بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-2 21:49
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەمدىلا 4-ئاي باشلانغان بولسىمۇ، رېئال مادىرىد كۇلۇبى ئاللىقاچان توپچى قوشۇۋېلىشنى باشلىۋەتتى. تېخى يېڭىلا 31مىليۇن 500مىڭ ياۋرو يۆتكۈلۈش ھەققى بىلەن دانىرونى قوشۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ‹‹ماركا گېزىتى›› رېئال مادىرىد تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت سېتىۋېلىنغان 8 نەپەر مۇداپىئەچىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقتى. بىرازىلىيىلىك دانېرو ئەڭ قىممەت مۇداپىئەچى بولۇپ، بۇ تىزىملىكنىڭ چوققىسىدىن ئورۇن ئالدى.
1. دانىرو (31مىليۇن 500 مىڭ ياۋرو)
دانېرو بىرازىلىيىنىڭ ئاساسلىق مۇداپىئەچىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ پورتو بىلەن بولغان توختامى يەنە بىر يىل قالدى، بۇ توپچى مادىرىد ئۈچۈن ئەرزان توختىمىدى.
2. كونتىراۋ (30 مىليۇن ياۋرو)
مورىنىئونىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن، مادىرىد مارسېلونى ئىشلىتىۋاتقان شارائىت ئاستىدا، 30 مىليۇن ياۋرو يۆتكۈلۈش ھەققى بىلەن 2011-يىلى كونتىراۋنى قوشۇۋالدى، لېكىن مارسېلونىڭ قالتىس ئىپادىسى ئۇنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى، ئۇنىڭ مادىرىددىكى ئىپادىسى دۆلەت كۇماندىسىدىكى ئىپادىسىگە يەتمىدى، شۇ سەۋەبتىن مادىرىدنىڭ بۇ يىل يازلىق بازاردىكى سېتىلدىغانلار تىزىملىكىگە چۈشۈپ بولدى.
3. پېپې (30 مىليۇن ياۋرو)
2007-يىلى مادىرىد پېپېنى سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە ئىدى، لېكىن ھازىر ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق پې پې ئۆزىنىڭ 30 مىليۇنغا لايىق توپچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولدى، پې پېنىڭ ئوتتۇرا مۇداپىئەچىلەرگە خاس تالانتى بار، ھازىر بۇرۇنقىدەك قائىدىگە خىلاپ قوپال ھەركەتلىرى ئاساسەن تۈگىدى، قىسىقىسى ئۇ نەچچە يىلدىن بۇيان مادىرىدنىڭ ئاساسلىق كۈچ قوشقۇچىلىرىدىن بولۇپ كەلدى.
4. راموس (27 مىليۇن ياۋرو)
2005-يىلى فىلۇرىنتىنو 27 مىليۇن باھا بىلەن 19 ياشلىق رامۇسنى كۇماندىغا قوشىۋالدى، رامۇس فىلۇرىنتىنو سېتىۋالغان تۇنجى يەرلىك توپچى ئىدى، رامۇس ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇداپىئەچىلەردىن دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ئاللىقاچان ئىسپانىيە دۆلەت كۇماندىسى ۋە رېئال مادىرىد كۇلۇبىنىڭ ئىككىنچى كاپىتانى بولۇپ قالدى.
5. سامۇئېل (25 مىليۇن ياۋرو)
2004-يىلى ساموئېل 25 مىليۇن ياۋرولۇق باھا بىلەن مادىرىدقا قوشۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ قىممەت سېتىۋالغان مۇداپىئەچى بولۇپ قالغانىدى، لېكىن ئۇنىڭ توپ ئويناش ئۇسۇلى مادىرىدقا پەقەتلا چۈشمىگەن ئىدى، بىر يىلدىن كېيىن كۇماندىدىن تازلىۋېتىلدى.
6. ۋودىگات (24 مىليۇن ياۋرو)
ۋودىگات مادىرىد تارىخىدىكى مادىرىدنى نەس باستۇرغان توپچىلارنىڭ بىرى، ئۇ ئېنگىلاندتىن ياردار ھالەتتە مادىرىدقا قوشۇلغان، بىر يىل داۋاللىنىش ئارقىلىق ئاران ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، بۇرۇنقى ئىپادىسىدىن ئەسەر قالمىغان، شۇنىڭ بىلەن مادىرىد ئۇنى دەرھال كوماندىدىن تازلىۋەتكەن.
7. ئاربېئول (15 مىليۇن ياۋرو)
2009-يىلى مادىرىد ۋالۇنسىيەنىڭ مۇئاۋىن كاپىتانى ئاربېئولنى 15 مىليۇنغا سېتىۋالغانىدى، لېكىن ئۇ راموس بىلەن پې پېنىڭ ئالدىدا ئورۇندۇق ساقلاشتىن باشقا ئامال قىلالمىدى، ئاخىرى ئۇزۇن تۇرالماي نابلېس كۇلۇبىقا قوشۇلۇپ كەتتى.
8. ۋاران (15 مىليۇن ياۋرو)
ۋاران 2011-يىلى 19 يېشىدا 10 مىليۇن ياۋرو يۆتكۈلۈش ھەققى بىلەن مادىرىدقا قوشۇلغان، ياخشى ئىپادىسى بىلەن مەيداندا تۆت مۇداپىئەچىنىڭ ئارسىدىن ئورۇن ئالالىغان، ھەتتا بىر مەزگىل پې پې نىمۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويغانىدى، ئۇ ھېلىھەم فىرانسىيە كۇماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بولۇپ قالدى، ھازىرقى زاماندىكى مۇنەۋۋەر ياش مۇداپىئەچىلەردىن دېيىشكە بولىدۇ.
|