elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 773|ئىنكاس: 21
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دۇنيا لوڭقىسى ئاسىيا رايۇنىغا دەرىجە ئايرىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-3 10:06  

           

  2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى ئاسىيا رايۇنى 40كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى دەرىجىگە ئايرىلدى. جۇڭگۇ كوماندىسى ئاسىيادىكى 7-لىك ئورنىنى ساقلاپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئۇرۇق كوماندا قاتارىغا كىردى. 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ باش شىتابى مالايسىيانىڭ كوئالامپوردا چەك تارتىلىدۇ. FIFAنىڭ قائىدىسى بويىچە ئاسىيادىكى ئالدىنقى 8نىڭ ئىچىدىكى كوماندا ئۇرۇق كوماندا ھېسابلىنىدۇ. گەرچە FIFA دۆلەتلەر يېڭى تەرتىپىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما FIFA نىڭ نومۇر ھېسابلاش قائىدىسىگە ئاساسەن   كوماندىلارنى 5دەرىجىگە بۆلگەن.
           
   رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايۇنى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى جەمىي 3 ئايلانما ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1- ئايلانمىدا، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەت-تەرتىپىدە ئەڭ تۆۋەن ئۇرۇندا تۇرغان 12 كوماندا ئوتتۇرىسدا (رەت-تەرتىپى 35-46 گىچە بولغان ) ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ كوماندىلار 3-ئاينىڭ 12- كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ساھىبخان ۋە مېھمان مەيدان بولۇپ 2 ئايلانما مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىپ  6 كوماندا تاللىنىپ چىقىلدى.  ئارقىدىن ئاسىيا رەت-تەرتىپىدە ئالدىنقى 34 نىڭ ئىچىدىكى كوماندىلار بىلەن  2- ئايلانما 40 كۈچلۈك مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. ئاسىيا رايۇنى  2-ئايلانمىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش 40 كۈچلۈك مۇسابىقىسى ئوينايدىغان كوماندىلار ئاۋۋال  8  گۇرۇپپىغا بۈلۈنىدۇ. ھەر بىر گۇرۇپ 5 كوماندىدىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا كەسكىن مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق، 8 گۇرۇپپىدىكى  بىرىنچى بولغان كوماندا ۋە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى، شۇنداقلا گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولغان تۆت كوماندا تاللاپ چىقىلىدۇ. بۇ كوماندىلار ئۈچىنچى ئايلانمىغا قەدەم قۇيۇپ 12 كۈچلۈك مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ كوماندىلارنىڭ ھەممىسى بىۋاستە 2019-يىلىدىكى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىدىكى مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.


   1-دەرىجە (ئۇرۇق كوماندىلار):  ئاۋستىرالىيە  ياپونىيە    ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى    ئېراق     ئىران     كورىيە     ئۆزبىكىستان     جۇڭگۇ

   2-دەرىجە :  سەئۇدىي ئەرەبىستان   ئومان    قاتار    ئېئوردانىيە       بەھرايىن      ۋېيتنام      سۈرىيە        كۈۋەيت     

   3-دەرىجە:   ئافغانىستان      فىللىپىن     تاجىكىستان      لىۋان       تايلاند      پەلەستىن   مالدىۋىس     ھىندىستان        

   4-دەرىجە:  شەرقىي تېمۇر      قىرغىزىستان        چاۋشىيەن      بېرما        سىنگاپۇر      تۈركمەنىستان      ھىندۇنىزىيە       بۇتان

   5-دەرىجە:  مالايسىيا      جۇڭگۇ شىياڭگاڭ       جۇڭخۇا تەيبىي     بېنگال        يەمەن        گۇئام ئارىلى     لائۇس       كامبودژا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
جوڭگۇ شۇنداق قىلىپ ياپون،كورىيە،ئىراقلاردىن قۇتۇلۇپ قالغان بولدى،مالدىۋى بىلەن چاۋشىيەننىڭ  ئورنى ئالمىشىپ قالغاندەكلا،ئەسلى چاۋشىيەن 3-دەرىجىگە بۆلۈنسە توغرا بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بوپتۇ مۇشۇ پۇرسەتتە روسيەگە باردىغان بىلەتنى قولغا كەلتۇرسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
يەر
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ چاۋشىيەننىڭ دەرىجىسى تۆۋەن بىكىتىلپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
5#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
جۇڭگو  بۇ قېتىم كۈچلۈكلەرگە ئ‍ۇچىراشتىن ساقلىنىپ قاپتۇ، دۇنيا لوڭقىسىغا چۇقۇم قاتنىشالايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
6#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
مارۇ قائىدە بويىنچە ئوينىسا  رۇسىيە بىلىتىنى ئىلىش ئىھتىماللىقى  خىلى يۇقۇردەك تۇرامدۇ نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
7#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ قازاقلار بىلەن يەھۇدىلار ياۋرۇپا پۇتپول بىرلەشمىسىگە رەسمى قۇشۇلۇپ كەتتى دەيلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
8#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ajamjan يوللىغان ۋاقتى  2015-4-2 15:37
مارۇ قائىدە بويىنچە ئوينىسا  رۇسىيە بىلىتىنى ئىلىش ئىھ ...

ئاۋال 12كۈچلۈككە كىرسۇن ،ئاندىن كېيىن يەنە چەك تارتىپ قايسى ئامراقلىرىغا يولۇقۇپ قالىدۇ، شۇ چاغدا روسىيىگە بېرىش بارالماسلىقىغا بىر نەرسە دىسەكمۇ بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
9#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-2 15:59
ئاۋال 12كۈچلۈككە كىرسۇن ،ئاندىن كېيىن يەنە چەك تارتىپ  ...

مۇنداقمۇ ئىش بار دەڭلا تىخى   بۇمۇ ئاسان توختىمىغۇدەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
10#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
نەچچە قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ئوينىغان چاۋشىيەن نىمە بۇلۇپ ئەڭ تۈۋەن دەرىجىگە تىزىلغاندۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
11#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تۇنىس بىلەن ئوينىغاندەك ئوينىيالىسا ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
12#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇرادەرلەر سالماقلىق بىلەن بۇنى كۈرۈپ بېقىڭلار
http://sports.eastday.com/s/20150402/u1a8650255.html
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-7 15:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش