elan ornielan orni
كۆرۈش: 8912|ئىنكاس: 197

ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەلقىلغۇچ خەۋىرى(2015.5.7)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بارسېلونا 3 - 0 بايرىن مىيونخىن


شۇ يەر ۋاقتى 6-ماي ياۋروپا ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ تۇنجى ئۇچىرىشىشتا بارسلونا كوماندىسى بىلەن مىيۇنخىن كوماندىسى كەمپ نوۋدا تۇتۇشتى .ئاخىرىدا بارسلونا كوماندىسى مىسسىنىڭ ئېسىل ئىپادىسىگە تايىنىپ 0:3نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى .مىسسى ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقسىىدا 77توپ ئۇردى .
77-مىنۇتتا ئالۋىس توپ تارتىۋىلىپ توغىرىسىغا پاس بەردى ، مىسسى چەكلەنگەن رايون ئالدىدىن ئۆز ئۇسلۇبى بويىچە ناھايىتى چىرايلىق توپتىن بىرنى ئۇرۇپ نويىرنىڭ
ۋارتاسىنىڭ ئىشكىنى ئاچتى.
80-مىنۇتتا مىسسى توپنى ئېلىپ ،چەكلەنگەن رايۇن ئېچىدە توپنى نويىرنىڭ بېشىدىن ئىلىپ كىرگۈزدى.0:2.....شۇنىڭ بىلەن مېسسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقتا كىرگۈزگەن توپى 77گە يىتىپ بىر توپ ئۈستۈنلىك بىلەن ۋاختىنچە بىرىنجى ئورۇنغا چىقتى.
90-مىنۇتتا مىسسى ئوتتۇرا مەيداندىن توپ سېلىپ بەردى ، نېيمار  تۈزۈت قىلمايلا بۇ توپنى ئۇرۋەتتى .0:3


————————————————————————————————————————————————————————————————
تۆۋەندىكىسى بېنزىما9 دىگەن ئەزانىڭ يازمىسى:
بايرىن-بارسىلۇنا

بارسىلۇنا كۇماندىسى ئۆز مەيدانىدا بايرىن كۇماندىسى نى كۈتىۋالدى،مۇسابىقە باشلىنىپ بارسىلۇنا كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلدى، لېكىن يەنىلا توپ كىرگۈزەلمىدى. ئىككىلى كوماندا باشتىكى مەيداندا توپ كىرگۈزەلمىدى. كېيىنكى مەيداندا بارسىلۇنا كۈچلۈك ھۇجۇمنى قىلىپ 77 مىنۇت مېسسى 1 توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى1-0 قىلدى 80 مىنۇت كەلگەندە مېسسى يەنە بىرنى توپ كىرگۈزدى 94 مېسسى نىيمارغا پاس تاشلىدى، نىيمار بۇ توپنى تېپىپ
توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى. شۇنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى ئۆزگەرمەي بارسىلۇنا ئۆز مەيدانىدا بايرىن كوماندىسى 3-0 رەقىبىنى يەڭدى.

025737kws34v5a3x85xa7x.png
tumblr_nny3guybsg1qg7n4xo1_500.gif
tumblr_nny3slr7fF1qg7n4xo1_500.gif
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-5-7 11:44:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللىسى ئاددىي بالىلار دە ،خەۋەردە نېمە دېسە شۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ...
مېسسى دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۆچنىڭ 10دەن بىرىنىمۇ ئالالمىدى ، نېيمارمۇ ھەم شۇنداق ،بۇ بىر
خىل تەسەللىي خالاس ...
دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۆچنى دۇنيا لوڭقىسىدا ئالسا ھەقىقىي ئۆچ ئېلىش بولىدۇ .
ئاۋال ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى 7 —0 ئار نۇمۇسنى يۇيۇپ ، ئاندىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۆچنى ئالىمىز دېسە توغرا بولىدۇ .
بىچارە مېسسى نويىرغا توپ ئۇرۇپ ئالتۇن توپ ئالغاندىنمۇ بەكرەك خوش بوپ كەتتى .
مۇشۇنىڭ ئۆزى نويىرنىڭ قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:55:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ھەي، ئېسىل! مېسسى ھەقىقەتەن گىگانت چولپان بولۇشقا لايىق. گەرچە رىئال مادرىد مەستانىسى بولساممۇ بارسىلونانىڭ غەلىبىسى مېنى ئاجايىپ خۇش قىلدى. ھاكاۋۇر گىرمانىيىلىكلەرگە قاتتىق بىر زەربە بولدى. توپ دېگەننى مانا مۇشۇنداق ئويناش كېرەك! مەستانىلەرنى مانا مۇشۇنداق رازى قىلىش كېرەك! خان مادرىد مەستانىسى بولغان بىلەن ئۇتتۇرۇۋېتەرمۇ دەپ يۈرەكلەر سۇ ئولتۇرىدىغان گەپكەن. ئەمما بۇداقى ئۇچرىشىشتا يۇۋىنتۇسنى ئۇتمىسا، مانا ئەمىسە دەپ بارسىلوناغىلا ئۆتۈپ كېتىمەن جۇما!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +60 يىغىش سەۋەبى
missi + 10 قارشى ئالىمىز . . . .
ئېلىخو + 50 قارشى ئالىمىز !

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:27:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« مەن مىسسىغا  پۇتبول مەيدانىدا زادى كىمنىڭ ھەقىقىي ئاتامان (لاۋدا) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن » بۇ دەل بەيرىننىڭ قاپقىچىسى نويىرنىڭ مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى مىسسىغا ئېلان قىلغان جەڭنامىسى ،،،،، بىراق بارسىلونانىڭ 10 - نومۇرلۇق بۇ  دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى پەقەت 3 مىنۇتلا ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۇنى پاقىسىغا 2 قېتىم قاندۇرۇپ قويدى ....  مانا بۇ مىسسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
missi + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:30:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نويىر مىسسىنىڭكىنىمۇ تېتىپ باقتىڭ بۇلامدىكەن،  لىكىن سۇيارىزنىڭكىدىنمۇ ئىككىنى تېتىپ باقساڭ بۇلىتى،  ھە مەيلى ئارياندا يېۋالاسە.......

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +51 يىغىش سەۋەبى
بىرازىلىيە + 50 ئىسىل ئىنكاس!
گىرمان + 1 تېتىقسىز

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 17:38:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:36:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال مىسسى مەستانىلىرىغا ئاندىن بارسىلونا مەستانىلىرىغا مۇبارەكلەر بولسۇن! مىسسىي تەڭداشسىز چولپان، گەرچە بايرىن ئۇتتۇرۇپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان بولسىمۇ مىسسىنىڭ 2توپ ئۇرغانلىقدىن خوش بولدۇم، مىسسى توپ ئۇرماي سۇئارىز ئۇرۇپ ئۇتقان بولسا كۆڭلۈم تېخمۇ يېرىم بولاتتى. يەنىلا مىسسى بولمىسا بارسا نىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقۇرى بولمايدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:06:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يەنە بىر مەيدان يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقە بولدى.
  جىڭ گەپنى قىلغاندا بارسېلونانىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى پاسلىرى ئەڭ كۆپ خاتا بېرىلگەن، توپ كونترول قىلىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان، بىر قەدەر قالايمىقانراق مۇسابىقىسى بولدى. بۇنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ توپ كونترول قىلىشقا زىيادە ئامراقلىقى بىلەن ئوتتۇرا، ئالدى مەيدانىنىڭ پەۋقۇلاددە كۈچلۈكلىكى پەيدا قىلغان.
  بارسېلونا توپنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بايرېننىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىشتىياقىمۇ روشەن بولغاچقا بەك ئاكتىپ بولالـمىدى. مۇھىمى، مېسسى ھالقىلىق ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم شاھلىق قىلىچىنى يالتىراتتى، بۇ دەل بارسېلونانىڭ سىرى!
  كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە بايرېن ئۈچۈن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز مۇسابىقە بولدى. بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزسە بايرېن چوقۇم بەش توپ ئۇرۇشى، يەنى چوقۇم تۆت توپ ئۈستۈنلۈكتە ئۇتۇشى كېرەك، بايرېنمۇ بوش ئەمەس، ئەمما بارسېلونا پورتۇ ئەمەس، مېسسى بايرېنغا خۇددى كۇارىيولېرادەك  ئىككى توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ئۇ كۇارىيولېرا ئەمەس. نېيمار بىلەن مېسسى گېرمانىيەدىن دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۆچىنى ۋە ئىككى يىل ئاۋالقى قان قىساسىنى ئالىدىغان بولدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تۆھپە +5 يىغىش سەۋەبى
ۋۇلقان + 5

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 18:06:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرېن يوللىغان ۋاقتى  2015-5-7 16:38
بۇ نەتىجىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ ، بارسىلونانىڭ ئەڭ يا ...

قانداقراق ئەھۋال ئىينىم....
بۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى مۇشۇنداقراق بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى تولىمۇ يۇقىرى ئىدى،خۇددى ئالدىنقى پەسىللىك يېرىم ھەل قىلغۇچ مادىرد بىلەن بولغان مۇسابىقىدەكلا،شۇڭىمۇ ئاخشام بۇ مۇسابىقىنى كۈرۈشكە تەرەددۇت قىلىپراق ،بولدىلا ئاچچىقتىن كىسىلدۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدىغاندەكلا تۇرىدۇ دەپ ئۇخلىۋەتكەن ئىدىم، بۇگۈن نەتىجىنى كۈرۈپ ئۇنچە ھەيرانلىقمۇ ھىس قىلمىدىم.
  گەپنىڭ قىسقىسى، گۇۋاردىيالا بايرىننىڭ خىلى ئەمەس،بايرىنغا ھەقىقى ماس كىلىدىغان ماتىريال يەنىلا گېرماننىڭ ئۆزىدىن چىقىدۇ.بۇ مەشقاۋۇل مەشقاۋۇللۇق ساھەسىدە تېخى پىشمىغان بىر بالا،ئۇياقتىن تېرىنىرلىق كىنىشكىسى ئېلىپلا بۇياقتىن بارسىلوناغا مەشقاۋۇل بولغان،گەرچە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئەمما مەشقاۋۇللۇق تارىخىنىڭ تولىمۇ قىسقىلىقى،ئەمدىلا بۇ ساھەگە قەدەم باسقانلىقى تۈپەيلى ،نۇرغۇن قازاندا قايناپ بېقىپ پىشقان مەشقاۋۇللارغا سېلىشتۇرغاندا خاملىق قىلىدۇ. ھەممىلا كوماندا بارسىلونا ئەمەس ، ھەرقايسى كوماندىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن بىر  خىل ئەنئەنىۋى ئويناش ئۇسۇلى بولىدۇ،مەشقاۋۇللار ئالماشقاندا ئەنە شۇ ئەنئەنىۋىيلىككە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدۇ،بەزىلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ بەزىلىرى مەغلۇپ بولىدۇ. گۇۋاردىيالانىڭ ئىچ مىجەزلىكى، نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولماسلىقى،ئاسان يېقىنلاشقىلى ۋە ئىچەكىشىپ كەتكىلى بولمايدىغان خۇي پەيلى بىلەنلا مىيونخېن كوماندىسىغا ماس كەلمىگەن .گېرمان مىللىتىنى  يادرو قىلغان مىيونخېن كوماندىسى بۇ خىل كەيپىياتقا ماس كەلمەيدۇ. ئەمما ، ئىككى  يىل بۇرۇنقى مىيونخېن كاتتىباشلىرى قارارنى بالدۇر چىقىرىپ قويغانلىقىنى ھىس  قىلغان بولسىمۇ ،غايەت زور سوممىلىق توختامغا ھۆرمەت قىلماي ئامالى يوق ھەم بىر  تەرەپتىن بۇ  ياش  مەشقاۋۇلغا ئىشەنىچ بىلەن قارىغان ئىدى.ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا ، گۇۋاردىيالانىڭ مىيونخېنغا كەلگەندىن كىيىنكى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىسى مەستانىلەر ۋە كاتتىباشلارنىڭ كۈتكىنىدەك بولمايۋاتىدۇ.ھەرھالداكوماندىنىڭ تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىنىڭ ئۆزىلا خېلى ياخشى ئەھۋال.
  كوماندىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى كۈچلۇكلەر بىلەن ئۇچرىشىش نەتىجىسى ۋە ھالىتى ئىزچىل تۇراقسىز.گەرچە گۇۋاردىيالا بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە كۈچەپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ ،نۇرغۇن سەۋەپ تۈپەيلى ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولمىدى.كىيىنكى بۇ بىر نەچچە يىلدا گۇۋاردىيالا داۋاملىق مىيونخېندا تۇرىدىغان ئىش بولسا،ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن،چۈنكى،ئىككى  قانات روببىن  رىبىرى ،ئوتتۇرا مەيدان تايگىر ، ئالانسۇ، مۇداپىيە يادروسى لام قاتارلىقلار ئاللىقاچان قېرىشقا باشلىدى،گۇۋاردىيالانىڭ گېرمانچە روھقا ئىگە يېڭى بىر  ئەۋلاد مىيونخېن كوماندىسىنى  بەرپا قىلالىشىغا ئۇزۇن جەريان كىتىدۇ ھەم بۇنىڭغا كۆزمۇ يەتمەيدۇ.كىلىنسىماندىن كىيىنكى ۋانجال بەرپا قىلغان يېڭى سېستىما ھايىنكىس دەۋرىدە ۋايىغا يەتكەن ئىدى.ئەمما گۇۋاردىيالانىڭ پۇتبول پەلسەپىسى مىيونخېندا ئۈنۈملۇك بولمىدى دىيىشكە بولىدۇ.
  بۈگۈنكى مۇسابىقە نەتىجىسىگە كەلسەك،3-0. بۇ ئادەتتە 95%شاللىنىشتىن دىرەك بىرىدۇ.5%نى ھەرخىل مۆجىزىلەرگە ئېلىپ قويساق بولىدۇ.روببىن رىبىرى مۇسابىقىدە بولغان بولسىمۇ نەتىجىنىڭ مۇشۇنداق بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى.
  مۇنداق بىر ئىش  بار، يەنى توپچىلارنىڭ نەق  مەيداندىكى ئىجادچانلىقى، يېڭىلىق يارىتىشى...بۇ ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقىمۇ ،ھالىتى ھازىرقىدەك.
بۇنىڭ ئۈچۈن توپچىلار ئەركىن -ئازادە بولىشى ، ئىشەنىچ ۋە قاپ يۈرەكلىك بىلەن قارار چىقىرىشى كىرەكتۇر.

قارىماققا مۇلايىم كۈرىندىغان گۇۋاردىيالانىڭ ئىچى تولىمۇ كۈچلۇك بىر ئادەم،يۈز  تۈرانە گەپ قىلمىغان بىلەن بۇقىنى چىمدىپ ئۆلتۇرىدىغان خارەكتىرگە ئىگە.نۇرغۇن ئەھۋالدا توپچىلار چۇقۇم گۇۋاردىيالانىڭ تەلىۋىنى ئۇرۇندىشى كىرەك،چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە مۇتلەق پۇرسەت كەلمىگىچە خالىغانچە ۋارتارغا قارىتىپ تەپمەسلىك،چۇقۇم پاسلىشىش.تەلەپنى ئۇرۇندىمىساڭ كىيىنكى مۇسابىقىلەردە ئورنۇڭدا باشقا ئادەم سىنىلىدۇ.بۇ خىل ئەھۋالدىن ئالدىنقى پەسىلدىلا ئادەمنىڭ ئىچى تولىمۇ سىقىلغان. ئەلۋەتتە بۇمۇ توپچىلارغا نىسبەتەن بېسىم.ھايىنكىس بوۋاي بىلەن ئىچقۇيۇن -تاشقۇيۇن بولۇپ كۆنگەن مىيونخېن توپچىلىرى ،بارسىلونا مەشقاۋۇلى گۇۋاردىيالانىڭ پۇتبول پەلسەپىسىنىڭ ئېغىر سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىدى دەپ قارايمەن.
ئاخىردا، مىيونخېن يەنە بىر پەسىل گۇۋاردىيالاغا پۇرسەت بىرىشى مۇمكىن.ئەگەر ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولمىسا،گۇۋاردىيالا مىيونخېندىن ئايرىلىدۇ،شۇنداق بولغاندا كىيىنكى ئەڭ ياخشى نامزات مېنىڭچە گېرمانىيەلىك كېلوپ ياكى لېف بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
چۈش + 50 ياخشى ئوغلانكا ...
دولانى + 50 ئەتراپلىق پىكىر بوپتۇ.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 17:21:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇل دۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-5-7 15:09
بەيرىنگە ئىشنمەن  كىيىنكى قىتىمدا ئۆز ئۈيىگە سولاپ بار ...

سىزدەك ئىشەنگەنلەر نۇرغۇن ، مادرىدقىمۇ شۇنداق ئىشەنگەن بولغىيتىڭىز ، ئەمما بارسا ئۆزىنىڭ قارشىسىغا ئىشەنچ قىلغانلارنى نائۈمىد قالدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ ، ئاۋۋال ھەل قىلغۇچنىڭ بېلىتىنى ئېلىڭلار ، قالغىنىنى شۇ ۋاقىتتا دېيىشەرمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:55:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتۈرك يوللىغان ۋاقتى  2015-5-7 11:44
كاللىسى ئاددىي بالىلار دە ،خەۋەردە نېمە دېسە شۇنىڭغا ئ ...

مىسسى نويىرغا توپ ئۇرغانلىقى ئۇچۈنلا خۇش بولدىما؟ توپ ئوينىغان بولسىڭىز بۇنىڭ بىر كۇلۇپنىڭ  شان-شەرپى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلەتتىڭىز.  بارسىلونا لوڭقا ئالغاندا مىسسىنىڭ تېخىمۇ بەك خۇش بولغىنىنى كۆرىسىز!






پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:05:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇن ئېلىپ قۇياي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:06:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-7 11:35  


  نويېرنىڭ پېچىتىنى بۇزالمىغان، لامدىن ئۆتۈپ توپ ئۇرۇپ باقمىغان كىم ئىدى؟ يارايسەن مىسسى ……
لام قېنى شۇ گېپىڭنى ئەمدى دېگىنە ……
3يىل، 3 يىل مۇشۇ كۈننى بىز توپتوغرا 3 يىل ساقلىدۇق……
بۇلتۇرقى دۇنيا لوڭقىسدىكى قىساس بىلەن قۇشۇپ ھەممىنى بىراقلا ئالدىڭ مىسسى، نېيمار ……
شۇ تاپتا قانچىلىك ھاياجانلىنۋاتقىنىمنى بىر ئۆزۈملا بىلمەن ……
ئالغا بارسا ، ئالغا MSN …… ئالغا مىسسى سەن ھەممىدىن نوچىسى ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەممە ئاخشام باسانىڭ باشتىن ئاخىرى بىسىپلا ئوينىدى ھە يەنە دىسەم يەنە شۇ مىسسى رىكورىت يىڭىلاپلا يۇردى ھى ھى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:08:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇن زاكاس قىپ قوياي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:08:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن باسا ،مىسسى مەستانلىرى گەرچە مۇسابىقىنى كۆرمىگەن بولساممۇ خېلى قىزىغاندەك قىلدۇ بەيرىن %99 شاللىنىپ بۇپتۇ ئەمدىكى گەپ مادرىتتا قالدى بىر كۈچىۋەتسە ھەل قىلغۇچنى دىربىغا ئايلاندۇرسا پېچەت ئىش بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:09:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىمىغان نەتىنجە،باسانىڭ ھەل  قىلغۇچقا كىرشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:12:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گو تازنىڭ ئاغزىدىن سائەت چىقىپ كىتىپتىكەن،بارسلونا ياخشى ئوينىدى ،مىسسى ياخشى ئوينىدى،كىيىنكى ئايلانما تېخىمۇ قىززىيدىغان بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:13:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:14:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى باشقا گەپ يوق پەقەتلا مىسسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-7 11:14:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XaX丶Messi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-7 11:21  

ھەل قىلغۇچنىڭ  ئىسپان دېربىسى  بۇلىشىنى ئارزۇ قىلمەن .   مادىرت بىر كۈچىۋەتسە  .      بېنىتىيانىڭ مېسسنىڭ شامىلدا يىقىلىپ  چۈشكىنى   كۈلكىلىك چىقىپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-29 14:49

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش