elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1544|ئىنكاس: 99
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تىرېنېرلار ماكانى ــ ئىتالىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-2 10:56  

   تىرېنېر بىر دۆلەتنىڭ پۇتبول تەرەققىياتىنى، پۇتبول سەۋىيەسىنى، دۆلەت كوماندىسى ۋە كۇلۇبلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى. ئىتالىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، بىرازىلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تىرېنېرلار قوشۇنىڭ سۈپەتلىك ۋە زور بولۇشى سەۋەبلىك تارىختىن بۇيان تىرېنېرلار ئەڭ كۆپ چىقىدىغان دۆلەتلەر بولۇپ كەلمەكتە.
   يىراقنى قويۇپ، 90 – يىللاردىن بۇيانقى دۇنيا پوتبول سەھنىسىگە قارايدىغان بولساق، ئىتالىيە تىرېنېرلىرىنىڭ ياۋروپا پۇتبولىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك سىيمالىرىنى بايقايمىز.

  بۈگۈن مەن زەردارلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، شان – شەرەپكە ئېرىشىش، چەتئەلگە تەكلىپ قىلىنىشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئۈچ ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ، ئىتالىيەنىڭ «تىرېنېرلارنىڭ ماكانى» دېگەن نامىنى ئىسپاتلاپ چىقىمەن.
1. دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندىكى تىرېنېر ئاررىگو ساچى.
ساچى مىلان ۋە مادرىد مەستانىلىرىگە بەكلا تونۇش. ئۇ ئىلگىرى پارما كۇلۇبىنى يېتەكلىگەن. 1987 – يىلىدىن 1991 – يىلىغىچە مىلاننى يېتەكلەپ، ئىككى قېتىم ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى شانۇ – شاۋكەتلىك مىلان خاندانلىقىنى تىكلىگەن. 1991 – يىلىدىن 1996 – يىلىغىچە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلىگەن ۋە 1994 – يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا ئىككىنچى بولغان. 2004 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە رېئال مادرىدنىڭ تېخنىكا نازارەتچىسى بولغان. ئۇ ئىتالىيەنىڭ پۇتبول سىستېمىسى، پۇتبول ئاخباراتچىلىقى ۋە پۇتبول ئىسلاھاتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئەنچېلوتى دەل ئۇنىڭ بىر قوللۇق تەبىيەلىگەن شاگىرتىدۇر. ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسىنى 55 يىل باھالىغان دۇنياۋىي نوپۇزلۇق فىرانسىيە «پۇتبول» ژۇرنىلى 2013 – يىلى دۇنيادىكى ئەڭ نادىر 100 تىرېنېرنى باھالىغاندا ساچى فورگېسىننى يېڭىپ بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.




2. «كۈمۈشرەڭ تۈلكە» لىپى.
لىپىمۇ مۇنبەرداشلارغا ناتونۇش ئەمەس. مارسېلو لىپى سامپىدورىيە، چېسېنا، ناپلېس قاتارلىق نۇرغۇن كۇلۇبلارغا تىرېنېرلق قىلغان بولۇپ، 1994 – يىلى يۇۋېنتۇسقا كېلىپ ئۆزىنىڭ شانلىق رىۋايىتىنى ياراتقان. ئۇ يۇۋېنتۇستا بەش قېتىم بىرلەشمە لوڭقىنى، بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. ئېنتىر مىلاندىمۇ ئىككى يىل تىرېنېرلىق قىلغان. 2006 – يىلى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلەپ دۇنيا چېمپىيونى بولغان. 2013 – يىلى گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىنى يېتەكلەپ، ئاسىيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو پۇتبول سەھنىسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن.



3 . ھاياجان بوۋاي تېراپاتونى.
تېراپاتونى ئىتالىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان تىرېنېردۇر. ئۇ 1977 – يىلىدىن 1989 – يىلىغىچە يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى يېتەكلەپ 7 قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى، بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى، بايرېن مىيۇنخېننى يېتەكلەپ گېرمانىيە بىرلەشمىسى ۋە گېرمانىيە لوڭقىسىنى، بېنفىكانى يېتەكلەپ پورتۇگالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى، سالسىزبۇرگنى يېتەكلەپ ئاۋىستىرىيە بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېنتىر مىلان، فىلورېنسىيە، بېيجىڭ گوئەن قاتارلىق كۇلۇبلارغا، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە ئېرلاندىيە دۆلەت كوماندىسىغا تىرېنېر بولغان.



4. دادا مالدىنى-- سېسار مالدىنى.
    سېسسار مالدىنىنىڭ تېرنىرلىق ھاياتى ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولغان. ئەڭ چوڭ مۇۋاپپىقىيىتى بولسا 1982-يىلى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ ياردەمچى تېرنىر سالاھىيتىدە دۇنيا چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن. ئۇ تېرنىرلىق ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىنى بىر قاتار كىچىك كۇلۇپلارنى تۇتۇشتىن باشلىغان. كېيىن ئىتالىيە U21 دۆلەت ياشلار كوماندىسىنى ئۇزۇن مەزگىل يېتەكلەپ 1992-يىلى، 1994-يىلى ۋە 1996-يىلى جەمئىي 3 قېتىم دۇنيا ياشلار لوڭقىسى چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1996-يىلى بولسا ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ قامچىسىنى رەسمىي قولىغا ئالغان. ئۇنىڭ جەڭ تاكتىكىسى مۇداپىيەنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كوماندىنىڭ توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى شۇ سەۋەپتىن تۆۋەن، ئاساسەن 1:0 نەتىنجە بىلەن مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇ تېرنىرلىق قىلغان ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ دائىملىق جەڭ نەتىنجىسىگە ئايلانغان. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىلىرىدە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 0:0 نەتىنجە بىلەن تەڭلىشىشى ناھايتى كۆپ بولغان. 1998-يىلىدىكى فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا مۇداپىيەنى ئاساس قىلغان ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تاكتىكىسىدا يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىغان، نەتىنجىدە چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ساھىبىخان دۆلەت فىرانسىيە بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ نۇقتا توپ جېڭىدە فىرانسىيە تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىلگەن. كەينىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. 2001-يىلغا كەلگەندە كولۇمبىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنىرلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان، ئەمما پەقەت بىر يىل تۇرۇپلا ئايرىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنى ئۇزۇن مەزگىل AC مىلان كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش بىلەن ئۆتكۈزگەن.




5. تۆمۈر مىجەز كاپېلو.
كاپېلومۇ مىلان ۋە رېئال مادرىد مەستانىلىرى پىششىق بىلىدىغان تىرېنېرلارنىڭ بىرى. ئۇ 1987 – يىلىدىن باشلاپ مىلاننىڭ ياشلار كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلغان. 1991 – يىلدىن كېيىن ساچىنىڭ ئورنىغا مىلانغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ مىلاننى يېتەكلەپ ئۇدا ئۈچ پەسىل بىرلەشمە لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 58 مەيدان ئۇدا يېڭىلمەسلىكتەك ئالەمشۇمۇل نەتىجىنى ياراتقان. 1994 – يىلى بارسېلونانى 4 دە 0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىلگىرى - كېيىن رېئال مادرىد، يۇۋېنتۇس، رىم قاتارلىق كوماندىلارنى يېتەكلەپ بىرلەشمە لوڭقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 2007 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە ئىنگىلاند كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى، 2012 – يىلىدىن بۇيان رۇسىيە كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى بولۇپ كەلمەكتە.




6. «قازان يامىغۇچى» رانىرى.
رانىرې ئىتالىيە تىرېنرلىرى ئىچىدە سەرگۈزەشتىسى بىرقەدەر كۆپرەك تىرېنېردۇر. ئۇ داۋاملىق دېگۈدەك بىرەر كۇلۇب تىرېنېرىنى ئىشتىن تۇيۇقسىز بوشۇتۇۋەتسە، دەرھال ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلايدىغان بولغاچقا «قازان يامايدىغان» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ يېتەكچىلىك قىلغان كۇلۇبلىرىغا قاراپ بېقىڭلار:
كالىيالى، ناپلېس، فىلورېنسىيە، ۋالۇنسىيا، مادرىد رىقابەت، چېلسى، ۋالۇنسىيا، پارما، يۇۋېنتۇس، رىم، ئېنتىر مىلان، موناكو.
   پاھ، قايسى تىرېنېر ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇنداق جىق داڭلىق كوماندىلارنى تۇتۇپ باققان؟؟




   7. ئېغىر – بېسىق زاچېرونى.
  زاچېرونى ئىتالىيە تىرېنېرلىرى ئىچىدىكى مىجەزى بىر قەدەر ئېغىر، توپچىلار بىلەن بولغان زىددىيىتى ئاز تىرېنېردۇر. ئۇ ئۇدىنېستا داڭق قازىنىپ، مىلاندا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنتېر مىلاندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، تۇرىندا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، يۇۋېنتۇستا 4 ئايلا تۇرۇپ، 2010 – يىلىدىن 2014 – يىلى 7 – ئايغىچە ياپونىيە دۆلەت كوماندسىنى تۇتقان. 2011 – يىلى ياپونىيە دۆلەت كوماندىسىنى ئاسىيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرگەن.



8 . مىلان بايراقدارى ئەنچېلوتى.
ئەنچېلوتى ئىتالىيەنىڭ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى ۋەكىل خاراكتېرلىك تىرېنېرلىرىنىڭ بىرى، ئۇ يەنە مۇشۇ تىزىملىكتىكى بىرىنچى شەخس ساچىنىڭ ئامراق شاگىرتى. ئۇ ئىتالىيە، ئىنگىلاند، ئىسپانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق داڭلىق بىرلەشمىنىڭ ھەممىسىدە تۇرۇپ باققان بولۇپ، يېتەكچىلىك قىلغان كوماندىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى بىرلەشمىنىڭ، ياكى ئۇزغۇنلۇقنىڭ ساھىبى قىلىپ باققان.
ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ رېيگىنا، پارما ۋە يۇۋېنتۇسقا يېتەكچىلىك قىلىپ بارا – بارا داڭق قازانغان. 2001 – يىلى مىلانغا يۆتكىلىپ، مىلاننى ئۇزغۇنلۇقتا 2003 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە تۆت قېتىم تۆت كۈچلۈككە، ئۈچ قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئەكىرىپ، ئىككى قېتىم چېمپىيون قىلغان. بىر قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمسىنى قولغا كەلتۈرگەن. چېلسىغا يۆتكەلگەندىن كېيىنمۇ بىرلەشمە ۋە ئۇيۇشما لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. پارىژدىمۇ قوش لوڭقا ئالغان. مادرىدقا كەلگەن تۇنجى پەسىلدە ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.



9. ھۇجۇمچى تىرېنېر مەنچىنى.

  مەنچىنىنىڭ پۇتبولچى ۋاقتى ماڭا تولىمۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ سامپىدورىيە كوماندىسىدا لومباردو بىلەن بىرگە غەلىبىسىنى تەبرىكلەۋاتقان كۆرۈنۈشى ھېلىمۇ يادىمدا. ئۇ تولىمۇ كۆپ قىرلىق ھۇجۇمچى ئىدى. يەنى ئىتالىيە تىرېنېرلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ قاتىل ھۇجۇمچى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، فىلورېنسىيە، لازىئو، ئېنتىر مىلان، مانچېستېر شەھىرى، گالاتا ساراي قاتارلىق كۇلۇبلارغا تىرېنېرلىق قىلغان. ئېنتىرمىلاندا ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، مانچېستىېر شەھىرىدىمۇ مانچېستىر شەھىرىنىڭ 1976 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم چېمپىيونلۇقى بولغان ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىر كونا ئۆيى ئېنتىر مىلاندا.



10. دەرىجە ئاتلىتىش مۇتەخەسىسى پىراندېلى.

  پىراندېلىنىڭ دەرىجە ئۆستۈرۈش مۇتەخەسىسى دەپ نامى بار. سەۋەبى: ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئاتلانتا، ۋىرونا، ۋېنىتسىيە، لەيچې قاتارلىق ئاجىز كوماندىلارنى قىسقا ۋاقىتتىلا ب دەرىجىلىكتىن ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىلەرگە چىقارغانىدى. پارمانى بىر مەزگىل ياخشى يېتەكلىگەن. ئۇ 2004 – يىلى رىمغا تىرېنېر بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي خوتۇنى قازا قىلغاچقا ئىستېپا بەرگەنىدى. 2005 – يىلىدىن باشلاپ فىلورېنسىيە كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، فىلورېنسىيەنى كۆپ قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلغان. 2010 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلىگەن ۋە 2012 – يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقسىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشتۈرگەن. 2014 – يىلى گالاتا ساراي كۇلۇبىغا تىرېنېر بولغان ۋە بۇ يىل قالدۇرۇلغان.



11. يۇۋېنتۇس پەخرى كونتى.

   ]كونتىنىڭ 2000 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا تۈركىيە موللاقچىلاپ كىرگۈزگەن چىرايلىق توپى بەلكىم ئېسىڭلاردىدۇ. بۇ يۇۋېنتۇس تەنھەرىكەتچىسى چېكىنگەندىن كېيىن بارى، سىيېنا، ئاتلانتا قاتارلىق كۇلۇبلارنى تۇتۇپ چېنىققاندىن كېيىن 2011 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئۇدا ئۈچ قېتىم بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 2014 – يىلى 7 – ئايدىن ئېتىبارەن ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرېنېرلىقىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.



12. نامى يامان ئالەيگىرى.

   ئالەيگىرى كونتى بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ئىتالىيە تىرېنېرلىرىنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئالگىرئانىس، گىروسېتو، ساسۇرو، كالىگيارى قاتارلىق كۇلۇبلاردا چېنىققان. 2011 – يىلى مىلانغا كەلگەندىن كېيىن تۇنجى پەسىلدىلا ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 2014 – يىلىدىن بۇيان يۇۋېنتۇسنىڭ تىرېنرلىقىغا تەيىنلەنگەن. يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ يىل چېمپىيون بولۇشى ئاساسەن مۇقىمدىلىپ بولدى، ئۇزغۇنلۇقتىمۇ دورتموندتنى قىرغىن قىلىپ، 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىردى. ئالەيگىرى مىلان مەستانىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئاجىز ئەمەس، مىلاننىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.



13. تەلەيلىك دىماتىئو.

   چېلسى 2012 – يىلى تارىخىدىكى تۇنجى ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئۇزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن تىرېنېر كىم؟ ئىتالىيەلىك دىماتىئو! دەرۋەقە، دىماتىئو بوئاسقا ئالمىشىپ يېرىم يولدا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ پەسىلدىكى ئىپادىسىغا كىممۇ كۆز يۇمالايدۇ؟ يېرىم يولدا ئالمىشىپ چىققان سەۋەبلىك ئۇتۇق ئۇنىڭ بولمامدۇ؟ 4 يىل مۇقەددەمقى سىدېنكىرمۇ يېرىم يولدا ئالمىشىپ چىققانىدى، لېكىن بارسېلونادىن ئۆتەلمىگەنىدى. دىماتىئو ناپلېسنىڭ، بېنفىكانىڭ، بارسېلونانىڭ ۋە بايرېننىڭ سىنىقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ چېلسىنىڭ يېڭى تارىخىنى ياراتتى. ئۇ يەنە ئاشۇ يىلدىكى ئۇيۇشما لوڭقىسىنىمۇ قولغا كەلتۈردى. 2013 – يىلى گەرچە تەختتىن چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چېلسى ئۈچۈن ئېرىشكەن ئاشۇ مۇھىم نەتىجىلىرى ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ. ئۇ ھازىر گېرمانىيەنىڭ شالكې كۇلۇبىغا تىرېنېرلىق قىلىۋاتىدۇ.




   ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، دونادونى، ماجارى، سىپالەيتى، سىترىماچىيونى، جاسپېرىنى، ئىنزاگى، مونتىلا قاتارلىق ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى، ئىنتېرمىلان، ناپلېس، پارما، ئۇدىنېس، مىلان، فىلورېنسىيە قاتارلىق داڭلىق كوماندىلارنى يېتەكلىگەن ياش قوشۇنمۇ بار.


    سىپالەيتى




    سىترىماچىيونى




   جاسپېرىنى




  دونادونى





  ماجارى





    ئىنزاگى




مونتىلا


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10مۇنبەر پۇلى +500 يىغىش سەۋەبى
ئىز731 + 50 قالتىس!
ejatkar + 50 قالتىس!
ھەمراھ + 50 ئىسىل يازما !
ئايقۇت + 50 قالتىس!
missi2 + 50 قالتىس!
بېرنابۇ + 50 قالتىس!
دولانى + 50 قالتىس!
بوۋاي + 50 قالتىس!
alhan + 50 قالتىس!
laqin1 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-3-28 22:06:29 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئىككىنچىدىن ئەينى چاغدا كىچىك دۇنيا لوڭقىسى دەپ ئاتالغان مەزگىللەردە دۇنياۋى قاتىل ھۇجۇمچىلارنىڭ بۇ بىرلەشمىگە يىغىلىشى ھەر قايسى كوماندىلاردىكى  مۇداپىئەچىلەرنىڭ شەخسى سەۋىيىسىنىڭ ۋە مۇداپىئە تاكتىكىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۆلەت كوماندىسى ۋە ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلەردە پولاتتەك مۇداپىئەسى بىلەن باشقىلارنى  يۇقارقىدەك قاراشقا كەلتۈرگەن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-3-28 22:02:20 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار مۇداپىئەنى ئاساس قىلىدۇ دىگەن گەپ مىنىڭ كاللامدىن قەتئى ئۆتمەيدۇ ، مىنىڭچە باشقىلارنى بۇنداق تۇيغۇغا ئەپكىلىپ قويۇشىدىكى بىرىنچى سەۋەپ مۇسابىقە رىتىمىنىڭ باشقا بىرلەشمىلەرگە نىسبەتەن ئاسىتىراق، ئوتتۇرا مەيداندىكى تەشكىللىك ھۇجۇم ۋە  قارشىلىش كۆپرەك بولغاچقا  ھېلى ئۇياق ھېلى بۇياققا بولۇپ تۇرىدىغان شەمەردەك  قايتۇرما ھۇجۇملارنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغان ئادەملەرنى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە چەكلەنگەن رايۇنغا بۆسۈپ كىرمەك بەك تەس دىگەن قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ قويغاندەك… ئەمما ئىتالىيەدىن قالتىس مۇداپىئەچى ۋە قاپقىچىلارنىڭ كۆپ چىقىدىغىنى ھەقىقەت …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-3-28 21:55:09 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-28 22:00  

سېسسار مالدىنى پۇتبولچىلىق ھاياتىدا 1963-يىلى AC مىلان كوماندىسىنىڭ كاپىتانلىق سالاھىيتىدە كوماندىنى باشلاپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچىغا بۆسۈپ كىرگەن ۋە پورتۇگالىيە كۈچلۈك زەردارى بېنفىكا كوماندىسىنى يېڭىپ تارىختىكى يوغان قۇلاقنى كۆتۈرگەن تۇنجى ئىتالىيلىك بولۇپ قالغان. 1954-يىلىدىن باشلاپ مىلاندا توپ تەپكەن 11 يىللىق ھاياتىدا AC مىلان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئىي 347 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. 1963-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا 4 قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن.

سېسسار مالدىنىنىڭ تېرنىرلىق ھاياتى ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولغان. ئەڭ چوڭ مۇۋاپپىقىيىتى بولسا 1982-يىلى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ ياردەمچى تېرنىر سالاھىيتىدە دۇنيا چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن. ئۇ تېرنىرلىق ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىنى بىر قاتار كىچىك كۇلۇپلارنى تۇتۇشتىن باشلىغان. كېيىن ئىتالىيە U21 دۆلەت ياشلار كوماندىسىنى ئۇزۇن مەزگىل يېتەكلەپ 1992-يىلى، 1994-يىلى ۋە 1996-يىلى جەمئىي 3 قېتىم دۇنيا ياشلار لوڭقىسى چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1996-يىلى بولسا ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ قامچىسىنى رەسمىي قولىغا ئالغان. ئۇنىڭ جەڭ تاكتىكىسى مۇداپىيەنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كوماندىنىڭ توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى شۇ سەۋەپتىن تۆۋەن، ئاساسەن 1:0 نەتىنجە بىلەن مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇ تېرنىرلىق قىلغان ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ دائىملىق جەڭ نەتىنجىسىگە ئايلانغان. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىلىرىدە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 0:0 نەتىنجە بىلەن تەڭلىشىشى ناھايتى كۆپ بولغان. 1998-يىلىدىكى فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا مۇداپىيەنى ئاساس قىلغان ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تاكتىكىسىدا يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىغان، نەتىنجىدە چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ساھىبىخان دۆلەت فىرانسىيە بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ نۇقتا توپ جېڭىدە چېمپىيۇن كوماندا فىرانسىيە تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىلگەن. كەينىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. 2001-يىلغا كەلگەندە كولۇمبىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنىرلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان، ئەمما پەقەت بىر يىل تۇرۇپلا ئايرىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنى ئۇزۇن مەزگىل AC مىلان كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش بىلەن ئۆتكۈزگەن.




پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
تەۋسىيىلەش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-28 21:45:51 | ئايرىم كۆرۈش
كۆسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-3-28 21:37
ئىتالىيەدەك مۇداپىيەنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغان بىر دۆ ...

دېمەك، دۇنيادا پەقەت ئىتالىيەلا مۇداپىيە ئوينايدىكەندە...
  مەن بۇنى تولىمۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش دەپ ئويلىدىم. چۈنكى، يۇقىرىقى 20 دەك تىرېنېر ئىتالىيە، ئىنگىلاند، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، پورتۇگالىيە، گېرمانىيە، ئاۋىستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زەردالىرىغا باش بوپتىكەن، ھەتتا ئىنگىلاند، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەت كوماندىلىرىغا بولغانلارمۇ بار. ئەمما يۇقىرىقى ئىسىمى ئاتالغان دۆلەتلەردىن يۇقىرىقىدەك ھالەتنى كۆپ قېتىم قايتىلىغانلىرىنى تازا ئۇچرىتالمىدىم. سىز ئالدى بىلەن مۇشۇ تىرېنېرلار قوشۇنىنى خالىغان بىر دۆلەتنىڭ تىرېنېرلار قوشۇنى بىلەن سېلىشتۇرۇڭ، نېمىنى ھېس قىلىسىزكىن... ھە راست، بۇ تېخى 90 - يىللارنىڭ ماۋۇ تەرىپىدە كۆپرەك دەۋر سۈرگەنلەر، بەك ئالدىغا كەتسەم ۋە بەك يېقىننى دەپ تۇرىۋالسام 100 چە چىقىدىغان ئوخشايدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-3-28 19:22:44 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بولاپتۇ. ئىتالىيە كوماندىسنىڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرشىشىنى مۇشۇ تىرنىرلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
بولسا قىرىنداشلار، ئۇرۇش-جىدەل بار تىمىلاردا ئۇرشۇپ  تللىشىۋەرمەي، مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارغا ياخشى ئىنكاس  يىزىپ،  ياخشى باھالارنى بىرىپ، تىما يازغۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تىخىمۇ ياخشى تىمىلارنى يىزىشقا ئىلھاملاندۇرايلى!
ياۋرۇ بىلەن مۇكاپاتلاي دىسەم، قانداق مۇكاپاتلايدۇ؟ بىلمەيدىكەنمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: 2015-3-28 18:50:32 | ئايرىم كۆرۈش
كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم . ئىتالىيە پۇتبولنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقارغان دەپ ئويلايمەن ، تېرىنىر ،  تاكتىكا ،  سەپ شەكىللىرى قاتارلىقلار .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-3-28 18:58:47 | ئايرىم كۆرۈش
پاھ قالتىس يېزىپسىز ماۋۇ تېمىنى ، كۈندە مۇنبەردە بار تۇرۇپ جىممىدە  يۈرسەڭلار بۇ ئادەم چوقۇم چوڭراق بىر تېمغا تۇتۇش قىلىۋېتىپتۇ ، بولمىسا بۇنداق جىم يۈردىغان كىشى ئەمەستى دەپ ئويلىغان زادى  .  دېگىنىمدەك چىقىپتۇ  . دېمىسىمۇ ئىتالىيە ھەقىقەتەنمۇ تېرنىرلارنىڭ ماكانى ... سەمىمى تەكلىپ بولسا موشۇلارنىڭ قانچە قېتىم يوغان قۇلاقنى كۆتۈرگەنلىكىنڭ ھېساۋاتىنى چىقىرىپ يېزىپ قويغان بولساڭلا تېخىمۇ مۇكەممەل پوچى تۇردىكەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
يەر
ۋاقتى: 2015-3-28 18:59:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئېسپاتلار يىتەرلىك  بولدى .

ئاۋۇ  شاباننىڭ  ئېتالىيەلىك  ئېكەنلىگىنى  بىلمەيدىكەنمەن   بۇگۇن  بىلۋالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-28 19:01:40 | ئايرىم كۆرۈش
بوۋاي يوللىغان ۋاقتى  2015-3-28 18:58
پاھ قالتىس يېزىپسىز ماۋۇ تېمىنى ، كۈندە مۇنبەردە بار ت ...

بۇلار جەمئىي 9 قېتىم يوغان قۇلاققا مۇۋەپپەق بوپتۇ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
c.ronaldo123 + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
6#
ۋاقتى: 2015-3-28 19:03:05 | ئايرىم كۆرۈش
تىما ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ لىكىن بىر ئادەم  كەم قالغاندەك  ئۆزەمچە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-28 19:03:51 | ئايرىم كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-3-28 18:59
ئېسپاتلار يىتەرلىك  بولدى .

ئاۋۇ  شاباننىڭ  ئېتالىي ...

  قايسى شابان ئۇ ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-28 19:04:03 | ئايرىم كۆرۈش
alhan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-28 19:03
تىما ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ لىكىن بىر ئادەم  كەم قالغا ...

  مەسىلەن؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
9#
ۋاقتى: 2015-3-28 19:05:53 | ئايرىم كۆرۈش

ئالەيگىرى   سىزچە  شابانغا  ئوخشامامدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
10#
ۋاقتى: 2015-3-28 19:06:03 | ئايرىم كۆرۈش

مەسلەن  شىنجاڭ قەشقەر خانجاي كوماندىسىنڭ  قابىل تىرنىرى  ئابلەتجان ياسىن ئەپەندۇم ...
  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
11#
ۋاقتى: 2015-3-28 19:07:12 | ئايرىم كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-3-28 19:05
ئالەيگىرى   سىزچە  شابانغا  ئوخشامامدا

ھا ھا ھا نىمە دەيدىغاندۇ دەپتىمەن شابان دىسە ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
12#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-28 19:08:07 | ئايرىم كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-3-28 19:05
ئالەيگىرى   سىزچە  شابانغا  ئوخشامامدا

پاھ، سىلى بۇنى بىلمىسىلىرى ئاۋۇ يىگىت بېشى دېگەن ئىسىمنىڭ ئالدىغا كاندىدات دېگەن گەپنى قېتىپ قوياي جۇما... ئالەيگىرى دېگەن ئىسىمنىڭ ئۆزىلا تىپىك، تىپتىپىك ئىتالىيانچە ئىسىم جۇما قارىكا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-7 15:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش