elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1469|ئىنكاس: 102
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چولپان يېتىشتۈرۈش بېرىگادىلىرىغا نەزەر ( تۇلۇقلاندى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-6 19:08  

بىر كوماندا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا پۇتبولچى تەربىيەلەش ناھايىتى مۇھىم. بىر كوماندىدىكى بارلىق توپچىنى باشقا كۇلۇپتىن سېتىۋېلىپلا ئىشلىتىش كۇلۇپنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىغا زور تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇتبولچى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇش بولسا كۇلۇپقا ئىقتىسادنى تېجەيدىغان ھەم كوماندىنىڭ توپچىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردىغان ئەڭ ياخشى تەدبىردۇر. دۇنيادا كۆپلىگەن پۇتبولچى تەربىيەلەش بازىلىرى بار. ياۋروپادىكى پۇتبولچى تەربىيلەش بازىلىرى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبولچى تەربىيلەش بازىلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. قېنى ئەمسە تۆۋەندە شۇ ئەڭ داڭلىق پۇتبولچى تەربىيلەش بازىلىرى بىلەن بىر تونۇشۇپ چىقايلى.




ئاجاكىس ياشلار تەربىيلەش بازىسى
ئاجاكىس تىلغا ئېلىنسا تەبىئىي ھالدا كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغىنى دۇنياغا يۈكسەك تەسىر كۆرسەتكەن گوللاندىيە پۇتبولچىلىقىدۇر. 70-يىللاردىكى گوللاندىيە پۇتبولچىلىقى بولۇپمۇ گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى ئاجاكىس قاتارلىق ياۋروپا كونا زەردارلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا مەيلى گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى ياكى ئاجاكىس كوماندىسىنى شۇ ئۇتۇقلارغا، ئاشۇ شۆھرەتلەرگە ئېرىشتۈرگەن قەھرىمانلار پۇتبول دۆلىتىدىن كەلگەن سامباچىلارمۇ ئەمەس، پامپاس يايلىقىنىڭ ئەركىلىرىمۇ ئەمەس. ئۇلار دەل گوللاندىيە زېمىنىدا چوڭ بولغان، ئاجاكىس ياشلار تەربىيلەش مەركىزىدىن يېتىشىپ چىققان چەۋەندازلاردۇر.
گوللاندىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ كارتىنىسى بولغان ئاجاكىس كوماندىسى 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە ياۋروپانىڭ سەركىلىك ئورنىغا چىققان بولۇپ،ئۇنىڭ ياشلار تەربىيلەش سېستىمىسى بۇنىڭدا چوڭ رول ئوينىغان ئىدى. شۇنداقلا كۈركۈم گۈلى قوشۇنىغا ئۈزلۈكسىز دۇنياۋى چولپانلارنى يېتىشتۈرۈپ تۇرغان. كىرۇيىف، ۋان باستىن، بېرىگكامپ، رىجكارد... بۇ دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە پەرۋاز قىلغان گوللاندىيەلىكلەرنىڭ ئوخشاشلىقى شۇكى، ئۇلار بىر باغنىڭ مېۋىلىرى، يەنى ئاجاكىس ياشلار تەربىيلەش بازىسىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.
ئاجاكىس ياشلار تەربىيلەش بازىسى گوللاندىيە پايتەختى ئامىسردام شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇپ قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاجاكىس كوماندىسىنىڭ ساھىپخان مەيدانى بولغان ئامىستىردام پۇتبول مەيدانى بىلەن بولغان ئارىلىقى 600 مېتىر كېلىدۇ. De Toekomst دېگەن نامنى قوللانغان بولۇپ، بۇ ئىسىم گوللاندىيە يەرلىك تىلىدا «كەلگۈسى» دېگەندىن ئىبارەت. ئاجاكىس ياشلار تەربىيلەش بازىسى چوڭ-كىچىكلىكى ھەرخىل بولغان 9 مەشىق مەيدانى، يىغىن زالى، ئىشخانا، چېنىقىش ئۆيى، شۇنداقلا گوللاندىيەدىكى تەنتەربىيە مەكتەپلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاشخانا قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. ئاجاكىس كوماندىسىنىڭ سىرتتىن توپچى كىرگۈزىشى باشقا زەردارلارغا قارىغاندا ئاز بولۇپ،ھازىرغىچە توپچىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ كۆپىنچىسىنى يەنىلا ئاجاكىس تەربىيلەش بازىسى قامداپ كەلمەكتە. ئاجاكىس ياشلار كوماندىسىنىڭ مەشىق شەكلىمۇ ئاجاكىس بىرىنجى سەپ كوماندىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغاچقا،بۇ يەردىن بىرىنجى سەپ كوماندىغا چىققان توپچىلارمۇ ناھايىتى تېزلا كوماندىنىڭ تاكتىكىسىغا ماسلىشالايدۇ،شۇنداقلا دۆلەت كوماندىسىغىمۇ ئاسانلا سىڭىشىپ كېتەلەيدۇ.


تۆۋەندە ئاجاكىس توكموست ياشلار بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى چولپانلارنى قايتىدىن بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى:

جون كىرۇيىف


ماركو ۋان باستىن


فىرانىك رىجكارد
  


داننىس بېرىگكامپ


پاتىرىك كىلۇيۋېرىت


رونالىد دېبور


فىرانىك دېبور


كىلارىنىس سېدروف


ئېدىگار داۋدىس


ۋېسلىي سنېيدىر


ۋان دىرۋات


ۋان دېسار





                                                                    
..........................................................................................................................................................................
                           
بارسېلونا لاماسىيا ياشلار تەربىيلەش بازىسى

بارسېلونا ۋە ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرى تىلغا ئېلىنسا ئېنىقكى لاماسىيا ياشلار تەربىيلەش بازىسىنى ئەسكە ئېلىشىمىز مۇمكىن. بارسېلونانىڭ ئالەم كوماندىسىغا ئايلىنىشى، ئالتە شاھلىق... بۇ زور شان شەرەپلەرنىڭ باش پېرسۇناژلىرى بولغان مېسسى،شاۋى، ئىنىستا،پۇيول، فابرىگاس قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ يەردە تەربىيلىنىپ يېتىشىپ چىققان. لاماسىيا پۇتبولچى تەربىيلەش مەكتىپى 1979-يىلى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھرىدە قۇرۇلغان. بارسېلونانىڭ بۇ پۇتبول مەكتىپىگىمۇ ئوخشاشلا گوللاندىيەلىكلەر زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن. يەنى كىرويىف بۇ يەرگە دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى،ئىلغارلاشقان پۇتبول نەزىريەسىنى ئېلىپ كەلگەن. 1989-يىلى بارسېلوناغا مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان كىرويىفنىڭ باشچىلىقىدا بارسېلونادا لاماسىيا پۇتبول مەكتىپى ‹‹لاماسىيا ياشلار مەشىق بازىسى›› بولۇپ قۇرۇلغان. ھازىرغىچە بولغان 30 يىلغىچە بولغان مابەينىدە ئالدى-كەينى بولۇپ يەتتە ئەۋلاد، جەمئىي 503 نەپەر پۇتبولچى لاماسىيا ياشلار تەربىيلەش بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان.

لاماسىيا (La Masia) دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ كاتالونىيە تىلىدىكى مەنىسى ‹‹دېھقانچىلىق مەيدانى›› بولۇپ، 1702-يىلى لاماسىيا دېگەن نام بىلەن  شۇ جايدىكى دېھقانلار بىر دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرىدۇ. 1954-يىلىغا كەلگەندە بارسېلونا كۇلۇبى بۇ يەرنى سېتىۋالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا كەمپ نوۋ مەيدانى ياسىلىۋاتقان بولغاچقا، كۇلۇپ تەرەپ بۇ يەرنى كەمپ نوۋ مەيدانى قۇرۇلىشىغا كېتىدىغان ماتىرياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قىلىدۇ. كەمپ نوۋ مەيدانى ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن كۇلۇپ تەرەپ ئەينى ۋاقىتتىكى رەئىس رىئودىتنىڭ باشچىلىقىدا لاماسىيانى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، 1966-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى لاماسىيانى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ باش شىتابى قىلىدۇ. بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، لاماسىيادىن ئىبارەت بۇ ‹‹دېھقانچىلىق مەيدانى›› كۇلۇپنىڭ تەسىر كۈچى ۋە شان-شۆھرىتىگە نىسبەتەن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۇلۇپ باش شىتابنى مۇز توپ مەيدانى يېنىدىكى زامانىۋى بىر ئىمارەتكە يۆتكەيدۇ. كېيىنچە لاماسىيا كوماندىدىكى ياش ماھىرلارنىڭ ياتاق بىناسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. كۇلۇپنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا،بىر ئاشخانا،ئالتە ھۇجرا، بىر كۈتۈپخانا ۋە بىر كومپىيوتېرخانىدىن تەشكىل تاپقان بۇ ئىككى قەۋەتلىك بىنا ناھايىتى تۆۋەن ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە چۇشلۇق ھالدا باشقۇرۇش قاتلىمى، ئوقۇتقۇچى، تېرىنىر، دوختۇر ۋە پىسخىك يېتەكچىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت مۇكەممەل سېستىمىغا ئىگە ئىدى. كۇلۇپ ئۈچۈن ئېيتقاندا لاماسىيا ياشلار تەربىيلەش بازىسى كۇلۇپنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۈمۈدلىك ياشلىرىنى تەربىيلەيدىغان ۋە يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.



1972-يىلى يازدا ياشلار كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولمىغان كۇلۇپ رەئىسى مونتار رۇيىسنى ياشلار كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرلىقىغا قويىدۇ. رۇيىس ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بىرىنجى بولۇپ قىلغان ئىشى شۇ بولدىكى، كۇلۇپنىڭ ياشلار كوماندىسى تېرنېرىغا قويىدىغان نەچچە تۈرلۈك قائىدىسى ئىچىدىكى ‹‹ئەگەر سىز بويى بىر مېتىر 80 سانتىمېتىردىن تۆۋەن توپچىلارنى تەۋسىيە قىلسىڭىز، بۇ يەردىن ئايرىلسىڭىز بولىدۇ›› دېگەن ماددىسىنى ئۆچۈرۈش بولدى. ئۇنىڭ پۇتبول پەلسەپىسىدە بوي ۋە بەدەن ھېچنىمىنى بەلگىلىمەيتى، ئەكسىچە تېخنىكىنى يۇقىرى ئورۇنغا قوياتتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ‹‹تالانت ھەقىقى ئۆلچەم›› دىن ئىبارەت يېڭى ئۇقۇم ئومۇملىشىدۇ، شۇنداقلا لاماسىيانىڭ ياشلارنى بايقاش ۋە يېتىشتۈرۈشتىكى يېڭى نەزەرىيەسى بولۇپ قالىدۇ.

ئەگەر رۇيىسنى لاماسىيا ئۈچۈن توغرا تەرەققىيات نىشانى تۇرغۇزۇپ بەردى دېيىلسە، كىرويىف دەل بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر. كىشىلەر ھېلىھەممۇ ‹‹ناۋادا كىرويىف بولمىغان بولسا لاماسىيانىڭ بۈگۈنىمۇ بولمىغان بولاتتى› ›دەپ قارايدۇ. كىرويىف 1979-يىلىغا كەلگەندە لاماسىيا ياشلار بازىسىنىڭ باش نازارەتچىسى بولىدۇ،30 نەچچە يىللىق خىزمەت ھاياتىدا بارسېلونا ئۈچۈن نۇرغۇن تالانتلىق توپچىلارنى قېزىپ چىقىدۇ. رۇيىس بىلەن سېلىشتۇرغاندا كىرويىف تېخىمۇ قابىليەتلىك ھەم ئۆزگىچە ئىدى. گوللاندىيىلىك ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ھەرقايسى ياشلار كوماندىسىنىڭ تېرىنىرلىرىنى يىغىپ يىغىن ئاچىدۇ ۋە ھەرقايسى ياشلار كوماندىسى چوقۇم 4-3-3 سەپ شەكلىنى ئىشلىتىش ھەمدە توپ كونتىرول قىلىپ ئويناشتىن ئىبارەت مۇھىم قارارنى چىقىرىدۇ. تىكى-تاكا ئۇسلۇبى دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ. ئاجاكىس كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلى ۋە ئويناش ئۇسلۇبىنى ئۆرنەك قىلغان كىرويىف باشچىلىقىدىكى لاماسىيا شۇنداقلا بارسېلونا يېڭى بىر شانلىق دەۋرنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچىدۇ. 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە لاماسىيا بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىپ، لاماسىيا ياشلار مەشىق مەيدانىدىن بارسېلونا كۇلۇبى لاماسىيا ياشلار مەشىق بازىسى بولۇپ قۇرۇلدى. ھازىر مەشىق بازىسىنىڭ بىر پۇتبول مەيدانى (گەمبو تەنتەربىيە مەيدانى) بار بولۇپ، 6000 كۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتا. ئۇنىڭدىن باشقا مەشىق مەيدانى ۋە مۇكەممەل داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى ھازىرلىغان. 30 نەچچە يىلدىن بېرى لاماسىيا تەربىيلىگەن كەسپى پۇتبولچى 500 نەچچە نەپەردىن ئاشقان. 2003-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان ئۈچ نۆۋەتلىك ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرنىڭ ھەممىسى لاماسىيا مەشىق بازىسىدىن چىققان.


2011-يىللىق ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بارسېلونا كوماندىسىدىن ئالدى-كەينى بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن 14 نەپەر پۇتبولچى ئىچىدە 13 نەپىرى لاماسىيادىن يېتىشىپ چىققان. يەنە شۇ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە مەيدانغا چىققان 11 ئاساسلىق ئەزانىڭ توققۇزى يەنە شۇ لاماسىيادىن چىققان. ئاخىرىدا قارايدىغان بولساق، كىرويىف زامانىسىدىن تا ھازىرغىچە لاماسىيا چولپان يېتىشتۈرۈش بازىسى كۇلۇپ 1-سەپ كوماندىسى ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەتتاكى دۇنيا پۇتبول ساھەسىگە مېسسى، شاۋى ، ئىنىستا، فابرىگاس، پۇيول، پىك قاتارلىق تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقاردى. ئىنىستا، شاۋى، پۇيۇل قاتارلىق چولپانلارغا ئىگە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىمۇ ياۋروپا ۋە دۇنيا لوڭقىلىرىغا ئېرىشىپ دۇنياغا ساھەسىگە بىر مەھەل خوجا بولدى.
                       
تۆۋەندە بارسېلونا لاماسىيا ياشلار بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى چولپانلارنى قايتىدىن بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى
:


گۇئاردىئولا


پۇيول


خاۋى


ئىنىستا


پىك


لىئونىل مېسسى


فابرىگاس


ۋالدىس


بويان

..........................................................................................................................................................................
              



لىسابون رىقابەت ياشلار تەربىيلەش بازىسى
لىسابون رىقابەت ياشلار تەربىيلەش بازىسى  پورتۇگالىيە پايتەختى لىسابون شەھرىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان بولۇپ، مەكتەپنىڭ پۈتۈن كۆلىمى 25 مىڭ كۋادىرات مېتىر، پۈتۈن پورتۇگالىيە شۇنداقلا ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، كۆلەملەشكەن، ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە بازىسى. مەكتەپ رايونى ئىچىدە جەمئىي 7 تەبىئىي چىم مەيدان بار بولۇپ، سان جەھەتتە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ھەممە ياشلار بازىسىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ(پەقەت لىسابوننىڭلا 7مەيدانى بار). ئىسمى جىسمىغا لايىق ياۋروپادىكى ئەڭ ئىلغار ياشلار بازىسى.

60-يىللاردىكى پورتۇگالىيە ھاكىممۇتلەقلىق دۆلەت بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت باشلىقى ساراج سېپى ئۆزىدىن لىسابون رىقابەت مەستانىسى ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەڭ تالانتلىق ماھىرلار لىسابوندا تەربىيىلىنىشى ۋە توپ تېپىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ  كۈچىيشى ئارقىلىق لىسابون رىقابەت ياشلار بازىسىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە شارائىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كۆپلىگەن پۇتبول مايسىلىرىنىڭ تەلپۈنىدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ. گەرچە لىسابون رىقابەت  ياشلار تەربىيلەش بازىسى ئاجاكىس ۋە بارسېلونانىڭ لاماسىيا ياشلار بازىسىدەك  كۆپ نىسبەتتە دۇنياۋى چولپانلارنى چولپانلارنى يېتىشتۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما فىگو ۋە كىرىستىيانو رونالدودىن ئىبارەت ئىككى ئالتۇن توپ ساھىبىنى يېتىشتۈرگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ. لىسابون رىقابەت ياشلار بازىسى فىگو ۋە رونالدودىن باشقا يەنە موتىنىھو، كۇئارىسما، نانى قاتارلىق بىر تۈركۈم چولپانلارنىمۇ قاتارغا قوشقان. 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى تەركىۋىدىكى 23 نەپەر توپچىنىڭ 10نەپىرى لىسابون رىقابەتنىڭ كونا ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. 2001-يىلى فىگو دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ، 2008-يىلىغا كەلگەندە كىرىستىيانو رونالدومۇ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولىدۇ. بىر تەربىيلەش بازىسىدىن ئىككى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ساھىبى چىقىرىشنى بۇ ئەسىردە پەقەت لىسابون رىقابەت ياشلار تەربىيلەش بازىسىلا قىلالىدى.


پورتۇگالىيە يېڭى بىر ئەۋلاد ئالتۇن دەۋر پۇتبولچىلىقىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى  كۆپلىگەن كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى تېرىنىر كارلوس كۈيروسنىڭ تۆھپىسى دەپ قارايدۇ. كۈيروس يېتەكچىلىكىدىكى پورتۇگالىيە ياشلار كوماندىسى 1989-يىلى رىيادتا، 1991-يىلى لىسابوندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلار لەۋھە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ. كۈيروسنىڭ پورتۇگالىيە كوماندىسىغا سىڭدۈرگەن ئەجرى ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن شۇ يىللاردىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى كۈيروستىن بەكرەك پورتۇگالىيە ئالىي بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇپلارغا، بولۇپمۇ لىسابون رىقابەت ياشلار تەربىيلەش بازىسىغا چوڭ رەھمەتلەرنى ئېيتىشى كېرەك. گەرچە نوپوسى ئاران 10 نەچچە مىليون كېلىدىغان، پۇتبول زاپاس كۈچلىرى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەردىن تۆۋەن تۇرىدىغان كىچىك بىر دۆلەتنىڭ ياشلار تەربىيلەش بازىسى بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر مەيلى پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بولسۇن ۋە ياكى ياۋروپادىكى  زەردار كۇلۇپلار ئۈچۈن كۆپلىگەن چولپانلارنى يېتىشتۈردى ھەمدە يېتىشتۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ غەلبە قازىنىشىدىكى مەخپىيىتى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ «ئۆزگىچە يول تۇتۇش» دۇر.




تۆۋەندە لىسابون رىقابەت  ياشلار بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى چولپانلارنى قايتىدىن بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى:

لۇيىس فىگو


كىرىستىيانو رونالدو


نانى




كۇئارېسما




مۇتىنىھو



..........................................................................................................................................................................



خان جەمەتى مادرىد ياشلار تەربىيلەش بازىسى (لافابرىكا مەشىق بازىسى)
                        
        كاسىللاس دېمەك مادرىت دېمەك،مادرىت دېمەك كاسىللاس دېمەكتۇر.مادرىتنىڭ ياشلار بازىسىدىن  1-سەپ كوماندىسىغا چىققان 15يىلدىن بېرى مادرىتنىڭ دەرۋازىسىنى بېقىپ كېلىۋاتقان كاسىللاس بولسا،خانلىق مادرىت ياشلار تەربىيلەش بازىسىنىڭ ئەڭ ئۇتۇقلۇق يېتىشتۈرۈپ چىققان چولپانلىرىنىڭ بىرسى  بولۇش سۈپىتى بىلەن 10نەچچە يىلدىن بېرى مادرىتنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلمەكتە.
                        
        گەرچە خانلىق مادرىت ياشلار تەربىيلەش بازىسى يۇقارقى ئۈچ ياشلار بازىسىدەك پەۋقۇلاددە كۆپ ۋە تەسىر كۈچى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلارنى يېتىشتۈرمىگەن بولسىمۇ،ئۆز نۆۋىتىدە كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر توپچىلارنى يېتىشتۈردى ۋە يېتىشتۈرمەكتە. كاسىللاس، گۇتى، سولدادو، نېگرىدو، دىگو.لوپېز قاتارلىق داڭلىق توپچىلارنى يېتىشتۈرگەن مادرىت ياشلار بازىسى نۆۋەتتە يەنە كارۋاخال،خېسى،كاسمېرو،ئىسكو قاتارلىق يېڭى ئۈمۈدلۈك ياشلارنى يېتىتۈرۈپ چىقماقتا.مادرىت ياشلار يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىياتى ناھايىتى زور بولۇپ، مەيلى تالانتلىق توپچىلارنى بايقاش ياكى تەربىيلەشتە بولسۇن، لاماسىيا، ئاجاكىس، لىسبون قاتارلىق ياشلار تەربىيلەش بازىلىرى بىلەن تەڭ تۇرغىدەك ھالەتتە كېتىپ بارماقتا.
     تۆۋەندە خان جەمەتى مادرىت ياشلار بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى چولپانلارنى قايتىدىن بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى:
1.ئىكىر.كاسىللاس
                                                                              
2.دىگو.لوپېز
                         
3.گۇتى
                            
4.مانۇئېل.سانچىز  
                    
يېتىشىۋاتقان يېڭى چولپانلاردىن:
5.كارۋاخال
                    
6.خېسسى
                              
                                       
         مادرىتنىڭ بىر شەھەردىكى ئەشەددى رەقىبى بولغان مادرىت ئاتلىتكا كوماندىسى ياشلار بازىسىمۇ  ياشلارنى يېتىشتۈرۈشتە ئۇنچە بوش بازىلاردىن ئەمەس. رائۇلنى كۆپلىگەن كىشىلەر مادرىتتا يېتىشىپ چىققان دېيىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنداق ئەمەس. رائۇلنىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى شۇنداقلا يۇقىرى پەللىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك خان جەمەتى مادرىت كوماندىسىدا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ مادرىت ياشلار تەربىيلەش بازىسىدىن يېتىشىپ چىقماستىن بەلكى، دەل مادرىتنىڭ بىر شەھەردىكى رەقىبى بولغان مادرىت ئاتلىتكا  ياشلار بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان.
                          
      تۆۋەندە مادرىت ئاتلىتكا ياشلار بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى چولپانلارنى قايتىدىن بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى:   
1.رائۇل.گونزالىز
                     
2.فېرناندو.توررېس
                     
3.دېھىيا
                     
4.موراتا
                     
5.كوكى
                                                                
                                                                             .....................................................
   
         5.ACمىلەن ۋېسمالا ياشلار تەربىيلەش بازىسى
دۆلەت:ئىتالىيە
                          
       ACمىلەن ۋېسمالا ياشلار تەربىيلەش بازىسى  لىسبوندەك  ياۋروپادا ئالدىنقى قاتاردىمۇ ئەمەس، لاماسىيادەك داڭلىقمۇ ئەمەس. لېكىن بارسېلونا، ئاجاكىس، لىسبون قاتارلىق ياشلار بازىسى قىلالمىغاننى قىلغان. قىلغاندىمۇ تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغان. گەرچە دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان يېتىشتۈرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، دۇنياغا داڭلىق بېكلەر دەل  ACمىلەندىن چىققان  دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز.ئەينى يىللاردىكى بارېسسى،پاۋلو.مالدېنى،ئالبېرتىنى،كوستاكۇتا ھەمدە ئۆز نۆۋىتىدە، تولدو، بونۇچى، ئاباتى،ماترى، دىناتالەي قاتارلىق يېقىنقى يىللاردا ياۋروپا سەھنىلىرى داڭق قازانغان مونەۋۋەر توپچىلار بولسا، ئەينى ۋاقىتتىكى  ACمىلەن ۋېسمالا ياشلار تەربىيلەش بازىسىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. كۈندىن كۈنگە كوماندىنى ياشلاشتۇرۋاتقان ACمىلەن كۇلۇبى يېقىنقى يىللار مابەينىدە  ۋېسمالا ياشلار تەربىيلەش بازىسىغا ئاز بولمىغان مەبلەخلەرنى سالدى ۋە سالماقتا.نۆۋەتتەACمىلەن ۋېسمالا ياشلار  كوماندىسىنىڭ نەتىجىلىرى ئىتالىيەنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.يېڭىدىن 1-سەپ كوماندىسىغا چىققان ھاشىم.مەستۇر قاتارلىقلار كەلگۈسىدە ACمىلەن كوماندىسىنىڭ ئۈمۈد يۇلتۇزى دەپ قارالماقتا.
                  
        تۆۋەندەACمىلەن ۋېسمالا ياشلار تەربىيلەش بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان ۋە چىقىۋاتقان داڭدارلارنى بىر كۆرۈپ باقايلى:
1.پاۋلو.مالدېنى

2.بارېسى

3.ئالبېرتىنى

4.كوستاكۇتا

5.تولدو
                       
6.بونۇچى
                     
7.ئاباتى
                       
8.ماترى
                       
9.دىناتالەي
                        
10.ئۈمۈدلۈك ياش مەستۇر

                                                                        
                                                                               .....................................................
   
          6.مانچىستىر بىرلەشمىسى كالىنتۇن ياشلار بازىسى
دۆلەت:ئېنگىلاند
                             
     ئېنگىلاندنىڭ ياشلار بازىسى قۇرۇش تۈزىمى باشقا بىرلەشمىلەرنىڭكىدەك ئەركىن ئەمەس بولۇپ، ئىنگىلاند پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قائىدىسى بويىچە ياشلار بازىسىغا قۇبۇل قىلىنىدىغان بالىلار چوقۇم شۇ كۇلۇپ تۇرۇشلۇق رايوندىكى بالىلار بولىشى شەرت. بۇنداق بولغاندا  كۇلۇپلارنىڭ تالانتلىق،تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق ماھىرلارنى تاللىشى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچراييتتى.(بۇ قائىدە90نەچچىنجى يىللىرى يوقكەنتۇق.يەنى 92-يىللىق مانچىستىر سىنىپى ۋاقتىدا يوقكەنتۇق)مانچىستىر بىرلەشمىسى ياشلار بازىسىمۇ ئالدى كەينى بولۇپ، مەيلى كۇلۇپ ياكى دۆلەت كوماندىسىغا بولسۇن،بېكھام، سكولىس، گىگىس، بات، گارى.نېۋىل، فېل.نېۋىل، قاتارلىق بىرقاتار مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىرىپ، مانچىستىرنىڭ بىر ئەۋلاد ئالتۇن دەۋرىنى بەرپا قىلدى.
                           
      تۆۋەندەمانچىستىر كالىنتۇن ياشلار تەربىيلەش بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان ۋە چىقىۋاتقان داڭدارلارنى بىر كۆرۈپ باقايلى:
1.داۋىد.بېكھام
                           
2.گىگىس
                        
3.سكولىس
                        
4.بات
                           
5.گارى.نېۋىل
                        
6.فېل.نېۋىل
                        
                        
7.ۋېلبىك
                            
8.جانۇزاج
                                 
                                                                              
                                                                            .....................................................

         7.‹‹رومانتىكا دۆلىتى›› فىرانسىيەدىكى  ياشلار تەربىيلەش بازىلىرى
دۆلەت:فىرانسىيە
                  
    فىرانسىيە بىرلەشمىسى گەرچە بەش چوڭ بىرلەشمە ئىچىدە سەۋىيىسى ۋە تەسىر دائىرسى جەھەتتە بىرقەدەر تۆۋەن تۇرسىمۇ(ھازىر خېلى تەسىرى بار)،لېكىن، تالانتلىق ماھىرلار كۆپ چىقىدىغان بىرلەشمە.لىئون، رېيئىن، سۇشاۋ، لېر قاتارلىق ياشلارنى تەربىيلەش بازىلىرى ياۋروپا جەڭ مەيدانلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىگە خىللانغان قوشۇنلارنى توختىماستىن يەتكۈزۈپ تۇرۋاتىدۇ.شۇڭلاشقىمۇ فىرانسىيە بىرلەشمىسى ياش نوتىلارنى بايقاش ۋە چېنىقتۇرۇشتا دۇنياغا داڭلىق. ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان داڭلىق چولپانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقارغان. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونلىقى بۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدۇر.
                 
     ئالدى بىلەن فىرانسىيە ياشلار تەربىيلەش  بازىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېيتىپ ئۆتسەك،ئۇلارنىڭ ياشلارنى تەربىيلەش سېستىمىسى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان شۇنداقلا ناھايىتى مۇكەممەل. ئۇلار يوشۇرۇن كۈچكە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. لاماسىيا بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى بوي-بەست، بەدەن ساپاغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ.ئافرىقىلىق تالانت ئىگىلىرىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.فىرانسىيە ياشلار تەربىيلەش سېستىمىسىنىڭ بىر كەمچىلكى شۇكى، يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە تالانت ئىگىلىرىنى قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش يۈززىسىدىن ئۇلارغا كۆپلەپ پۇل ئاجىرتىدۇ ۋە ئېسىل تۇرالغۇ ئۆيلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنداق قىلىش ۋاقتى كەلگەندە شۇ توپچىدا ناچار ئىللەتلەرنى پەيدا قىلىپ،شۇ توپچىنىڭ تەرەققى قىلىش ئەمەس ئەكسىچە كەينىگە چېكىندۈرىدۇ(مەسىلەن:بېن.ئارفا).
     فىرانسىيەدىن ئىبارەت ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كەسپى پۇتبولچى ‹‹ئىكىسپورت››قىلغۇچى دۆلەت ھازىرغا كەلگۈچە زىدانى، ھېنرى، بېنزېما، خازارد قاتارلىق دۇنياۋى دەرىجىلىك ماھىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولسا، مان ھازىر ۋىراتتى قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد توپچىلارنى يېتىشتۈرمەكتە.
     تۆۋەندە  فىرانسىيەدىكى ھەرقايسى كۇلۇپلارنىڭ ياشلار تەربىيلەش بازىلىرى يېتىشتۈرۈپ چىققان چولپانلارغا نەزىرمىزنى ئاغدۇرايلى:
1.زىدانى
                           
2.ھېنرى
                          
3.ماكېلەيلەي
                        
4.مېكىس
                     
5.شىسەي
                     
6.بېنزىما
                     
7.خازارد
                        
8.كانتوننا
                     
                  
                                                                            ..................................................
   
           8.گىرمانىيە بىرلەشمىسى ياشلار تەربىيلەش بازىلىرى
دۆلەت:گىرمانىيە
                                             
       گىرمانىيە بولسا ھازىرقى دەۋردىكى ياشلار قوشۇنى ئەڭ كۈچلۈك،شۇنداقلا،ياشلارنى تەربىيلەشتە ئۇتۇق قازانغان بىرلەشمە. بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى بۇ نىڭ دەلىلى. گىرمانىيە دۆلەت ئىچىدە يەرلىك توپچىلارغا بولغان تەربىيلەشنى ياخشى ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت كوماندىسىدا ھازىرقىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.2000-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كىيىن،گىرمانىيە ياشلار تەربىيلەش پىلانىنى قوزغۇتۇپ،2006،2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئەڭ ئاخىرى يەنى2014يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇلارنى گىرمانىيەنىڭ ياشلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ياشلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى دورتموند،لېۋىركۇسىن، بايرىن، ۋولفىسبۇرۇك قاتارلىق كوماندىلار نىڭ ياشلار تەربىيلەش بازىلىرى مۇھىم رول ئوينىدى.
                    
      بايرىن مىيۇنخىن گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ياشلار تەربىيلەش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن  ئالدى كەينى بولۇپ،بېكىنبوئېر،رۇمنىگ،لام،خۇممېرىس، شىۋىنىستايگىر،مۇللېر قاتارلىق دۇنياۋى توپچىلارنى  يېتىشتۈرۈپ چىقتى .بۇلارنىڭ گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولدى. دورتموند  گوتزى،شىممېرىس قاتارلىقلارنى،شارىك 04بولسا، ئۆزىل، نويىر قاتارلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
                    
      تۆۋەندە گىرمانىيەدىكى ھەرقايسى كۇلۇپلارنىڭ ياشلار تەربىيلەش بازىلىرى يېتىشتۈرۈپ چىققان چولپانلارغا نەزىرمىزنى ئاغدۇرايلى:
1.بېكىنبوئېر
                           
2.لام
                        
3.خۇممېرىس
                       
4.شىۋىنىستايگىر
                         
5.تونى كروس
                           
6.مۇللېر
                       
7.گوتزى
                           
8.رېئۇس
                     
9.ئۆزىل
                           
10.نويىر
                        
11.قېدىرا
                          
                                                
                                                                            ..................................................

       مەزكۇر تېمىنى مەن بىر يىللار بۇرۇن ئاددى بىر تېما سۈپىتىدە يوللىغان. بەزى تورداشلار بېيىتىپ يېزىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى.ئوقۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ، مانا بۈگۈن ئىلھام كەپتىكەن ئاران  يېزىپ پۈتتۈردۈم. ھەرقايسىڭلارنىڭ تېمىنى ياخشى ئوقۇپ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى سورايمەن. (نادىر تېما يازماق ئاسان ئەمەسكەن جۇمۇ )

瓦伦特.jpg (19.83 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

瓦伦特.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 7مۇنبەر پۇلى +345 يىغىش سەۋەبى
تىروي + 45 قالتىس!
بارچۇق + 50 قالتىس!
بېرنابۇ + 50 قالتىس!
helpea + 50 قالتىس!
زېرەك + 50 قالتىس!
kelos + 50 قالتىس!
دولانى + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: 2015-3-28 10:42:11 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ناردىر نادىر نادىر .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-3-28 10:58:14 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى تىما بوپتۇ ھە . نادىرلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
يەر
ۋاقتى: 2015-3-28 10:58:49 | ئايرىم كۆرۈش
ئاجاكىس بىلەن لىسابون دىن داڭلىقلار جېق چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
5#
ۋاقتى: 2015-3-28 10:59:04 | ئايرىم كۆرۈش
تېمىڭىز ھەققەتەن ياخشى چۈشۈنۈشلىك يېزىلىپتۇ.
ھەر قانداق بىر كەسىپ ئۈچۈن سېستىمىلىق تەربىلىنىش ناھايتمۇ مويۇم ئىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
6#
ۋاقتى: 2015-3-28 11:17:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئېيتو كاستىلىيەدىن يىتىشىپ چىقىپتىكەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
7#
ۋاقتى: 2015-3-28 11:18:20 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تېما ناھايىتى ياخشى چىقپتۇ. مەن بىر يىرىگە تۈزۈتۈش بىرەي توغرا بولسا قۇبۇل قىلارسىز. ئاۋۇ لامانسىيە تەربىيلەش بازسىدىكى ئارتىس تەربىيلەش بازىسى? سۇغا سەكرەيدىغانلارنى تەربىيلەش بازىسى? دىگەن گەپلەر مەنچە ئارتۇقچە بۇلۇپ قاپتۇ. بەلكىم مەنبەدىمۇ بۇنداق گەپ بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى بۇسكىستىن باشقىلىرى سەنئەتچى دىگدەك ئەمەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
8#
ۋاقتى: 2015-3-28 11:22:49 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بەزى يەرلىرىدىكى ئ‍ىملا خاتالىقىنى ھىسابقا ئ‍المىغاندا ھەققىقەتەن نادىر تىما بوپتۇ مىلەن پۇتۇنلەي مۇداپىئ‍ەچىلام تەربىيلەپتىكەن دىسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
9#
ۋاقتى: 2015-3-28 11:56:28 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ............................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
10#
ۋاقتى: 2015-3-28 12:05:35 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋال ئالدىرماي ئۇقۇپ ئاندىن ئىنكاس يازاي ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
11#
ۋاقتى: 2015-3-28 12:09:27 | ئايرىم كۆرۈش
قالتىس بوپتۇ ماۋۇ تىما ، كۆپ نەرسىلەنى بىلىۋالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
12#
ۋاقتى: 2015-3-28 12:18:25 | ئايرىم كۆرۈش
مادرىنىڭ ياشلارنى تەربىيلەش بازىسى كاستىللا ئەمەس، كاستىللا مادرىدنىڭ ئىككىنجى كوماندىسىنىڭ ئىسمى، ياشلارنىڭ تەربىيلەش بازىسىنىڭ ئىسمى لا فابرىكا دېگەن باھادىر

مادرىدنىڭكىدىن كارۋاخال، نېگىرېيدولار چۈشۈپ قاپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-7 15:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش