ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1886 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-13 14:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!
‹‹كۈندىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى گېزىتى›› نىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا بىلەن رېئال مادىرىد يۆتكۈلۈش بازىرىدا يەنە بىر قېتىم رىقابەتلەشمەكچى.
بۇ ئىككىلا كۇلۇبنىڭ، پۇرتو كۇلۇبىدىكى ئۇچار قانات دانېرو بىلەن ئاس مىلەن كۇلۇبىدىكى ئىتالىيە دۆلەت كۇماندا ئەزاسى دېسلىئوغا تەڭلا كۆزى چۈشتى.
بۇ قېتىملىق رىقابەت تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس، ئىككى كۇلۇب نېيمار قاتارلىق بىر قانچە توپچىنى يۆتكەش ئىشىدىمۇ رىقاباتلىشىپ كەلگەن، بۇ قېتىم بىرلا ۋاقىتتا ئىككى توپچىغا كۆزى چۈشتى، ئىككىلا تەرەپ ئۇ ئىككى توپچىغا ناھايىتى قىزىقۋاتىدۇ، شۇڭا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ سودىدا غەلبە قىلىشنى ئويلايدۇ.بىراق، بارسېلونا يۆتكۈلۈش بازىرىدا بىر يىللىق چەكلىمىلىككە ئېگە، بۇ جەھەتتىن رېئال مادىرىد مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېگە دېيىشكە بولىدۇ.
دانېرو پۇرتودا ئوتتۇرا مەيداندا توپ ئوينايدۇ، ئۇ ئىلگىرى بىرازىلىيىنىڭ سانتۇس كۇلۇبىدا نېيمار بىلەن سەبداش ئىدى. 2012-يىلى پۇرتو كۇلۇبى 20 ياشلىق دانېرونى 13مىليۇن ياۋرو يۆتكۈلۈش ھەققى بىلەن كۇماندىغا قوشۇۋالغان، توختامى 2016-يىلى توشىدۇ، بارسېلونا تەرەپ 25 مىليۇن ياۋرو چىقارماقچى، ۋاقتى كەلگەندە نېيمارمۇ بۇ ئىلگىرىكى سەبدىشىنى بارسېلوناغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن، بۇ جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بارسېلونامۇ بىر ئاز ئەۋزەللىككە ئېگە.
ئىككى كۇلۇب قىزىقىۋاتقان يەنە بىر توپچى - ئاس مىلەن كۇلۇبىنىڭ مۇداپىئەچىسى دېسلىئو، نۆۋەتتە دېسلىئونىڭ پۇتىدا كېسەللىك ئالامىتى بار، بەلكىم ئۇ بۇ پەسىلدىكى قالغان مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن. بىراق ئىسپانىيە تاراتقولىرى، بۇ توپچىنى بارسېلونا ۋە رېئال مادىرىد يازلىق يۆتكەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ بولدى دەپ خەۋەر بەردى.
يەنە بىر خەۋەردە، مادىرىد تېرىنىرى ئەنچېلودىمۇ بۇ 22 ياشلىق ئىتالىيە دۆلەت كۇماندىسى ئەزاسىنى كۇلۇبقا قوشىۋېلىشنى ئۈمۈت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بارسېلونامۇ ئىنتايىن قىزىقىۋاتىدۇ، بارسېلونا مۇداپىئەچىسى ئالۋېس ئاللىقاچان كۇماندىدىن ئايرىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بولدى، شۇڭا بارسېلونا تەرەپ ئالۋېسنىڭ ئورنىنى تولۇقلاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى نامزاتى دەل دېسلىئو بولىشى مۇمكىن، لېكىن يەنىلا يازلىق بازاردىكى چەكلىنىش بارسېلوناغا پايدىسىز بولىدۇ.
ئاس مىلەن تەرەپ دېسلوغا ئاز دېگەندىمۇ 20 مىليۇن ياۋرو باھا قويدى، دېسلونىڭ كەلگۈسى بېكىتى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بولىشى مۇمكىن، نۇكەنپومۇ ياكى بېرنابومۇ ؟ يەنىلا بىزنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
|
|