ئادەم ئالماشتۇرۇش جەھەتتە: سىمونى بارلىق كۈچىنى ھۇجۇمغا چىقاردى، بېنتىز بولسا مۇداپىئەگە چۈشىۋالدى.
بەلكىم توپچىلارنىڭ يارلىنىپ قېلىشىنى خالىماي ۋە ياكى بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ خوراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر توپ ئالدىدا بولغان بېنتىز ھەيران قالارلىق دەرىجىدە مۇسابىقە ھوقۇقىنى قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەردى، كىچىك پاس تاشلاپ ھۇجۇم قىلىش ئۈنىمىنى كۆرسىتەلمىگەندىن كېيىن بىراقلا مارتىنىس، كالاسكا، قاتارلىقلارنى بىراقلا مەيدانغا چىقاردى، ۋە 433 سەپ شەكلىنى 424 غا ئۆزگەرتىپ ياندىن ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.
سەپ شەكلى 433 دىن 424 غا ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى كۈچىيىپ كەتتى، سىمونى پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا چىقىش تاكتىكىسى بويچە جاننى تىكتى، يىڭىدىن مەيدانغا چىققان ئۈچ نەپەر ھۇجۇمچى تېخى بەدەن قۇۋۋىتى خورىمىغان بولغاچقا بارلىق كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ مادرىدنى بىراقلا بېسىۋالدى، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بەدەن قۇۋۋىتى خوراپ كەتكەن مادرىد ئەزالىرى ئامال قىلالماي قالدى، بېنتىز مۇ بۇ ھۇجۇملارغا ئامال قىلالماي بېنزىمانى چۈشۈرۈپ كۇۋاچىچنى چىقىرىپ توپنى كونتىرول قىلماقچى بولدى، لېكىن كىرودىيەلىك مۇسابىقىگە ماسلىشىپ بولالماي ئاتلىتكا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىۋالدى.
پۈتۈن سەپ بويىچە بېسىۋېلىش توپ تارتىۋلىش، يان يولدىن ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېيتو نىڭ ئۇرغان توپى ھەممىسى سىمونىنىڭ تاكتىكىسى بويىچە داۋام قىلغان. ئاتلىتكىنىڭ غەلبە قىلىشنىڭ ئاساسى بولسا مارتىنىسنىڭ ئوتتۇرا مەيدانغىچە يۈگرەپ ئاربىلوئانىڭ پۇتىدىن توپنى تارتىۋېلىشى، ۋە گىرىزمان بىلەن بېيتو نىڭ تىز سۈرئەتتە ئىچىگە كىرىشى بىلەن بىر قېتىملىق ھۇجۇم تاماملانغان، ئەسلىدىنلا تىزلىكى ياخشى بولمىغان، ھەمدە بەدەن قۇۋۋىتى خوراپ كەتكەن كاسمىرو بىلەن ئاربىلوئا ئۇلارغا يېتىشىپ بولالماي ئۇلارنىڭ نۇمۇر تەڭلەشتۈرىۋېلىشىغا قاراپ تۇرغان.
1.ئاتلىتكا يەنە شۇ ئاتلىتكا
ئاتلىتكىنىڭ مۇسابىقىلىرىگە بەك دىققەت قىلمىساممۇ لېكىن مادرىد دېربىسىدىن كېيىن ئەڭ چوڭ ھىس قىلغىنىم بولسا ئاتلىتكا يەنە شۇ ئاتلىتكىكەن، گەرچە نۇرغۇن ئۇرۇنلاردىكى توپچىلار ئالماشقان بولسىمۇ كوماندىنىڭ ئويناش ئۇسلۇپى ئىگىركىگە ئوخشاشلا.
يەنىلا بۇرۇنقىدەك قوپال توپ تالىشىش، بەلكىم بۇ ئاتلىتكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولىشى مۇمكىن، ئاتلىتكىنىڭ ھازىرقى ھۇجۇمى 2013- يىلدىكىدىن خېلىلا چېكىنگەن بولسىمۇ لېكىن مۇداپىئە جەھەتتىكى توپ تالىشىش توپ تارتىۋېلىشى قىلچە ئۆزگەرمىگەن. رەقىبىگە ئوخشاشلا تەھدىت ئېلىپ كىلەلەيدۇ، ئۈستىدىكى رەسىمدە ئاتلىتكا ۋارتارنىڭ قېشىغچە بېرىپ توپ تالاشقان، بۇ خىل ئەھۋال قارشى تەرەپكە خېلى ئوبدان بېسىم ئېلىپ كىلىپ قارشى تەرەپنى تەمتىرىتىپ قويىدۇ،
ئەمىلىيەتتە مۇسابىقىدە ئاتلىتكا توپنى كونتىرول قىلدى، مادرىد يېرىم مەيداندىن ھۇجۇم تەشكىللىسە ئاتلىتكا توپ بار ئادەمنى قورشاپ بېسىم قىلىپ، توپنى كەينىگە تاشلاشقا مەجبۇر قىلدى، ئاتلىتكا بېسىپ ئوينىغاننىڭ پايدىسىنىمۇ كۆردى، راموس كەينىگە قايتۇرغان توپنى تارتىۋىلىپ نوقتا توپ كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئەگەر ناۋاسنىڭ قالتىس ئىپادىسى بولمىغان بولسا نەتىجە ئاللىقاچان 1-1 بولغان بولاتتى، لېكىن شۇنداق بولغان بولسىمۇ ئىككىسنىڭ تاكتىكا جېڭىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرگىلى بولاتتى.
2.مادرىدنىڭ مۇداپىئەسى
مادرىدنىڭ سەپ شەكلىنى 4231 دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە مادرىد كۈچلۈكلەر بىلەن ئوينىغاندا 3 ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى چىقىرىپ كەلگەن، ئۈستىدىكى رەسىمدە ئۈچ نەپەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنىڭ ئورنى كاسىمىرو ئارقىغا تارتىلىپ ئارقا بەل ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، مودرىچ بىلەن كىروس ئالدىغا چىقىپ ئىككى يانغا بۆلۈنگەن، بۇ خىل سەپ شەكلى بېنتىز قوللۇنۇپ كەلگەن سەپ بولۇپ، مودرىچ ۋە كىروسقا بېسىم چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن ئارقا بەل توپچىسى چىقارغان.
پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە مادرىد مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ ئويناپ كەلدى، لېكىن ئۆز ئارا ئۇرۇن تۇلۇقلاپ بولالماسلىق سەۋەبى بىلەن قارشى تەرەپكە بوشلۇق ئېچىپ بەردى، يۇقارقى رەسىمدە كاسمىرو ئالدىغا چىقىپ مۇداپىئە قىلماقچى بولغان لېكىن كەينى تەرەپتىن بوشلۇق ئېچىلىپ قېلىپ راموسنىڭ ئالدىغا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ توپ كەتكۈزگىلى تاسلا قالغان. راموس ئالدىغا چىققاندىن كېىن ياندىكى كىروس ئىچىگە كىرىپ مۇداپىئە قىلماي قاراپلا تۇرغان، گەرچە مۇدائىپە ئالدىنقى پەسىلدىن ياخشى بولسىمۇ لېكىن توپچىلارنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشى ياخشى بولماي قالغان.
يۇقارقى رەسىمگە قارايدىغان بولساق مادرىد بىر ئارقا بەل توپچىسى چىقىرىپ تۇرۇپمۇ يەنە نىمىشقا مۇداپىئە قىلالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى كۆرەلەيمىز.
3.مادرىدنىڭ كېيىنكى مەيداندىكى ئىپادىسى
ئالدىنقى مەيدان بىلەن كېينكى مەيدان مادردىنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. ئالدىنقى مەيدان 338قېتىم پاسلىشىپ 302 پاسنى ئۆتكۈزگەن، لېكىن كېيىنكى مەيدان 215 پاسلىشىپ 176 نى ئۆتكۈزگەن. ئالدىنقى مەيدان توپ كونتىرول قىلىش ياكى بېسىپ ئويناشتا بولسۇن رەقىبىدىن ئۈستۈن تۇرغان بولسىمۇ لېكىن كېيىنكى مەيداندا ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرغان.
كېينكى مەيدان بىر توپ ئالدىدا بولغان مادرىد ئاكتىپ ھالدا توپ كونتىرول قىلىشتىن چېكىنىپ مۇداپىئەگە ئۆتتى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان سېمونى بىراقلا 3 توپچىنى ئالماشتۇرۇپ بارلىق كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلدى، بېنتىز دەرھال بېنزىمانىمۇ چۈشۈرۈپ كوۋاچىچنى مەيدانغا چىقىرىپ رونالدودىن باشقا ھەممىنى مۇداپىئەگە چىقاردى، ئاربىلوئانىڭ خاتالىقىدىن پايدىلانغان ئاتلىتكا تىز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېنتىز پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى، تاكتىكا جەھەتتە سېمونىغا پۈتۈنلەي يېڭىلدى. بېنتىز تىزراق ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ چىقالامدۇ يوق؟
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|