akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1300|ئىنكاس: 42

رونالدو مەستانىلەردىن كەچۈرۈم سورىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       1.jpg

        رېئال مادرىد مادرىد دېربىيسىدە ئاتلېتكا مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئەمما شۇ كۈنى كەچتە پۇتبول چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو  150 كىشىلىك تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، رونالدونىڭ بۇ ئىشى مەستانىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويدى. ‹‹ ماركا گېزىتى ›› نىڭ ئاشكارلىشىچە، رونالدو ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى خاتا قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، ھەمدە بۇ ئىش ئۈچۈن پۇشايمان قىلغان.

     رېئال مادرىد ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قويغان ئاخشىمى، رونالدو دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ 30 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەپ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرغان، زىياپەتكە رېئال مادرىد ئەزالىرىدىن خامىس، مودرىچ ۋە قېدىرالارمۇ قاتناشقان. زىياپەت خەۋىرىنىڭ سىرتقا ئاشكارلىنىشى بىلەن، نۇرغۇنلىغان رېئال مادرىد مەستانىلىرى رونالدونىڭ بۇ ئىشدىن غەزەپلەنگەن، ھەتتا بىر قىسىم مەستانىلەر رېئال مادرىدنىڭ مەشىق بازىسىغا بېرىپ، ‹‹ سېنىڭ كۈلكەڭ، بىز ئۈچۈن نومۇسلۇق ›› دېگەن خەت يېزىلغان پلاكاتنى كۆتۈرۈپ، رونالدونى تەنقىد قىلغان. رونالدونىڭ ۋاكالەتچىسى مېندىس بۇ ئىشقا قارىتا دەرھال چۈشەنچە بىرىپ:  ‹‹ رونالدو بۇ قېتىمقى زىياپەتنى كېچىكتۈرۈشكە ئامالسىز ئىدى، چۈنكى رونالدونىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن دوست-يارەنلىرى ئاللىبۇرۇن مادرىدقا كىلىپ بولغان ئىدى ››  دېگەن .

       ئەمما تاراتقۇلارنىڭ ھەرخىل خەۋەر بېرىشى بىلەن ئىشلار بارغانسىرى يامانلاشقان، مادرىدنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەر رونالدوغا جازا بېرىشنى تەلەپ قىلغان، رېئال مادرىد كاپىتانى كاسىللاس بىلەن راموسمۇ رونالدونىڭ بۇ ئىشدىن نارازى بولغان، ھەمدە رونالدونىڭ بۇ ئىشقا قارىتا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما رونالدو زىياپەت ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە زىياپەت سورۇنىدىكى رەسىم ۋە ۋېدىئولارنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كېتىشىگە يول قويغان. ‹‹ ماركا گېزىتى ›› نىڭ ئاشكارلىشىچە، رونالدو ئاخىرى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىپلا قالماستىن يەنە ، كەڭ مەستانىلەرنىڭ قايتىدىن ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.     

     رونالدو ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كىيىن يەنە، كۇلۇبتىكى سەبداشلىرىدىن، بولۇپمۇ راموسنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. رونالدونىڭ دوستلىرى ئاز ئەمەس، پې پې بىلەن كونتىرۋا رونالدونىڭ ياخشى دوستى، مۇرىنھو دەۋرىدە ، راموس بىلەن رونالدومۇ ياخشى بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كىيىن، رونالدو، ‹‹  قىز دوستىدىن ئايرىلىپ كېتىش ۋەقەسى ›› ، ‹‹ قىزىل كارتا ۋەقەسى ›› ، ‹‹ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ۋەقەسى ›› قاتارلىق ئۆز ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ناچار خەۋەرلەرنى باشتىن كەچۈردى، رونالدو سەبداشلىرىدىن ۋە كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىدىن كەچۈرۈم سوراش ئارقىلىق، ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ياخشى ئويلىنىپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى لاكرونىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقىدە ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلاپ، مەستانىلەرنىڭ قايتا ئىشەنچىسىگە ئېرىشدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلغان.


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 11:45:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو بولماقمۇ ئاسان ئەمەسكەن. ئەگەر شۇ زىياپەتنى بەرمىگەن بولسا تاراتقۇلار ھەقىچان رونالدو ئۇتتۇرۇپ قويۇپ چىدىماي زىياپەتنى بىكار قىلدى دەپ ھارغىچە ئەزۋەيلەيتتى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-14 00:05:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىف يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 23:33
تېخى رونالدونى سېتىپ چىقىردىغاننىڭ گىپى بارغۇ.بۇنى سې ...

بۇنىمۇ ساتىدىغان يەرگە كىلەي دىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 21:30:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا چۈشەنمەيمۇ بولمايدۇ،ئوغۇل ئەمەسمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 21:36:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتالىقىنى تونۇغان يولداش ياخشى يولداش..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 21:37:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاكرۇنىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يەنە پاس بەرمىسە تەپمەيمە دىمەي بىرە توپ تىپىپ قويغىن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 21:39:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئارزۇ باشلىق، ياۋرۇغا ئالىدىغان مىدال ئىشى قانداق بولدىكىن؟ بولسا مۇشۇنى تىزراق ھەل قىلساق بۇلاتتى. ئۈنۈمى بىز تەسەۋۇر قىلغاندىن ياخشى بۇلىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 21:42:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى ئىپادەڭنى تاپقىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 21:54:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكەت مەسئۇلىدا ئۆزگۇرۇش بولدىما ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 21:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈم سورىسىلا تۈگەيدىغان ئىش يوق،توپ كىرگۈزۈپ گۇنايىنى يۇيۇش كېرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 22:08:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىنغۇ كەچۇرۇم سۇرساڭ سۇرمىساڭ بەرىبىر ، لىكىن ئۆكىچى پارتىيەنىڭ يانداشما ئەزالىردىن كەچۇرۇم سۇراپ قويمىساڭ بولمايدۇ ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 22:10:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ قەتئىي خاتا چۈشەنمىگەن بۇ ئاغىنىمىزنى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 22:12:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاراتقۇلار بەكلا ئەزۋەيلەپ كېتىپتا بۇ رىئال مادرىدنىڭ ئۇكىسىدىن قاتتىق تاياق يەپ رونالدونىڭ زىياپەت پۇشايمىنى يىگىنىنى..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-13 22:12:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ سوراپ باقسام سىز  ئىجات تەنجاڭ شۇما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-12 01:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش