elan ornielan orni
كۆرۈش: 3821|ئىنكاس: 52

يانفوندا تېما يوللاش قوللانمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-21 12:19  

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم  مۇنبەردىكى بارلىق قىرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ ئەھۋالى ياخشىمۇ؟ ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق ؟ تۇرمۇشىڭلار بەخىتلىكمۇ؟ ئۇلۇغ ئاللاھتىن ھەممە ئىشىڭلارنىڭ كۆڭۆلدىكىدەك بولىشىنى چىن كۆڭلۆمدىن تىلەيمەن .

گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك بۇ تىمىنى يىزىشتىكى مەقسىتىم بولسا ، پەن-تىخنىكا تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئىشلار بىز ئۈچۈن تولىمۇ قولايلىق بوپ كەتتى . بۇنىڭ جۈملىسىدە تورغا چىقىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە . بۇرۇنلاردا تورغا چىقىش دىسە كۆز ئالدىمىزغا يوغان قورساق كومپىيۇتىر ئىكرانى. كۇنۇپكا تاختىسى ، مائۇس …… قاتارلىقلار بىلەن جابدۇنغان ئۈستەل ئۈستىدىكى كومپىيۇتىر  كۆز ئالدىمىزغا كىلەتتى . لىكىن ھازىرچۇ؟ ھەممە ئىش قولايلاشتى بىز تىلىفۇن ، ۋە ھەرخىل «پاد» لار ئارقىلىق تورغا چىقىپ ھەرۋاقىت دۇنيا يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بوپ تۇردىغان بولدۇق .بۇ خەۋەرلەر ئىچىدە ئەلۋەتتە ھەممىمىز ياقتۇردىغان پۇتبۇل خەۋەرلىرىمۇ بار . بىز bbs.putbol.cn  كۇلۇبىغا ئەزا بولغانكەنمىز .ۋاقىت بولسىلا خەۋەر كۆرىمىز  ئانچە-مۇنچە ئىنكاس يازىمىز ھەم شۇنداقلا ياخشىراق خەۋەرلەرنى ئۇچراتساق «ۋاششىدە »تەرجىمە قىلىپ تىما سۈپىتىدە مۇنبەرگە يوللايمىز . ئۇنداقتا تىمىنى كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپلا يوللىغىلى بولامدۇ؟ ياكى شۇ قولىمىزدىكى تىلىفۇن ۋە «پاد » لار ئارقىلىقمۇ يوللىغىلى بولامدۇ؟ ھەم شۇ تىلىفۇندا يوللىغان تىمىلارنى كومپىيۇتىردا يوللىغاندەك  «رەسىم قىستۇرۇپ ، فىلىم قىستۇرۇپ ، خەتلەرگە رەڭ بىرىپ » ھەقىقىي سۈپەتلىك قىلىپ يوللىغىلىمۇ بولامدۇ؟

جاۋابى : ئەلۋەتتە بولىدۇ .

مەن تۆۋەندىكى تىمامدا شۇ بىر قاتار ئاددىي بولغان «تىلىفۇندا تىما يوللاش » دەرىسلىكىنى رەسىملىك بايان قىلماقچىمەن .


1- سىز تىلىفۇنىڭىزدا قايسى تور كۆرگۈشنى ئىشلىتىسىز ؟ Safari نىمۇ؟ ياكى Baidu نىمۇ؟
سىزگە تەۋسىيە : UC浏览器
بۇ ئەپنىڭ iOS ھەم Android نۇسقىلىرىمۇ بار . تور سۈرئىتى تىز . ھەم تور بەتلەرگە چىقىشقا  ماس كىلىدۇ .
image.jpg

2- تىما يوللاش :
ئاۋۋال bbs.putbol.cn مۇنبىرىگە كىرىمىز
image.jpg
كىرىشىمىزگە بىشىدا بۇ ئەپ بىزگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن  «يانفۇن نۇسقىسى » بويىچە ئىچىلىدۇ . بىز  پەسكە چۈشۈرۈپ ئاستىدىكى «PC نۇسقىسىنى» تاللايمىز .

image.jpg
تاللىغاندىكىن كۆز ئالدىمىزدا نۇرغۇن تىمىلارغا تولغان مۇنبەرنىڭ  چىرايلىق كۆرۆنمە يۈزى كۆرۆنىدۇ . بىز ئاۋۋال سەھىپە تاللايمىز .
image.jpg
يازىدىغىنىمىز زادى نىم تىما ؟ نىم توغۇرلۇق ؟ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى توغۇرلۇقمۇ؟ ياكى دۇنيا لوڭقىسىمۇ ؟ ياكى شىنجاڭ كوماندىلىرىنىڭ خەۋىرىمۇ؟ بىز چوقۇم سەھىپىنى توغرا تاللىشىمىز كىرەك . «مىسسى رىكورت ياراتتى » دىگەن تىمىنى ھەرگىز « ئۆز كوماندىمىز » دىگەن سەھىپىگە . «ئەزمەتلىرىمىز غەلبە قىلدى » دىگەن تىمىنى «گىرمان بىرلەشمىسى» گە يىزىۋالماسلىقىمىز لازىم .
image.jpg

سەھىپە تاللاپ بولغاندىكىن  بۇلۇڭدىكى يەردىن «تىما يوللاش » دىگەننى باسىمىز .
image.jpg
تۆۋەندىكىدەك كۆرنۆش چىققاندىكىن ئاۋۋال ماۋزۇنى قويىشىمىز كىرەك .
image.jpg
ئاندىن ئاستىغا تىمىنى يىزىشنى باشلايمىز .

تەكىلىپ : تىمىنى بىز تىلىفۇندا يازغانلىقىمىز ئۈچۈن ئوشۇقچە ئاۋۋار چىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىمىنى تىلىفۇننىڭ «خاتىرىسى » گە يازغىنىمىز تۈزۈك ، شۇ يەردە يىزىپ ، ئىملا لىرىنى توغۇرلاپ بولغاندىكىن شۇ يەردىن تىمىنى يۇلۇپ ئىلىپلا يۇقۇرىقى تىما يازىدىغان يەرگە چاپلىساق ئاسان بولىدۇ .

خەتنىڭ رەڭگىنى تاللاش .
image.jpg
تىمىنى تىخىمۇ سۈپەتلىك  ، چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ئەگەر سىز «رەڭ ساندۇقى » سىتىۋالغان بولسىڭىز ، خەتنىڭ رەڭگىنى مۇنبەرداشلارغا ئىنىقراق ، كۆرىنىدىغان ئوچۇق رەڭلەر بىلەن بىزەپ يازسىڭىز تىخىمۇ كۆركەم چىقىدۇ . قانچىلىك خەتنى بىرخىل رەڭدە بويىماقچى بولسىڭىز ، تىما يىزىش  كۆزنىكىنىڭ ئۈستىدىكى يوغان «A ھەرپى ئاستىدا رەڭ بار» بەلگىنى بىسىپ رەڭنى تاللاپ ئاندىن شۇنىڭ ئارلىقىغا شۇ ئابزاس خەتنى چاپلىساق بولىدۇ . (ئەڭ ياخشىسى تىمىنى بىرخىل رەڭدىلا يىزىڭ سەل سەۋىرجان بولمىسىڭىز ھەرخىل رەڭ تاللىغاندا شۇ ئابزاسنى شۇ رەڭنىڭ (رەڭ تىما پۈتۈشتىن ئاۋۋال سان سىپىر ۋە شۇ رەڭنىڭ ئىڭگىلىزچە نامى بىلەن يىزىلىدۇ ) ئارىسىغا قىتۇرغىچە جىلە بولۇپ قالىسىز .)

تىمىغا كۆپەرەك رەسىم قىستۇرىدىغان ئىش بولسا  ھەربىر ئابزاس نى يىزىپ بولغاندىكىن مۇئەييەن ئارلىق تاشلىۋىتىپ يازغىنىمىز  ياخشى شۇنداق بولغاندا رەسىم قىستۇرۇشتا جاپا تارتىپ قالمايمىز  .

رەسىم قىستۇرۇش :
ئەمدى مۇھىم نۇقتا بولغان رەسىم قىستۇرۇش  بۆلىكىگە كەلدۇق .
ئاۋۋال رەسىم چۈشۈرۋالىمىز (تىلىفۇنىمىزنىڭ ئالبۇمىغا تىمىغا مۇناسىۋەتلىك  رەسىملەرنى چۈشۈرىۋالىمىز ). بايىقى رەڭ تاللىغان يەردە يەنە بىر رەسىمنىڭ رامكىسى بار بەلگە بار شۇنى باسىمىز .
image.jpg
يۇقۇردىكىدەك چىققاندىكىن «选取文件 » دىگەننى بىسىپ :
image.jpg
يۇقۇرقىندەك چىققاندىكىن «选取现有的 » نى باسىمىز :

image.jpg
شۇنى باسقاندىكىن يۇقۇرقىندەك تىلىفۇنىمىزنىڭ ئەلبۇمىدىكى رەسىملەر چىقىدۇ . تىمىغا نەچچە رەسىم لازىم بولسا شۇنچە رەسىمنى يۇقۇرقىندەك بىردىن-بىردىن تاللايمىز .
ھەممە رەسىمنى تاللاپ بولغاندىكىن  تۆۋەندىكى رەسىمدىكى«چىقىرىش » دىگەننى باسىمىز . بىر ئاز ساقلىغاندىكىن (تور سۈرئىتىڭىزگە قارىتا ئوخشىمايدۇ ) ھەممە رەسىم ئادىرىس پىتىدىن رەسىم ھالەتكە ئۆتىدۇ .
image.jpg

شۇندىلا يەڭگىل بارماقلىرىمىز بىلەن بۇ رەسىملەرنى ئارقىسىدىكى تىما يىزىلغان يەرنى چوڭايتىپ ھەربىر ئابزاس يەنى رەسىم قىستۇردىغان ئارلىقنى بىربىسىپ ئاندى ئىكراننى  جۈپ بارمىقىمىز بىلەن كىچىكلەتسەك بايىقى رەسىملەر چىقىدۇ . شۇ ئابزاسقا ماس كەلگەن رەسمنى بىرنى چەكسەك . رەسىمنىڭ ئادىرىسى شۇ ئابزاسنىڭ ئارلىقىغا چۈشىدۇ . دىمەك رەسىم چۈشتى .
image.jpg
شۇنداق قىلىپ نەچچە پارچە رەسىم بولسا ئۆزىمىز ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەرنى بىسىپ تۇرۇپ رەسمنى چۈشۈرۈپ بولغاندىكىن «مۇقىلاشتۇرۇش» نى بىسىپ ئاخىرلاشتۇرىمىز .

فىلىم قىتىش :
image.jpg
يەنىلا ئوخشاش  فىلىم قىتىشتا ئاۋۋال شۇ فىلىمنى تىپىپ ئاندىن شۇ فىلىمنىڭ شۇ توربەتتىكى ئىسمىنى بىسىپ تۇرساق تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ .
image.jpg

بۇنىڭ ئىچىدىكى  ئادىرىسنى چاپلاش يەنى 3-سىنى باسىمىز . ئاندىن مۇنبەرگە قايتىپ كىرىپ ، بايىقى ئۈستىدىكى كۆزنەكلەر ئىچىدىن  موزىكىنىڭ بەلگىسى يىنىدىكى «فىلىم »نىڭ بەلگىسىنى باسساق تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ .ھەم «سىن ئادىرىسىنى كىرگۈزۈڭ» دىگەن يەرگە بايىقى يۇلىۋالغان ئادىرىسنى چاپلاپ «مۇقۇملاشتۇرۇش» نى باسساق بولدى .

موزىكا كىرگۈزۈشمۇ فىلىم كىرگۈزۈشكە ئوخشاش .

تىمىڭىز پۈتكەندىكىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى  ئەڭ ئاستىدىكى 3تال توغرىسىغا سىزىقنى بىسسىپ :
image.jpg
ھەم چەتتىكى ھەمبەھىرلەش بەلگىسىنى بىسىپ ، تىمىڭىز نى ھەم باشقىلارنىڭ تىمىلىرىنى ھەم بەھىرلەنسىڭىز بولىدۇ ، (ياخشى خەۋەردىن ھەممەيلەن خەۋەرلەنسۇن )
image.jpg


شۇنداق قىلىپ تىلىفۇندا تىما يازغاندا يولۇقىدىغان مەسىلىلەرنى قىسقىچە (بىلىشىمچە ) تونۇشتۇرۇپ چىقتىم . مۇنبەرداشلار تىلىفۇندا تىما يىزىشتا قىينالغىنىدا ئۈشبۇ تىمامدىم ئاز بولسىمۇ پايدىلىنالىسا ، ھەم پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ ھىس قىلغان بولسا ئۆزەمنىڭ بۇ تىمامدىن ھاردۇقۇم چىققان بولاتتى . مۇنبەردە نۇرغۇن ئەقىللىق مۇنبەرداشلار بار . شۇ قىرىنداشلارنىڭ مەن ھىس قىلمىغان ئورۇنلار بولسا تۈىتىش پىكىر بەرگەن ئاساستا تىمىنى ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن  .

   
  مۇنبەردىشىڭلار - ھەمراھ


قوشۇمچە :
مۇنبەر يىڭى قوللانمىسى :
/forum.php?m ... &extra=page%3D1

مۇنبەر ئىشلىتىش قوللانمىسى :
/forum.php?m ... &extra=page%3D1

مۇنبەر تىما يوللاش دەرىسلىكى :
/forum.php?m ... &extra=page%3D1



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 16مۇنبەر پۇلى +810 تۆھپە +10 شۆھرەت +1 تەجرىبە +10 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 يارايسە ساقام !!~
FC-Messi + 50 + 10 + 1 + 10 ئەمدى كۆرۈپتىمەن
بوۋاي + 50 قالتىس!
ھەقىقەت + 50 ۋەھشىغۇ؟
ئەلشىر + 50 قالتىس!
تۈمەن + 2 قالتىس!
باشئەگىم + 100 قوللاش!
خەلىپە + 50 قالتىس!
ankar528 + 50 قالتىس!
azizi + 30 + 1 قوللاش!
ejatkar + 30 قالتىس!
ئەلبارىس + 100 قالتىس!
بېرنابۇ + 50 قالتىس!
جاغىستاي120 + 50 قالتىس!
ئۇزغۇن. + 50 يارايسە ئاداش
رىپىر + 50 باھالىماي تۇرالمىدىم

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-4-21 14:11:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-4-21 11:30
رەھمەت، جاپا چېكىپسىز، ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشلىق ئۇكام ، بەكلا كەم دىدارغۇ سىللە ،  ماۋۇ تېما خېلى ئەھمىيەتكە ئىگە قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى تېما بوپتۇ  . مۇنبىردە تېلىفۇندا تېما يېزىشنى بىلمەي تەمتىرەپ يۈرگەنلەر خېلى باركەن.  شۇڭا موشۇ تېمىنىڭ چالا قالغان كەم قالغان يەرلىرى بولسا ئۆزلىرى تولۇقلاپ قىزىل تامغىللىرى بىلەن  نادىرلاپ بىر مەزگىل مۇنبەرنىڭ چوققىسىغا چىقىرىپ قويغان بولسىلا بەك ياخشى ئىش بولاتتىكەن.  خېلى كۆپ ئادەم پايدىلانغۇدەك ماۋۇ تېمىدىن.  رەھمەت ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-21 10:43:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، مۇشۇنداق بىر قوللانما كامتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-21 10:52:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋىس يوللىغان ۋاقتى  2015-4-21 10:43
رەھمەت ، مۇشۇنداق بىر قوللانما كامتى .

كام يەرنى تولۇقلىيالىغان بولسام . تولىمۇ خۇش  بولدۇم .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +50 يىغىش سەۋەبى
جاغىستاي120 + 50 تىللا كەتتى

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-21 10:53:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەتراپلىق تەپسىلى چۈشەندۈرش  بويىچە يېزىلغان تېما بوپتۇ ، باشقۇرغۇچىلار  يۇرىتىپ قويسا    تېلفۇندا تېما يوللايدىغان ھەم يوللىماقچى بولغان  دوسلىرىمىز پايدىلانسا    . تېما ئىگىسى رەھمەت سىزگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-21 10:53:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تىلفۇندا يىزىپ قالسام رەسىم قىستۇرالماي بەك قىينىلمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-21 10:58:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ! بىزگە ئوخشاش يېڭى ئەزالارغا ئىنتاھىن چۇشۇنىشلىك بوپتۇ. قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-21 10:59:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بابۇر4 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-21 10:53
مەنمۇ تىلفۇندا يىزىپ قالسام رەسىم قىستۇرالماي بەك قىي ...

تىمىدا  قانداقراق چۈشەندۈرۈلدىكىتاڭ ، مەن شۇ iOS سىستىمىسى بويىچىلا چۈشەندۈرۈپ قويۇپتىمە .  بەلكىم Android سىستىمىسىمۇ  ئوخشاشتۇ  ھە؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-21 10:59:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت0999 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-21 10:53
ناھايىتى ئەتراپلىق تەپسىلى چۈشەندۈرش  بويىچە يېزىلغان ...

رەھمەت !!
مەنمۇ شۇ ئۈمۈددە  .  باشقىلار  پايدىلانسا   بولۇپمۇ يىڭى ئەزالار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-21 11:18:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسە  ئاداش  ئېسىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-21 11:25:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىمۇ ئەتىراپلىق چۈشەندۈرىپسىز ،قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،رەھمەت سىزگە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-21 11:26:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2015-4-21 10:59
تىمىدا  قانداقراق چۈشەندۈرۈلدىكىتاڭ ، مەن شۇ iOS سىستى ...

مەنمۇ بىلەلمىدىمqq浏览器 ئ‍ادەتتە مۇشۇنى ئ‍ىشلىتەتىم كەچتە مەن بىر سىناپ باقاي قەنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-21 11:27:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېما بوپتۇ ، تىلغۇندا چىقاندا سىناپ باقمىسام ، رەخمەت جاپا چەكتىڭىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-3-21 20:27

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش