ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2314 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-1 23:43
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر!
مۇنبەر لاھىيەسى بۇيىچە ئالىي ئەزالار ۋە لۈكچەك ئەزالار يوقلىمىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىنكى يوقلىما تىمىسى ھەر ئاينىڭ 1-كۈنى يوللىنىپ 15 كۈن يۇرۇتۇپ، چۇقۇلىنىپ ئالىي ئەزا ۋە لۈكچەك ئەزالارنىڭ يوقلىمىغا قاتنىشىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بىرىلىدۇ.
كەڭ ئالىي ئەزالار ۋە لۈكچەك ئەزالارنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئاڭلىقلىق بىلەن يوقلىمىدىن ئۈتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!
ئەسكەرتىش: بۇنىڭدىن كىيىن ھەر ئايدا لۈكچەك ئەزا ۋە ئالىي ئەزالار يوقلىمىسى يوللىنىدۇ. يوقلىما ۋاقتى 15 كۈن قىلىپ بىكىتىلىدۇ. يوقلىمىغا قاتنىشى ئەھۋالى سىتاستىكا قىلىنىپ ئۇقتۇرۇش قىلىنىش بىلەن بىرگە قېتىم سانىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشەش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. بىر قېتىم قاتناشمىسا ئەسكەرتىش بىرىلىدۇ. ئىككى قېتىم قاتناشمىسا مىداللىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئۈچ قېتىم قاتناشمىسا دەرىجىسى بىۋاستە تەڭشىلىدۇ. شۇنداقلا تورى مۇقىم، دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان، ئەخلاقى ياخشى، مۇنبەردە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە، نادىر تىمىلىرى، تىتىملىق ئىنكاسلىرى بىلەن مۇنبەر مۇھىتىنى جانلاندۇرىۋاتقان ياش نوتىلار تاللىنىپ ئورنىغا تۇلۇقلىنىدۇ.
بوش قالدۇرۇلغىنى يوقلىمىغا قاتناشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ‹‹ H ›› بەلگىسى قۇيۇلغىنى يوقلىمىغا قاتناشمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇۋاي يىڭىدىن ئالىي ئەزالىققا ئۆستۈرۈلدى. شۇڭا ئالدىنقى ئايدىمۇ بار دەپ ھىساپ قىلىندى. ( مۇنبەرداشلار ھەممىسى بىلىدۇ ) يىڭى يېزىقتىكى ئارچا، ھەسرەت، رۇسلان قاتارلىق ئەزالار مۇشۇ ئايدا يىڭى تىما يازغان. بىراق يوقلىمىغا قاتناشمىغان. يوقلىما تىمىسىنى كۆرمىگەن دەپ قارىلىپ ئۇلارنىمۇ ئالدىنقى ئايدا يوقلىمىغا قاتناشقان دەپ ھىساپ قىلىندى.
يوقلىما نەتىجىسى كىيىنكى ئاينىڭ بىرىنجى كۈنى يوقلىما تىمىسىدا ئاشكارلىنىدۇ. |
|