بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-3 00:49
‹‹ گىردە ناننىڭ بازار تېپىشى ››
ھەجىۋى ئەسەر
ئاپتۇرى — ( بوۋاي )
2025-يىلى دۇنيادا سەھيە تەشكىلاتى شىنجاڭنىڭ شور تونۇرىدا يېقىلغان ناننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى ، ئەگەر پۇتبولچىلار كۈندە بىردىن گىردە نان يەپ بەرسە تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە قاۋۇل بولۇپ ھەر قېتىم توپ تەپكەندە ۋارتارنىڭ تورىنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى داڭلىق چولپانلاردىن تارتىپ ئادەتتىكى توپچىلارغىچە بىردەك گىردە نان يېيىش دولقنى قوزغالدى . ئۇزۇنغا قالماي مىسسى ، رونالدو قاتارلىق چولپانلار مائىش ئېلىشنى رەت قىلىپ ھەر كۈنلۈك مائىشى ئۈچۈن بىردىن گىردە نان بېرىشنى بولمىسا شىنجاڭغا بېرىپ ئۆزلىرى تونۇر سېلىپ نان يېقىپ شۇ يەردە توپ تېپىدىغانلىقىنى توغرۇلۇق كۇلۇپقا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى . بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن سوداىغا ئېپى بار روسىيەلىك سودىگەر ئابلاموۋىچ شىنجاڭدىكى قويمىچى سودىگەر مەھمۇدىيە بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەرزان باھادا گىردە ئەكىلىپ ياۋرۇپادا قىممەت باھادا سېتىشنى پىلانلاپ ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام تۈزۈشتى . ھەمدە ۋارتار چېخنى قولى ئۇزۇن بولغاچقا تونۇردا نان قومۇرۇشقا شاگىرىت قىلىپ تۇتۇپ بەردى . لىكىن كىچىكىدىن ئۆلۈك توخۇنىڭ پاچىقىنى يەپ چوڭ بولغان ئابلاموۋىچ گىردىنىڭ بۇغداي ئۇنىدا بولدىغانلىقىنى بىلمگەچكە قويمىچى سودىگەر مەھمۇدىيەنىڭ ئارپا ئۇنىدا يېقىلغان گىردىللىرىنى يۇقىرى باھادا يۆتكەپ سېتىۋەردى . ..
شىنجاڭدىن يۆتكەلگەن ناننىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى بىلگەن داڭلىق سودىگەرلەردىن بىرلوسكۇنى قاتارلىق بايلار دەرھال شىنجاڭغا كىلىپ ھەمكارلاشقۇچى ئىزلىدى . شۇ كۈنلەردە بىرلوسكۇنى قەشقەر تاخىتا كۆۋرۈك ئەتراپىدا ac مىلاننىڭ بايرىقىنى پۇلاڭشىتىپ كەپتەر ئۇچىرۋاتقان ئابلەتجاننى ئۇچرتۇپ قالدى . ئابلەتجان كىچىكىدىن مىلان مەستانىسى بولغاچقا بىرلوسكۇنى بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كەتتى . ئىككىسى كىلىشىپ ئابلەتجان چوڭ - كىچىك ناۋايلاردىن 5000گىردە نان يىغىپ بىرلوسكونىغا بېردىغان ، بېرلوسكۇنى بولسا بۇنىڭ بەدىلىگە ھېيىتكاھنىڭ كەينىگە 5 يۇلتۇزلۇق پۇتبول مەيدانىدىن بىرنى سېلىپ بېردىغان بولۇپ ھۆججەت يېزىپ بەردى .ناننىڭ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ناننىڭ ئۇۋلىدا شورى چوقۇم كۆپ بولۇش بەلگىلەندى . ھۆججەتتە يەنە ئەل شاراۋىنىڭ قەشقەردە قېلىپ خېمىر يۇغۇرۇش نان يېقىش ئىشلىرنى ئۈگەنگەچ قەشقەر خانجاي كوماندىسىدا توپ تېپىپ ئۇيغۇر باللىرىنىڭ ۋارتاغا توپنى قانداق ئۇردىغانلىقىنى كۆرۋېلىش قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇپ قويۇلدى .
بۇلارنىڭ سودىسىغا كۆزى قىزارغان فىلورىنتىنو ، زۇبسارىتا قاتارلىق رەئىسلەر ئۆز كۇلۇبىدىكى توپچىلارنىڭ يەيدىغان نانلىرىنى ئۆزى قامداش ئۈچۈن شىنجاڭغا قاراپ يول ئالدى . فىلورىنتىنو قەشقەردىن ھەمكارلاشقۇچى تېپىشقا كۆزى يەتمەي ئاقسۇ تەرەپلەرگە قارا يول ئالدى . ئاقسۇغا بېرىپ كۆرگىنى شۇ بولدىكى بىر قاملاشقان يېگىت ئوچاق بېشىدا ئولتۇرۇپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن يوغان بىر كاۋىنى قىرىۋاتاتتى . فىلورىنتىنو سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ يىگىتنىڭ ئىسمنڭ ‹‹ بېرنابۇ ›› خان مادىرىد كۇلۇبىنىڭ مەستانىلچىلىكى دەردىدە خىزمەتنى تاشلاپ ئاشپەز بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى . . . ‹‹ بېرنابۇ ›› ئۆيىدە فىلورىنتىنونى ئۆزى شىكەر بىلەن كاۋا قوشۇپ تۈگكەن كاۋا مانتىسى بىلەن مېھمان قىلدى . كاۋا مانتىسىنىڭ تەمىدە مەستىخۇش بولغان فىلورىنتىنو ، شۇ يەردىلا نانىڭ ئورنىغا ‹‹ بېرنابۇ ›› ئۆز قولى بىلەن تۈگۈپ تەييارلىغان كاۋا مانتىسىدىن 300 كىشلك ئېلىپ ئۇدۇل مادىرىتقا يول ئالدى . بۇنىڭ بەدىلىگە بېرنابۇغا تارىمنىڭ جەنۇبىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇش بازىسىنى ئۆزگەرتىپ خان مادىرىتنىڭ ياشلار بازىسى قىلىپ توختاملاشتى .
بارسىلونا رەئىسى زۇبسارىتا گۈزەل باش ئەگىم ۋادىسىغا كېلىپ ، كىلىشكەن بىر باغۋەن يىگىتنىڭ نەشپۈت دەرىخى ئۈستىگە چىقىۋېلىپ بىكار تۇرماي نەشپۈت غاجاپ ئولتۇرغىننى كۆردى . بۇ يگىت دەل ‹‹ باش ئەگىم ›› بولۇپ ئەشەددى بارسىلونا مەستانىسى ئىدى . نەشپۈتنىڭ تەمىنى تېتىپ ياقتۇرۇپ قالغان زۇبسارىتا باش ئەگىمنىڭ قولىدىن 600 يەشىك نەشپۈت ئېلىپ ئۇدۇل بارسىلوناغا يول ئالدى . ئالدىراشچىلىقتا باش ئەگىم ئىككىلىسى ئوخشاش مىۋە بولغاندىكەن دەپ بىر ساندۇققا لىققىدە قىلىپ نەشپۈتنىڭ ئورنىغا ئالما قاچىلاپ قويدى .
. زۇبسارىتانىڭ نەشپۈت ئېلىپ كىلۋاتقانلىقىن ئالدىن خەۋەردار بولغام فلورىنتىنو ، ئابراموۋىچ ، بىرلوسكۇنى قاتارلىقلار تەمىنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈن بېرىپ كۆرگىنى شۇ بولدۇكى كۆز ئالدىدا تۇرغىنى نەشپۈت ئەمەس ئالما بولۇپ چىقتى . شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى بىرلىشىپ خەلىقئارا سوتقا زۇبسارىتا ئالمىنى نەشپۈت دەپ ئوتتۇردا پايدا ئالدى دەپ ئەرىز سۇنۇپ زۇبسارىتانى تۈرمىگە سولاتقۇزدى .
ھەممە كۇلۇپنىڭ ئۆز ئالدىغا شىنجاڭغا بېرىپ ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مەنسۇر باي چىداپ بولالماي ھەممە توپچىلارنى شىنجاڭغا ئەكىلىپ ناۋايلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۈگەتمەكچى بولدى . كوماندا كاپىتانى كومپانى ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ سۇ توشۇيدىغان . ناسىرى خېمىر يۇغىرىدىغان ، خارىت ئوت قالايدىغان ، ھوجۇمچى ئاگيرۇ ھەر كۈنى سەھەردىن باشلاپ كەچ بولغۇچە ياۋاغ كەچلىك بازىرىدا توۋلاپ نان ساتقاچ نانچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگۈنىدىغان بولدى . ئەمما ئىسپانىيەلىك توپچى شېرۋا گۈزەل ئېلى يايلىقىغا قېچىش جەريانىدا ئوتلاپ يۈرگەن بىر كۈچلۈك بۇقىنى ئۇچۇرتىپ قالىدۇ . كىچىكىدىن كالا بىلەن ھەپىلىشىپ كىلىۋاتقان بۇ ئىسپانىيەلىك توپچى بۇ بۇقىنىڭ ناھايىتى كۈچكۈك ئىكەنلىكىنى بايقاپ يۇرتىغا ئاپىرىپ مۇسابىقىگە سېلىش ئۈچۈن كالىنى شۇ مۈنگەن پېتى ئىسپانىيەگە چاپتۇرۇپ قېچىپ كېتىدۇ ئاڭلىشىمزچە ھازىر ئسپانىيەدە كەسىپ ئۆزگەرترىپ بۇقىلار بىلەن ئۇرشىدىغان داڭلىق ماھىرغا ئايلىنىپتۇ ..... .
شۇنىڭ پۈتكۈل ياۋرۇپا تەۋەسىدە مىسسى ، رونالدودەك چولپانلار ئۆزىنىڭ ئالغان مائىشىنى سېلىشتۇرۇشتىن قېلىپ ئۆزىنىڭ كۈندە ئالغان نانلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى توغرۇلۇق تالاش تارتىشىدىغان قىلىدىغان بولدى . دۇنيادىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىللىرىمۇ بەس- بەستە ھەر قايسى چولپانلارنىڭ كۈندىلىك ئالغان نانلىرىنىڭ ئۆلچىمى چوڭ كىچىكلىكى ۋە ناننىڭ ئاستىىدا قېلىپ قالغان شورلىرىنى ئۆلچەش ئارقىلىق چولپانلارنى سېلىشتۇرۇشقا باشلىدى . . .
بەيرىننىڭ پورتونى بومباردىمان قىلىشى .
ناتسىسلار پارتىيسىدىن بولغان بەيرىن كۇلۇبى پورتونى پاچاقلاپ تاشلاش كۈرشىگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ بۇ ئۇرۇشتا بولشىۋىكلار پارتىيسىغا خائىنلىق قىلىپ ناتسىسلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان پولەك جەڭچى لەيۋەندوۋىسكى ھالقىلىق رول ئوينايتتى . فىرانسىيەدىن ئىمپورىت قىلىنغان تاتۇق يۈز خەنجەر رىبىرى ناملىق ئايروپلانى بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان ئۈستى تەرىپى پارقىراپ تۇردىغان روبىن ناملىق ئايروپىلاننىڭ ئىككى چەتتىن توختىماي بومباردىمان قىلىشى ، ئىسپانىيەدىن سېتىۋالغان ئالىنسو ناملىق ئۇزۇن مۇساپىلىق زەمبىرەك ۋە قاچاق ئەسكەر گوتىزى ناملىق قىسقا مۇساپىلىق زەمبىرەكنىڭ توختىماي بومباردىمان قىلىپ تۇرىشى ھەمدە 2014- يىللىق دۇنيا ئۇرشىدا پورتىگالىيەنىڭ پى پى ناملىق ئاۋياماتكىسىدىن قاتتىق دەشنام يىگەن گىرمانىيەنىڭ مۇللىرى ناملىق تانكىسىنىڭ بۇرن تېشەر ناملىق توپ ئوقۇنى توختىماي ئېتىپ تۇرىشى بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى موقۇملاپ قوياتتى . ئالدىنقى سەپتىن چېكىنىپ ئارقا سەپ خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقان لام ناملىق گېنىرالنىڭ ئارقا سەپتىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئاۋىستىرىيەنىڭ ئالابا ناملىق بىرونىۋىكى بىرلىشپ ئالدى سەپتىكى ھەممە قىسىمنى ناھايىتى خاتىرجەم قىلاتتى . ئەڭ ئاخىرىدا كېلىۋاتقىنى بولسا قىسىمنىڭ شەپقەت ھەمشىرىسى دەپ نام ئالغان نويىر بولۇپ دۈشمەننڭ ئارقا سەپكە توختىماي تاشلاۋاتقان توپ ئوقلىرىنى سۈزۈۋېلىپ يەنە قايتۇرۇپ دۈشمەنگە ئېتىشىدىن ھەقىقى نىمىس روھىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى . مۇشۇنداق كۈچلۈك قوشۇننىڭ پورتودەك قوشۇننى بومباردىمان قىلىپ كۇمپەيكۇم قىلىۋېتىشى تەس ئەمەس ئەلۋەتتە . . . . . . .
ئەسكەرتىش : بۇ تېما پەقەت پۇتبول مۇنبىرىمىزغىلا خاس . ھەر قانداق تور بىكەت ۋە سالۇنلارنىڭ كۆچۈرۈپ ياكى ئۆزگەرتىپ تارقاتماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمز . . ( رەھمەت ) |