ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8009 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرى؛
بۇ يىل يازدا قوشماق مادرېد ھەر ئىككىسى دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلىدۇ . ئىتالىيە ‹‹ كەچلىك پوچتا گىزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خانلىق مادرېدنىڭ ئىككى رەقىبى ئېنىق بولدى ، ئۇلار بولسا AC مىلان ۋە ئىنتېر مىلاندىن ئىبارەت .
بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئېنىق ئورنى تېخى نامەلۇم ، بىراق بۇ يىل 7-ئايدا ئوينىلىدىغانلىقى ئېنىق . ئامرىكا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان جامېس رودرگىز ، مارسېلو ۋە دانىلودىن باشقا مادرېد كۇماندا ئەزالىرى دۆلىتىمىزگە كىلىدۇ .
دۆلىتىمىز توپخۇمارلىرى ئارسىدا مادرېد ۋە قوشماق مىلانلارنىڭ نۇرغۇن مەستانىلىرى بار . سامان يۇلى جەڭ كىمىسى دەۋرىدىن باشلاپلا مادرېد جوڭگۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلىپ قىلغان ئىدى . قوشماق مىلانلار گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاجىزلاپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق ئىتالىيە بىرلەشمىسى يەتتە ئاچا-سىڭىل دەۋرىدىن باشلاپلا دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن مەستانىلىرى بولغان ئىدى . مادرېد بىلەن قوشماق مىلانلارنىڭ جېڭى دۆلىتىمىزدە چۇقۇم زور ئالقىشقا ئىرىشىدۇ .
مەنبە : http://sports.163.com/15/0402/09/AM6GJI8V00051C8V.html
|
|