كۆرۈش: 1322|ئىنكاس: 107
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

2014- يىللىق مۇنەۋۋەر ئەزالارنى باھالاش نەتىجىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ...



ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم !

ھۆرمەتلىك پۇتبول كۇلۇبى مۇنبىرىدىكى بارلىق دوستلارغا ئوتلۇق سالام .

بىز ئالدىنقى تېمىمىز «  2014- يىللىق مۇنەۋۋەر ئەزالارنى باھالاش ئۇقتۇرىشى» دا ئىلغار پۇتبول مۇنبىرى باشقۇرغۇچىسى ، ئىلغار تېما يوللىغۇچى ، ئىلغار ئىنكاس يوللىغۇچى ، ئەدەپ -ئەخلاقلىق ، مەدىنىيەتلىك ئەزا، پۇتبول ئەپەندىسى، ئالتۇن پۇت، مۇنبەر قىززىقچىسى قاتارلىق ئەزالارنى  تاللاپ نامزاتلىققا كۆرسىتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدۇق،. ئۇ تېمىمىز مۇنبىرىمىزدىكى ھەر قايسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن ئاياقلىشىپمۇ قالدى، ئەمدى ئۇ تېمىمىزدىن خۇلاسىسىنى چىقىرىپ ئەزالارغا سۇنماقچى.

بىز ئالدىنقى پۇتبول كۇلۇبى مۇنبىرى 2014-يىللىق ئەزالارنى باھالاش ئۇقتۇرىشى دىگەن تېمىمىزنى  2015-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلغان ،كۆرۈلۈش سانى 2565 قېتىم ،ئىنكاس سانى  65 ( بەزى ئەزالار ئاكتىپ بولمىغان بولسىمۇ ) بولغان.


نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئەزالارنىڭ تىزىملىكى ۋە ئېرىشكەن ئاۋازى تۆۋەندىكىچە:


1- ئىلغار باشقۇرغۇچى ( ئۈچ نەپەر )
ئاۋازغا ئېرىشكەنلەر :

ئۇچقۇنى    40 ئاۋاز
باشئەگىم    39 ئاۋاز
بۇغدا         29 ئاۋاز

( مۇكاپاتى :— 40 تىللا ، 15 مىڭ ياۋرو ، ئىلغار باشقۇرغۇچى مىدالى . )

مۇنبىرىمىزدە ھەرقايسى باشقۇرغۇچىلار ئۈن-تىنسىز ھالدا ئارقا سەپلەردە تۆھپە قوشۇۋاتماقتا ، بۇلاردىن ئەڭ كۆپ ئاۋاز چۈشكەن ئۈچەيلەننىڭلا نامى ۋە چۈشكەن ئاۋازى ئېلان قىلىندى . )

2- مۇنبەر پۇتبول ئەپەندىسى ( بىر نەپەر )

ئابلەتجان .

( مۇكاپاتى 50 تىللا ، 20 مىڭ ياۋرو ، پۇتبول ئەپەندىسى مىدالى .)

ئابلەتجاننىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى ھەممەيلەنگە ئايان ، شۇڭا بۇ قېتىملىق مۇنبەر پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ سايلىنىشقا تامامەن ھەقلىق .

3- مۇنبەر ئالتۇن ئاياغ ساھىبى ( بىر نەپەر )

باھادىر .

( مۇكاپاتى 50 تىللا ، 20 مىڭ ياۋرو ، ئالتۇن پۇت مىدالى )

مۇنبىرىمىزدىكى ئالاھىدە باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن باھادىرنى بۇ يىل ئىچىدە مۇنبەرگە قوشقان تۆھپىللىرى ئاز ئەمەس .

4- ئىلغار تېما يوللىغۇچى ( بەش نەپەر )
ئاۋازغا ئېرىشكەنلەر :

تۈمەن      39 ئاۋاز .
ئامېرىكا   28 ئاۋاز .
باقاۋۇل     24 ئاۋاز .
پەرۋەر     22  ئاۋاز .
داۋىس     22 ئاۋاز .


( مۇكاپاتى :  30 تىللا ، 10 مىڭ ياۋرو ، يازما يوللاش ئۇستىسى مىدالى )


بۇلار ئەزالارنىڭ ئۇمۇمىي ئاۋاز سانىدا ئەڭ يۇقىرى سانغا ئېرىشكەن بەش نەپەر مۇنبەردىشىمىز ، باشقىلارنىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز سانى بۇلاردىن ئاز بولغانلىق تۈپەيلى بىرمۇ-بىر يېزىلمىدى .

ئەسكەرتىش : ئاۋازغا ئېرىشكەنلەر قاتارىدا ئابلەتجان ( 29 ئاۋاز ) بىلەن باھادىر ( 21 ئاۋاز ) لارمۇ بار ئىدى ، مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالار سانى كۆپ ، مۇكاپاتلىنىدىغانلار ئاز بولۇش تۈپەيلى ھەر بىر ئەزانى پەقەت بىرلا تۈردە مۇكاپاتلاشنى يولغا قويدۇق ، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككەيلەنگە ئۆزرە ئېيتىمەن .)

5- ئىلغار ئىنكاس يوللىغۇچى ( بەش نەپەر )

ئاۋازغا ئېرىشكەنلەر :

لاچىن1 ( پىنيىنچە ) 17  ئاۋاز .
پارتىزان                16 ئاۋاز  .
شاتكار 886           15  ئاۋاز .
ئەبرار                   14 ئاۋاز .
نىھال                    14 ئاۋاز

( مۇكاپاتى : 20 تىللا ، 10 ياۋرو ، ئالاھىدە ئىلگىرىلەش مىدالى . )


( بۇلارنڭ قاتارىدىن ئىلغار كومىتىت ئەزالىقىغا سايلانغانلىق تۈپەيلى زېرەكچاق ( 15 ئاۋاز ) بىلەن چۈشۈپ قالدى ، توغرا چۈشەنگەيسىز . )

6- ئەخلاقلىق مۇنبەر ئەزاسى ( ئۈچ نەپەر )

زەربىدار
بايرېن
فارابى ( بۇرۇنقى ci5 )

(مۇكاپاتى 30 تىللا ، 10 مىڭ ياۋرو ، تەشۋىقات ئەلچىسى مىدالى )


بىر يېرىم تۈمەنگە يېقىنلاشقان مۇنبەر ئەزالىرى ئىچىدە ھەممەيلەن دېگۈدەك ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئەزالار ، ئەسلى بۇلار ئىچىدىن ئايرىپ يۈرۈشمۇ تازا ياخشى ئەمەس ئىدى ، بۇ ئۈچەيلەن بولسا باشقىللىرىمىز ئارىسىدىن بىر قەدەر يارقىن ھالەتتە ئىپادىلىنىپ چىققانلاردۇر .


7- مۇنبەر قىزىقچى ( ئىككى نەپەر )
ئاۋازغا ئېرىشكەنلەر :

مەھمۇدىيە
مىسسى 2


( مۇكاپاتى : - 20 تىللا ، 10 مىڭ ياۋرو ، مۇنبەر قىزىقچىسى مىدالى . )

بۇ ئىككەيلەن مۇنبەردىكىلەرگە ئاساسەن تونۇش ، ئارتۇقچە توختىلىپ يۈرمىسەكمۇ بولار ..

8- ئىلغار كومىتىت ئەزاسى ( ئۈچ نەپەر ) ،
سايلانغانلار :—

زېرەك
رېپىر
تۇرغۇنجان ( پىنيىنچە )

( مۇكاپاتى :- 30 تىللا ، 10 مىڭ ياۋرو ، تۆھپىكار ئەزا مىدالى )


بارلىق كومىتىت ئەزالىرىمىزنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇۋاتقان بولسىمۇ بۇ ئۈچى شۇلار ئىچىدىن ئەڭ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلاردۇر .

شۇنداق قىلىپ تاماملىغان مەنزىللەرنىڭ، باسقان قەدەملەرنىڭ  جاۋابىنى ئېلىش ۋە مۇناسىپ باھا بىرىش  ئۈچۈن  ئالغان قەدەملەر، ياراتقان ئىگىسىنىڭ ھىممەت شەپقەتلىرى بىلەن بۈگۈنگە ئۇلىشىپ ھەل  بۇلۇپ قالدى.  بىر يىلدىن بۇيان  مۇنبەر تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە پائال ئىلگىرى  سۈرلۈشى  ئۈچۈن تىنىمسىز تۆھپە قۇشىۋاتقان مېھنەتكەشلەرنىڭ ،بۇنىڭدىن كىيىنكى مەنزىللىرىگە ئۇتۇق تىلەش  بىلەن بىرگە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەت ،سانسىزلىغان قېرىنداشلارنىڭ كۆڭۈل ئارزۇلىرىنى ۋە قوللاش تىلەكلىرىنى بىرگە ئېلىپ،باشقۇرغۇچىلارنىڭ يېقىندىن  ماسلىشىپ كۈچ قۇشۇشى نەتىجىسىدە بىر قەدەر ئادىل باھالاشلار ئارقىسىدا يۇقارقىدەك نەتىجە چىقىرىلدى. ھەممىڭلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلەپ داۋاملىق مۇنبەرنىڭ گۈللىنىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

يۇقارقى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ھەرقايسى مۇنبەرداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ، مۇكاپاقا ئېرىشكەنلەر مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار ، ھەرقايسى مۇكاپاتلارنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈشكە پايدىسى بولىدۇ ، شۇڭا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار  ..

بۇ باھالاش پائالىيىتى يوللانغىلى بىرەر ئايچە بولغان بولسىمۇ مۇنبەر تورىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى ، شۇنداقلا مېنىڭ ۋاقىت چىقىرالماسلىقىم تۈپەيلى ۋاقتىدا نەتىجىسى چىقماي قالدى ، بۇ توغرىلىق مۇنبەرداشلاردىن سەمىمىي ئەپۇ سورايمەن ...

ھۆرمەت بىلەن : -
پۇتبول مۇنبىرى ئىشخانىسى
2015-1-31 كۈنى   




مەنبەسى 2#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-2 17:47:30 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشئەگىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 15:51  

مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا ئىلغار كومىتىت ئەزاسى بولۇپ باھالانغان تۇرغۇنجان ( پىنيىنچە ) دىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىگە تىللالار تارقىتىلىپ بولۇندى ، تارقىتىلغان تىللالار جەمئىي 720 تىللا ( تۇرغۇنجاننىڭكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .)  مۇكاپاتلانغانلارغا مۇبارەك بولسۇن ! بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاشقا ياردەملەشكەن ھەرقايسى باشقۇرغۇچى ۋە مۇنبەرداشلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، بۇ قېتىمقى باھالاش تىللالار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى ، ئاللاھ خالىسا كېيىنكى يىللىق باھالاش ماددىي بويۇم ياكى نەق پۇللار ئارقىلىق بولغۇسى ...
تىللا تارقىتىش تامام !
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-2-1 10:56:52 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تىلىم ھىچ گەپكە كەلمەيدا، راس گەپ قىلسام كىچىكىمدە  ئاتام ھېيتلىق بەرگەندە بىر كۈن ھىجىيىپ كىرىلىپ يۈرىتىم، ما مۇكاپاتقا يىلنىڭ بېشىدا ئېرىشىپ بىر يىل ھىجىيىپ يۈرەرمەنمۇ ئەمدى… ئەممازە 30تىللا، 100مىڭ ياۋرۇنى  قانداق خەجلەپ بولارمەن، خوتۇن ئېلىشقا ئىشلىتەي دىسەم ئاتام ئېپ بەرگەن خوتۇن ئىككى بالىنى بېقىپ ئۆيدە باركەن، ماشىنا ئالاي دىسەم پىراۋا بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە چىقىدىغاندەك ئەمەس…ئۆي سېتىۋالاي دېسەم ھازىر ئولتۇرىۋاتقان ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن، خوتۇنغا ساقلاپ قوي دەپ بېرەي دىسەم خۇتۇن خەقنى بىلىسىلەر پۇل تۇتقۇزۇپ قويدۇقمۇ پاك پاكىز ئاقلاپ خاتىرجەم بولمىسا ئۇنىمايدۇ،  يېقىندىن بۇيان يەرلىك سېتىۋېلىش خىيالىغىمۇ كەپ قالدىم ،كۈلمەڭلار …سەۋەبى جىق… بولدىلا، قارار چىقىرىپ بولغىچە ئامبار ئۆيگە بېسىپ قۇيۇپ تۇراي…

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +1 تىللا +30 يىغىش سەۋەبى
باشئەگىم + 30 ئاز بولسىمۇ ...
ئۇچقۇنى + 1 ياۋرۇ ئۇرۇلدى

باھا خاتىرىسى

تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-1-31 23:26:45 | ئايرىم كۆرۈش
  ئىلغار باشقۇرغۇچى مۇكاپاتىغا كەمىنە ماس كەلمەيمەن. بۇ بىر يىللىق خۇلاسە. باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقىلى ماڭا ئەمدى تۆت ئاي بولدى. بۇ تازا ئادىللىق ئەمەس. باشقۇرغۇچى نامزاتىدا 4-ئۇرۇندا كىم بولسا مىنىڭ ئورنۇمغا قۇيساڭلار.  مىنى قوللىغان، ماڭا ئىشەنگەن مۇنبەرداشلىرىمغا كۆپ رەھمەت!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +40 يىغىش سەۋەبى
باشئەگىم + 40 ھۆكۈم كۈچكە ئېگە ..

باھا خاتىرىسى

تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-1-31 23:15:48 | ئايرىم كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .

نەق گەپكە كەلسەك مۇشۇ مەۋھۇم تور دۇنياسىدا نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ، ئۆزگىنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا مويەسسەر بۇلۇش ئاسان ئىش ئەمەس . يۇقارقى مۇنبەرداشلىرىمنىڭ مۇنبەر ئارقىلىق مۇنبەرداشلارغا ،كەڭ پۇتبولسۈيەرلەرگە يەتكۈزگەن مەنىۋى ئۈزۇقى ئاز ئەمەس . باشقۇرغۇچىلارنىڭ كىچە-كۇندۇز جاپالىق ئارقا سەپتە خىزمەت قىلىشى ، پۇتبول ئەپەندىسى بۇلۇپ سايلانغا ئابلەتچاننىڭ مول بىلىمى بىلەن ھەر تۈرلۇك نادىر ئىنكاس ھەم تىمىلىرىدىن ، باھادىر قېرىندىشىمنىڭ ئۆزگىچە كاتاكچىلىرىدىن ، ھەم يۇقارقى بەش نەپەر قېرىدىشىمىزنىڭ ئىجابى ھەم تەرجىمە تىمىلىرىبىلەن مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرىشدىن ، بەش نەپەر ئىلغار ئىنكاسچىلارنىڭ سېلىق لىللا ھەم ئاق چاپانغىمۇ كۆك چاپانغىمۇ تېگىپ كەتمەيدىغان ئىنكاسلىردىن سۈيۈنسەك ، مۇنبەرنىڭ ئەخلاقلىق ئەزالىرىنىڭ ئۆلگىسى بولغان ئۈچ نەپەر قىرىندىشىمنىڭ چوڭ سۈپەت سالاپىتى ، مۇنبەردىكى قىززىقچى بالىلارنىڭ ئۇرۇپ ئوينايدىغان ئككى مۇنبەر تۈگىسىنىڭ قىززىق ئىنكاسلىرىدىن قانغۇچە كۈلۇپ مانا بۇگۇنگە ساق-سالامەت ئۇلاشتۇق . يۇقارقى سايلانغان ھەم سايلىنالماي قالغان بارلىق مۇنبەر ئەزالىرىنى قىززىق تەبرىكلەيمەن !!! مۇبارەك بولسۇن
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-2-2 23:11:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق جاپاكەش باشقۇرغۇچى دوستلارنى ۋە باشقا دوستلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ، مۇنبەرنى ھەرقايسىڭلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ بەرگىنىڭلارغا كۆپتىن - كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
باشئەگىم + 3 مىدال ئېسىۋالسىلا، ھى.

باھا خاتىرىسى

تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-2-1 13:33:03 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنەۋۋەر ئىنكاس يوللىغۇچى دەيدۇ ... ئاغىينىلەرنىڭ مىنى قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت !    

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +1 تىللا +20 يىغىش سەۋەبى
ئۇچقۇنى + 1 ياۋرۇ ئۇرۇلدى
باشئەگىم + 20 سىلىگىمۇ رەھمەت ~

باھا خاتىرىسى

تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-2-1 16:14:45 | ئايرىم كۆرۈش
30 تېللا، ئون مىڭ ياۋرۇ.
مۇنبەرداشلارنىڭ قوللىغىنىغا تەشۈككۇر!
تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە مۇنبەرگە كۆپ چىقالمىدىم، ئۆزۈرە.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +50 تىللا +30 يىغىش سەۋەبى
ئۇچقۇنى + 1 ياۋرۇ ئۇرۇلدى
پەرۋەر + 49 يوقاپ كەتمىسەڭ بولاتت.
باشئەگىم + 30 مۇبارەك بولسۇن ...

باھا خاتىرىسى

تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-1-31 23:11:13 | ئايرىم كۆرۈش
مۇكاپاتلانغانلار مۇبارەك بولسۇن ، بۇندىن كىيىن تىخىمۇ تىرشىپ بۇ گۈزەل ماكانىمىز بولغان پۇتبول مۇنبىرمىزىنى تىخىمۇ گۈللۈندۈرۈش ئۈچۈن ۋە تىخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشلىك كۈچىمىزنى قوشايلى ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +30 يىغىش سەۋەبى
باشئەگىم + 30 ئاز بولسىمۇ ...

باھا خاتىرىسى

تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-1-31 23:39:55 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 23:41  

ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دەپ، كاتتا ئىككى ئىشقا بۈگۈن مۇۋەپپەق بوپتىمەن ... پۇتبول ئەپەندىسى بولۇشتا مېسسى ئىزىدىن، رونالدو مەنزىلىدىن مېڭىشقا تىرىشىمەن... كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۆزگىچە بىر تېما بىلەن بايان قىلىمەن، شۇڭا بۇنىڭغا ئىنكاس يازمىساڭلارمۇ بولىدۇ ...
   ھە راست، 50 تىللانى ئالسام قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىم : ئابلەتجان دېگەن ئىسمىمنى گۈزەل ئانا يېزىقىمىزغا ئۆزگەرتىمەن، ۋاقىپ بولغايسىلەر ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +1 تىللا +50 يىغىش سەۋەبى
ئۇچقۇنى + 1 ياۋرۇ ئۇرۇلدى
باشئەگىم + 50 قوبۇل قىلسىلا ...

باھا خاتىرىسى

تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-1-31 23:08:48 | ئايرىم كۆرۈش
نەتىنجىسى گەرچە كېچىكىپ چىققان بولسىمۇ كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئىشىنى توغرا چۈشنىشىنى سورايمىز!
باھالاشتا تارتۇقلانغان بارلىق ئەزالارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبىرىكلەيمەن!
بۇ قېتىملىق باھالاش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئاۋازغا قويۇپ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقتى، كۆپ ساندىكى ئەزالار بۇ ئىشقا نىسبەتەن كۆڭۈل بۆلمەسلىك پوزىتسىيىدە بولدى، بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ ھەر قانداق تۈردىكى پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى، ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى سورايمىز!
12#
ۋاقتى: 2015-1-31 22:58:28 | ئايرىم كۆرۈش
ئالقىش.... مۇبارەك بولسۇن
13#
ۋاقتى: 2015-1-31 23:04:46 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
چاۋاك!!
   مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى  يوقاپ   كەتكەنلەرنىڭ  قايتىپ   كېلىشىنى  ئۈمىد  قىلمەن…… باقاۋۇل  ، مېسسى2  قاتارلىقلار  قايتىپ كېلىڭلا
14#
ۋاقتى: 2015-1-31 23:06:01 | ئايرىم كۆرۈش
مۇكاپاتلانغان بارلىق مۇنبەرداشلارنى مۇبارەكلەيمەن
15#
ۋاقتى: 2015-1-31 23:09:26 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن
16#
ۋاقتى: 2015-1-31 23:33:40 | ئايرىم كۆرۈش
بۇغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 23:26
ئىلغار باشقۇرغۇچى مۇكاپاتىغا كەمىنە ماس كەلمەيمەن. ب ...

ئەپەندىم بۇ ۋاقىت مەسىلىسى ئەمەس . مۇنبەرداشلار ئىتراپ قىلىپ بىلەت تاشلىغان . ھەم ئۆزلىرىنى بۇلىدۇ دەپ قارغاچقا سايلىدۇق . بۇنى رەت قىلسىلا مۇنبەر ئەزەلىرىنى رەت قىلغان بۇلۇپ قالىلا ، بىزنى ياراتمىدى دەيمىز جۇما بىكا
17#
ۋاقتى: 2015-1-31 23:37:09 | ئايرىم كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 23:33
ئەپەندىم بۇ ۋاقىت مەسىلىسى ئەمەس . مۇنبەرداشلار ئىترا ...

   ھازىرقى گەپ يىللىق باھالاش نەتىجىسى! ئىشقىلىپ مەن مۇۋاپىق ئەمەس! رەت قىلماسلىققا باھانەم يوق...
18#
ۋاقتى: 2015-1-31 23:38:01 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 01:07  

مۇنبەرگە تۆھپە قوشالىغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن

باشقا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قېرىنداشلىرىمىنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن ....

ھەراست، مۇنبەر پۇتبول ئەپەندىسى ئابلەتجاننىڭ دادا بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن ، مۇبارەك بولسۇن، مىلاننىڭ قوللىغۇچىسىدىن بىرسى كۆپەيدى

مۇكاپاتلانغىنىمدىن ناھايىتى خۇشھال بولدۇم، ئىلغار كومتېت ئەزاسى بولۇپتىمەن....

قىزغىنلىق ئۈچۈن بىر ئەزانىڭ بىر تۈردىلا مۇكاپاتلانغىنى ياخشى بوپتۇ، بىر قانچەيلەنگە مەركەزلىنىپ (تەگمەي)قالارمىكى دەپ ئەنسىرگەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +1 تىللا +30 يىغىش سەۋەبى
ئۇچقۇنى + 1 ياۋرۇ ئۇرۇلدى
باشئەگىم + 30 داۋاملىق ھە ...

باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-2-24 05:17

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش