ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5384 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-9 14:58
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2:00 دە جوڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسنىڭ 21-ئايلانمىسىدا بىر مەيدان قىزىق نۇقتىلىق مۇسابىقە ئوينالدى . شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى مېھمان مەيداندا يەنبىيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى .
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ رەقىبى ئالدىنقى 10 ئايلانمىدا يەتتە مەيدان ئۇتۇپ ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ ، بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرمىغان؛ جەمئىي 38 توپ كىرگۈزۈپ، 15 توپ كەتكۈزگەن ، بىرلەشمىدە 44 نومۇرغا ئېرىشىپ 1- ئورۇندا تۇرىۋاتقان ، ئەمىلى كۈچ جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئاللا بۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۆرلەش سالاھيىتىن ھازىرلاپ بولغان يەنبىيەن كوماندىسى ئىدى .
ئىككى كوماندىنڭى يېقىنقى بەش قېتىملىق ئۇچىرىشىشتا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئىككى مەيدان ئۇتۇپ ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغان. بۇ پەسىللىك تۇنجى قېتىملىق ئۇچىرىشىشتا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى ساھىبخان مەيدان 1-1 نەتىجىدە تەڭلەشكەن.
مۇسابىقە جەۋھىرى
بۇ مەيدان مۇسابىقە ساھىبخان كۇلۇپنىڭ بىر قېتىملىق ماھارىت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە ئايلىنىپ قالدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 6-مىنۇتتا يەنبىيەن كوماندىسى ماھىرى خا تېگيۇن بىر توپ كىرگۈزۈپ 1-0 نەتىجىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى . 22-مىنۇتتا يەنبىيەن كوماندىسى ماھىرى جەيىلتون بىر توپ كىرگۈزۈپ 2-0 نەتىجىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى . 37-مىنۇتتا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى بېكى جوخېڭ قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، 55-مىنۇتتا يەنبىيەن كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرى ستېۋ بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى 3-0 گە چوڭايىتتى. 78-مىنۇتتا يەنبىيەن كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرى ستېۋ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى 4-0 گە چوڭايىتتى . 81-مىنۇتتا يەنبىيەن كوماندىسى ماھىرى خا تېگيۇن يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ 5-0 نەتىجىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى . 82-مىنۇتتا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ برازىلىيەلىك ماھىرى رافائىل بىر توپ كىرگۈزدى . 84-مىنۇتتا يەنبىيەن كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرى ستېۋ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ قالپاق كىيىپ نومۇر پەرقىنى 6-1 گە چوڭايىتتى . ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى 6-1 نەتىجىدە يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن مەغلۇپ بولدى ، بۇ مەغلۇبىيەت ، پەسىل باشلانغاندىن بۇيان شىنجاڭ يىلپىزلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر بىر قېملىق مەغلۇبىيتى بولۇپ ھېسابلىنىسدۇ .
بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ئۇيغۇر توپچىلاردىن 29-نومۇرلۇق يەھيا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ چۈشتى، چەتئەللىك ماھىرلاردىن ۋىسىنتې، دانالاھ، يېڭىدىن كەلگەن برازىلىيەلىك ماھىر رافائىل ئاساسلىق ئەزا بولۇپ قاتناشتى . 4- نومۇر مەھمۇد ئابدۇكېرىم ، 14-نومۇر مۇستاپا ۋە 24-نومۇر ئەخمەتجان ، 30-نومۇر شەۋكەت يالقۇن زپاس ئەزا بولدى.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزلىنىڭ كېيىنكى رەقىبى بولسا ، خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسى بولۇپ ،بۇ ئىككى كوماندا 8-ئاينىڭ 15-كۈنى خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا مۇسابىقىلىشىدۇ . ئېرىشىپ 8- ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. |
|