ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4721 |
تۆھپىسى: سەر |
|
1985-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، پورتىگالىيەنىڭ مادىئىرا ئارىلىنىڭ فۇنشاندا بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئۇنىڭغا نىمە دەپ ئىسىم قويۇش كېرەك ؟ بۇ مەسىلە دادىسنىڭ بېشىنى قاتۇرۋاتاتتى. ئامرىكا پىرزدىنتى رونالد رىگانغا بولغان ھۆرمەت سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، بۇ بوۋاققا رونالدو دەپ ئىسىم قويۇلدى. بوۋاقلارنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ئادەتتىكى ئىش بولغۇنىدەك، ھېچكىممۇ بۇ بوۋاقنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى گىگانت چولپان بولۇپ چىقىشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. 30 يىلدىن كېيىن رونالدو يەنە بىر قېتىم ئالتۇن توپقا ئېرىشىپ، خۇشھاللىقىدىن ھۆركىرگىنىدە، ئامرىكىلىقلار « ئۇنىڭ بىزنىڭ پىرىزدىنت بىلەن ئالاقىسى بار» دەپمۇ ئۈلگۈردى. مانا بۇ «سەھرالىق تومپاي» رونالدونىڭ گىگانىت چولپانغا ئايلىنىش ھېكايىسى. تۆۋەندە بىز 6 ۋاقىت بۆلىكى بىلەن، 7-نۇمۇرلۇق ئەپەندىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە شاھىد بولىمىز.
غەزەپ ۋە مۇھەببەتكە تولغان ئۆسمۈرلۈك دەۋرى
سىز رونالدونىڭ قانداق ئادەملىكىنى ئاسانلا قىياس قىلالمايسىز. ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدى ئۆزىنى دۇنيادىكى بىرىنجى، ئىككىنجى، ئۈچىنجى دېيەلەيدۇ. بەلكىم بالىلىق ۋاقتىدىكى ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك بولىشى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك ئۇ تاشقى دۇنياغا نىسبەتەن سەزگۈر ھالەتتە تۇرىدۇ. ئۇ بەزىدە ھەقىقەتەن كۈچلۈك، بەزىدە بەكلا ئاجىز...ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلىقى كىشىلەرنىڭ تەنقىد قىلىش ئوبىكتى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ كوچىدا سەرگەردانلارچە ياسىنىپ ماھارەت كۆرسىتىپ كىچىك بالىلارنى خۇشھال قىلىشى ئۇنى تېخىمۇ سۆيۈملىك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ قارىماققا ھاكاۋۇر، مەنمەنچى كۆرىنىدۇ، ئەمما ئەملىيەتتە ئۇ ئىنتايىن سىلىق سىپايە، كىچىك پىئىلدۇر...
بولىدىغان ئاش كۆكىدىن مەلۇم دېگەندەك، كىچىك ۋاقىتتىكى خۇي - پەيلى كىشىنىڭ ئاخىردىكى خاراكتىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. كوچىلاردا ئېقىپ يۈرگەن ھېكايىلەرگە ئاساسلانغاندا، 12 ياشلىق رونالدو، ئۆزى يالغۇز پورتىگالىيەنىڭ لىسابون رىقابەت كوماندىسىنىڭ ياشلارنى تەربىيلەش بازىسىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەلەپپۇزىغا قارتا ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ۋە مۇئەللىملىرىنى ئۇنى «سەھرالىق تومپاي» دەپ زاڭلىق قىلىدۇ. ھەمدە بىر قېتىم چىداپ تۇرۇپ بولالمىغان رونالدو ئاچچىقلانغىنىدىن ئورۇندۇقنى مۇئەللىمىگە ئاتىدۇ. 12 ياشلىق بالا، ئاتا - ئانىسىنىڭ بېقىشىدىن خالىي، ئۆزى يالغۇز ياشايدۇ. رونالدونىڭ تارتقان ئازابلىرى تەسەۋۋۇرلىرىمىزدىكىدىن ھالقىپ كېتىدۇ.
رونالدو ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۇ دوستلىرى بىلەن توپ ئوينىغاندا، دوستلىرغا پۇرسەت ياراتسا، دوستلىرى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ. ھەتتا يىغلاپ كېتىدۇ، دوستلىرىغا ئەمەس ئۆزىگە ئاچچىقلايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ قات - قېتىغا مىھىر- مۇھەببەت يوشۇرۇنغان. مادىئىرا ئارىلىدا ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرى ۋە ئەڭ ياخشى دوستى بار، ھازىرمۇ شۇنداق. ھازىرغىچە ئۇ دوستىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇ نېمىگە مۇھتاج بولسا ، رونالدو دەرھال شۇنى ئېلىپ بېرىدۇ. چۈنىكى رونالدو ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا كۆپ قەرىزداردەك ھېس قىلىدۇ.
يالغۇزلۇق، مىننەتدار بولۇش، كۈچىيىش، سەزگۈرلىك، توپ كىرگۈزىش، 10 ياشلىق بالىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن.
بىر كېچىدىلا ئېنگىلاندنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىش
رونالدونىڭ تالانتىغا دائىر ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلىغان بولشىڭىز مۇمكىن. ئالايلۇق: ئۇ 14 ياش ۋاقتىدا دوستلىرى ئۇنى «تاشقى پىلانت ئادىمى» دەپ ئاتايتتى. يەنە ئالايلۇق: ئۇ لىسابوندىكى ۋاقتىدا مورىنىيو ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىدە ھەيران قالغان ھالدا ئۆزىنىڭ ياردەمچىسىگە بۇ بالا ۋان باستىننىڭ ئۆزىكەن دېگەن.
فېرگۇسوننىڭ رونالدونى ۋېنگىرنىڭ قولىدىن تارتىۋالغانلىقى ھەممە ئادەم بىلىدىغان مەخپىيەتلىك. رونالدو قورال ياراق زاۋۇتىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلغاندا ئارسىنال كوماندىسىنىڭ كېيىمىگىمۇ ئېرىشكەن، ھەتتا ۋېنگىر ئۇنى 4 مىليون فوندسىتىرلىڭغا سېتىۋالماقچىمۇ بولغان. ھەمدە مانچېستىر ۋە لىسابوننىڭ مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئارسىنالغا قېتىلماقچىمۇ بولغان. ئەمما فېرگۇسون ئاۋال قول سېلىپ رونالدونى « بۇلىۋالغان». رونالدو مانچېستىردىكى ۋاقتىدا، خەتەرلىك ۋەزىيەتكىمۇ دۇچ كەلگەن. 2006- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پورتىگالىيە ۋە ئېنگىلاند ئوتتۇردىسكى مۇسابىقىدە، رونالدو رىپىرغا بېسىم قىلىپ رۇنىغا قىزىل كارتا بەرگۈزگەن، رۇنى قىزىل كارتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن كۆزىنى قىسىپ قويغان كۆرىنىشى كامىرالاردىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. بىر كېچىدىلا رونالدو ھەرقايسى زەمبىرەكلەرنىڭ نىشانى بولۇپ قالغان، سىز ھەرگىزمۇ رونالدونىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلگە قانداق بەرداشلىق بەرگىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. ئەگەر فېرگۇسوننىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى قوغدىشى بولمىغان بولسا، بەلكىم رونالدونىڭ ھاياتىدا ئۆزگۈرۈش بولاتتى.
ئېنگىلاندنى بوي سۇندۇرغان گىگانت چولپان
ئىلگىرى رونالدو كىچىلىك كۇلۇپلاردىن قاۋاقخانىلاردىن كېلەلمەيتتى، ئاسانلا رەقىبىنىڭ پىسخىكا ھۇجۇمىغا يېڭىلىپ قالاتتى. كىشىنىڭ ھامان ئويغۇنىدىغان بىر كۈنى بار بولغۇنىدەك، قەيسەرلىك، باتۇرلۇق يۇغۇرۇلغان ئۇنىڭ قەلبى ئاخىرى ئۇنى تىز پۈكمەس رونالدوغا ئايلاندۇردى. 20 ياشلارغا كىرگەن ۋاقتىدا رونالدو بەزى ئىشلار، بەزى كىشىلەر سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. 2005-يىلى رونالدنىڭ دادىسى ھاراق سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ رونالدو قەتئى ھاراق ئىچىمىدى، ھەم ياخشى ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىۋالدى. قان تەقدىم قىلىش ئۈچۈن بەدىنىگە ھېچنىمە چەكتۈرمىدى (بەدەنگە نەرسىلەرنى چەكتۈرۈش قانغا ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئارلىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىكەن).
رونالدو ئۆزگەردى، ئۆزگۈرۈپ قىلالمايدىغان نىمىسى يوق ھالغا كەلدى. 2007-2008 مۇسابىقە پەسىلىدە ئېنگىلاند ئالى بىرلەشمىسى چىمپىيونلۇقىغا، ياۋروپا چىمپىيونلۇق (ئۇزغۇنلۇق) بىرلەشمىسى چىمپىيونلۇقىغا، ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا، دۇنيا پۇتبول ئەپەندىلىكىگە، ئېنگىلاند ئالى بىرلەشمىسى، ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئالتۇن ئۆتۈكىگە....دەك بىر قاتار مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. رونالدو پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئەڭ يۇقرى پەللىسىدە تۇرغىنىدا ئۇ ئارانلا 23 ياش ئىدى. دۇنيادىكى 1- توپچى. ئەمما رونالدو ئۆزىنىڭ تېخمۇ ياخشى، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. 10 ياشلىق ۋاقىتىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇ دۈشمىنىنى يەڭمىگۈچە بولدىكى قىلمايدىغان كىچىك رونالدو ئىدى.
سامان يولى جەڭ كېمىسىگە ئولتۇرۇش، يەنە بىر قېتىم مېسسىنى مەغلۇب قىلىش
2008-يىلى رونالدو ئالتۇن توپقا ئېرىشكەندە ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مەن دۇنيادىكى بىرىنجى، ئىككىنجى، ئۈچىنجى دېگەندى. ئەمما ئۇ كېيىنكى تۆت يىلدا كەسپى ھاياتدىكى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى مېسسىغا دۇچ كەلدى. 2009-يىلى ئۇ 94 مىليون ياۋرۇلۇق باھا بىلەن رىئال مادرىدقا قېتىلدى، بېرنابۇدا 60 مىڭ مەستانە ئۇنى كۈتىۋالدى، رونالدو كەسپى ھاياتىنىڭ يېڭى بېتىنى ئاچتى. كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقرى پەللىسىدە تۇرىۋاتقان مېسسى رونالدونى «كۆمۈپ» قويدى. مادرىدنىڭ ھەرقانداق رەقىبى رونالدونى مېسسى دەپ توۋلاپ زاڭلىق ئېتىدىغان بولدى. رونالدو چىداپ تۇرالمىدى، شۇنداق زاڭلىق ئېتىشلارغا ئۇچرىغاندا ئۇلارغا ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقاردى، شۇنداق توۋلىغانلارنى بىنورمال دېدى. ھەمدە زىيارەت قوبۇل قىلغاندا ئۇ مېنى زاڭلىق ئەتكەنلەر ماڭا ھەسەت قىلىۋاتىدۇ، چۈنكى مەن باي، كېلىشكەن، ھەم توپنىمۇ ياخشى تېپىمەن، ئۇلار ماڭا ھەسەت قىلىدۇ، كۆرەلمەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا مېنى زاڭلىق ئەتكۈدەك سەۋەب يوق دېدى.
رونالدونىڭ خاراكتىرى ئۇنى ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدىغان قىلىپ تەربىيلىگەن، خۇددى 12 ياش ۋاقتىدا ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپ ئۇلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ئۇ ياشقا چوڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان، شۇ ۋاقىتا ئۇ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇڭلار، كەلگۈسىدە چولپان بولغۇنىمدا يەنە مېنى بوزەك قىلىشقا پېتنالالامسىلەركىن بىر كۆرەي دەپ قەسەم ئىچكەن. مېسسى بىلەن بولغان بۇ جەڭدە ئۇ بارغاسنسىرى ئۆزىدىن ئاشتى، 2009 -يىلى 30 توپ، 2010-يىلى 48 توپ، 2011-يىلى 60 توپ، 2012-يىلى 63 توپ، 2013- يىلى 69 توپ، 2014-يىلى 61 توپ... رونالدو ئۈزۈكسىز ئۆزىنىڭ يۇقرى ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى. كاكا، بېل ياكى خامىس ھېچقايسىسى رونالدونىڭ رىئال مادىردتىكى 1-لىك ئورنىنى ئالالمايدۇ.
تونۇش شاھ قايتىپ كەلدى. 2013-يىلى رونالدو ئالتۇن توپنى قوبۇل قىلغىنىدا كۆزدىن ياش ئاقتى، بۇ چىداش ۋە تۆت يىللىق كۆرەشنىڭ مەھسۇلى ئىدى. 2014-يىلى سىيۇرىختا رونالدو يەنە بىر قېتىم ئالتۇن توپقا ئېرىشتى ۋە ھۆركىرەش بىلەن تەبرىكلىدى. مېسىسى ئۇدا ئىككى يىل ئىككىنجى بولۇپ قالدى. بۇ ھېسيات ئادەتتىكى ھېسيات ئەمەس ....
ئىسپان ۋە پورتىگالىيە ئوتتۇرسىدىكى يۈز يىللىق ئادەۋەتنى يۇغان قەھرىمان رونالدو
ئاۋىستىريەلىك يەھۇدى پىسخىكىشۇناس فىرويىد روھ ئانالىز كىتابى «كىچىك پەرقلىق نارتسىسسىزم خاراكتىرى» ناملىق كىتابىدا ئكىكى قوشنا بولغان بازاردىكىلەر بىر بىرنى قەتئى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى، بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى دۈشمەن قاتارىدا كۆردىغانلىقىنى، قان سېستىمىسى شۇنداق يېقىن بولسىمۇ بىر بىرىنى دۈشمەن كۆرىدىغانلىقىنى يازغاندى، شۇنىڭدەك قان سېستىمىسى يېقىن ئەمما مۇناسىۋىتى ناچار ئىككى دۆلەت بار، ئۇ ئىسپانىيە بىلەن پورتىگالىيەدۇر.
پورتىگالىيە پىرىزدىنتى رونالدونى پورتىگالىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئادەم دېگەن. رونالدو پورتىگالىيەنى بوي سۇندۇرۇپلا قالماستىن ئەزەلدىن دۈشمەن دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئىسپانىيەنىمۇ بوي سۇندۇردى. رونالدونىڭ ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتىكى بۇ ئالتە يىللىق «ئىشچىلىق» ھاياتىدا، ئۇ مادرىد شەھرىنىڭ ماركىسىغا ئايلاندى، قايناق كوچىلارغا قارايدىغان بولسىڭىز كەينىگە «C.Ronaldo7» چۈشۈرۈلگەن كېيىملەرنى كېيىۋالغان نۇرغۇن «دۈمبىلەرنىڭ » بارغانسىرى كۆپىيۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئەگەر قايسى ئوغۇل بالا، نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشسە، قىزلار ئۇنى «كىرىستىيانو» دەپ ئاتايدىغان بولدى. مادرىد خەلق مەيدانىغا تىكلەنگەن 7-نومۇرلۇق رونالدونىڭ ھەيكىلى توپ مەستانىلىرىنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشتى، ھەمدە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشتىكى ياخشى دىكراتسىيە بولدى.
رونالدو 30غا كىردى. ھەممىمىزگە مەلۇم ياش كىشىگە باقمايدۇ، ۋاقىت ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. ھەممىزنىڭ ئېسىدە، 2003-2004 مۇسابىقە پەسلىدە ئەمدىلا مانچېستىرغا قېتىلغان رونالدو مانا ئەمدى رىئال مادرىدتا 30 ياشقا كىردى. ۋاقىت نېمە دېگەن تىز ئۆتكەن ھە، ئاددى توپچىدىن گىگانىت چولپانلىققىچە، ھەتتا دۇنيادىكى 1- توپچىغىچە، رونالدو ئاز كۈچىمىدى، ۋە باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئەمدىكى مەسلە رونالدو قاچانغىچە ئۆزىنىڭ يۇقرى پەللىسىدە تۇرالايدۇ، قاچان چېكىنىدۇ؟ ....2014-يىلى پۇيول، زانىتى، ھېنرى، گىگىس قاتارلىق ئۆز زامانىسىنىڭ گىگانت چولپانلىرى چىملىقتىن چېكىندى.2023-يىلىدىكى يازنىڭ مەلۇم كۈنىدە قۇچىقىمىزدا ئولتۇرغان بالىمىز بىلەن بىرلىكتەرونالدونىڭ رەسىمىنى كۆرگەچ، كۆزىمىزدىن ئىختىيارسىز ئاققان ياشنى ئېيتقاچ، داداڭ مۇشۇ گۇينىڭ مۇسابىقىسنى 20 يىل كۆرگەن دەيمىز...... |
|