نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 1464|ئىنكاس: 56
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سەھەردىكى سېلىشتۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-23 12:19  

ئۇزۇندىن بۇيان تۈرلۈك تاراتقۇلارنىڭ  ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن ،بەزى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ گېزىت -ژورناللىرىدا دۆلەت ،شەھەر ۋە كوماندا ناملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان  ياكى خاتا تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ سادىر بولماقتا.
  2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا كىرگەن 32كوماندا نامىنى مەلۇم ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورگان گېزىتىدىن كۆرۈپ ھەيران قالدىم، شۇ چاغدىكى ئا گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن دۆلەتلەر ئىچىدە بۇتان كوماندىسى دەپ بىر كوماندا تۇراتتى، ئاسيادا تۇرۇپ نۇرغۇن كىشى ئۇقمايدىغان شۇنداقلا پۇتبول سەۋىيىسى بەكلا تۆۋەن بىر دۆلەتنىڭ كىرىپ قىلىشى مېنى قىزىقتۇردى، ماتىريال كۆرۈش جەريانىدا ئۇ دۆلەتنىڭ ياۋروپادىكى دانىيە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇردۇم. يەنە بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا شېۋىتسىيە بىلەن شېۋىتسارىيە ،ئاۋىستىرىيە بىلەن ئاۋىستىرالىيە خاتا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەن ئەھۋاللارمۇ بايقالدى.  بۇ خىل ئەھۋاللار مۇنبىرىمىزدىمۇ يوق ئەمەس.ھەركۈنى سەھەردە قىلىدىغان ئىشلارنى تۈگىتىپ ئاز-ئازدىن يېزىپ  ھېس قىلغانلىرىمنى كۆپچىلىككە سۇنۇپ بېقىش ، شۇ ئارقىلىق مەتبۇئاتلار، تاراتقۇلاردىكى بىر قىسىم خاتالىقلارنى ئامال بار توغرا ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە ئۇشبۇ تېمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

  1. ئاۋىستىرالىيە بىلەن ئاۋىستىرىيە
  بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نامى پۇتبول دۇنياسىدا پات-پات يولۇقۇپ تۇرىدۇ، ساياھەت دۇنياسىدا بەكرەك كۆزگە چېلىقىدۇ. بىر قىسىم گېزىت -ژورناللاردا ھەم مۇنبىرىمىزدىمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنى ئارلاشتۇرىۋىلىش قىسمەن ھالەتتە ساقلانماقتا.
  1) ئاۋىستىرالىيە ، 澳大利亚 Australia    بۇ دۆلەتنىڭ ئورنى ئوكېئانىيە قىتئەسىدە، تۆت ئەتراپى دېڭىز ئوكيان بىلەن قورشالغان، ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئىنگىلىز تىلى ئاساس قىلىنىدۇ، سىدنىي تىياتىرخانىسى ، كېنگېرۇ، مارجان خادا تاشلىرى ،ئارتىزىئان قۇدۇقلىرى ،مېرىنۇس قويى  قاتارلىقلار ئاۋىستىرالىيىگە خاس بولغان مەشھۇر بەلگىلەردۇر. پۇتبول مۇسابىقىسىدە بولسا ئۇلار ئاسىيا قىتئەسىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان. شۇنداقلا ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسىگە كىرىۋالغاندىن بۇيان دۇنيا لوڭقىسىغا ئۇدا قاتنىشىپ كەلمەكتە.


  ئاۋىستىرالىيە دۆلەت بايرىقى


   ئاۋىستىرالىيە پۇتبول كوماندىسى 1921-يىلى قۇرۇلغان، 1922-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى يېڭى زىللاندىيەدىكى ئوكلەنىد شەھىرىدە تۇنجى مەيدان خەلقارالىق مۇسابىقىنى ئوينىغان، مۇسابىقىدە يېڭى زېللاندىيە 3-1نەتىجە بىلەن يەڭگەن.
ئەڭ چوڭ نومۇر پەرقىدە ئۇتقان مۇسابىقىسى: ئاۋىستىرالىيە ئۆز مەيدانىدا 31-0 ئامېرىكىغا قاراشلىق ساموئانى يەڭگەن(2001-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى).
ئەڭ چوڭ پەرقتە ئۇتتۇرغان مۇسابىقىسى : جەنۇبىي ئافرىقا 8-0 ئاۋىستىرالىيە (1955-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاۋىستىرالىيە ).
ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش قېتىم سانى:  4قېتىم( 1974-يىلى تۇنجى قېتىم قاتناشقان).


  دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى : 16كۈچلۈككە كىرىش (2006-يىلى).


  ئاۋىستىرالىيە 2006-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان.
ئاسىيا لوڭقىسىدىكى نەتىجىسى : 3قېتىم قاتناشقان( 2007-يىلى تۇنجى قېتىم قاتناشقان)،  2015-يىلى ئۆز دۆلىتىدە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن.
خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمە لوڭقىسىدىكى نەتىجىسى : 3قېتىم قاتناشقان( 1997-يىلى تۇنجى قېتىم قاتناشقان)، ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 2-لىككە ئېرىشكەن( 1997-يىلى).



2) ئاۋىستىرىيە     奥地利 Austria

  ئاۋىستىرىيە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. شەرق تەرىپىدە سېلوۋاكىيە ،ۋىنگىرىيەلەر بىلەن، غەربتە شىۋىتسارىيە ،لىختېنىشتىيىن بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇب تەرەپتە سېلوۋىنىيە ،ئىتالىيەلەر بىلەن خوشنا، شىمال تەرىپى گېرمانىيە ،چېخ مەملىكەتلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. پايتەختى ۋىنا. ئاۋىستىرىيە تاغلىق دۆلەت بولۇپ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل،قىش -ياز ساياھەتچىلىك پائالىيەتلىرى ناھايتى جانلىنىپ كېتىدۇ، مۇزىكا ، چاڭغا تېيىلىش، خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم يېغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى قاتارلىق جەھەتلەردە جاھاندا نامى مەشھۇر.  ئاساسلىق نېمىس تىلى ئىشلىتىلىدۇ.



ئاۋىستىرىيە دۆلەت بايرىقى

  ئاۋىستىرىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1904-يىلى قۇرۇلغان، 1905-يىلى خەلقارا پۇتبولچىلار  بىرلەشمىسىگە ،1954-يىلى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان.
تۇنجى مەيدان خەلقارا مۇسابىقىنى 1902-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋىنادا ئوينىغان بولۇپ ئاۋىستىرىيە كوماندىسى 5-0 ۋىنگىرىيە كوماندىسىنى يەڭگەن.
1977-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاۋىستىرىيە سالىزبۇرۇگدا ئوينىغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئاۋىستىرىيە 9-0 مالتا كوماندىسىنى يەڭگەن بولۇپ ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ نومۇر پەرقىدە ئۇتقان مۇسابىقىسى ھېساپلىنىدۇ.
ئەڭ چوڭ نومۇر پەرقىدە ئۇتتۇرغان مۇسابىقىسى : ئىنگىلانىد 11-1 ئاۋىستىرىيە ( 1908-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ، ۋىنا).
ئاۋىستىرىيە 2008-يىلى شېۋىتسارىيە بىلەن بىرلىشىپ ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ گۇرۇپپىدىلا شاللىنىپ كەتكەن.
ئاۋىستىرىيە كوماندىسى 7قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان بولۇپ  1934-يىلى تۇنجى قېتىم قاتنىشىپ 4-لىككە ئېرىشكەن، 1954-يىلى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۇرگەن، 1978،1982-يىللىرى ئۇدا قاتنىشىپ ئىككىلا قېتىمدا 8كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن، 1938-، 1958-، 1990-، 1998-يىللىرى تۇنجى باسقۇچتىلا شاللانغان، 1998-يىلىدىن كېيىن ئاۋىستىرىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا كىرەلمەي يۈرمەكتە.


بايرىندا توپ ئويناۋاتقان داۋىد . ئالابا ھازىر ئاۋىستىرىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ داڭلىق چولپىنى بولۇپ ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئاۋىستىرىيە كوماندىسىنىڭ  2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى  ئىپادىسىمۇ قالتىس بولماقتا.


2. شېۋىتسىيە بىلەن شېۋىتسارىيە

شېۋىتسىيە   瑞典 Sweden

  شېۋىتسىيە پادىشاھلىقى شىمالىي ياۋروپادىكى سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدا، شەرىق ،شىمال تەرەپلىرى فىنلاندىيە بىلەن ،غەرب،ۋە غەربىي شىمال تەرەپلىرى نورۋىگىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ. يەر مەيدانى تەخمىنەن 450مىڭ كىۋادىرات كېلومېتىر، ئاھالىسى 9مىليۇن 680 مىڭ ئەتراپىدا(2014-يىل). شېۋىت تىلىدا پاراڭلىشىدۇ. شېۋىتسىيەنىڭ ئورمان بايلىقى مول، تۆمۈر زاپىسىنىڭ كۆپلۈكى ھەم ئېكىسپورت قىلىشتا دۇنيادا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
شېۋىتسىيە دۆلەت بايرىقى


شېۋىتسىيە پادىشاھلىقى


  شېۋىتسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1904-يىلى قۇرۇلغان ھەم خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان، 2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۇلارنىڭ 11-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى ھېساپلىنىدۇ.
دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى :  1958-يىلى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىنى 1گە قارشى 3نەتىجە بىلەن يېڭىپ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە پىلى قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەزالار توپلاشقان بىرازىلىيە بىلەن ئۇچرىشىپ 5كە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋىتىپ 2-لىككە ئېرىشكەن. ئۇندىن باشقا 1950-يىلى ۋە 1994-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئوخشاشلا 3-لىككە ئېرىشكەن.
دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ۋاقتى:  1934، 1938، 1950، 1958، 1978،1974،1970، 1990، 1994، 2002، 2006-يىللىرى.
2002-يىلى ئارگېنتىنا ،ئېنگىلانىد ،نېگىرىيەلەر بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ‹‹ھالاكەت گۇرۇپپىسى›› نى شەكىللەندۈرگەن شۇنداقلا بۇ گۇرۇپپىدىن چىقىپ 16كۈچلۈككە كىرگەن بولسىمۇ ئافرىقا كىچىك شىرى سېنىگالغا 2:1 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتكەن. ئەڭ يېقىنقى دۇنيا لوڭقىىسغا قاتنىشىش تارىخى بولغان 2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا ئوخشاشلا 16كۈچلۈككە كىرگەن بولسىمۇ ساھىبخان گېرمانىيىگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ شاللىنىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن شېۋىتسىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالماي يۈرمەكتە.


ئاندېرسۇن، لارېسسون، ئىبراھىمۇۋىچ  قاتارلىقلار شېۋىتسىيە پۇتبولچىلىقىدىكى داڭلىق شەخسلەردۇر.
لارېسسون


ئىبراھىمۇۋىچ

   شېۋىتسىيە كوماندىسى 1964-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا 8كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن، 1992-يىلى تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن بولسىمۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم باسالمىغان، 1996-يىلى قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن، 2000-يىلى گۇرۇپپىدىلا شاللانغان، 2004-يىلى 8كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن،2008-يىلى 2012-يىلى ئوخشاشلا گۇرۇپپىدا شاللانغان. 2016-يىلى فىرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىلىرىدە شېۋىتسىيە كوماندىسىنىڭ ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى ئەمەس.

شېۋىتسارىيە 瑞士 Switzerland

شېۋىتسارىيە فېدىراتسىيىسى ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، شىمالدا گېرمانىيە، غەرب تەرەپتە فىرانسىيە بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى ئىتالىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ، شەرق تەرىپى ئاۋىستىرىيە، لېختېنىشتىين قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تۇتىشىدۇ. يەرمەيدانى 41مىڭ 284كىۋادىرات كېلومېتىر، نوپۇسى 8مىليۇن 230مىڭ ئەتراپىدا(2014-يىل). ئاھالىسى گېرمان تىلى،فىرانسوز تىلى، ئىتالىيان تىلى ،رومانسىيە تىللىرىنى ئىشلىتىدۇ.

  شېۋىتسارىيە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى تاپقان كاپىتالىستىك دۆلەت بولۇپ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، شېۋىتسارىيە تاغلىقنى ئاساس قىلغان دۆلەت بولۇپ ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭ ‹‹ دۇنيانىڭ باغچىسى›› دېگەن چىرايلىق نامى بار، ئۇندىن باشقا شېۋىتسارىيەنىڭ نازۇك سىتانوك، سائەت، پىچاق  قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى ، شېۋىتسارىيە بانكىسى قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى نامى جاھانغا مەشھۇر.
پايتەختى بېرن، جەنىۋە ، سىيۇرخ ، باسېل، لوزان قاتارلىق شەھەرلىرى دۇنياغا داڭلىق ساياھەت شەھەرلىرى شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىدۇر.





  شېۋىتسارىيە دۆلەت كوماندىسى 1895-يىلى قۇرۇلغان، شېۋىتسارىيە يەنە 1904-يىلى خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 1905-يىلى تۇنجى مەيدان خەلقارا مۇسابىقىدە 0-1 فىرانسىيىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان.


  شېۋىتسارىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى: 8كۈچلۈككە كىرىش ( 1934،1938،1954)،
  شېۋىتسارىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا 8قېتىم قاتناشقان بولۇپ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان، 1962-،1966-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار دۇنيا لوڭقىسى ئويناش سالاھىيىتىنى ئالالماي 1994-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن  يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىىسغا قاتناشقان، بۇ قېتىم ئۇلار گۇرۇپپىدىن چىققان بولسىمۇ كېيىنكى باسقۇچتا ئىسپانىيە تەرىپىدىن شاللىۋىتىلگەن، 2006-يىلى ئۇلار دۇنيا لوڭقىسىدا 16كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ 8كۈچلۈككە كىرىشتە ئۇكرائىنا بىلەن تەڭلىشىپ قىلىپ رەھىمسىز نۇقتا توپ جېڭىدە يەنە شاللىنىپ كەتكەن.
  2010-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە تۇنجى مەيدان 1-0ئىسپانىيەنى يېڭىپ زىلزىلە پەيدا قىلغان شېۋىتسارىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى چىلى كوماندىسىغا 1-0ئۇتتۇرۋەتكەن، ھوندۇراس كوماندىسى بىلەنمۇ 0-0تەڭلىشىپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان.
  2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە شېۋىتسارىيە كوماندىسى ئېكۋادور، فىرانسىيە، ھوندۇراس كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، 1گە قارشى 2نەتىجە بىلەن ئېكۋادورنى، 0گە قارشى 3نەتىجە بىلەن ھوندۇراسنى مەغلۇپ قىلىپ 5كە قارشى 2نەتىجىدە فىرانسىيىگە ئۇتتۇرۇپ گۇرۇپپىدىن 2-بولۇپ چىقتى. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى شېۋىتسارىيە كۈچلۈك ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن ئېلىشتى، قەيسەر شېۋىتسارىيە كوماندىسى 90مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئۇزارتىلغان ۋاقىت باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىنىڭ ئاخىرقى پەيىتلىرىدە دىمارىيانىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن شېۋىتسارىيە يەنە بىر قېتىم 8كۈچلۈكنىڭ سىرتىدا قالدى.
شېۋىتسارىيەنىڭ نامى چىققان توپچىلىرىدىن سېفۇروزا، سېندۇروس، شاچىرى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.
سېفورۇزا (ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى)، شېۋىتسارىيەنىڭ 90-يىللاردىكى مۇنەۋۋەر توپچىسى، خەلقارا مىلان بايرىن قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ ئوينىغان.


  سېندورۇس (شېۋىتسارىيە كوماندىسىنىڭ مۇنەۋۋەر بېكى) ،ئارسېنال ۋە دۆلەت كوماندىسىدا ئىپادىسى ياخشى بولغان ، ئەمما كېيىنچە يارلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىپادىسىدە ئىلگىرلەش بولمىغان، 2010-يىلى ئېۋىرتونغا ئىجارە بېرىلگەن.

شېردان شاچېرى 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، شېۋىتسارىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى، ئوڭ ۋە سول يان يوللاردىمۇ ئىپادىسى ئوخشاشلا ياخشى بولغان تەنھەركەتچى، باسېل، بايرىن ،خەلقارا مىلان كوماندىلىرىدا توپ ئوينىغان، ھازىر ئېنگىلانىد سېتوك شەھىرى كوماندىسىدا توپ ئوينىماقتا. ئۇنىڭ ‹‹شېۋىتسارىيىلىك مېسسى›› دېگەن نامى بار.


4.   سىلوۋاكىيە بىلەن سېلوۋىنىيە

سىلوۋاكىيە جۇمھۇريىتى  The Slovak Republic    斯洛伐克

  سىلوۋاكىيە جۇمھۇريىتى ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، تارىختا چېخ بىلەن سىلوۋاكىيە بىر دۆلەت يەنى چېخسىلوۋاكىيە دەپ ئاتىلاتتى.1993-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ چېخ بىلەن سىلوۋاكىيە بۆلۈنۈپ ئايرىم -ئايرىم ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولدى. سىلوۋاكىيەنىڭ يەرمەيدانى 49مىڭ 37كىۋادىرات كېلومېتىر، ئاھالىسى 5مىليۇن 416مىڭ ( 2013-يىل)، سىلوۋاك تىلىدا پاراڭلىشىدۇ،پايتەختى بىراتسېلاۋا. سىلوۋاكىيە بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ غەربىي شىمالىي تەرىپى چېخ بىلەن ، شىمال تەرىپى پولشا بىلەن ،شەرقىي تەرىپى ئۇكرائىنا بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى ۋىنگىرىيە بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئاۋىستىرىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ.



سىلوۋاكىيەنىڭ خەرىتىسى


  سىلوۋاكىيە كوماندىسى 1939-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە جەمئى 16مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان، 2-جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن چېخ بىلەن بىرلىشىپ چېخسىلوۋاكىيە نامىدا خەلقارا پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان. 1992-يىلى چېخسىلوۋاكىيە پارچىلانغاندىن كېيىن  چېخ كوماندىسى  چېخسىلوۋاكىيەنىڭ شانلىق پۇتبول تارىىخىغا ۋارسلىق قىلدى. سىلوۋاكىيە پۇتبول كوماندىسى  بولسا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى.
تۇنجى مەيدان خەلقارا مۇسابىقىسى :  1992-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى لىتۋا پايتەختى ۋېلىنيۇستا لىتۋا كومانىدىسى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىغان، مۇسابىقىدە سىلوۋاكىيە 1-0نەتىجىدە غەلىبە قىلغان.
سىلوۋاكىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسدىكى ئىپادىسى: 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى  ياۋروپا رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۆز گۇرۇپپىسىدا 4-بولغان،2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۆز گۇرۇپپىسىدا 3-بولۇپ يەنىلا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سىرتىدا قالغان، 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايۇنى  تاللاش مۇسابىقىسدە قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئويناپ ئىسپانىيە تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سىرتىغا ئىتتىرۋىتىلدى. 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىدە سىلوۋاكىيە كوماندىسى ئۆز گۇرۇپپىسىدا بىرىنچى بولۇپ جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە بېلىتىگە ئېرىشىپ تارىخىي خاراكتىرلىك نەتىجە ياراتتى.

  2010-يىلى تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان سىلوۋاكىيە كوماندىسى ( سابىق چېخسىلوۋاكىيەنىڭ نەتىجىسىنى ھېساپ قىلغاندا جەمئى 8قېتىم قاتناشقان بولىدۇ) ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن ئىتالىيە، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىتالىيە دەپ ئاتالغان پاراگۋاي، ئوكېئانىيەنىڭ چىمپىيۇنى يېڭى زېللاندىيەلەر بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى،تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە يېڭى زېللاندىيە بىلەن تەڭلەشتى، كېيىن  پاراگۋايغا 1-3نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋەتتى، گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە سىلوۋاكىيە بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى تاماشىبىنلارنى قالتىس قىزىغان بىر مەيدان مۇسابىقىدىن ھوزۇرلاندۇردى. مۇسابىقىدە ئاجىز دەپ قارالغان سىلوۋاكىيە 2گە قارشى 3نەتىجە بىلەن ئىتالىيىنى يېڭىپ 16كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ كەتتى. 8كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدا ئۇلار كۈچلۈك گوللاندىيە كوماندىسىغا ئۇچراپ قىلىپ 2گە قارشى 1نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتتى.
  سىلوۋاكىيە كوماندىسىنىڭ 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق 19نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندىكى ئىسپانىيەدىن پەقەت 2نومۇرلا ئارقىدا تۇرماقتا. كېيىنكى مۇسابىقىلەردە غەلىبە قىلسىلا فىرانسىيىگە بېرىشىدا چوڭ مەسىلە يوق.

سىلوۋاكىيە كوماندىسىدىن چاقنىغان چولپانلاردىن ناپلىستىكى مارك. خامسىك بىلەن لېۋىرپولدىكى مارتىن .سىكىرتېلنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
خامسىك


سىكىرتېل


سىلوۋىنىيە  Slovenia    斯洛文尼亚

  سىلوۋىنىيە جۇمھۇريىتى ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىيغا جايلاشقان، غەربىي قىسمى ئىتالىيىگە تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇب بۈرجىكى ئادرىياتېك دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ،شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىنى كىرۇدىيە ئوراپ تۇرىدۇ، شەرقىي شىمالىي تەرىپى ۋىنگىرىيە بىلەن شىمال تەرىپى ئاۋىستىرىيە بىلەن قوشنا. يەرمەيدانى 20مىڭ 273 كىۋادىرات كېلومېتىر،ئاھالىسى 2مىليۇن 62مىڭ 900( 2013-يىل)، پايتەختى لىيۇبلىيانا. سىلوۋىنىيە 1991-يىلى  6-ئاينىڭ 25-كۈنى سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىن بۆلۈنۈپ چېقىپ مۇستەقىل بولغان، 2007-يىلى 1-يانۋار ياۋرو رايۇنىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئۇ سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققان دۆلەتلەر ئىچىدە تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى دۆلەت بولۇپ ياۋروپادىكى يېڭىدىن تەرەققى تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى.




يۇگۇسلاۋىيەدىن ئايرىلغاندىن كېيىن سىلوۋىنىيە كوماندىسى ھازىرغىچە 3قېتىم چوڭ  خەلقارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ باققان، بۇنىڭ ئىچىدە 2000-يىلى گوللاندىيە ۋە بىلگىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى، ئۇندىن باشقا  2002-يىلى ۋە 2010-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدۇر. بۇ جەرياندا سىلوۋىنىيە كوماندىسىدا ئەڭ داڭلىق چولپان يەنىلا 10-نومۇرلۇق ماھىر زاخۇۋىچ ئىدى. زاخۇۋىچ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 80مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 35توپ ئۇرغان بولۇپ سىلوۋىنىيە پۇتبول تارىخىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق مەرگەن ھېساپلىنىدۇ. سىلوۋىنىيە كوماندىسى بۇ ئىككى تۈرلۈك چوڭ مۇسابىقىدە ئوخشاشلا گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان بولسىمۇ زاخۇۋىچنىڭ ئىپادىسى ناھايتى ياخشى بولغان،بولۇپمۇ 2000-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە  قالتىس چاقنىغان.

ھازىر سىلوۋىنىيە كوماندىسىدا نامى ئەڭ چوڭ بولغان چولپان ئېنتىر مىلاندىكى قاپقىچى خاندانوۋىچ بولۇپ 2004-يىلىدىن بۇيان ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە جەڭ قىلىپ كەلمەكتە.

سىلوۋىنىيە كوماندىسىنىڭ 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ، ھازىر گۇرۇپپىدا 3-ئورۇندا بولۇپ 2-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان شېۋىتسارىيەدىن 3نومۇر ئارقىدا تۇرماقتا.

5. ماراكەش بىلەن موناكو

ماراكەش The Kingdom of Morocco   摩洛哥王国
  ماراكەش پادىشاھلىقى ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمال دېڭىز قىرغىقىدىكى بىر ئەرەب دۆلىتى، شەرق ۋە شەرقىي جەنۇب تەرەپلىرى ئالجىرىيە بىلەن تۇتىشىدۇ،جەنۇب تەرىپى غەربىي سەھرايى كەبىر  بولۇپ ئۇ يەرنىمۇ ماراكەش باشقۇرۇپ كەلمەكتە.غەرب تەرىپى بىپايان ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى جەبىلتارق بوغۇزى ئارقىلىق ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. يەرمەيدانى 446مىڭ 550 كىۋادىرات كېلومېتىر، ئاھالىسى 33مىليۇن 848مىڭدىن ئاشىدۇ(2013-يىلى)، ئاھالىسى ئاساسەن ئەرەبلەر، ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى، ئۇندىن باشقا تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن فىرانسوز تىلى ،ئىسپان تىلىنى قوللىنىدىغانلارمۇ بار. پايتەىتى رابات. ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن يەنە كاسابلانكا  قاتارلىقلار بار.


ماراكەشنىڭ خەرىتىسى


  ماراكەش پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى نەتىجىسى:  
  ماراكەش پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1955-يىلى قۇرۇلۇپ 1960-يىلى ئافرىقا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان. ئاتلاس ئەركەك شىرى دەپ نامى بار ماراكەش پۇتبول كوماندىسى شىمالىي ئافرىقىدىكى كۈچلۈك پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ بىرى، ماراكەش كوماندىسى تۇنجى قېتىم 1970-يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، شۇنداقلا ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدىمۇ تۇنجى بولۇپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان دۆلەت ھېساپلىنىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە 1-2نەتىجىدە گېرمانىيىگە ، 0-3نەتىجىدە پېرۇغا ئۇتتۇرۋەتكەن، بۇلغارىيە بىلەن 1-1تەڭلىشىپ گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان.
ماراكەش كوماندىسى 1986-يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقاندا گۇرۇپپىدا پورتۇگالىيە، ئېنگىلانىد،پولشا قاتارلىق كۈچلۈك ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ نەتىجىسى ناھايتى ياخشى بولغان، گۇرۇپپا مۇسابىقىسدە تۇنجى مەيدان 0-0پولشا بىلەن تەڭلەشكەن، ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە يەنە ئوخشاش نەتىجە بىلەن ئېنگىلانىد كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان،ئاخىرقى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 3-1نەتىجە بىلەن پورتۇگالىيىنى مەغلۇب قىلىپ گۇرۇپپىدىن 2-بولۇپ چىققان، بۇ ھەم ئافرىقا كوماندىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىشى ھېساپلىنىدۇ.
شاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇلار كۈچلۈك غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىغا 1-0كىچىك نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرۇپ كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم باسالمىغان.


  1994-يىلى ئامېرىكا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسدە ماراكەش كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىدى، 1گە قارشى 0نەتىجە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىغا ئۇتتۇردى، ئاندن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە ئوخشاشلا 2-1نەتىجە بىلەن گوللاندىيە، بىلگىيە كوماندىلىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ 3مەيدان مەغلۇبىيەت بىلەن دۆلىتىگە قايتتتى.
1998-يىلى فىرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم 32گە كۆپەيتىلدى، ماراكەش كوماندىسى يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مەيدانىدا پەيدا بولدى. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 2-2نورۋىگىيە بىلەن تەڭلەشتى، ئارقىدىن بىرازىلىيە كوماندىسىغا 3كە قارشى 0نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئاخىرقى مەيداندا 3-0نەتىجە بىلەن شوتلاندىيەنى يەڭگەن بولسىمۇ گۇرۇپپىدا 3-بولۇپ قېلىپ بالدۇرلا ئۆيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى.
ماراكەش كوماندىسىنىڭ ئافرىقا لوڭقىسىدىكى نەتىجىسى:  1976-يىلى چىمپىيۇن بولغان، 2004-يىلى ساھىبخان تۇنىس كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ  2-بولغان.
ھازىر بايرىن كوماندىسىدا ئويناۋاتقان مەھدى بىناتىيا ماراكەش كوماندىسىنىڭ داڭلىق چولپىنى ھىساپلىنىدۇ، بىناتىيا 1987-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان، بويى 1مېتىر 90سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 88كىلوگېرام، مەيداندىكى ئورنى بىك.


موناكو كېنەزلىكى 摩纳哥公国   The Principality of Monaco,La Principauté de Monaco

  موناكو كېنەزلىكى ياۋروپانىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا، ئۈچ تەرىپىنى فىرانسىيە قورشاپ تۇرىدۇ، جەنۇب تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپ تۇرىدۇ. يەرمەيدانى 1.95 كىۋادىرات كېلومېتىر، ئاھالىسى 32مىڭ 270تىن ئاشىدۇ (2004-يىل)، بۇنىڭ ئىچىدە  %16ئادەم موناكو تەۋەلىكىدە، %47ئادەم فىرانسىيە تەۋەلىكىدە، %16ئادەم ئىتالىيە تەۋەلىكىدىكى ئادەم، قالغانلىرى ئېنگىلانىد، شېۋىتسارىيە، گېرمانىيە، بىلگىيە تەۋەلىكىدىكى ئادەملەر. پايتەختى موناكو شەھىرى، ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن مونتىكارلو دۇنياغا داڭلىق قىمار شەھىرى ھېساپلىنىدۇ. موناكو كېنەزلىكىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسىمۇ قىمار ،ساياھەتچىلىك، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىدىن كېلىدۇ، ئۇندىن باشقا بۇ يەردە ياۋروپادىكى داڭلىق كۇلۇبلاردىن بىرى بولغان موناكو پۇتبول كۇلۇبى بار.




  موناكو پۇتبولچىلىقى
  موناكو پۇتبول كۇلۇبى موناكو كېنەزلىكى ئىنتايىن كىچىك بولغانلىقتىن شۇداقلا فىرانسىيە بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كەلمەكتە، موناكو كۇلۇبى 1924-يىلى قۇرۇلغان، 1948-يىلىغا كەلگەندە كەسپى پۇتبول كۇلۇبىغا ئۆزگەرگەن ھەم تەدرىجى ھالدا فىرانسىيە بىرلەشمىسىگە قاتنىشىشقا باشلىغان.


موناكو كۇلۇبىنىڭ ئېرىشكەن شان -شەرەپلىرى:
فىرانسىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 7قېتىم چىمپىيۇن بولغان.
فىرانسىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە  5قېتىم چىمپىيۇن بولغان.
فىرانسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسدا 5قېتىم چىمپىيۇن بولغان.

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بىر قېتىم ئىككىنچى بولغان (2004-يىلى).
ياۋروپا غالىبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىر قېتىم ئىككىنچى بولغان.( 1992-يىلى)

موناكو دۆلەت كوماندىسى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياكى خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق، شۇنداقلا دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىرەر مەيدان خەلقارالىق مۇسابىقىگە قاتناشقانلىق تارىخىمۇ يوق.


ئۇندىن باشقا سېلىشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا يەر ناملىرى ،كوماندا ناملىرىمۇ بار بولۇشى ئېنىق، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تېمىنى مۇشۇنچىلىك يېزىپ قويدۇم.

تېمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كېلىش مەنبەسى :  1. جۇغراپىيە كىتاب،  2.  بەيدو ئامبىرى،  3. ئۆزەمنىڭ ئويلىغان -ھېس قىلغانلىرىم

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ( چارشەنبە)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +200 تۆھپە +20 شۆھرەت +10 تىللا +6 يىغىش سەۋەبى
تۈمەن + 6 قالتىس!
ساداقەت + 50 قالتىس!
intezar11 + 50 قالتىس!
1215 + 50 + 10 + 10
nayil + 50 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-23 14:03:33 | ئايرىم كۆرۈش
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-9-23 14:06:51 | ئايرىم كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-23 14:03
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن.

بىرگە بولسۇن قىرىندىشىم . تىمىنى ئوقۇماي تۇرۇپلا دەپ قوياي ، مەزكۇر تىمىنى نادىرلىغان باشقۇرغۇچىنى چانايمە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: 2015-9-23 14:13:43 | ئايرىم كۆرۈش
ئەجىرلىك تېما بوپتۇ ، قالتىس يېزىپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: 2015-9-23 14:14:00 | ئايرىم كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بىرگە بولسۇن ئاكىجان، ھەمدە سېنىڭمۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭغا مۇبارەك بولسۇن!
ياخشى سوغا ئەكەپسەن، ھېيتلىق بەرمىسەم ماڭا كۈن بەرمەيسەن تايىنلىق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: 2015-9-23 14:14:38 | ئايرىم كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-23 14:03
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن.

  بىزگە قۇربان ھېيتلىق كاتتا سوغا تەىدىم قىلدىلا رەھمەت سىلىگە

مەنمۇ قۇرۇق كەلمىدىم،  ھېيتلىق سالام يوللىغاچ، بەش توپ ئۇقنى چېچىپ قويدۇم.

راست قۇربان ھېيتلىق يېڭى قوشاق يوقما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: 2015-9-23 14:17:51 | ئايرىم كۆرۈش
قوش نادىرلىسىمۇ بولغىدەك تىمىكە ماۋۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: 2015-9-23 14:21:54 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ ، ئاپىرىن .  
تۇرۇپ مۇشۇ ئىدەمنى جۇغراپىيە مالىمىسىمىكىن دەپ ئۆيلاپ قالىمەن ئۆزەمچە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: 2015-9-23 14:25:00 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنبەردىكىلەرگە  كاتتا  ھىيتلىق  بولدى  بۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: 2015-9-23 14:27:50 | ئايرىم كۆرۈش
قادىخان يوللىغان ۋاقتى  2015-9-23 14:06
بىرگە بولسۇن قىرىندىشىم . تىمىنى ئوقۇماي تۇرۇپلا دەپ  ...

ياۋ پانا     قا ئاكا  ھېيت ئايەملەردە قان ئىچىپ يۈرمەيلى . نىمىگە سەپرا قوزغىلىپ قالدى.
ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: 2015-9-23 14:29:12 | ئايرىم كۆرۈش
يىگىت سۆزدىن يانماي  نادىر ئېلىپ كەپلا ،
جاپا تارىتقان بىر جۈپ قوللار گۈلگە تولسۇن .
ئۇيغۇرۇمنىڭ قۇتلۇق بايرام - ئايىمىدە ،
ئۇرۇق - تۇققان ئەل جامائەت ئامان بولسۇن .

تەستە كەلگەن بۇ بايرامنىڭ ھىممىتىدە ،
بۇلاق كۆزلەر كۆز ياشلاردىن  يىراق بولسۇن .
كىلىپ ئالدىم سالام دىگەن شۇ تازلارنىڭ ،
ئالقانلىرى قۇربان ھېيىتلىق پۇلغا تولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: 2015-9-23 14:32:14 | ئايرىم كۆرۈش
nurqin يوللىغان ۋاقتى  2015-9-23 14:27
ياۋ پانا     قا ئاكا  ھېيت ئايەملەردە قان ئىچىپ يۈرمەيل ...

مەن تەھدىد سالغاچ تىزلا نادىرلاندى . بىرگە بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:37

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش