elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 903|ئىنكاس: 31
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

رەقىپ كوماندىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-2 14:22  

پۇتبول كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت يىغىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە بىر-بىرىگە ئەشەددىي دۈشمەن بولۇپ كېتىدۇ.توپ مەستانىلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس،ئەلۋەتتە.ئاداۋەت ھەم پۇتبول ساھەسىدىكى زەردارلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇت بولۇش شەكلى.تۆۋەندە بىز پۇتبول ساھەسىدىكى بىر-بىرىگە ئۆچمەن كوماندىلارنى كۆرۈپ باقايلى:

1.بوكا ياشلار كوماندىسى vs   دەريا قىنى كوماندىسى
جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى رىقابەت كەسكىن بولغان مۇسابىقىلەر ئىچىدە مەيلى كۇلۇبلار ئارا مۇسابىقە بولسۇن ياكى دۆلەت كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىلەر بولسۇن،ھېچقانداق كوماندىنىڭ جىددىيلىك ۋە تەلۋىلىك دەرىجىسىنى بوكا ياشلار كوماندىسىنىڭ <<كەمپۈت قۇتىسى>> ساھىبخان مەيدانىدا تېپىلگەن مۇسابىقىگە سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
بوكا كوماندىسىنىڭ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىسى روھ ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىش دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ.ئەمما،ئەڭ قاتتىق سىناق بولسا دەريا قىنى كوماندىسى بوكا ياشلار كوماندىسىنىڭ مەيدانىغا كەلگەندە يۈز بېرىدۇ.ھەر قېتىم بوكا ساھىبخان مەيداندا دەريا قىنىنى كۈتىۋالغاندا،توپ مەيدانىغا بارىدىغان يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى تەرەپ مەستانىلىرىنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تولۇق قوراللانغان توپىلاڭنى باستۇرۇش قىسمى توشۇپ كېتىدۇ.مۇسابىقە مەيدانىدا،60000 توپ مەستانىلىرى ئاۋازى بىرلىكتە تىللاپ،يورۇتۇش بومبىلىرىنى ئېتىشقاندا،پۈتكۈل مەيداننى ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى قاپلايدۇ.پۇتبول ئاللىقاچان ئىككىنچى ئورۇندا قېلىپ،ئۆچمەنلىك مۇسابىقىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلىنىدۇ.
بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك مۇرەككەپ بولۇپ،سىياسىي سەۋەبلەر ئارىلاشقان.بوكا بولسا ئىشچىلار سىنىپى دەرىجىسىدىكى كوماندا،دەريا قىنى بولسا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە دەرىجىسىدىكى كوماندا.بوكا مەستانىلىرى دەريا قىنى مەستانىلىرىنى galinas دەپ تىللايدۇ.بۇ سۆزنىڭ ئىسپان تىلىدىكى مەنىسى <<قېرى مېكيان>>بولۇپ،بوكالىقلار دەريا قىنىلىقلارنى توخۇ يۈرەك دەپ مەسخىرە قىلىدۇ.دەريا قىنى مەستانىلىرى بولسا بوكا مەستانىلىرىنى bosteros دەپ تىللايدۇ،بۇ سۆز <<ئېشەك تېزىكى>>دېگەن مەنىدە بولۇپ،بوكالىقلارنى نامراتلار مەھەللىسىدىن كەلگەن دەپ مەسخىرە قىلىدۇ.تېخى نەچچە يىل ئالدىدىلا،12 نەپەر بوكا مەستانىسى دەريا قىنى مەستانىلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان.بوكانىڭ ساھىبخان مەيدانىدا ھازىرغىچە بەزى مەستانىلەر پىلاكات كۆتۈرۈپ بۇ <<قەھرىمان>>لارنى ياد ئېتىدۇ.

2.ئارسىنالVS توتىنھام رىس
1900-يىللاردىن باشلاپ، توتىنھام رىس كوماندىسى <<ئاق بۇغا پورتى>> توپ مەيدانىدا توپ تېپىپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇلار ئۆزىنى ئەزەلدىن شىمالىي لوندون پۇتبول شاھلىقىنىڭ ئىزباسارلىرى دەپ ھېسابلاپ كەلگەن.ئەمما،ئارسىنالنىڭ قەد كۆتۈرۈشى توتىنھام رىس لىقلارغا بېسىم ئېلىپ كەلدى.ئارسىنال كوماندىسى ئەڭ دەسلەپتە لوندوننىڭ شەرقى شىمالىدىكى خان جەمەتى قورال-ياراق زاۋۇتىنىڭ سكوتلاندىيىلىك ئىشچىلىرىدىن تۈزۈلگەن.كوماندا مەيدانى 1913-يىلى خېدىربۇرگ(ھازىرقى ساھىبخان مەيدانى)غا يۆتكىلىپ كەلگەن.بۇ مەيدان توتىنھام رىس نىڭ ئاق بۇغا پورتى مەيدانى بىلەن ئارانلا نەچچە مىللا يىراقلىقتا بولغانلىقتىن،بۇ رايوندىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ توقۇنۇشى ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالدا يۈز بەردى.ھەتتا،بىر ئائىلە كىشىلىرى،ساۋاقداشلار ۋە خىزمەتداشلار ئوتتۇرىسىدىمۇ بۇ خىل ئۆچمەنلىك ئەۋج ئالدى. توتىنھام رىس لىقلار ئارسىناللىقلارنى <<قوڭىنى يۆتكەپ كەلگەن>>دەپ ئۆچ كۆردى.شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە مەشھۇر شىمالىي لوندون دېربىسى شەكىللەندى.
كامپبېلنىڭ ئارسىنالغا يۆتكىلىشى توتىنھام رىس مەستانىلىرىغا روھىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوش زەربە ئېلىپ كەلدى.بۇ قىلمىش ئېنىقلا توتىنھام رىس كوماندىسى ۋە مەستانىلىرىگە قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك بولدى.ئەينى چاغدا، توتىنھام رىس مەستانىلىرى كامپبېلنىڭ باش سۈرىتىنى مەيداننىڭ سىرتىدا ئېسىپ تىللاپ-تۈكۈردى،كۆيدۈردى،ھەمدە،بارسلونا مەستانىلىرى كۆرۈش سۇپىسىدا فىگوغا ئاق قولياغلىق پۇلاڭلاتقاندەك بىزمۇ كامپبېلغا ئاق قولياغلىق پۇلاڭلىتىمىز دەپ جار سېلىشتى.
ھازىر شىمالىي لوندون دېربىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى پەرق توختىماي چوڭلىماقتا.ئەمما، توتىنھام رىس مەستانىلىرىنىڭ ئارسىنال مەستانىلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكى  بۇ سەۋەبلىك قىلچىمۇ ئاجىزلاپ قالغىنى يوق.ئارسىنال كوماندىسى توتىنھام رىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ چېمپيونلۇقنى ئالغاندىن كېيىن،ئارسىنال مەستانىلىرى كۆرۈش سۇپىسىدا <<ئارسىنال ئاق بۇغا پورتىدا چېمپيون بولدى.ھالبۇكى،43 يىل بولۇپ كەتتى،سىلەر تېخىچە ساقلاۋاتىسىلەر!>>دېگەن خەت يېزىلغان چوڭ،ئۇزۇن پلاكاتنى كۆتۈردى.مەيداندىكى مۇسابىقىدىنمۇ بەكرەك،بۇ ئىككى كوماندا ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك شىمالىي لوندون دېربىسىدىكى ئەڭ چوڭ تېما.
3.ئىنگلاند vs ئارگىنتىنا

ھەممە ئادەم دېگۈدەك رامسىي ئىسىملىك سابىق ئېنگلاند كوماندىسى تېرىنېرى ئېنگلاند بىلەن ئارگىنتىنا ئوتتۇرىسىدىكى 100يىللىق ئۆچمەنلىك پىلتىسىغا ئوت تۇتاشتۇردى دەپ قارايدۇ.1966-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا،ئۇ ئارگىنتىنا كوماندىسىدىكى توپچىلارنى <<ياۋايى ھايۋان>>دەپ تىللىغان،ئېنگلاند كوماندىسى توپچىلىرىنىڭ ئارگىنتىنا كوماندىسى توپچىلىرى بىلەن كىيىم ئالماشتۇرۇشىنى مەنئىي قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى دۆلەت كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى تېرىلغان.

4.بارسىلونا vs مادرىد
بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ كۇلۇب دەستۇرىغا<<پەقەت بىر كۇلۇبلا ئەمەس>>دېگەن بىر جۈملە سۆز يېزىلغان.بۇ كۇلۇبنىڭ مەستانىلىرىگە نىسبەتەن بۇ بىر جۈملە سۆز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزى ھېسابلىنىدۇ.بارسىلونا بولسا كاتالونىيە رايونىنىڭ بىر بايرىقى،كاتالونىيەلىكلەرنىڭ بايرىقى.ئادەتتە،كاتالونىيەلىكلەر ئۆزىنى ئالدى بىلەن كاتالونىيەلىك،ئاندىن قالسا ئىسپانىيەلىك دەپ تونۇيدۇ.كۆپ سانلىق كاتالونىيەلىكلەر ئۆزىنىڭ دۆلىتىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ،تارىخ بەتلىرىنىڭ كاتالونىيەلىكلەر مادرىدلىقلارغا قارشى تۇرغان جەڭگە ئورۇن بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.شۇڭلاشقا،بارسلونالىقلار مادرىدتەك قارىماققا ئىسپانىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كوماندىغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ.فاشىست،زالىم گېنىرال فرانكو ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردىكى ئىسپانىيەدە،ئاممىۋىي سورۇنلاردا كاتالونىيە تىلىدا سۆزلەش قانۇنغا خىلاپ دەپ قارالغان.شۇنىڭ بىلەن،بارسىلونادىكى نوكەمپۇ پۇتبول مەيدانى كاتالونىيەلىكلەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەزەپ-نەپرەت،ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان سورۇن بولۇپ قالغان،بولۇپمۇ،خانلىق مادرىد كوماندىسى رەقىب بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق.خۇددى بىر بارسلونا مەستانىسى دېگەندەك<<فرانكو بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزنى بۇزۇپ تاشلىدى،ئانا تىلىمىزنى چەكلىدى.ھالا ئۇ خانلىق مادرىتنى قوللايدۇ!>>
فىگونىڭ يۆتكىلىشى بولسا ئىسپانىيەدىكى بۇ ئىككى ئەشەددىي دۈشمەن كۇلۇبنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك يەنە بىر يېڭى ئاداۋەت قوشتى.ئىككى تەرەپنىڭ تۈگىمەس ئۆچ-ئاداۋىتى توپ مەيدانىدا جىددىي،كەسكىن مۇسابىقە شەكلىدە ئەكس ئېتىدۇ،ئۇنىڭ شىددەتلىك دەرىجىسى ھەتتا بىر مەيدان ئۇرۇشتىن قېلىشمايدۇ.كۆرۈش سۇپىسىدىكى توپ مەستانىلىرى بولسا بۇ خىل كەيپىياتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىدۇ.<<نوكەمپۇ بىزگە نىسبەتەن زادىلا بىر توپ مەيدانى ئەمەس.توپ مەستانىلىرىنىڭ سېسىق تىللىرى ۋە ئۇلار مەيدانغا ئاتقان نەرسىلەر مېنى ھەيران قالدۇردى>>گۇتى بىر قېتىم نوكەمپۇدا مۇسابىقە ئويناپ قايتقاندىن كېيىن مۇشۇنداق دەپ رەنجىگەن.

5.مانچېستېر vs لىدس
1992-يىلى لىدس كوماندىسىنى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپيونلىقىغا ئېرىشتۈرگەندىن كېيىن،ئېرىك.كانتوننا شەھرى شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بالكونىدا تۇرۇپ ئاستىدا يىغىلغان پۇتبول مەستانىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇلارنى نېمىشقا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى،ئەمما مەستانىلەرنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ،بۇ خىل ھېسيات ئىككىلا تەرەپتە تەڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.ئەمما،نەچچە ئايدىن كېيىنلا كانتوننا مانچېستېرغا يۆتكىلىپ كەتتى.ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى لىدس مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدە كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئاسىيلىق،ئەلۋەتتە.
ھالبۇكى،كانتوننانىڭ يۆتكىلىشى بۇ ئىككى كوماندىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئۆچ-ئاداۋەتلىرى ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر قىستۇرما،خالاس.شۇنىڭدىن كېيىن،كانتوننا يەنە بىر قېتىم ئىرائان كوچىدىكى مۇسابىقە مەيدانىدا پەيدا بولغاندا،ئۇچىسىدا كىيىۋالغىنى لىدسنىڭ كىيىمى ئەمەس،بەلكى مانچېستېرنىڭ قىزىل رەڭلىك كىيىمى بولدى.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،ئۇ ئىزچىل تۈردە لىدس مەستانىلىرىنىڭ ئەيىبلەش،تىللاشلىرىغا ئۇچراپ تۇردى.ھەتتا،بەزى چاغلاردا كانتوننا ۋە فوگسېن ئۆلۈم تەھدىتلىرىنى تاپشۇرىۋالدى.
لىدس مەستانىرىنىڭ ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلار مانچېستېردا پەقەت كانتوننالا ئەمەس.بۇ فرانسىيىلىك يولۇققان تەھدىتلەرگە ئوخشاشلا،بۇرۇن لىدسنىڭ كوماندا تۈۋرۈكى ھېسابلانغان فېردىناندمۇ لىدستىن مانچېستېرغا يۆتكىلىپ كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا نۇرغۇنلىغان ئېلكترونلۇق پوچتا يوللانما،خەت ۋە تېلىفون قاتارلىقلاردىن ئۆلۈم تەھدىتى تاپشۇرىۋالغان.لىدس مەستانىلىرى ھەتتا<<رىئو بولسا بىر داشقال،بىز ئۇنى يوق قىلماقچى>>دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىققان.
گەرچە بۇ ئىككى كوماندا ئارىسىدا ئۆچمىگۈدەك چوڭ ئاداۋەت بولمىسىمۇ،كانتوننا ۋە فېردناندنىڭ خائىنلىق قىلىشى بۇ ئىككى كوماندا ئۇچراشقاندا ئۆچمەنلىك ئۇچقۇنلىرىنىڭ ھەر تەرەپكە چاچرىشىغا يېتىپ ئاشىدۇ.

6.موسكۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى vs موسكۋا سپارتا
ئېشىپ كەتسە 15000 تاماششىبىن نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرىدىغان روسىيە پۇتبول مەيدانلىرىدا،روسىيە پۇتبولى قارىماققا ئانچە قىزغىن ئەمەستەك بىلىنىدۇ.ئەمما،موسكۋادىكى ئەڭ مۇھىم دېربى__موسكۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە موسكۋا سپارتا ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە خۇددى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئارسىنال بىلەن توتىنخام ئوتتۇرىسىدىكى دېربىدەكلا قايناپ كېتىدۇ.
موسكۋادا،سپارتا كوماندىسى بولسا بىردىنبىر ھۆكۈمەت ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىغان كوماندا.موسكۋا  دىنامو  كوماندىسى ئەسلىدە K.G.B(سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى) نىڭ كوماندىسى ئىدى.موسكىۋا پاراۋۇز بېشى كوماندىسى بولسا تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ كوماندىسى.دېربىدىكى ئىككى كوماندا__قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە سپارتا ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن رىقابەتنىڭ تۈپ سەۋەبى بولسا مۇنداق:قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسى بولسا روسىيە ئارمىيە كوماندىسى،نىسبەتەن ھالدا،سپارتا كوماندىسى بولسا خەلقنىڭ كوماندىسى.سپارتا كوماندىسىنى قوللاش بولسا مۇستەقىللىقنى قوللاشنىڭ نامايەندىسى.
بىر توپ مەستانىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:بىز روسىيىلىكلەر 18 ياشتىن بۇرۇن قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسىنى قوللايمىز.چۈنكى،بۇنىڭدىن بۇرۇن بىز ئوفىتسېرلارغا چوقۇنىمىز.بىز 18 ياشقا كىرىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەندىن كېيىن ئاندىن روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى تونۇپ يېتىمىز.شۇنىڭ بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسىنى قوللاشتىن توختايمىز.

7.گالاتا ساراي vs فەنەر باغچە
1994-يىلى مانچېستېر گالاتا سارايدا <<قىزغىن قارشى ئېلىش>>قا ئېرىشتى.ئۇلارنى قارشى ئالغىنى بولسا گالاتا ساراينىڭ ساھىبخان مەيدانىدىكى ھېلىقى داڭلىق پلاكات<<دوزاخقا كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز>>.ئۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن،ئەلى. سەمى مەيدانىدا توپ تېپىپ باققان 8 ياۋروپا كوماندىسىنىڭ ئىچىدە 6 كوماندا بۇ ئىشقا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.ئەمەلىيەتتە،ئەڭ دۈشمەنلىككە تولغان قارشى ئېلىش بولسا فەنەر باغچە كوماندىسىغا ساقلاپ قويۇلغان.بۇ ئىككى كوماندىنىڭ تۇرۇشلۇق جايلىرى دېڭىز بوغۇزى تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلگەن.بۇلار ئىستانبولنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا جايلاشقان بولمايلا قالماستىن،يەنە دېڭىز بوغۇزى تەرىپىدىن ئىككى ئوخشىمىغان قىتئەگە ئايرىۋېتىلگەن(ياۋروپا ۋە ئاسىيا).ئەمما،بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئاداۋىتى بۇ ئەمەس،بەلكى،1890-يىلى ئىككى تەرەپ تۇنجى قېتىم پۇتبول مەيدانىدا ئۇچراشقاندىن كېيىن يىغىلىپ قالغان ئاز كەم 100 يىللىق ئۆچ-ئاداۋەتلەرنىڭ يىغىلمىسىدۇر.بۇ بارسىلونا ۋە خانلىق مادرىدنىڭ ئۆچ-ئاداۋىتىگە ئوخشىمايدۇ،كېلتلىقلار ۋە مۇساپىرلار ئوتتۇرىسىدىكى دىن زىددىيىتىگە ئوخشىمايدۇ.ئەمما،ئۇلارغا ئوخشاشلا ئىنتايىن كەسكىن ۋە جىددىي.1996-يىلىدىكى تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گالاتا ساراي كونا دۈشمىنىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن گالاتا ساراينىڭ كوماندا بايرىقىنى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا قاداپ قويغان.بۇ قىلمىش ئىككى تەرەپنىڭ ئۆچ-ئاداۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
8.كېلتلىقلار vs   سەرگەندارلار

گەرچە ئىككى كوماندا ئۇچراشقاندا ئىككى تەرەپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە دىن توقۇنىشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشسىمۇ،ئەمما ھازىرغا قەدەر ئىككى تەرەپنىڭ رىقابىتى ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالدا كاتولىك دىنى بىلەن شىمالىي ئېرلاندىيە،سكوتلاندىيە رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي،دىن ۋە ئۆپ-ئادەت جەھەتتىكى غايەت زور پەرقلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلدى.كېلتلىقلار كوماندىسى بولسا سكوتلاندىيىدىكى كاتولىك دىنى ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بىر كوماندا.بۇ كوماندا تۇرۇشلۇق جايدا ئېرلاندىيىدىن كەلگەن نۇرغۇن نامرات كۆچمەنلەر بار.ئەمما مۇساپىرلار كوماندىسى بولسا سكوتلاندىيىدىكى يېڭى بىر دىن مۇرتلىرى توپلاشقان باياشات بىر رايونغا جايلاشقان.بۇ ئىككى كوماندا قۇرۇلغاندىن تارتىپلا دىن مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۆز-ئارا قارشى بولۇپ قالغان.
بۇ خىل ئەنئەنىۋىي ھېسيات تۈپەيلى،مۇساپىرلار كوماندىسى شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۈزۈلدۈرمەي ئەمەل قىلىۋاتقان،ئەمما رەسمىي بېكىتىلمىگەن بىر بەلگىلىمە بار.ئۇ بولسىمۇ ھەرگىز كاتولىك دىنىدىكى پۇتبولچى بىلەن توختام ئىمزالىماسلىق.1989-يىلى ئۇلار نانتىس (Nantes) دىن چولپان يوھانسون بىلەن توختام ئىمزالىغان.بۇنىڭ بىلەن سەرگەندارلار كوماندىسىنىڭ توپ مەستانىلىرى نامايىش قىلىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن،ھەم كوماندىنىڭ كىيىمىنى كۆيدۈرگەن.
بۇ ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈپ تۇرىدىغىنى مەستانىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىق تونۇنۇشى.1975-يىلىدىكى بىر مۇسابىقىدىلا ئىككى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى،  بىر پالتا بىلەن چېپىش دېلوسى، ئىككى قىڭراق بىلەن چېپىش دېلوسى، توققۇز تىغلىق ئەسۋاب بىلەن ئادەم يارىلاندۇرۇش دېلوسى، 35 ئادەتتىكى تونۇقۇش دېلوسى يۈز بەرگەن.<<شۈبھىسىزكى،بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كۇلۇبلار مۇسابىقىسى>>،بىر سابىق كېلتلىقلار كوماندىسىنىڭ توپچىسى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇسابىقىگە مۇشۇنداق باھا بەرگەن.

9.گوللاندىيە vs گېرمانىيە
<<پۇتبول بولسا بىر مەيدان جەڭ>>.گوللاندىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاراپ باقساق،بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ھەقىقەتەن خاتا ئېيتىلمىغانلىقىنى بايقايمىز.گوللاندىيە بۇرۇن كۆپ قېتىم گېرمانىيە بىلەن تۇتۇشۇپ غەلىبە قىلالمىغان.ئەينى چاغدا دەۋرداش توپچىلاردىن كرويىف ۋە بېكېنبورلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت خۇددى ھازىرقى مېسسى بىلەن رونالدو ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە ئوخشاپ كېتەتتى.1974-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى گوللاندىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە،تالانت ئىگىسى كرۇيىف باشچىلىقىدىكى گوللاندىيە كوماندىسى بېكىنبور باشچىلىقىدىكى گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ،مەيدان ئۈستىدە چوڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ھالەتتە تۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بولغان.بۇنىڭغا قارىغاندا،1988-يىلىدىكى ئاشۇ ياز كۈنىدە،ھامبۇرگ شەھىرىدە گوللاندىيە گېرمانىيىنى 2:1نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، 60% دىن ئوشۇق گوللاندىيە پۇقرالىرى كوچىغا چىقىۋېلىپ غەلىبىنى تەبرىكلىگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.بۇ گوللاندىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن گوللاندىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى جامائەت ھەرىكىتى.بۇنىڭدىن باشقا،بۇنىڭ يەنە بىر چوڭ سەۋەبى گوللاندىيىلىكلەرنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيەگە بولغان غەزەپ-نەپرىتى.
لونارد.كومان بۇرۇن دېگەن:بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە بولسا ئالۋاستىنىڭ نادىر ئەسىرى.توپ مەيدانىدا،فرانك.رىجكارد ئىككى قېتىم گېرمانىيە ھۇجۇمچىسى لۇد.ۋوللېرنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن.توپ مەيدانىنىڭ سىرتىدا،كومان ئۆزىنىڭ گېرمانىيە توپچىسى توئېننىڭ ئالماشتۇرغان كىيىمىنى ھاجەتخانىدا قەغەز ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكىنى دېگەن.بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە ھەتتا بەزىدە بۇ ئىككى دۆلەت چېگرىسىدا زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.
10.ئېنگلاند vs گېرمانىيە

ئېنگلاند بىلەن گېرمانىيە بولسا دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى بىر جۈپ داڭلىق رەقىبلەر.بىرسى بولسا ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ باشلامچىسى،يەنە بىرسى بولسا مۇۋاپىقىيەت قازانغان ياۋروپا كوماندىسى.بولۇپمۇ،1966-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە،ئېنگلاند كوماندىسى ۋارىتار سىزىقىدىن ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش قىيىن بولغان بىر توپقا تايىنىپ،4-2نەتىجە بىلەن گېرمانىيىنى مەغلۇپ قىلىپ دۇنيا لوڭقىسىنى ئېلىپ كەتكەن.ھالا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ،ئىككى دۆلەت ئاشۇ توپنىڭ كىرگەن-كىرمىگەنلىكى توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ.ھەر قېتىم ئىككى تەرەپ تۇتۇشقاندا داۋاملىق بۇ <<كونا ھېساب>>نى سۆرەپ چىقىشىدۇ.
2001-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى،بۇ بىر جۈپ كونا رەقىبلەر يەنە دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش باسقۇچى ياۋروپا مۇسابىقە رايونىدا ئۇچرىشىپ قالدى.ئىنگىلاند-گېرمانىيە <<جېڭى>>نىڭ باشلىنىشىغا تېخى پۈشتەك چېلىنماستىنلا،ئىككى تەرەپنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئاللىقاچان داڭلىق<<ئاۋغۇست ئادىمى>>قاۋاقخانىسىدا مۇشت-پەشۋانى ئايىماي ئېتىپ قان بولۇپ كېتىشكەن ئىدى.ساقچىلار 3 مۇناسىۋەتسىز توپ مەستانىسىنى يولغا سېلىۋەتكەندىن باشقا،40 نەپەر تەلۋىلەشكەن توپ مەستانىسىنى قولغا ئالغان.ئۇ ئاخشامدا ئېنگلاند ئاخىرى 34 يىلدىن كېيىن گېرمانىيە ئۈستىدىن تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.نومۇرنى تېخى كىشىنىڭ تىلىنى چاكىلدىتىدىغان 5:1نەتىجىگە مىخلاپ قويدى.ئېنگلاند 5-توپنى ئۇرغان چاغدا كۆرۈش سۇپىسىدىكى گېرمانىيە مەستانىلىرى كەينى-كەينىدىن مەيداندىن ئايرىلدى.ئۇلار بىر تەرەپتىن تىللىسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدىكى تەگلىكنى يەرگە قاتتىق تاشلىشىپ ئايرىلدى.بۇ تېخى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋالغىنى ھېسابلىنىدۇ.ئەكسىچە،9نەپەر خوشلۇقى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئېنگلاند مەستانىسى ساقچىلار تەرىپىدىن تېخى مەيداندىن ئايرىلماستىنلا <<خەتەرلىك ئۇنسۇر>>دەپ قارىلىپ تۇتۇپ كېتىلگەن.
گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىككى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىزلىغان بولسىمۇ،ئىككى تەرەپ تۇتۇشقاندا بولىدىغان مەيدان ئىچى-سىرتىدىكى جىددىي كەيپىياتنى باشقا مۇسابىقىلەردىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.مەيدان سىرتىدىكى جەڭ باشتىن ئاخىر بۇ ئىككى دۆلەت مۇسابىقىسىدىكى <<ئەڭ ئېسىل نومۇرلار>> دىن بىرى ھېسابلىنىپ كەلدى.چۈنكى،ئېنگلاند ۋە گېرمانىيە مەستانىلىرىنىڭ نامى ھەقىقەتەن بەك پۇر كەتكەن.

مەنبە : بەيدۇ تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
دولانى + 50 نادىر تېما!!!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-2 15:41  

بۇ تېما ياخشى يېزىلىپتۇ، ئىشەنىچ بۇرادەرنىڭ يەنىمۇ ئىشەنىچلىك دەلىللەر ئارقىلىق ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئارگېنتىنا بىلەن ئېنگىلانىدنىڭ ئەڭ يادرۇلۇق ،مۇھىم سەۋەبى تىلغا ئېلىنمىغان، 1982-يىلى ئارگېنتىنا بىلەن ئەنگىلىيە ئىككى دۆلەت مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە كېلىشەلمەي ئۇرۇش پارتلايدۇ، ئەنگىلىيە زور ئىقتىسادىي ،ھەربىي ،پەن-تېخنىكا كۈچىگە تايىنىپ ئارگېنتىنانى يېڭىدۇ، ئارگېنتىنانىڭ بوسۇغۇسىدىكى بۇ ئاراللار قاراپ تۇرۇپ ئەنگىلىيەنىڭ بولۇپ كېتىدۇ، ساتچىر خانىم شۇ چاغدا مۇشۇ ئۇرۇش جەريانىدا ،شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنى ياخشىلاش جەريانىدا كەسكىن ،قاتتىق قول بولغاچقا ‹‹ تۆمۈر خوتۇن›› دېگەن سىياسى لەقەمگە ئىگە بولىدۇ.
1986-يىلى 13-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ،ئارگېنتىنادىن مارادونا ،ئېنگىلانىدتىن لىيىنكىر قاتارلىقلار بۇ مۇسابىقىدە داڭ چىقىرىدۇ،4كۈچلۈككە كىرىدىغان چاغدا بۇ ئىككى ئەشەددى رەقىبلەر چىملىق مەيداندا يەنە بىر مەيدان كەسكىن جەڭ قىلىدۇ،مۇسابىقىدە مارادونا ‹‹ پەرۋەردىگارنىڭ قولى›› ئارقىلىق ،شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ 5ئادىمىنى ئالداش ئارقىلىق ئېسىل ماھارەتلەرنى نامايان قىلىپ ئارگېنتىنانىڭ غەلىبىسىگە ئاساس سالىدۇ،لىيىنكىر بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ ئېنگىلانىد بۇ يېشىل چىملىق جەڭگاھتا مەغلۇب بولىدۇ، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئارگېنتىنا دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىدۇ، مارادونا ‹‹ دۆلەت قەھرىمانى›› سۈپىتىدە تەرپلىنىدۇ.
مېنىڭچە 4يىل بۇرۇن ئېنگىلانىد ئىس-تۈتەكلىك جەڭدە ئارگېنتىنانى مەغلۇب قىلغان بولسا ،4يىل ئۆتۈپ مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا ئىس-تۈتەكسىز جەڭدە ئېنگىلانىدنى مەغلۇب قىلدى. مانا بۇ پۇتبول بىلەن سىياسى ،ھەربىي ئىشلارنىڭ باغلىنىشى.مارادونانىڭ ئارگېنتىنادا شۇنچە چوڭ ئاتاققا ئىگە بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبمۇ ئۇنىڭ يالغۇز دۇنيا لوڭقىسىنى ئېلىشتىكى تۆھپىسى بولۇپلا قالماستىن  بەلكى ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ئېنگىلانىدنى مەغلۇب قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
شۇندىن كېيىن بۇ ئىككىسىنىڭ ئارال تالاش-تارتىشىمۇ تۈگەپ قالغىنى يوق،چىملىقتىكى كۈرىشىمۇ توختاپ قالغىنى يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-2 13:45  

مەن ئۇزۇندىن بېرى ئويلىنىۋاتقان ئىدىم بۇ تېمىنى...
  مەن "دېربىينىڭ سىرى" دەپ ماۋزۇ قويۇپ، دېربىينىڭ كېلىپ چىقىشى، سىز تۇرغۇزغان دېربىيلارنىڭ ھەقىقىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە قانلىق تارىخىنى قىستۇرماقچى ئىدىم.
دېربىيلار مىللەت، دىن، سىياسىي، زېمىن ماجراسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
مەھمودىيەنىڭ بۇ تىمىنى تەپسىلى كۆرۇشىنى قەتتى تەلەپ قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-2 18:21  

ئورۇن ………………………………
ئاۋۋال مۇشۇ «نادىر » تىمىنى روياپقا چىقارغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !

چۈشتىن ئاۋۋال بۇ تىمىڭىز نى ئوقۇپ ئەمدى بىر  ئىنكاس يازاي دىسەم  بىر ئىشىم چىقىپ قىلىپ شۇنىڭ بىلەن يوغان يەردىن ئورۇن ئىلىپ قويغان ئىدىم.

توغرا پۇتبۇل  پەقەت بىر  تەنھەركەتلا ئەمەس .
90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە پەقەت بىر توپ كىرگۈزۈش جەريانىلا ئەمەس .
ئىككى تەرەپتىكى ماھىرلار پەقەت نۇمۇر قويۋىلىپ شۇ يۇملاق توپنى تىپىدىغان ماھىرلا ئەمەس .
قىسقىسى پۇتبۇل ھەقىقەتەن ئىس تۈتەكسىز بىر جەڭ !

تىمىڭىز ھەقىقەتەن قالتىس تىما بولۇپتۇ !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
يەر
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
نادىر تېما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
6#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ئاساسلىقى ، سىياسىي ، مىللەت ، پارتىيە  قاتارلىق مەسىلىلەرگە تاقىشىدىكەن ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
7#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئىسپان بىلەن گوللاندىيەنىڭ قېپ قاپتۇ ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
8#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
قۇرالسىز  جەڭ مەيدانى دىسەك ھەرگز  ئارتۇق كەتمىگدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
9#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
شوجاڭ ئوبدان يېزىپلا ماۋۇ تېمىنى ، لىكىن ھە لىكىن  بىزنىڭ ئىسمىدىن تارتىپ  مەيدانلىرىغىچە  تالىشىپ چاچلىشىپ يۈرىەدىغان مىلان ، يەنە مىلان دىگەننى قوشۇل قويغان بولسىلا  كۆڭلۈم يېرىم بولماستى ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
10#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
نادىرلاشقا  تىگىشلىك .بوكا كوماندىسى  بىلەن  دەريا قېنى  كوماندىسىڭ مۇسابىقىسىمۇ  جەنۇبى  ئامىركىدا  تەسىر  كۇچى  بىر  قەدەر  چوڭ  بولغان  مۇسابەقىلەرنىڭ  بىرىغۇ  دەيمەن ،مادرىت  بىلەن  بارسىلونانىڭ  مۇسابىقىسى  پۇتبول  مەيدانىدىكى  رەقىپلەردىن  سىرىت  يۇقۇر  توۋەنلىك  مىللەتىنىڭ  شاش  شەرپى  ئۇچۇن  كۇرەش  قىلىش  دەرىجىسىگە بېرىپ  يىتىپتۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
11#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مۇساپىرلار ئەمەس سەرگەردانلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
12#
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بىر يەرى كەم قاپتۇ ئ‍ەنگىليە بىلەن ئ‍ارگىنتىنانىڭ ئ‍وتتۇرسىدىكى زىدديەتنىڭ كىلىپ چىقشىدا تالشىۋاتقان بىر  ئ‍ارال با شۇغۇ دەيمەن ئ‍ازراق ئ‍ىزدىنىپ شۇلارنى قوشۋەتكەن بولسىلىرى تاتلىق قوغۇن بىلەن يىڭى قومۇرغان ناننى بىر داسقانغا قويغاندەكلا ئ‍ىش بولتى ھىلمۇ تاتلىق قوغۇندىن بەش توتنى قويغاندەكلا ئ‍ىش قىپلا ھارمقغايلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-7 15:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش