ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-20 16:00
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى! كەمىنە بۇغدادىن ئوتلۇق سالام!
ھەممىمىزگە مەلۇم، پۇتبول مۇنبىرىمىز دىيارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پۇتبول مۇنازىرە مۇنبىرى ھىساپلىنىدۇ. مۇنبىرىمىز نۇرغۇنلىغان پۇتبول سۈيەرلەرنىڭ مىھنەتسىز ئەجىر قىلىشى ئارقىلىق نۇرغۇن ئىسسىق-سۇغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ھازىرقىدەك ھالەتكە يەتتى. كەڭ باشقۇرغۇچىلار ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق كەڭ پۇتبول سۈيەرلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش، مۇنبەر ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش، مۇنبەر دىمۇگراتىيەسىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۈۋەندىكىدەك قارار چىقارماقچى. ئەلۋەتتە، بۇ ئەڭ ئاخىرقى لاھىيە ئەمەس. كەڭ پۇتبول سۈيەر قېرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
1. مۇنبەر چوڭ يوقلىمىسى.
ئوبىكىت:
(1) مۇنبىرىمىزدە 30غا يېقىن ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ۋە ئالىي ئەزا باشقۇرغۇچىلار بار. ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى كۆرسەتتى. ئۇلارغا سەمىمى رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىراق، تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېشىشى، رايۇن خارەكتىرلىك تور توختاش، مۇنبەردىكى ئەھمىيەتسىز جىدەل ماجىرا، ئۇقۇشماسلىققا ئوخشاش نۇرغۇن سەۋەپلەرگە كۈرە نۇرغۇنلىرى مۇنبەردىن ۋاقىتسىز يىراقلاشتى. بىز ئىلگىرىكى پىرىنسىپىمىز بۇيىچە ئايلىق يوقلىمىنى يولغا قويماقچى. شۇنداقلا 3 قېتىملىق يوقلامغا قاتنىشالمىغانلارنى تۆھپىكار ئەزا قىلىپ تەڭشەپ ئورنىغا تورى مۇقىم، دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق بويسۇنىدىغان، ئەخلاقى ياخشى، مۇنبەردە بەلگىلىك تەسىرى بار نامزاتلارنى تاللاپ تۇلۇقلىماقچى.
(2) ئالىي ئەزا ۋە پۇتبول لۈكچەكلەر يوقلىمىسى. نۆۋەتتە مۇنبىرىمىزدە 50 تىن ئارتۇق پۇتبول لۈكچەكلىرى بار. سىتاستىكا قىلىش ئارقىلىق مۇنبەرگە كىرمىگەن ۋاقتى 1.5 يىلدىن ئاشقان ئەزالارمۇ بايقالدى. ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ مۇنبىرىمىز تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. بىز 3 قېتىملىق يوقلامغا قاتناشمىغان ئەزالارنى تۆھپىكار ئەزا قىلىپ تەڭشەش، بىۋاستە دەرىجىسىنى تۈۋەنلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەڭشەپ، ئىجاتلىق، سۈپەتلىك تىمىلىرى، نادىر ئىنكاسلىرى ئارقىلىق مۇنبەر مۇھىتىنى جانلاندۇرىۋاتقان ياش نوتىلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا تۇلۇقلىماقچى.
تەدبىر ۋە ئۇسۇل:
(1) ھەر بىر ئاينى ئۆلچەم قىلىپ مەخسۇس يوقلام تىمىسى يوللىنىدۇ.
(2) تىما 10 كۈن چوقىلىنىپ يۇرۇتۇپ قۇيىلىدۇ.
(3) يوقلام سىتاستىكىسى يوللىنىپ يوقلىمىغا قاتناشمىغان ئالىي باشقۇرغۇچى، ئالىي ئەزا ۋە پۇتبول لۈكچەكلىرى تىزىملىكى ئىلان قىلىنىدۇ ۋە ئەسكەرتىش بىرىلىدۇ.
(4) يوقلىمىغا قاتناشمىغان قېتىم سانى 2 قېتىمغا يەتكەنلەرنىڭ مىداللىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ۋە ئەسكەرتىش بىرىلىدۇ.
(5) يوقلىمىغا قاتناشمىغان قېتىم سانى 3 قېتىمغا يەتكەنلەر دەرىجسىسى بىۋاستە تەڭشىلىدۇ، دەرىجسىسى تۈۋەنلىتىلىدۇ.
2. مۇنبەر كىچىك نۇمۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش
ئالىي باشقۇرغۇچىلار، ئالىي ئەزالار ۋە لۈكچەكلەرنى تەڭشەش خىزمىتىنى ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن مەخسۇس كىچىك نۇمۇرلارنىڭ ساندانىنى يۇيۇۋېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇنبەردە قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدى ئېلىنماقچى.
3. قۇلاي ID نۇمۇرلار سېتىلىدۇ.
مۇنبەر مالىيە ئىھتىياجىنى قامداش ۋە رايۇنىمىز جۈملىدىن مۇنبىرىمىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەستا ساقلاش قۇلاي بولغان 500 ئىچىدىكى ID نۇمۇرلار سېتىلىدۇ. يەنى ئىھتىياجلىقلار بولسا سىتاستىكا قىلىش ئارقىلىق ئەزالارنى ID نۇمۇر ۋە باھاسى بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارنىڭ تىللا ئارقىلىق سېتىۋېلىش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى. سېتىۋالغان ئەزانىڭ ھازىرقى نۇمۇرى بىۋاستە مۇنبەر ساندانىدىن يۇيۇپ چىقىرۋېتىلىدۇ. ( مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار مەن ئۇقۇشۇپ بىرىمەن )
4. ئىسىل، مەزمۇنلۇق تىما يوللىغۇچىلار دەرىجسى ئۆستۈرلۈشتىن باشقا مۇنبەر ياۋروسى ۋە مىداللار ئارقىلىق مۇكاپاتلىنىدۇ.
يېقىندىن بىرى مۇنبەر تور بوشلۇقىنى كۈچۈش قاتارلىق سەۋەپلەرگە كۈرە مۇنبىرىمىز تىما سانى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە تۈۋەنلىدى. كەڭ ئاپتۇرلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوللاش ۋە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىما سۈپىتى ياخشى، ئىجادى تىمىلارنى بەلگىلىك دەرىجىدە باھالاش ئۇسۇلى ۋە بىۋاستە بانكا پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇكاپاتلىماقچى.
كەڭ پۇتبول سۈيەر قېرىنداشلارنىڭ تىمىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ سەمىمىي پۇزۇتسىيەدە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بىرىشىنى ئۆمۈد قىلىمىز. شۇنداقلا كەڭ پۇتبول سۈيەر قېرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرىگە ئاساسەن ئاخرىقى لاھىيە ئىلان قىلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
پۇتبول مۇنبىرى ئىشخانىسى
|
|