ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك كۇلۇب ئىشتىراكچىلىرى ، ھەممىڭلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنى مۇبارەك بولسۇن. كەمىنە ئارزۇدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.
نەق گەپكە كەلسەك، 4 سائەتلىك تېرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، كۇلۇب نەشىرى ئەسلىدىكى 3.1 نەشىرىدىن 3.2 نەشىرىگە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كۇلۇب باش بېتى كۆرۈنمە يۈزى ئۆزگەرتىلدى ( مەزكۇر كۆرۈنمە يۈز داۋاملىق تۈردە ئۆزگەرتىلىدۇ)، ئەزالار كىرىش كۆزنىكى ئۆزگەرتىلدى، يەنە بەزىبىر بەتلەرگە قارىتا بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلدى . شۇ سەۋەبتىن تۈنۈگۈن كەچتىن بېرى كۇلۇبنى نورمال زىيارەت قىلالمىغانلاردىن كەچۈرۈم سورايمىز.
مۇشۇ بىر نەچچە كۈنگىچە يەنە كۇلۇب كۆرۈنمە يۈزىگە قارىتا ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىراق زىيارەت قىلىش تەسىرگە ئۇچرىمىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ بىزگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، كۇلۇبتا قانداق نورمالسىزلىق ئەھۋالى ياكى خاتالىق ئۇچۇرى بايقالسا، بىزگە دەل ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشىنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن : پۇتبول كۇلۇبى
2015- يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى |