ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1687 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كېچىكىپ بولسىمۇ ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوينالغان ئىنگىلاد بىرلەشمىسى 7- ئايلانما مۇسابىقىسىدە توتىنھام تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى. بۇ پەسىل باشلانغاندىن باشلاپ سۈر توقاي قىلىپ كەلگەن مانچىستىر شەھرى كوماندىسى 10 كۈن ئىچىدە ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، پەسىل بېشىدا ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن بىرازىلىيەلىك ئىككى ئارقا بەل توپچىسى مۇقىم مۇداپىئە قىلالماي ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، تۆۋەندە مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقىچىمەن.
بۇ مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلى تەرەپ خىل ئەزالىرىنى چىقارغان بولۇپ، ئېنژىنىر ئۈچ ئارقا بەللىك سەپ شەكلى قوللانغان، فىرنەندىئو بىلەن فىرناندو دېمكىرىس بىلەن ئوتامىندىنى قوغداش بىلەن بىرلىكتە يايا تورىنى ئازات قىلىۋېتىش ۋەزىپىسنى ئالغان، ئۈچ كۈن ئالدىدا لوندوندىكى رەقىبى تەرىپىدىن ھاقاراتلىك مەغلۇپ بولغاندىن كېين ئۇدا 4 مەيدان شەھەرنى يېڭەلمەسلىكتەك قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاش نىيىتىگە كەلگەن، يارىسى ئەسلىگە كەلگەن ئېرىكسوننىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا سۈنشىڭمىن، كەيىن ، لامىلا قاتارلىق سەركەردىلەر تىز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنىڭ مۇداپىئەسىنى چۇۋۇپ تاشلىغان.
بىر ھەپتىدىكى مەغلۇبىيەت ۋە مىھمان مەيداندا جەڭ قىلىش سەۋەبى بىلەن ئىنژىنىر مۇداپىئەنى ئاساس قىلغان سەپ شەكلى تۈزۈپ چىققان، سېلۋا، ناسرىغا ئوخشاش ھۇجۇمسىمان ئالدى بەل توپچىلىرىنى زاپاس قىلىپ، قوش ئارقا بەل ئىشلىتىپ يايا تورىنى ئالدى بەلگە قويغان، يايا تورىنىڭ مۇداپىئەدىن بىۋاستە ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ لېكىن بۇ مۇسابىقىدە ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنى كىچىكلەپ ئۆزىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغان، شۇ سەۋەپتىن شەھەرنىڭ ھۇجۇملىرى ئۈنۈملۈك بولمىغان.
ئوتتۇرا مەيداندا ئالدى بەل توپچىسىغا ماسلىشىپ توپ يەتكۈزىدىغان، ئوتتۇرا مەيداننى كونتىرول قىلىدىغان توپچى بولمىغاچقا، دۈشمەن ئاسانلا ئىككى يان تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان، سىتىرلىك بىلەن كىلالوف نىڭ ماسلىشىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئوڭ تەرەپتىكى دىبرونىغا تۈزۈك توپ كەلمىگەنلىكتىن بۇ ئىككى سەركەردە ئۆزىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالمىغان.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توتىنھامنىڭ مەشقاۋۇلى پىچىنو قارشى تەرەپنى قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان، ئىنژىنىرمۇ ئۇنىڭ ھىيلىسىگە ئالدىنىپ ئىككى ئارقا بەل توپچىسىنى يېقىندىن بۇيان ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان سۈنشىنمىڭنى مۇداپىئە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، لېكىن كوماندىنىڭ ھەقىقى ھۇجۇم تەشكۈللۈگىچىسى بولغان ئېرىكسون سول تەرەپتىن پەيدا بولۇپ يېتەرلىك بوشلۇققا ئېرىشكەن، دېبرونى بىلەن سانىيا بولسا مانچىستىرنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرەپى بولۇپ، توتىنھام ئىزچىل شۇ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ نومۇر ئالغان.
گەرچە توتىنھامنىڭ نۇمۇر تەڭلەشتۈرگەن ۋە غەلبەنى مۇقىملاشتۇرغان توپىدا ئورۇن ھالقىش بولسىمۇ لېكىن بىر توپ كەينىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا پىچىدىنو نىڭ تاكتىكا ئۆزگەرتىشى بىلەن ئۈنىمى كۆرۈلۈپ شەھەردىن ئېشىپ كەتكەن. ئىككى ئارقا بەلنىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئالدىدىكى مۇداپىئەسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ، توتىنھام توپ كونتىرول قىلىشنى ئاساس قىلىپ مۇسابىقىە رېتىمىنى تىزلەتكەن، ئوتتۇرىدىن بېسىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپتىن بوشلۇق چىقارغان.
شەھەرنىڭ 4231 سەپ شەكلىدە ئىككى يان بېك ۋە يان ھۇجمچىنىڭ ئارلىقى بەكلا يىراقلاپ كەتكەن، توتىنھام يانتۇ پاس تاشلاپ تىز سۈرئەتتە ئۇرۇن يۆتكەش ئۇسۇلى بويىچە ھۇجۇم قىلغان، يان ھۇجۇمنىڭ مۇداپىئەگە ماسلاشماسلىقى ۋە يان بىكنىڭ ئورۇننى توغرا تاللىماسلىقى بىلەن ئىككى يان تەرەپ توتىنھامنىڭ ھۇجۇم قىلىش يولىغا ئايلانغان.
ئىنژىنىر كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا ئىككى ئارقا بەلدىن ۋاز كەچمەي مۇداپىئە قىلىپلا تۇرغان، يايا تورىنىڭ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىشى بىلەن شەھەرنىڭ سەپ شەكلى پۈتۈنلەي قالايمىغان بولغان، توتىنھامنىڭ كۈچلۈك بېسىۋېلىشى بىلەن تۆت نەپەر زاپاس ئەزادىن تەركىپ تاپقان مانچىستىر شەھرى بەرداشلىق بېرەلمەي پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان. بۇ مۇسابىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئىنژىنىرنىڭ مۇداپىئەسىمان سەپ شەكلى قوللىنىشى ۋە يايا تورىنى ئالدى بەل قىلىپ ھۇجۇم تەشكىللەيدىغان سېلۋا غا ئوخشاش ئەزالارنى مەيدانغا چىقارماسلىقى (پەقەت مىنىڭ پەرىزىم) .
|
|