ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 92 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تېڭشۈن تەنتەربىيىسى 2- ئاينىڭ 13- كۈنى خەۋىرى
ئىسپانىيە كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 2015- يىلى كىرگەندىن بۇيان بارسېلونادىكى 3 قاتىل ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىپادىسى مادرىتتىكى 3 چولپاندىن مۇتلەق ئېشىپ كەتكەن . يېڭى يىلدىن بۇيان بارسېلونادىكى 3 جەنۇبىي ئامىرىكىلىق 23 توپ ئۇرۇپ 13 ياردەمچى پاس چىقارغان . مادرىتتىكى 3 چولپان بولسا 10 توپ ئۇرۇپ 5 پاس چىقارغان بولۇپ بۇ سان - سىفىرلار بارسېلونادىكى 3 چولپاننىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەن . يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان بارسېلونانىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ جەمىي 37 توپ ئۇرغان بولۇپ بۇنىڭ 23 توپىنى 3 چولپان ئۇرغان بولۇپ 62 % بولغان . بۇ 23 توپنىڭ ئىچىدە مېسسى 11 توپ ، نېيمار 9 يوپ ، سۇئارېز 3 توپ ئۇرغان . پاس سانىدا مېسسى ۋە سۇئارېز ئوخشاش 6 قېتىم ، نېيمار بولسا 1 پاس چىقارغان . مادرىت بولسا يېڭى يىل كىرىپ ھازىرغىچە 17 توپ ئۇرغان بولۇپ بۇ جەھەتتىمۇ بارسېلونانىڭ يېرىمىغا يېتەلمىگەن . بۇ 17 توپنىڭ 10 توپنى 3 قاتىل ھۇجۇمچى ئۇرغان بولۇپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا رونالدو 4 توپ ، بېل ۋە بېنزىما 3 توپتىن ئۇرغان . پاس سانىدا رونالدو 1 پاس ، بېل ۋە بېنزىما 2 قېتىمدىن پاس چىقارغان .
بۇ پەسىلنى ئومۇمىي ھالەتتىن سىتاستىكا قىلغاندا مادرىتتىكى 3 چولپان بۇ پەسىل 67 توپ ئۇرۇپ 38 پاس چىقارغان . رونالدو ئۆزى يالغۇز 36 توپ ئۇرۇپ 17 پاس چىقىرىپ يېرىمىنى ئىگەللىگەن . بېل 14 توپ ئۇرۇپ 8 پاس چىقارغان . بېنزىما بولسا 17 توپ ئۇرۇپ 13 پاس چىقارغان . بارسېلونا تەرەپتىن مېسسى 34 توپ ئۇرۇپ 20 پاس چىقارغان . نېيمار بولسا 23 توپ ئۇرۇپ 7 پاس چىقارغان . سۇئارېز 6 توپ ئۇرۇپ 12 پاس چىقارغان . قوشۇپ كەلسەك بۇ 3 چولپاننىڭ ئومۇمىي ئۇرغان توپى 63 توپ ۋە 39 پاس بولغان . پەسىل بېشىدا بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ھەمدە سۇئارېز 10 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىنىپ 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاندىن مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلەلىگەن . بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى پەسىل بېشىدا بارسېلونانىڭ 3 ھۇجۇمچىسى مادرىت ھۇجۇمچىلىرىدىن كېيىن قالغان ، يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان ياخشى ئىپادىسى بىلەن مادرىت چولپانلىرىغا يېتىشۋېلىشقا پەقەت 3 توپلا قالدى ، پاس سانى ئېشىپ كەتتى .
بۇ تەرجىمە تېما ، تورداشلارنىڭ ئىلمىي ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . تېما يازغۇچىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ئەخلەت ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى سورايمەن . يەنە بىرى نېمە سەۋەپتىن چەكلەنگەنلىكىمنى بىلمەيلا قالغانتىم . قويۇپ بەرگەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا رەھمەت |
|