ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5103 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-9 19:46
ۋاڭيى تورى خەۋىرى:
جۇڭگۇ پۇتبولچىلار جەمىيتى رەسىمي ھالدا قارار ماقۇللاپ، 2015-يىلىدىن باشلاپ دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە A دەرىجىدىكى كۇلۇبلارغا پۇتبولچى ئېلىشتا يېڭى ئىسلاھ قىلىپ ‹‹25يەرلىك ماھىر + 5چەتئەللىك ماھىر›› قىلىپ بېكىتكەن. 2ئايلىق خىزمەت پىلانىدا كۇلۇبتىكى ئارتۇق چىقىم ۋە ماھىرلارنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنداق بولغاندا 32كۇلۇبتا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 100گە يېقىن پۇتبولچىلار قىسقىرايدۇ.
FIFAنىڭ قارارى بويىچە كۇلۇبنىڭ بىرىنچى سەپتىكى تىزىملاتقان ماھىرلارنىڭ سانى 30دىن ئېشىپ كەتمەسلىك بەلگىمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 2014-يىلى بۇ قارار ھەرقايسى كۇلۇب تەرەپنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، 2015-يىلى بۇپىلان رەسمىي يۈرگۈزىلىپ ئىشقا ئاشىدۇ. پىلاندا يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە A دەرىجىدىكى ئىككىنچى سەپتىكى تىزىملاتقان ماھىرلارنىڭ 20ئادەم بويىچە ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ، بىرىنچى سەپتىكى تىزىملاتقان ماھىرلارنىڭ 30ئادەم بويىچە بولۇپ، بىر كۇلۇبتا ماھىرلار سانىنىڭ 50ئادەم بولىدىغانلىقىنى قىسقارتىلغان ماھىرلارنىڭ كۇلۇب تەرەپ مالىيە جەھەتتە ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ قارارنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بولسا ‹‹25يەرلىك ماھىر + 5چەتئەللىك ماھىر›› بولۇپ ھەر قايسى كۇلۇب تۇرۇشلۇق ئۆلكە رايۇندىكى يەرلىك ماھىرلارنىڭ كوماندىغا كىرىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. شۇنداق بولغاندا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىغىغا تېخىمۇ كۆپ ماھىرىلىرىمىز كېرەلەيدۇ دېگەن گەپ. |
|